بىز سۇمۇرغمىز
(ئانا مەكتىپىم يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىگە چوڭقۇر ھۆرمەت،
سېغىنىش ھېسسىياتىم بىلەن بېغىشلايمەن)
بىز سۇمرغمىز- سەندە بولغان ئۇچۇرما،
قانىتىمىز ئېھ، باغرىڭدا رەڭ تۈزگەن!
شۇڭغۇپ ئىلىم - مەرىپەتنىڭ تەكتىگە،
بىز ئەمەسمۇ سەندىن تۇنجى دۇر سۈزگەن!
تۇنجى سىناق، تۇنجى قەدەم، تۇنجى ئىز-
ئەشۇ ئىللىق قۇچىقىڭدىن باشلانغان.
دىلغا پۈكۈپ مەڭگۈ ئۆڭمەس غايىنى،
قەدىمىمىز كەلگۈسىگە تاشلانغان!
بەرگەن ئىدىڭ بىزگە بىلىم - پاراسەت،
شاش ھېسلارنى ئەقىل بىلەن بىلەيتتۇق.
بەزمەيلى دەپ قىرغىقىدىن ئۈمىدنىڭ،
ئۆزىمىزگە چىدام، غەيرەت تىلەيتتۇق.
ئادەم نېمە؟ ياشاش نېمە؟ مەنزىلچۇ؟!
بەرگەن ئىدىڭ ئايانماستىن ئېتەكلەپ.
مۇنبەر نېمە؟ ئەۋلاد نېمە؟ تەقدىرچۇ؟
تە - تەلىدىڭ قولىمىزدىن يېتەكلەپ...
ئاددىي سىنىپ- قانات بەرگەن ھېسلارغا،
جاراڭلايتتى ئۇندا ياشلىق ساداسى.
ياشلىق- بىلىم، ئۆمۈر- ھېكمەت، تومۇردا-
ئوخچۇپ تۇرار ئىدى ھايات ساماسى!
مەيدانلاردا قىيقاس سالساق ھەممىنىڭ-
كېلەر ئىدى بىزگە شۇنچە مەستلىكى.
ئۇۋا بولۇپ مېھرى ئىسسىق ياتاقلار،
بىلىنمىگەن تۇرمۇشنىڭ ھېچ تەسلىكى!
ھەر بىر ئۇستاز كىرەر ئىدى سىنىپقا،
قاناتلانغان غايىلەرنى كۆتۈرۈپ.
تۇتقۇزاتتى قولىمىزغا بىر مەشئەل،
دەيتتى: «قويما ھەرگىز ئۇنى ئۆچۈرۈپ!»
(تۇيغۇمىزدا ئاشۇ نۇرلۇق سىمالار،
ئاھ، ھېلىمۇ جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ!
مېھرى ئوتلۇق ئۇستازلارنىڭ ئۈمىدى،
ۋۇجۇدلارنى تىترىتىپ جۇش ئۇرىدۇ!)
مۇنبەر تامان قەدەم ئالغان دەقىقە،
مەۋج ئۇرغان يۈرەكلەردە ئېھ، غۇرۇر!
سۆيگۈ نېمە؟ سەن ئۆگەتكەن ئانىجان،
ئەۋلاد ئۈچۈن تەر ئاققۇزدۇق بەھۇزۇر!
ئاينىتالماس ساختا شۆھرەت تاماسى،
نۇرلانماقتا مۇنبەرلەردە چېھرىمىز.
تالاي گۈدەك بولدى كۆككە ئۇچۇرما،
پەرۋازىدا دىلدىن بەرگەن مېھرىمىز.
ئۇچراشقاندا ساۋاقداشلار ھېلىھەم،
كۈۋەجەيدۇ تومۇرلاردا ئىپتىخار!
نامىڭ زىكرى بولۇپ چۈچۈك تىللاردا،
يېڭى - يېڭى مەنزىللەرگە يول ئاچار!
سوراپ قالسا تەكتىمىزنى بىراۋلار،
بىز ئىسمىڭنى ئالدۇق تىلغا تولدۇرۇپ.
پەخىرلەندۇق ئەنجۈمەنلىك سۆھبەتتە،
بېشىمىزنى تاغدەك مەغرۇر تىك تۇتۇپ...
ئېيتىلغاندا ئۆمرىمىزنىڭ ناخشىسى،
تۇنجى مىسرا بولسۇن سېنىڭ، ئانىجان!
غايىمىزگە قانات بەردىڭ مەڭگۈلۈك،
سەن ئەمەسمۇ قەلبىمىزدە جانىجان!