مۇختار داۋۇت ئۆزيول
توي خېتى
بوراننىڭ ھۇۋلىشى ئۆينىڭ ئىچىدە،
تاملارنىڭ تېرىسى سويۇلغان قات-قات.
ئىشىكلەر ئايلانغان ئاخىرقى يولغا،
سۈكۈتتە بۇقۇلداپ يىغلايدۇ كارىۋات.
چىراغلار سېلىۋەتكەن كىيىملىرىنى،
چاچىدۇ ئېرەنسىز خىرە-شىرە نۇر.
پەردىلەر رەڭگىنى يوقاتقان تامام،
يوق بۇندا ھاياتتىن قىلچىلىك ھوزۇر.
تۇرىدۇ قولۇمدا يېتىم بالىدەك،
بىر ئاپقۇر مۇھەببەت، بىر جۇپ توي خېتى.
كۆڭۈلنىڭ كوزىسى كەتكەن چېقىلىپ،
قاچىمەن مەن ئۇنى تاشلىغان پېتى!...
2016-يىل 20-يانۋار، ئۇچتۇرپان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-21 10:36