قىسقا ئارلىققا يۈگرەش تەنھەركەتچىسىنڭ تەنھالىقى
ئاپتۇرى: دۇبيەنخاۋئېر (ياپونىيە)
مەن خاس تېز يۈگرەشكىلا يارالغان بىر ئەكەكمەن.مەن دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىن باشلاپلا، مېنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگرەش تەقدىرىم پۈتۈلۈپ بولغان ئىدى.
مېنىڭ دادام بولسا ئولىمپېك يىغىنىڭ يۈز مېتېرلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگرەش چېمپىيۈنى ئىدى.بىراق مەن ئەزەلدىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.دادام مەن تۇغۇلىشتىن بۇرۇنقى ئەشۇ دەۋرنىڭ تەنھەركەتچى ئىدى.ئۇنىڭ ياراتقان دۇنياۋى رېكورتى تا ھازىرغىچە بۇزىۋېتىلمەپتۇ.ئانام بولسا مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ،تەنھەركەت ساھەسىدە ئىنتايىن ئىستىقباللىق تەنھەركەتچى ئىكەندۇق.باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ مول ھوسۇللۇق دەۋرىدە بەختكە قارشى تۈگەپ كەتكەن ئىكەن،
شۇنداقتىمۇ،ئالىملار ئانامنىڭ تېنىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تىرىك تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ ئالغان،ھەم ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكى سۈپىتەدە «تۈخۇم بانكىسى»دا ئامانەت قويۇلغان ئىكەن.ئۇزىمايلا، كومپىيوتېردا ھېساپلاش ئارقىلىق شۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىلغانكى:دادامنىڭ توڭلىتىپ ساقلانغان ئۇرىقى بىلەن ئانامنىڭ تۇخۇمىنى ئېرسىيەت گېنىنى بىرىكتۈرۈش تېخنىكى ئارقىلىق،ئەڭ سۈپەتلىك يۈز مېتىرغا يۈگرەش بوۋىقىنى ئاپىرىدە قىلغىلى بولىدىكەن.
بۇ ئىشلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ،ئاۋال سۇنئى ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇلۇپ،ئاندىن بېكىتىلگەن ئايال تېنىدە يىتىلدۇرۈش ۋە تۈغدۇرۈش قارار قىلىنغان ئىدى.
دۇنياغا شۇنداق يارىلىپ، ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىدە ئەي بولدۇم.بۈگۈنگە قەدەر،مېنىڭ بېقىلىشىم ،كۈتنىشىم ،تۇرمۇش تەرتىپ...لىرىم كومپيوتېرنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
مەن دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە سىياسىتىنىڭ تەلىۋى بويىچە يارالغان دەرىجىدىن تاشقىرى تەنھەركەتچى بولۇپ، قىسقا ئارىلىققا يۈگرەشتە تەڭداشسىز ئىدىم.مېنىڭ ئەڭ يۇقۇرى بەدەن ئىقتىدارىم كېيىنكى نۆۋەتلىك ئولىمپېك يىغنىنىڭ تەلىۋىگە بەكلا ماس كېلەتتى.
مەن بۇ قىتىمقى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان يىگانە پەلۋان بولماستىن،بەلكى مەندەك يېتىشتۈرۈلگەن كۆپلىگەن ماھىرلارمۇ بار ئىدى.مەسىلەن:بوي ئىگىزلىكى ئۈچ مېتىرلىق ۋاسكتبولچى،بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچ يۈز كىلوگىرام كېلىدىغان تەڭداشسز چېلىشچى، پالاقدەك پۇتى بار،چوڭ بەدىنى ياپىلاق سۇ ئۈزۈش تەنھەركەتچىسى...دېگەندەك.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېرسىيەت گېنىنى ھېساپلاش ئارقىلىق ئەينەك پىروبىركىدا يىتىلدۈرۈلۈپ ، ماڭا ئوخشاش چوڭ بولغانلار ئىدى.ئولىمپېك كەنتىدە بەدەن شەكلى غەيرى ئادەملەر كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.
