تۇيۇقلار
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
1
ئەمەس مۇمكىن چىۋىنلەرگە قىلىچ شىلتىپ، قىرىپ-چاپماق،
ئۆزى ھايۋان كىشىكىم، بولسا ھايۋانغا ھۈرۈپ-چاپماق .
ئەقىل ئىشلەت جىمى ئىشتا، ئاتارمۇ پاشىغا شىر مۇشت؟
ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك نادانلار كەينىدىن چاپماق...
2
بەزىلەر سۆزلەيدۇ يالغان- ياۋىداق، ئويدۇرما ساپ،
بىل، بولالماس ئەگرى شاخ مىڭ يىلدىمۇ كەتمەنگە ساپ .
مەن كېرەك بولسام، مۇبادا، يىپ قىلىپ يىڭنەڭگە ساپ،
رازىمەن، بولساڭ ئەگەردە توغرا سۆزلۈك، كۆڭلى ساپ !
3
قالارسەن ئەتە دوڭغاقلاپ، بۈگۈن يۈرگەن بىلەن تاق- تاق،
بەخت- قۇت تاقنى جۈپ قىلسا، قازا جۈپنى قىلار، بىل، تاق .
بولالماس ھېچ كىشى تۈۋرۈك جاھانغا، ئاخىرى كەتكەي،
پەقەت ئۆلمەيدۇ مەڭگۈگە ئىجادىي تۆھپە، راسلان تاق !
4
گۈلۈم، ساڭا ئەجەل قۇشى سالدى چاڭ،
تەقدىر مېنى كاچات بىلەن سالدى «چاڭ»...
پارقىرايتتى بارىڭدا دىل ئەينىكىم،
بۈگۈن مانا باستى ئۇنى توپا- چاڭ .
5
كۆكسۈمگە سۆيگۈدىن سېلىپ قويدۇڭ دەم،
قىينالدىم ئالالماي ئەركىن نەپەس- دەم.
«ماقۇل»غا ئېچىلار قاچانمۇ غۇنچەڭ؟
ئاھ! دەيمەن، ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ ھەر دەم.
6
تەس پىشار ئالتۇن دان پېتىپ چاناققا،
ئۇن بولۇر سۈكەندىن چۈشۈپ چاناققا .
دېھقاننىڭ ئەجىرسىز نە قىلسۇن ھايات؟
قورساق بىر ئاچسا، ياش كېلەر چاناققا .
( مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2008 -يىللىق 2- سانى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-19 18:22