يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 483|ئىنكاس: 3

تۇرسۇن پىداقۇل: يەكەن ئەدىبلىرىنىڭ ئەدەبىي تەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇن پىداقۇل

         تارىختا ئۆتكەن يەكەن ئەدىبلىرىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىككە قوشقان تۆھپىلىرى

     قەدىمىي دىيار يەكەندە نۇرغۇن ئەدىب - سەنئەتكارلار ۋە ئالىملار ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىك ساھەسىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ ماقالەمدە پارس ۋە ئەرەب تىلىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىگە زور تۆھپە قوشقان بىر نەچچە ئەدىبنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    شاھ ھىجران:
      ئەدىب ۋە تەرجىمان شاھ ھىجراننىڭ  ئەسلى ئىسمى شاھ مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن ئىبنى خوجا نىزامىدىن بولۇپ، «شاھ ھىجران» ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. شاھ ھىجراننىڭ 18- ئەسىدە يەكەندە تۇغۇلۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم، لېكىن تارىخىي كىتابلاردا ئۇنىڭ ھاياتى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتلار يوق بولسىمۇ، لېكىن تاجىك، پارس شائىرى              ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسى (934-1025-يىللار)نىڭ «شاھنامە» ناملىق دۇنياۋىي ئەسىرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.
     «شاھنامە» - 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەينى دەۋردىكى ئالتە شەھەر خانلىقنىڭ مەرىپەتپەرۋەر خانى خوجا جاھان ئەرشى (1685-1756)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن تالانتلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان شاھ ھىجراننىڭ تەرجىمە قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. شاھ ھىجران بۇ ئىشقا زور شىجائەت بىلەن كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئەينى دەۋردىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان. موللا خامۇشاخۇن يەركەندىنىڭ ئەسلەتمە بېرىشىچە، شاھ ھىجران يەكەن شەھرىدە «شاھنامە» نىڭ كۆپ قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ بولغان ۋە «تۈركىي شاھنامە» دەپ ئىسىم قويغانىكەن. بۇ تەرجىمە ئەسەر ئەتراپقا تونۇلۇپ، شۆھرەت قازىنىۋاتقان چاغدا بىر مۇنچە باشباشتاق كىشىلەر يەكەنگە بېسىپ كىرگەن، شۇ قېتىمقى قىرغىندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن. شاھ ھىجرانمۇ شۇ كىشىلە قاتارىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى شۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ يوقىغان، يەنە بىرقىسمى خەلق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەنىكەن.
   فازىل موللا خامۇشاخۇن يەركەندى:
    فازىل موللا خامۇشاخۇن يەركەندى 18-ئەسىرلەردە ياشىغان ئەدىبلەردىن بىرى. ئۇ مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستىدات ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. «شاھنامە» دىن ئىبارەت بۈيۈك داستاننىڭ فازىل موللاخامۇشاخۇن يەركەندى تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىنىشى ئۇنىڭ پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى مۇكەممەل بىلگۈچى، ئۆز دەۋرىنىڭ تالانتلىق ھەم ئىستىداتلىق ئەدىبى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
   فازىل موللا خامۇشاخۇن يەركەندى «شاھنامە»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى 1791-يىلى (ھىجىرىنىڭ 1211-يىلى) مەيدانغا چىقارغان. ئۇنىڭ يېزىشىچە،«شاھنامە»نىڭ ئىلگىرىكى يېرىمىنى شاھ ھىجران دېگەن ئالىم تەرجىمە قىلغانكەن. 1780- يىلى ئەتراپىدا، ئەمىر مەئىديار ناملىق بىر ھۆكۈمراننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن موللا خامۇشاخۇن يەركەندى شاھ ھىجراننىڭ تەرجىمىلىرىنى رەتلەش ۋە «شاھنامانە»نىڭ قالغان قىسمىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇ، شاھ ھىجران ئىشلىگەن «شاھنامانە»نىڭ تەرجىمىسىنى رەتلەپ بىر كىتاب قىلغان، ئۆزىنىڭ تەرجىمىلىرىنى بىر كىتاب قىلغان. موللا خامۇشاخۇن يەركەندى شاھ ھىجرانغا ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىلىرىگە ناھايىتى يوقۇرى باھا بەرگەن. ئۇ، شاھ ھىجراننىڭ «شاھنامانە»نى «بىجەن نەۋ جۇۋان» داستانىدىن باشلاپ «ئىسكەندەرنامە» نىڭ ئاخىرىغىچە تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان،
   موللا خامۇشاخۇن يەركەندى ئەسەرنى ئۆزى خاتىمە بىلەن تاماملىغان. ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىكى ئىجادىي مۇۋاپپەقىيىتى ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە قىلغان.