بىراق بۇ خىل تەنھەركەتچىلەر ئارىسىدا،بىر كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى،ئۇنىڭ كىيىنىشى ئىنتايىن غەيرى ئىدى:پۈتۈن بەدىنى قارا پۈركەنچە بىلەن ئورالغان،بېشى بولسا ياغلىق بىلەن يۆگەلگەن بولۇپ،پەقەت ئىككى كۆزىلا ئۇچۇق قالدۇرۇلغان ئىدى.ئۇنى دائىم مەشقاۋۇلغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرى يىتىلەپ يۈرۈدىغان بولۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە غىزالانمايىتتى،ياكى كۈلكە-چاقچاقمۇ قىلىشمايىتتى .مەن ئۇنى بەزىدە كارىدۇر ياكى سەينالاردا ئۇچرىتىپ قالاتتىم،بىراق ئادەمنىڭ چۈشىنىشى تەس بولغىنى،ئۇ دائىم مەشقاۋۇلنىڭ مۇرىسىگە ئېسىلىۋېلىپ،ئاغاڭلاپ دېگۈدەك ماڭاتتى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئادەم شەرىقى ئاسىيادىكى بىر كىچىك دۆلەتنىڭ قىسقا ئارلىققا يۈگرەش تەنھەركەچىسى ئىكەن،غەلىتە يىرى شۇكى،ئۇ ئەزەلدىن مەشق مەيدانىدا كىلىپ باقمىغان.مەن ئويلۇنۇپ قالدىم:«ئۇ يولنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالمايدىغان ئېغىر كېسەلگە گەرىپتار بولغانمۇ؟ئۇنداقتا ئۇ نىمىشقا دوختۇرغا كۆرۈنمىگەندۇ؟ياكى ئولىمپىك كەنتىگە قاماپ قويۇلغانمۇ؟».
بىر قېتىم،مەن ئۆزۈمنىڭ گۇمانىنى زادىلا باسالماي،
_سىزنىڭ پۇتىڭىزغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلگەنمۇ ؟،_دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-ئۇنداق ئەمەس،-دېدى ئۇنىڭ مەشقاۋۇلى جاۋابەن،- سىز زادى ھەيران قالماڭ.چۈنكى ئۇ بىر كىلون ئادەم،شۇڭا بەدەن شەكلى سەل غەيرىراق.
بەدەن شەكلى غەيرى دېگەنلىق ، ئەمەلىيەتتە كىلون ئادەم دېگەنلىك بولۇپ، ئېرسىيەت گېن گۇرۇپىسىنىڭ ئوخشىماسلىغىدىن، بەدىنىدە غەيرى ئۆزگۈرىش بولغان ئىنسان ،شۇنداقلا مۇسابىقىدە ئۆزنى ئەڭ رۇشەن نامايەن قىلالايدىغان ماھىر دېگەنلىك ئىدى.مىسالەن:بەزى تەنھەركەتچى سۇدا خۇددى بېلىقتەك ئەركىن ئۈزەلەيدۇ،ئەمما قۇرۇقلۇققا چىققاندا بولسا ئۆرە تۇرالمايدۇ.
ئىىككىمىز ئۇخشاشلا قىسقا ئارىلىققا يۈگىرىش تەنھەركەتچىسى ،ئەمما ئۇنىڭ تۇرقى نىمىشقا غەيرى؟مېڭىش ئىقتىدارىنىمۇ بولمىغان بۇ غەيرى جىسمى بىلەن،ئۇ قانداقمۇ تېز چاپالىسۇن؟
گۈمان يىشىلىدىغان پەيت ئاخىرى كەلدى.ئۇ دەل يۇز مېتىرغا يۈگرەشتە تاللاش مۇسابىقسى ئىلىپ بېرىلغان چاغ ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بىر گورۇپپىدا بولۇپ، يۈگرەش يولدىكىلەر جىددى ھالەتكە كىرگەن ئىدى.ئۇ ئادەتتىكىگە ئۇخشاش،مەشقاۋۇلنىڭ يۆلىشى بىلەن ئىغاڭلىغان ھالدا يۈگرەش يولىغا كىردى .چۈشىنىكسىز بولغىنى،ئۇ مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا تۇرقىنى رۇسلىدى.
كوماندا تاپانچىسى ياڭرىدى.ئامما ئارىسىدا بىردىنلا چۇقان كۆتۈرۈلدى.مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يۈگەرگەچكە،چۇقان كۆتۈرىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدىم.ئەمما ئۇزىمايلا،ئۇنىڭ سايىسى مېنىڭ يېنىمدا پايدا بولدى. ئادەمنى تاڭ قالدۇرىغان قانداق سۇرئەت بۇ!كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدا قالدىم.
بۇ نېمە كارامەت ؟ئۇ ھايۋانغا ئوخشاش تۆت پۇتلاپ ئۇچقاندەك چېپىپ كىتىۋاتمامدۇ!
ئۆز كۆزلىرىىمگە ئىشەنەلمەي قالماستىن،نېرۋىلىرىممۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى.بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەنھەركەت ئىشتىنىڭ ئارقىسىدىن بىر نەرسىنىڭ چىقىپ قالغانلىغىنى ئۇشتۇمتۇت بايقاپ قالدىم.ئۇ بىر قۇيرۇق ئىدى.
-ئېلى ھۇشۇر تەرجىمىسى
«مىكرو ھېكايىلەردىن تاللامنما»2015-يىلىلىق6-سان 微型小说选刊2015年第6期
- ئورۇن:ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى كەلپىن شۇبە ئىدارىسى
ئادرىس:ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزىسى قەشقەر-ئۈرۈمچى يولى 8-نومۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-20 23:58