شەھەر شەرھى
مەسئۇد ئىسا
ھاڭ–تاڭ قالغۇنىچە
تىترەك ئولاشقان
يەر شارىنىڭ سۆيۈملۈك بىر شەھىرى
قاۋۇل بىر دەرەخكە يۆلەنگىچە
تۇمان جۇۋىسىغا ئورانغىچە
ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس
ئۆتمۇشىنى ئوقىماقتا ھەججىلەپ.
شەھەر
تۇمان ئىچىدە.
ئۇ ئوقۇۋاتقان تارىخنى بۇ يەردە
بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
پەقەت تۇمان تاراپ بولغۇچە
شەھەرنىڭ باشقا بىر خىيالىغا ئورتاقلىشىش كېرەك.
شەھەر
ھازىرنىڭ ئىچىدە.
شەھەر بىر ئۆمۈر
شەھەرلىكلەرنى بېقىش ئۈچۈن
تېزدىن يارىلىرىنى ساقايتىشى،
ۋە
ھاياتىي كۈچكە تولۇشى كېرەك.
شەھەر
ئۇزۇن بىر چۈش ئىچىدە.
شەھەر قورقىدۇ قېرىپ كېتىشتىن،
شەھەر قورقىدۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن،
شەھەر تۇغۇلغاندىن تارتىپ،
سەھراغا بېرىپ باققىنى يوق،
ئۆستەڭلىرىدە چۆمۈلۈپ باققىنى يوق.
شەھەرنىڭ نۇرغۇن بالىلىرى بار،
بىكۆيۈم!
شەھەر
ئازاپ ئىچىدە.
شەھەرگە ھېچكىمدىن خەت كەلمەيدۇ.
شەھەرنىڭ سۆيگۈنى ھەم يوق!!!
شەھەر
كۈتۈش ئىچىدە.
شەھەر بەزىدە شۇقەدەر قىزغىن،
بەزىدە شۇقەدەر غەمكىن.
شەھەر-
نۇرغۇن قىسمەتلەرگە تولغان ساندۇق.
شەھەر–يېڭى چۆچەكلەرنى توقۇپ چىققۇچى.
شەھەر
خىيال ئىچىدە.
كىمدۇر بىرى سورايدۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ :
پالانى شەھەرنى ياخشى كۆرەمسىز؟
-ھەئە، بەك گۈزەل!!!
-ياق، بەك زىرىكشىلىك!!!
شەھەرنىڭ سۈتىنى ئېمىپ تۇرۇپ،
شەھەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ يۈزى قېلىن كىشىلەر.
شەھەرنىڭ يۈرىگى شۇنچىلىك كۆتىرىشلىك!
شەھەر
غەيۋەت، ئىزتىراپ ئىچىدە.
شەھەردە تىرىكچىلىك قىلىدۇ نۇرغۇنلىغان چۈمۈلىلەر.
شەھەر،
شەھەرلەر ،
كېسەلگە بولىدۇ مۇپتىلا.
دوختۇرلارنىڭ دىئاگنوزى تولا ۋاقىتلاردا
چىقىپ قالىدۇ خاتا.
شەھەر
ئىنتىزارلىق ئىچىدە.
شەھەر چۈشلىرىنى ئۆرىمەكتە قۇشلارغا
سېغىزخان:
چۈشنىڭ ئانىسى ئۆلسۈن دەپ قويىدۇ،
تۇمشۇقلىرىنى سوزۇپ.
شەھەر
چۈش ئىچىدە.
گېزىت خەۋىرى : بەزى شەھەرلەر سۇغا غەرق بولارمىش!
كىم كېسىپ ئېيتالايدۇ، شۇنداق بولۇشىنى
ياكى شۇنداق بولماسلىقىنى؟!
شەھەر
ئېھتىماللىق ئىچىدە.
نۇرغۇن خاتىرىلەردە
شەھەرلەرنىڭ سەلتىنىتى يېزىلغان.
دېڭىزلارغا چۆككەن شەھەرلەر
قۇملار ئاستىغا كۆچكەن شەھەرلەر.
شەھەر
تارىخنىڭ ئەينىكىدە.
شەھەرنىڭ روھى
شەھەرنىڭ ئەپتى
شەھەرنىڭ قىسمىتى
ئەجىبا سېنىڭدە يالقۇنلارنى پەيدا قىلمىدىمۇ؟
سۆيگۈ پەيدا قىلمىدىمۇ؟
نەپرەت پەيدا قىلمىدىمۇ؟
مەغلۇبىيەت ۋە چۈشكۈنلۈك شەھەرنىڭ گۇناھىمۇ؟
نامراتلىق ۋە باياشاتلىق شەھەرنىڭ ئەپسۈنىمۇ؟
ئەگەر ئىپىڭ بولسا،
شەھەر -يېقىشلىق ئايالغا ئوخشايدۇ.
شەھەر
كىشلەرنىڭ ئېڭىدا ھامان قۇشتەك سايراپ تۇرىدۇ.
شەھەر ھەركىمنىڭ چۈشىگە ھەر تۈستە كىرىدۇ.
..........
بۇ شەھەردە
سۆيگەن يارىم بار
كېيىن قەبرەم.
مەندىن كېيىن ياشايدىغان
ئوغلۇم بار!
بۇ شەھەر مېنىڭ سۆيگۈنۈم.
شۇنداقلا ئاشۇ چۆمىلىلەرنىڭ.
2016-يىل
(«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-20 11:26