يۇقۇرىدىكى ئىككى نەپەر تالانتلىق ئەدىبنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئىلىمىي ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە «شاھنامەئى تۈركىي» ناملىق زور ھەجىملىك نەسىرىي ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلگەن. جوڭگۇ كىتابخانلىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا «شاھنامە»نىڭ تونۇشتۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى تەرجىمە نۇسخىسى شاھ ھىجراننىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى تەرجىمىسى ۋە موللا خامۇشاخۇن يەركەندىنىڭ 1796-يىللىرى«شاھنامانە»نى داۋاملاشتۇرۇپ تاماملىغان تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     موللا سىدىق يەركەندى:
   موللا سىدىق يەركەندى-نەۋائىي ئەسەرلىرىنى نەسىرىي شەكىلدە ئىجادىي ئىشلەش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ناۋائىينىڭ «خەمىسە»سىنى راۋان ۋە پاساھەتلىك تىل بىلەن ھېكايىلەشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدا يەنە بىر خۇشپۇراق گۈل ئېچىلدۇرغان ئەدىبلەردىن بىرى بولۇپ، «نەسىرىي مىرزا مۇھەممەد ھۈسىيىنبەگ» ناملىق ئەسىرى بىلەن مەشھۇر. موللا سىدىق يەركەندى  نەۋائىينىڭ «خەمىسە»سىنى 1808-يىلى يەكەندە نەسىرىي شەكلىدە (رومان؟) قىلىپ يېزىپ چىققان، بۇ ئىشنى شۇ دەۋردىكى يەكەن ھاكىمى مىرزا مۇھەممەد ھۈسىيىنبەگ تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىگە «نەسىرىي مىرزا مۇھەممەد ھۈسىينبەگ» دەپ نام بەرگەن.
موللا سىدىق يەركەندى يەنە ئەمىر خىسراۋ دېھلىۋىنىڭ پارىس تىلىدا يازغان چوڭ تىپتىكى قىسىسە «چاھار دەرۋىش»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
   موللا سىدىق يەركەندىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى نامەلۇم، پەقەت ئەسىرلىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقىتىغا قاراپ ئۇنىڭ 18- ئەسرنىڭ ئاخىرى ۋە 19- ئەسرىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
   خوجا ياقۇپ يەركەندى:
   خوجا ياقۇپ يەركەندى 18- ئەسرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسرنىڭ باشلىرىدا يەكەندە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن ئەدىب ۋە تەرجىمان.
1800-يىللىرى يەكەن ئەمىرى، قارىقاشلىق يۇنۇس ۋاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتنىڭ نادىر نەمۇنىلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان خىسراۋ دېھلىۋىنىڭ «چاھاردەرۋىش» ناملىق ئەسىرىنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان ۋە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. ئەدىب ۋە تەرجىمان خوجا ياقۇپ بۇ تەرجىمە ئەسەرنىڭ باش – ئاخىرىغا گۈزەل شېئىرلارنى قوشۇپ ئەسەرنى مەزمۇن ۋە بەدئىيىلىك جەھەتتىن ئىجادىي يۇسۇندا بېيىتقان.
  قىسقىسى، يەكەن ئەدىبلىرى ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بىلەن بىرگە تەرجىمە ئەدەبىياتىنىمۇ بىرگە ئېلىپ بېرىپ، تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. ئۇلارنىڭ تەرجىمىچىلىك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتىدۇ.

   پايدىلانغان ماتېرىياللار:
   1. رازاق مەتنىياز: «غەربىي يۇرت تەرجىمىچىلىك تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1994-يىلى 11-ئاي، خەنزۇچە نەشرى
2. ئىمىنجان ئەخمىدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر»، شنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىلى 4-ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى

(ئاپتور: يەكەن ناھىيە كوناشەھەر مەكتەپتىن. 2015-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 22:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-20 21:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى ئىزلارنى ئەسلەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-1-21 02:12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسڭز، ئەلبەتتە بۇنداق تۆھپىلەرنى ئەل-جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان  مەسئۇلىيىتىمىزدۇر، رەھمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2016-1-21 04:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى ماقالە ئىكەن. ماقالە ئاپتورىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلدى.  مۇشۇنداق تارىخى ئىزلارنى ئىزدەش روھىغا باي كىشىلەرگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇم شۇنچىلىك چوڭقۇر ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش