يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 201|ئىنكاس: 0

قۇربانجان تۇردى: سۆيگۈ ئارخىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
سۆيگۈ ئارخىپى

(ھىكايە)

قۇربانجان تۇردى


    بۈگۈن يەكشەنبە. ئۆزىنىڭ سېخىي نۇرلىرى بىلەن جىمى كائىناتقا ئىللىقلىق بەخىش ئەتكۈچى، ئۈمىد ۋە خوشاللىق بېغىشلىغۇچى نۇرلۇق قۇياش كۈندىكىدەك مەشرىقتىن كۆتۈرۈلدى. بۈگۈنكى يەكشەنبە مەن ئۈچۈن ئالاھىدىرەك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ مەن ئۈچۈن يەتتە كۈننىڭ بىرى بولغان ھەپتىدە بىر كىلىدىغان يەكشەنبە ئەمەس ۋە ياكى كۈن ساناپ كېلىشىنى كۈتۈپ كۆزىمىز تىشىلەي دەيدىغان ناۋات يەكشەنبىمۇ ئەمەس، بەلكى پەرىدە ئىككىمىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا ئۆمۈرلۈك سەپەرداشلاردىن بۇلۇش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە قول بەرگەنلىكىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى. پەرىدە ئىككىمىز ھەر يىلى بۇ كۈننى ئۆزىمىز ئەھمىيەتلىك دەپ بىلگەن پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەيتتۇق. بۇ كۈن ئىككىمىزگىلا تەئەللۇق بولغان «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» ئىدى. مەن ھەريىلى بۇ كۈنگە ئاتاپ ئوتلۇق مىسرالىرىم ئارقىلىق گۈلدەستە تىزاتتىم، يازغان شېئىرلىرىمنى ئۇنىڭغا تۇلۇپ-تاشقان ھاياجان بىلەن دىكلىماتسىيە قىلىپ بېرەتتىم. پەرىدە گۈل قوللىرىدا كەشتە تىكەتتى، چەكسىز مىھىر-مۇھاببىتىنى سىڭدۈرۈپ كەشتىلىگەن دوپپا، قولياغلىق دىگەندەك يالدامىلىرىنى ماڭا سوۋغا قىلاتتى. قەلەمنى قولغا ئالدىمدە ھىسسىيات دۇلدۇلىنىڭ تىزگىنىنى ئەركىن قويىۋىتىپ، كۆڭۈل گۈلىستانىمدىكى ئەڭ چىرايلىق پورەك ئاچقان گۈللەرنى مىسرالارغا پۈكۈپ، بەت يۈزىگە تىزىشقا باشلىدىم. بىر پارچە ئاق بەتنىڭ بىرىنجى قۇرىغا «بەخىت ماڭا كۈلۈپ باققاندا» دەپ يوغان ماۋزۇ قويدۇم. قەلىمىم قۇرلار ئۈستىدە تىزگىن سىيرىپ كىتىۋاتقان ئارغىماقتەك سىلىق يورغىلايتتى.
گۈل كۆرۈنىدى كۆزۈمگە تىكەن،
ھايات ماڭا كۈلۈپ باققاندا.
زىمىستاندا ئاينىدى چىمەن،
بەخىت ماڭا قۇچاق ئاچقاندا.
دۇنيا گۇيا بىر بوستان ئىكەن،
ئۈمىد ئاڭا چىراغ ياققاندا.

بەردى ئازاب جىسمىمغا قۇۋۋەت،
تەردىن چۆلگە سۇلار باشلىدىم.
مۈشكۈلاتلار كەلسىمۇ ھەيۋەت،
تىز پۈكمىدىم، قورقۇپ قاچمىدىم.
كۆرەلمەسلەر قىلسىمۇ غەيۋەت،
قازان كەبى قايناپ تاشمىدىم.
دەل شۇ يەرگە كەلگەندە ئىلھام قاچتى، ھىسسىيات يالقۇنلىرى ئۆچتى، قاچقان ئىلھامنى تۇتۇپ كىلىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. مەن بىرەر پارچە شېئىر ئۇقۇپ ھىسىسىيات دولقۇنلىرىنى قايتا جانلاندۇرماق بۇلۇپ، كىتاپ جاھازىسغا قول ئۇزاتتىم. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز كىتابلار ئارىسىدا قىسىلىپ تۇرغان بىر پارچە كونا خاتىرىگە چۈشتى. بۇ مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇردىكى چاغلىرىمدا يازغان ئەبجەش خاتىرىلىرىم ئىدى. قىززىقىش ئىچىدە خاتىرىنى ئاچتىم. بىرىنجى بېتىدە بىر پارچە ئۆگىنىش پىلانى يېزىلغان بۇلۇپ، ئاستىغا پىلان تۈزگۈچىلەر «گۈلچىھرە مەتنىياز»، «مۆمىنجان مامۇت» دەپ يېزىلغان ئىدى. خاتىرىدىكى «گۈلچىھرە مەتنىياز» دېگەن ئىسىمنى كۆرۈش بىلەن تەڭ ئۈزۈمنىڭ بېشىدىن شۇنداق كەچمىشلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىگە ئۈزۈمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئەسلىمىلەر ئىسىمدىن كەچتى. دەقىق ۋاقىت ئىچىدە ۋاقىت تونىلىدىن ئۆتۈپ ئۆتمۈشكە قايتتىم. خياللىرىم دەريا بۇلۇپ ئۆتمۈشكە ئاقتى، تەپەككۇرۇم كەپتەر بۇلۇپ ئۆتمۈش ئاسمىنىدا قانات قاقتى.
      يامغۇردىن كىيىنكى ئاسماندا ئىرىنچەكلىك بىلەن سۇزۇلۇپ تارقىلىۋاتقان شالاڭ بۇلۇتلاردەك ئاستا-ئاستا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان سىمايىڭنى ئەسلەشكە تىرىشتىم. ئۇ ئائىلىمىزدىكى ئۆڭگەن، كىر بېسىپ مايلاشقان، چىرايلارنى تەسۋىرىي يېزىق ئۇقۇغاندەك تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ تۇنۇمىسا تۇنۇش مۇمكىن بولمايدىغان كونا سۈرەتتەك شۇنچىلىك غۇۋا ھەم تۇتۇق ئىدى. مەن سېنىڭ قاش-كۆز، بۇرۇن-قۇلاق، لەۋلىرىڭنى، قەددى-قامىتىڭنى ئىشقى ئەسەرلەردىكىدەك تال-چىۋىقتەك بويلىرى، بۇلاقتەك كۆزلىرى، ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرنى، جىنەستىدەك لەۋلىرى، قىزىل ئالمىدەك مەڭزى......دېگەندەك پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. چۈنكى تەپەككۇر ئاسمىنىمدا سېنىڭ بارچە تەسۋىرىڭ پىلىكى تۈگەپ ئۈچەي دەپ قالغان ئاجىز چىراغ نۇرىدا چۈشكەن قاش-كۆز، ئېغىز-بۇرۇن ....ھىچنىمىسىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىغان قاپقارا كۆلەڭگىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئېسىمدە قالغىنى ئىككى ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىۋالىدىغان، سۆڭگەچلىرىڭگىچە ساڭگىلاپ چۈشكەن، ھەم توم ھەم ئۇزۇن قارا چاچلىرىڭ، رىزىنكىدەك سوزۇلۇپ-سوزۇلۇپ مېڭىشلىرىڭ ئىدى. توغرا، سۈرىتىمگە قارىساڭ بۇلاتتىغۇ دېيىشىڭ مۇمكىن. سەندىن ماڭا بىردىنبىر يالداما بىز ياندىشىپ چۈشكەن سۈرەتنىمۇ سەن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاشۇ كۈنى قەلەندەرنىڭ جەندىسىدەك تىتما-تىتما قىلىپ يىرتىۋەتكەن ئىدىم. تەسەۋۋۇر بوشلۇقۇمدا ئاشۇ پارچىلارنى كىچىك بالىلارنىڭ تىزما ئۇيۇنچۇقلىرىنىڭ پارچىلىرىنى تىزىپ ئۆي، ماشىنا ھالەتلىرىگە كەلتۈرگىنىدەك تىزىپ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ باقاتتىم، تىزاتتىميۇ تېخى پۈتمەستىنلا پارچە-پارچە بۇلۇپ كېتەتتى. يەنە باشتىن باشلايتىم، گاھىدا بىرەر پارچە سۈرىتىڭنى تىزىپ پۈتتۈرگەنمۇ بۇلاتتىم، ئەمما تىزىپ بۇلۇپ قارىغىنىمدا ئالدىمدا تۇرغىنى ناتۇنۇش بىرىنىڭ سىيماسى بۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ساڭا ئوخشىتىشقا ئامالسىز ئىدىم. بەلكىم! بەلكىم سېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتقاندىمەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنتۇشۇم كېرەك ئىدى. ئۇنۇتقاندىمۇ كومپىيوتىردىكى ئىشىلتىش قىممىتى يوق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندەك ئەستىلىكلىرىم ئارىسىدىن سېنى پۈتۈنلەي ئۈچۈرۈپ تاشلىشىم، ئۆي ئىچىدىكى ئەخلەتلەرنى سۈپۈرگەندەك كۆڭۈل خانەمدىن سېنى پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى مەن پات ئارىدا توي قىلماقچىمەن. پەرىشتىدەك بىر قىز مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ، كەلگۈسىدە ئۇ مىنىڭ قەدىردانىم، بالىلىرىمنىڭ ئانىسى بۇلىدۇ. قاراڭغۇ دۇنيارىمنى ئۆزىنىڭ ساپ ئەقىدىسى، پاك مۇھاببىتى بىلەن باھار ئاسمىنىدىكى قۇياشتەك يورۇتۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ يەنە سېنى ئەسلەپ يۈرۈشۈمنىڭ ئورنى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ ھازىرقى سۆيگۈنۈم، كەلگۈسىدىكى ئايالىمغا قىلىنغان خىيانەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىياللار قاينىمىدىن رىئاللىققا قايىتقىنىمدا ئازغۇن ھىسسىياتىمنى ئەقىل تىزگىنى بىلەن باشقۇرىمەن. رىئاللىق مىنى كۈرەشكە چاقىرىدۇ، ئالغا ئىلگىرلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا پۈتۈن پىكرۇ-خىيالىم مىنى پۈتۈن مىھىر-مۇھاببىتى بىلەن چىن دىلىدىن سۆيگەن، جاپا-مۇشاققەتلەردە مەن بىلەن بىرگە بۇلۇشقا ھازىرلانغان، نازلىق قىلىقلىرى بىلەن دەممۇ دەم كۆڭلۈمنى ئېلىشقا تىرشىۋاتقان ئۇماق پەرىشتەم پەرىدەگە مەركەزلىشىدۇ. ئۇنىڭ بالىلارچە سەبىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇماق سىياقى، كەلگۈسىگە ئىشەنىچ بىلەن تىكىلگەن ئوتلۇق كۆزلىرى، ھەرقېتىم يالغاندىن گۇمانلانغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغىنىمدا بارچە كائىناتنى گۇۋاھلىققا تارتىپ بېرىدىغان ۋەدە-قەسەملىرى مېنى ئالەمچە شادلاندۇرۇپ، سۆيگۈ-مۇھاببەتنىڭ ئارامبەخىش بۆشۈكلىرىگە بۆلەيدۇ، يىنىك تەۋرىتىپ ئەللەي ئىتىدۇ. ئەمما قۇلۇم ئىشتىن بوشىغان، يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا ئەقلى-ھۇشۇم ھىسسىياتىمنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلىنىدۇ. ئەسىرگە چۈشكەن دۈشمەندەك بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ، ئەسلىمىلىرىم ئارىسىدىن ئۈچۈرۈپ تاشلاشقا تىگىشلىك قايغۇ-ھەسىرەت، ھىجران كەچمىشلىرى بىلەن لىق تولغان ئەبجەش خاتىرىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا مەجبۇر بولىمەن. بەزىدە يىللار تۇلپارىنىڭ تۇقايلىرى ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇيۇق چاڭ-تۇزانلاردا كۈمۈلگەن ئەبجەق خاتىرىلەرنى ئارخىلوگلار قەدىمىي قەبرىلەردىن ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قېزىپ چىقارغىنىدەك قېزىپ چىقىرىمەن. ئۇ ھەمىشە بىر پۈتۈن ھالەتتە ئۇچىرىماستىن ئۇرۇشتىن كىيىنكى ۋەيرانە خارابىلىكتىكى پۇچۇق خىش-كېسەكلەردەك پارچە-پارچە ھالەتتە ئۇچىرايتتى. بەزىلىرىنىڭ بېشى بار ئاخىرى يوق، بەزىلىرىنىڭ ئاخىرى بار بېشى يوق. يەنە بەزىلىرىنىڭ باش-ئاخىرىنى پەرق ئېتىش مۇمكىن بولمايتتى.
     تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. كۈنلىرىم چۆچەكلەردىكى دىۋە-دۆپىرزاتلاردەك قەلبىمگە ۋەھىملىك سايە تاشلاپ، سۈر-ھەيۋە بىلەن يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتمەكتە ئىدى. ئەتىگەندە تاڭ خورازلىرى قونداقتىن چۈشمەي تۇرۇپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ چىللىماستا ياتاق باققۇچىلارنىڭ شىرىن ئۇيقۇلىرىنى بۇزۇپ ئويغىتىپ، زېرىكتۈرۈپ ھەم تىرىكتۈرۈپ ئىشىكنى ئاچقۇزسام، كوچا چىراغلىرى تۈۋىدىن ئەپلىكرەك ئورۇندىن بىرنى تېپىۋېلىپ، قورساقلىرىم ئېچىپ كۈز پاقىلىرىدەك كوركىراپ تارتىشقىچە موللىچاقلارنىڭ سۈرە يادلىغىنىدەك بىر كىتابقا قاراپ، بىر كۈزۈمنى يۇمۇپ دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى يادىلايتىم. مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى كولىخوزنىڭ داشقازىنىدەك چوڭ قازانلاردا توغراشقا ئىرىنىپ پۈتۈن-پۈتۈنلا تاشلاپ قورۇلغان كۆكتات شورپىلىرىدىن بىر قاچا ئېلىپ، ھورناندىن ئىككىنى قۇشۇپ نەچچە كۈن ئاچ قالغان ئادەمدەك ئىشتىھا بىلەن يۇتىۋېتىپ، ئالدىراپ-تىنەپ سىنىپقا چاپاتتىم. بىرىنجى سائەتلىك دەرس ئاخىرلىشىپ، ئىككىنجى سائەتلىك دەرس باشلىنىشى بىلەنلا ئىڭەكلىرىم چۈشۈپ قالغۇدەك ئەسنەيتىم. مەن قاپاقلىرىمنى ئۈستىگە تارتىپ، كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئاچسام، قاپاقلىرىپ ئېقىپ پەسكە ساڭگىلاپ، كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ ئۈگىدەشكە باشلايتتىم. ئامال بولمىغاندا بىلەكىلىرىمنى چىمدىپ-مۇتاپ ئۇيقۇمنى ئاچاتتىم، شۇ سەۋەبتىن بىلەكلىرىم كۆكىرىپ، زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ سانجىيدىغان ئاقچىلارنىڭ بىلەكلىرىدەك چىكىت-چىكىت يارىلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپىمىزغا يېڭى-يېڭى ئۇقۇغۇچىلار كىرىپ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاڭلىشىمچە ئۇلار ئالدىنقى يىلىدىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بۇلۇپ، بۇ يىل قايتۇرما جەڭگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سىنىپىمىزغا كىرگەنلەر ئىكەن. مەكتىپىمىزدە قايتا ئۇقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئايرىم سىنىپ ئېچىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار نۆۋەتتىكى ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تەكرارغا قاتنىشاتتى. ھەر بىر ئۇقۇغۇچى سىنىپقا كىرگەندە ئۆچكە پادىسىغا قوي قېتىلغاندەك ھەممەيلەن باشلىرىنى تىك قىلىپ بۇيۇنداپ قارىشاتتى. شۇلار بىلەن بىر قاتاردا سەنمۇ سىنىپىمىزغا كىرىپ كەلدىڭ. مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا سىنىپقا ھەر بىر يېڭى ئۇقۇغۇچى كىرگەندە نۇپۇس تەكشۈرگۈچى خادىملاردەك قۇلۇمغا يوقلىمىنى ئېلىپ، ھەربىرەيلەننىڭ ئىسمى –زاتىنى سوراپ يوقلىمىغا ئالاتتىم. بىر قانچە ھەزىلكەش دوستلۇرۇم «قاقباش نىمە جۇمۇ سەن، سىنىپقا         چىرايلىق قىزلار كىرىپ بولغىچە تىزىمغا ئالغاننى باھانە قىلىپ، ھەممىدىن ئاۋۋال ئىسمىنى سوراپ، تۇنىشىۋالىسەن.» دەپ چاقچاق قىلىشاتتى. بەزىلىرى كۆزىگە ئىسسىق كۈرۈنگەن قىزلارنىڭ ئىسملىرىنى سورىشاتتى.
-بېرىپ ئۆزىدىن سورىمامسەن،- دەيتىم مەنمۇ قېيشىپ.
      ئەمەلىيەتتە مەندە نەدىمۇ ئۇنداق جۈرئەت بولسۇن، ئىسمىنى سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىرەر قىز بىلەن كۆزلىرىم تاساددىبىي ئۇچىرىشىپ قالسىمۇ نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ، قۇلاقلىرىمغىچە قىزىرىپ كىتىدىغان تۇرسام. شۇ قاتاردا سېنىڭمۇ ئىسمىڭنى سورىۋالدىم. «گۈلچېھرە مەتنىياز» دېگەن ئىسىمنى يېزىۋاتقان چېغىمدا سېنىڭ ھاۋا تۇتۇق كۈندىكى قارا تۇمانلاردەك تۇتۇلغان چىرايىڭغا قاراپ، ئىسمىڭدىكى گۈل چېھرىلىك دېگەن سۈپەتنى چېھرىڭدىن ئىزدەپ تاپالمىغانلىقىمغا ھەيران قالدىم. توغرا، ئىسىم دېگەننى ئاتا-ئانىلار ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە قويىۋېلىشىدۇ. بەلكىم ساڭىمۇ چىرايى، رەڭگى-روھى گۈلدەك بولسۇن دېگەن مەنىدە ئاتا-ئاناڭ ئاشۇ ئىسىمى تاللىغان بۇلۇشى ئېتىمالغا يېقىن. بىراق سېنىڭ چېھرىڭىدىن گۈلنىڭ ئۆزىنى ئەمەس كۆلەڭگىسىنى ئىزدەپ تېپىشمۇ بەسى مۈشكۈل ئىدى. بۇمۇ ئېھتىمال يولۋاس دەپ ئىسىم قۇيۇلغانلارنىڭ كۈچۈكتىن قورقۇپ خۇتۇنىنىڭ كەينىگە ئۈتىۋالىدىغان مۈشۈكلەردىن، غالىب دەپ ئىسىم قۇيۇلغانلارنىڭ كىچىككىنە دۆڭنى كۆرسە تاغدەك كۆرۈپ ئارقىسىغا قايتىدىغان ئىرادىسىزلەردىن بۇلۇپ چىققىنىدەك بىر ئىش بولسا كېرەك. سېنىڭ چېھرىڭدىنمۇ گۈلدەك سۈپەتلەر تېپىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى مۇزدەك سوغۇق، ئېچىلماس چىرايىڭ يۇتۇپ كەتكەن ئىدى. سېنى تۇنجى كۆرگەن چاغدىكى خاتىرىلەردىن ئەسلىيەلىگىنىم شۇنچىلىك. باشقا ئىشلار شامالدا كۈمۈلگەن قۇم ئۈستىدىكى ئىزدەك پۈتۈنلەي ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئارلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سەن ماڭا تۇنجى بۇلۇپ گەپ قىلدىڭ. ھەرسائەت دەرس ئارلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشتا مەن سىنىپنىڭ ئالدىدىكى بالىكونغا چىقىپ، ئاۋۋال ئۇدۇلىمىزدىكى مەيدانغا، ئاندىن مەيداننىڭ نېرىقى قېتىدىكى بىنالار ئارىسىدا قىستىلىپ تۇرغان كىسىشتىن ئامان قالغان ئازغىنە ئورمانلىققا، كىيىن يىراقتا چوخچىيىپ تۇرغان سۇ مۇنارىغا، ئىشقىلىپ كۆز يېتىم ئارلىقتىكى بارچە مەنزىرىلەرگە قاراپ چارچىغان نېرۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇراتتىم.
-تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋېتىپسىزدە.
مەن چۈچۈپ ئۆرۈلدۈم. سېنىڭ خېلىدىن بىرى يېنىمدا تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن.
-سىزنى ئىلگىرى مەكتەپتە كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن،-دېدىڭسەن تەئەججۈپ ئارىلاش.
-مەن باشقىلار كۆرۈۋالسۇن دەپ مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە مىڭىپ يۈرمەيمەن. شۇڭا كۆرمىدىڭىزمىكىن،-دېدىممەن ئۇدۇللا قىلىپ.
-ياق! مېنىڭ .....مېنىڭ.........مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم.......سەن شۇنداق دىگىنىڭچە دۇدۇقلاپ كەتتىڭ.
مەن ئۈزۈمنىڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك گەپ قىلىپ سالغىنىمدىن خىجىل بۇلۇپ تۇلۇقلاپ قويدۇم.
-مەن ئادەتتە ئۆگىنىش، كىتاب ئۇقۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن يا ياتاقتا، يا سىنىپتىلا يۈرۈيمەن. شۇڭا كۆرمىگەن بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ياكى بولمىسا ئىلگىرى تۇنۇشمىغاچقا، كۆرگەن بولسىڭىزمۇ يادىڭىزدا قالمىغاندىمەن.
-بەلكىم.
-تۇنۇشۇپ قالساق بۇلامدۇ؟!-دېدىڭسەن ئۇلاپلا.
-ئەلۋەتتە بۇلىدۇ. ئىسمىم مۆمىنجان.
گىپىم تۈگىمەستىنلا كۈلۈپ تاشلىدىڭ. بۇ كۈلگىنىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. دەل شۇ قېتىم مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭدىن، توروكلاپ مۇز تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان قاپاقلىرىڭدىن، ئېچىلماس چىرايىڭدىن تۇنجى بۇلۇپ ئىسمىڭدىكى گۈلنىڭ چېھرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
      -ئىسىمىڭىز مۆمىنجان تۇرۇپ قانداق سىنىپ باشلىقى بۇلۇپ قالغانسىز. شۇنچە يۇۋاش، مۆمىن ئادەم ئەللىك نەچچە ئادەمگە قانداق باشلىق بۇلالايدۇ.
      -ھەي، بۇ نىمە دېگىنىڭىز، سىنىپنى ئىسمىم ئەمەس مەن باشقۇرىمەن. ئىسمىم مۆمىن بولغىنى بىلەن ئۆزۈم مۆمىن ئەمەس جۇمۇ مەن.
      تۇنجى قېتىملىق پارىڭىمىز ئاشۇلاردىن ئىبارەت بولدى. گەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆمەللەنگەن لەۋلىرىم سىنىپنىڭ ئىشىكى ئۈستىگە ئورنىتىلغان قۇڭغۇراقنىڭ قۇلاقنى زىڭىلداپ ئاغرىتىۋىتىدىغان ئاۋازى تەرىپىدىن ئۈزۈپ تاشلاندى. شۇ قېتىملىق پاراڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمى-جىسمىڭغا لايىق گۈلچىھرە ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. دېمىسىمۇ سېنىڭ كۈلگەن چاغدىكى چىرايىڭ بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان گۈلنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
قېتىرقىنىپ دەرس تىشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارقا تەرەپتىن ئاڭلانغان ئىڭرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممىمىز كوماندا بېرىلگەن ئەسكەرلەردەك تەڭلا سەن تەرەپكە ئۆرۈلدۇق. سەن ئايلىنىپ قالغان ئىكەنسەن. پارتىدېشىڭ ئۈلۈكتىن قورقىدىغان قورقۇنچاق سېستىرالاردەك ھۇدۇقۇش ئىلىكىدە سېنى يۆلەشكە تەمشەلدى. ئوغۇللاردىن بىر قانچىسى سېنى يۈدۈپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ چىقىشتى. شۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلەردە سېنىڭ ئايلىنىپ قېلىشىڭ ئۈگىدەك باسقان ئادەمنىڭ موك يېتىپ ئۇخلىغىنىدەكلا بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. بەزىدە ھۇشۇڭدىن كەتكەنلىكىڭنى دەرس ئۆتىۋاتقان ئۇقۇتقۇچى كۆرمىگىچە ھىچكىم سەزمەيتتى. پىدائىيلار بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرماستىن سېنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىشەتتى. ئارلىقىمىز شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ سېنى بىرەر قېتىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن ھەم ئۇنداق قىلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. چۈنكى مەن قىزلارنى كۆتۈرۈش ئەمەس بىرەر يىرىگە تىگىپ كىتىشتىنمۇ ئۆلگۈدەك قورقاتتىم. بەدىنىم ئەمەس كىيىملىرىممۇ قىزلارنىڭ كىيىملىرىگە تىگىشىپ قالسىمۇ قانداقتۇر بىر يۇشۇرۇن كۈچنىڭ تەسىرىدە بەدەنلىرىم تىتىرەپ، پۇتلىرىمدا ماجال قالمايتتى. مەندىكى بۇ خىل قورقۇش ۋە قورۇنۇش خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسىدىن قورىققىنىدەك بىر ئىش ئىدى. قىزلار لاۋۇلداپ كۈيۈپ تۇرغان ئوتتەك، ئۇنى تۇتساملا كۈيۈپ كۈل بۇلىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ زىيادە تۇخۇ يۈرەكلىكىمدىنمۇ ياكى قىزلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەتتىنمۇ ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتىم. ئېسىڭدىمۇ، بىر قېتىم مەكتەپ ئەتىراپىدىكى بىر باغقا ئۈجمە تەرگىلى چىقتۇق. تەرگەن ئۈجمىلىرىمىزنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ، سۈيى ئىتىۋېتىلگەن بىر قۇرۇق ئېرىققا پۇتلىرىمىزنى ساڭگىلىتىپ، ئۈجمە يىگەچ ئۆتكەن-كۆچكەن ئىشلارنى سۆزلەشتۇق. مەندىن ئۈزۈمنىڭ مۇھاببەت سەرگۈزەشتىمنى سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۈتۈندۈڭ. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى شۇ كەمگىچە بىرىنىجى يىللىقتا ئوغۇللارنىڭ دەي-دەيگە سېلىشى بىلەن بىر قىزغا خەت يېزىپ، ئاخرىدا ئۈزۈمنىڭ خېتىنى ئۈزۈم يالۋۇرۇپ يۈرۈپ قايتۇرۋالغىنىمدىن باشقا بىرەر مۇھاببەت سەرگۈزەشتەمنىڭ بۇلغانلىقى ئىسىمدە يوق. مىنىڭ نەزىرىمدە كىتابلاردىكى ۋە كىنولاردىكى ئۆزى سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن جېنىدىنمۇ كىچىشكە تەييار تۇرىدىغان ئاشىقلارنىڭ مۇھاببىتىدەك ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس بۇلۇپ، ئۇ رىئال تۇرمۇشتا مەۋجۇت ئەمەستەك بىلىنەتتى. كىيىن سەن كەچۈرمىشلىرىڭنى سۆزلەپ بەردىڭ. سەن بۇ جەھەتتە ماڭا قارىغاندا كۆپ تەجىرىبىلىك ئىدىڭ. ئىلگىرى بىر قانچە يىگىت بىلەن مۇھاببەتلەشكەن ئىكەنسەن. ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇل زاتىغا ئىشەنمەس بۇلۇپ، ئۇلارغا چىش-تىرنىقىڭغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەنلىكىڭنى ئېغىر ئۇھسىنىش ئىلكىدە سۆزلەپ بەردىڭ.
-ھەي، مەنمۇ ئوغۇل بالا جۇمۇ،-دېدىممەن ئىتىرازلىق بىلدۈرۈپ.
-سىز ئۇلارغا ئوخشىمايسىز، سىز دېگەن مۆمىنجان تۇرسىڭىز دېدىڭسەن ھەييارلىق بىلەن.
-ئىسمىمنى يەنە مازاق قىلغىلى تۇردىڭىز ھە!
-ياق! چاقچاق قىلىپ قويدۇم، لىكىن سىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئوخشىمايسىز، بۇ گېپىم راسىت.
گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ ماختاشتىن كىيىنكى ئۆز-ئۈزۈمدىن پەخرلىنىش تۇيغۇم بىلەن قۇشۇلۇپ قانداقتۇر بىر ئىللىق سىزىمنىڭ پۈتۈن جىسمىمغا يامراۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
-قۇچىقىڭىزغا بېشىمنى قۇيۇپ بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ!-سەن شۇنداق دېگەچ جاۋابىمنى كۈتمەيلا بېشىڭنى قۇچىقىمغا قويدۇڭ.
-بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى.....
         مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي بېشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. قۇچىقىمدا بوغما يىلاندىن بىرى تولغىنىپ ياتقاندەك نەپەسلىرىم قىيىنلىشىپ، پۈتۈن بەدىنىم بىلىنەر-بىلىنمەس تىتىرەيتتى. قىلماقچى بولغان گەپلىرىم گىلىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تىلىمغا چىقمايتتى. گەپلىرىڭگە قايتۇرغان جاۋابلىرىممۇ قۇمدىن ئەشكەن ئارغامچىدەك قولاشماي قېلىۋاتاتتى. پۇتلىرىمدىن تارقىلىۋاتقان بىر سىزىم ئاۋۋال يۈرىكىمگە ئاندىن بېرىپ مىڭەمگە تۇتاشتى. ئۇ ئادەمنى كۆيدۈرىدىغان ئوتنىڭ ھارارىتىدەك ئاچچىق ۋە ئازابلىق بولماستىن، ساھىلدىكى ياز ئاپتىپىدەك يېقىشلىق ھەم شىرىن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن چىداپ تۇرالمىدىم. ھېلىلا پۈتۈن بەدىنىم كۈيۈپ كۈل بۇلۇپ كېتىدىغاندەك ھۇدۇقۇشقا باشلىدىم.
      -چاپىنىمنى قۇيۇپ بېرەي، بېشىڭىزنى قۇيۇپ يېتىۋېلىڭ،-دېدىممەن پۈتۈن غەيرەت-شىجائەت، كۈچ-قۇدىرىتىمنى تىلىمغا يىغىپ.
     مىنىڭدىكى بىئاراملىق ۋە خىجالەتنى ھېس قىلىپ، دەرھال بېشىڭنى كۆتەردىڭ. شۇ ئىشتىن كىيىن تۇرمۇشۇم پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بۇلۇپ كەتتى. خىياللىرىم كۈز شامىلىدىكى ياپراقتەك ئاللا قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كېتەتتى. ئاخشاملىرى باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلايتىم. ئەتىگىنى دەرىسكە ئاران ئۈلگۈرۈپ چىقاتتىم. دەرس ۋاقتىدا يەنە بىلىپ-بىلمەي سەن تەرەپكە قاراپ قالاتتىم، گاھىدا كۆزلىرىم كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغاندا قاراشقا بولمايدىغان نەرسىگە قاراپ سالغاندەك دەرھال باشقا ياققا قارىۋالاتتىم. مۇئەللىممۇ بىر قانچە قېتىم مەنىلىك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەندىن كىيىن ئورنۇمنى ئالماشتۇرۇپ ئارقىدىكى پارتىغا يۆتكىلىپ كەتتىم. ئەمدىلىكتە ئارقاڭدىن ساڭا قاراپ ئولتۇرساممۇ ھىچكىم سېزىۋالالمايتتى. مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدا سەندىن دەرس سورىغان بۇلۇپ يېنىڭغا بېرىۋالدىغان بولدۇم. ھەركۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ سېنى ئۆيۈڭنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قۇيۇپ، ئاندىن ياتاققا قايتىش مىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلاندى. كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىشتىن ئاۋۋال مەيداننىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى كىچىك ئورمانلىققا ئۆگىنىش قىلغىلى چىقاتتىم. بەزى كۈنلىرى كىتابلىرىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇن چاچلىرىڭنى پۇلاڭلاتقىنىڭچە يېنىمغا كېلەتتىڭ. سەن ئۆگىنىش قىلساڭ، مەن سېنىڭ لاتاپەتلىك قىياپىتىڭدىن، جاراڭلىق ئاۋازىڭدىن ھۇزۇر ئالاتتىم. سېنىڭ دەرس تەكرەر قىلىۋاتقاندىكى ئاۋازىڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان باغۇ-بوستانلاردىكى ناۋاكەش بۇلبۇللارنىڭ ياقا يىرتىپ سايراشلىرىدەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى. توي كۈنىدە چېلىنغان ناغېرا-سوناي سادالىرىدەك پۈتۈن جىسمىمغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خوشاللىق بېغىشلايتى. ئايلار ئۈتۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ يېقىنلاپ كەلدى. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدەك سۈر-ھەيۋىلىك بىلىنمەيتى. ئۈزۈمنىڭ تۈزۈكرەك تەكرار قىلمىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالدىمدا تۇرغىنى بىر سەكرەپلا ئۈتۈپ كېتىدىغان ئېرىقتەك ئىمتىھانغا تولىمۇ سۇس ھەم پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا ئىدىم. ئىمتىھانمۇ ئېلىندى. يەرگە نىمە تېرىساڭ شۇنى ئورىسەن دېگەندەك ئۈزۈمنىڭ ياخشى تەكرار قىلمىغانلىقىم ئىمتىھان ۋاقتىدا بىلىندى. ھەممەيلەن ۋاقىت تۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ جاۋاپ يېزىۋاتقاندا مەن قاسقانغا تىزغان مانتىدەك قەغەزگە يازغىلى نەرسە تاپالماي، تىت-تىت بولغىنىمچە ۋاقىتنى ئاران توشقۇزدۇم. ئىمتىھان ئاخىرلاشقان كۈنى كەچتە ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە قايتىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى تارتقان ئىشلار بىلەن ئىچ-پۇشۇقىنى چىقارسا، ئىككىمىز مەيدانغا چىقىۋېلىپ، قەبرىستان جىمجىتلىقىغا چۆمگەن مەكتەپتە ئاي-يۇلتۇزلار ئاسمانغا چىراغ ياققۇچە ئولتۇردۇق. گەرچە ئىسسىق ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئۇماچتەك قاينىتىۋېتىدىغان ياز ئايلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، كەچلىرى خېلىلا سوغوق ئىدى. سەن جۇدۇندا قالغان قۇش چۈجسىدەك دۈگدىيىپ، تىتىرەشكە باشلىدىڭ. مەن ئىسسىقتىمۇ سالماي كىيىپ يۈرۈيدىغان يازلىق چاپىنىمنى ئۈستۈڭگە يېپىپ قويدۇم.
-سىز بەك ياخشى جۇمۇ!
-شۇنى بىلگەن بولسىڭىز كۇپايە، باشقا ئوغۇللار قاتاردا يامانغا چىقىرىپ ئولتۇرمىسىڭىزلا بولدىغۇ.
-سىز ئۇلارغا ئوخشىمايسىز،- دېدىڭسەن كونا گىپىڭنى تەكرارلاپ.
چىرايىڭغا قارىدىم. خىرە ئاي نۇرىدا چېھرىڭدە جىلۋىلەنگەن گۈلنىڭ سىيماسىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولساممۇ، كۆزلىرىڭدە بۇلاق سۈيىدەك بالقىپ تۇرغان مىھىر-مۇھاببەت، تەشەككۈر دولقۇنلىرىنى خىيالەن ھېس قىلىپ يەتتىم. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. سەن ئۈيۈڭگە قايىتماقچى بولدۇڭ. مەن كۈندىلىك ئادىتىمدىكىدەك ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللە ماڭدىم. قورويۇڭ ئالدىغا كەلگەندە توختاپ، ماڭا بۇرۇلدۇڭ.
-سىز ماڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار دېگەن ئىدىڭىز، ئەتە بىز ئايرىلىمىز، ئۇ گەپلىرىڭىزنى قاچان ئاڭلايمەن.
-مەن قاچان شۇنداق دېگەن؟
مەن قاچان ئۇنىڭغا «سىزگە دەيدىغان گىپىم بار» دېگەنلىكىمنى ئەسكە ئالالمىدىم.
-ئۆزىڭىز شۇنداق دېگەنغۇ،-دېدىڭ سەن دومسىيىپ.
-پەقەت ئىسىمگە ئالالمىدىم.
-مۇنداق بولسۇن، ئەتە مەن ئۆيگە ماڭىدىغان چاغدا دەپ بېرەي،- دېدىممەن ئوسال كەيپىياتنى ئوخشاش ئۈچۈن.
-بولىدۇ، شۇنداق بولسۇن، گىپىڭىز گەپ!
      سەن خوشلىىشپ كىرىپ كەتتىڭ. ياتاققا قايتقۇچە يول بۇيى شۇ سۇئالنى ئەسكە ئېلىشقا تىرىشتىم. تىلىم چىققاندىن بېرى قىلغان، ئىسىمدە قالغان ھەربىر ئېغىز سۆزنى ئەسلەپ چىقتىم. ئەمما ساڭا دېگەن شۇ گەپنى تاپالمىدىم. قاچان شۇنداق دېگەن بولغىيتىم، زادى نىمە گەپ بولغىيتى؟ ئۆز-ئۈزۈمدىن ياندۇرۇپ-ياندۇرۇپ سورايتىم. ئاخىرى مەندىن كۆڭۈل سوراۋاتقانلىقىڭنى خىرە-شىرە ھېس قىلىپ يەتتىم. كۆزۈمنى قانچە چىڭ يۇمساممۇ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. قاپاقلىرىمنىڭ تېلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ھېلىدىن-ھېلىغا ئۆرىلەتتىم، كارۋىتىمدىن چىققان چىقىراق ئاۋاز كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، ياتاقداشلىرىمنىڭ خور ئېيتىش مۇسابىقىسىگە چۈشكەندەك بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ تارتىۋاتقان خورەك ئوركىستىرىغا قۇشۇلۇپ كېتەتتى. ئەسىردەك ئۇزۇن بىلىنگەن كېچە ئاخىرلىشىپ، تاڭمۇ ئاتتى. بۈگۈن مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنۈم ئىدى. ئۆيۈم يېزىدا بولغاچقا ناھىيە بازىرىغا تەتىل توشقۇچە بىر ئىككى قېتىم يا كېلەتتىم يا كەلمەيتىم. چۈشتىن كىيىن ساۋاقداشلار يىغىلىشىپ «ساۋاقداش» ناخشىسىنى ئېيتقىنىچە مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىنى بەزىلىرى كۈلكە-چاقچاقلىرى بىلەن، بەزىلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن خاتىرلەشمەكتە ئىدى. سېنى بىر قانچە قېتىم تىلىفۇن قىلىپ چاقىرغان بولساممۇ، بارغۇڭ يوقلىقى ئۆزرىسى بىلەن چىقمىدىڭ. مەنمۇ سېنىڭ نۆۋەتتىكى بالىلار قاتارىدا ياتسىراپ قالىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ، ئانچە زورلاپمۇ كەتمىدىم. ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرەر سائەتچە ئولتۇرۇپ، ئاقماس باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ يېنىپ چىقتىمدە ساڭا تىلىفۇن قىلدىم. بىز بىللە دائىم بارىدىغان دوغاپخانىغا باردۇق. بۇ يەردە دوغاپنىڭمۇ ھەرخىل تۈرلىرى بار ئىدى. «ساراڭ دوغاپ» دەيدىغان قېتىققا ھەسەل ۋە سۇ قۇشۇپ تەييارلىنىدىغان دوغاپتىن ئىچىشتۇق. گەپ ئارلىقىدا يەنە بىرقانچە قېتىم ئوخشاش سۇئالىڭنى تەكرارلىدىڭ. مەن گەپ يورغىلىتىپ، ئۈزۈمنى ئەپقاچتىم. كىيىن بىز تورخانىغا كىردۇق. ئىككىمىز يانداش ئىككى كومپىيوتىردا ئولتۇرۇپ، خەت ئارقىلىق پاراڭلاشتۇق. ئېكىراندا «ھېلىقى گېپىڭىزنى ئەمدى دېمەمسىز» دېگەن خەت لىپىلداپ كۆرۈندى. يەنە نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. بارماقلىرىم تىللىرىمغا قارىغاندا غەيرەتلىك بولسا كېرەك «مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دېگەن خەتلەرنى تاراق-تۇرۇقلا بېسىۋەتتى. مانا كارامەت. دەيدىغاننى دەپ قۇيۇپ مۆككىلى چاشقان تۈشۈكى تاپالماي قالدىم. يىمەيدىغان نەرسىنى يەپ قويغاندەك، دېمەيدىغان گەپنى دەپ قويغاندەك پۈتۈن بەدىنىم قىزىشقا باشلىدى. چىرايىمدىكى قىزىللىق كۆزۈمگە بېرىپ تىقىلدى. نىمە قىلىش، نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي بىر شۇڭغۇپلا ئېكىراننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلىۋاتاتتىم. كونىلارنىڭ «گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە سەن ئۇنى باشقۇرىسەن، ئېغىزدىن چىققاندىن كىيىن گەپ سېنى باشقۇرىدۇ» دېگىنىدەك ئېغىزدىن چىقىپ بولغان گەپنى قايتۇرۇپ كېلىپ سولاپ قويغىلى بولمايدىكەن. مەن ھىچنىمىنى چاندۇرماسقا تىرىشىپ، تىڭشىغۇچنىڭ ئاۋازىنى بۇلۇشىغا ئېچىپ ئېكىرانغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرىۋالدىم. ئالاھەزەل ئون مىنۇتچە ۋاقىتتىن كىيىن جاۋاپ قايتتى. «مەن بۇرۇنلا بىلگەن، ئاغزىڭىزدىن بۇ گەپنى تولىمۇ تەستە ئاڭلىدىم.» مەن قەپەستىن چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرىۋاتقان قۇشتەك بۇ جايدىن تىزرەك چىقىپ كىتىشكە ئالدىرايتىم. ئەگەر خىجىل بولمىسام قوتاندىن قاچقان پاقلاندەك ئىشىككە ئۈزۈمنى ئاتقۇم، تۈڭلۈكتىن قاچقان قۇشقاچتەك دەرىزىدىن ئۇچۇپ قاچقۇم كېلەتتى. مەن تورخانىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغان كىچىك بالىدەك سېنىڭ يۈزۈڭگىمۇ قارىيالمىدىم. بارچە گەپنى سەنلا قىلاتتىڭ. مەن «ھە» يا «ياق» دەپلا جاۋاب بېرەتتىم. مەھەللەڭنىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قالدۇق.
-مەن بىر ئايغىچە ئويلىنىپ سىزگە جاۋابىنى بېرەي،-دېدىڭسەن تەمكىنلىك بىلەن.
     سەن كىرىپ كەتكىلى تەمشەلگەندە بەدىنى ياغاچتىن ياسالغان ئادەمدەك تولىمۇ كالامپاي بىر ھەرىكەتتە كىنولاردىكى ۋە كىتابلاردىكى ئاشىقلارنىڭ سۆيگۈنىگە مۇھاببەت ئىزھار قىلغاندىكى كۆرىنىشىنى تەقلىد قىلىپ قۇلۇڭدىن يىنىڭ تارتىپ ئۆزۈمگە قاراتتىم. پۇت-قوللىرىم ئۈزۈمنىڭ ئەمەستەك قىلىقلىرىم شۇنچىلىك ياسالما ۋە سۈنئىي بىلىنىپ كەتتى.
-سىزنى ياخشى كۈرىمەن.
شۇنداق دېدىميۇ جىنايىتىگە ئۈكۈنگەن مەھبۇستەك دەرھال يەرگە قارىۋالدىم.
-بولدى خىجىل بولماڭ، ھىچنىمە بولمايدۇ.
     شۇنداق دېگىنىڭچە كىرىپ كەتتىڭ. ئۈزۈڭنىلا ئەمەس يۈرۈكىمنى بىللە ئېلىپ كەتتىڭ. سەن يېنىمدىن ئايرىلىش بىلەنلا ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ يىگانە ئادەمدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىنمۇ كۈنلىرىمنى شۇ خىل گومۇش، سەۋدا ھالەتتە ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە چىقىپ كىتىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ ئۆتكۈزدۈم. چۈنكى يېنىمدا تىلىفۇن بولمىغاچقا، ئۆيدىكىلەر شۇنداق بىر يەرگە مېڭىشى بىلەن «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» قىلىپ، ساڭا تىلىفۇن قىلاتتىم. تىلىفۇندىكى ھەر بىر تاۋۇشۇڭ چىكىملىكتەك مىنى ئۆزىگە خۇمار قىلغان ئىدى. ھەر قېتىم ئاۋازىڭنى ئاڭلىغىنىمدا يازدا ئېچىلغان ئاپتاپپەرەستەك بۆلەكچىلا ئېچىلىپ، ئېغىزلىرىم يۇمۇلماي قالاتتى. نەشە چىكىۋالغان ئادەمدەك بىر نەچچە كۈن مەسىتخۇش ھىجىيىپ يۈرەتتىم. دوستلىرىم بىلەن ئۇچىراشقاندا گەپ ئارسىدىن گەپ تېشىپ، باشقىلارنىڭ ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىقى بىلەن ھېسابلاشماي سەرگۈزەشتىلىرىمنى سۆزلەشكە باشلايتىم. نەتىجىمۇ ئېلان قىلىندى. سەن قايسىبىر ئونىۋېرسىتقا قۇبۇل قىلىنغان ئىدىڭ. مەن بولسام ئىزىڭدىن بېسىپ قايتا ئىمتىھان بىرىشكە مەجبۇر بولدۇم.
تىلىفۇننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن خىياللىرىم لىنتىسى ئۈزۈلگەن كىنودەك دەررۇ ئۈزۈلدى. تىلىفۇن قىلغان پەرىدە ئىدى.
-ئىشىڭىز تۈگەي دىدىمۇ؟
-تۈگەپمۇ قالدى.
-بىر سائەتتىن كىيىن تىببىي ئونىۋېرىسىت كەينىدىكى تاغ ئۈستى باغچىسى ئىشىكىدە كۆرۈشەيلى، سوۋغىتىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ،-دېدى پەرىدە ئەركىلەپ تۇرۇپ.
-خاتىرجەم بۇلۇڭ! ئۈزۈمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ، سوۋغىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
-ياق، ماڭا ھەرئىككىسى كېرەك.
-بۇلىدۇ، دىگىنىڭىزدەك بولسۇن، ئۆزۈمنىمۇ ئالغاچ باراي ئۇنداقتا.
تىلىفۇننى قۇيۇپ، دىلىمنى پەرىشانلىق چۇلغىۋالدى. ئۆزۈمنى پەرىدەگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. يېنىمدا پەرىدە تۇرۇپ سېنى ئويلىماسلىقىم، يەنە كىلىپ بۈگۈنكىدەك كۈندە سېنى ئويلاپ، مۇڭغا چۈكۈپ ئېزىلىپ ئولتۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن يەنىلا كىتاب جاھازىسى ئالدىدا تۇراتتىم، قۇلۇمدىكى كونا خاتىرە مىنى ئەيىبلەۋاتقاندەك ئېچىقلىق تۇراتتى. خىياللىرىم داۋام ئەتتى.
ئونىۋېرىسىتقا ئۇقۇشقا ماڭدىڭ، مەن ئانا مەكتىپىمدە قالدىم. سەن بېرىپلا ياتىقىڭنىڭ نۇمۇرىنى ساۋاقدىشىم ئارقىلىق ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ. شۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلەر توختىماستىن ساڭا تىلىفۇن قىلىش بىلەن ئۆتتى. تولا تىلىفۇن قىلىپ ياتاقداشلىرىڭنىمۇ بىزار قىلىۋەتتىممۇ قانداق تىلىفۇن جىرىڭلىشى بىلەنلا ساڭا تۇتقۇزۇپ قۇيىدىغان بولۇشتى. بەزىدە «مىنى يوقكەن دەپ قۇيۇڭە» دېگەن ئاۋازىڭنىمۇ ئاڭلاپ قالاتتىم. شۇنداقتىمۇ بىر ئازدىن كىيىن يەنە تىلىفۇن قىلاتتىم. مەكتەپتىكى كۈنلىرىم تېخىمۇ مەنىسىز ۋە زېرىكىشلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. «ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كەپتۇ» دېگەندەك مەنمۇ بارغانسىرى جىمغۇرلىشىپ، ئاغزىمدىن ھەربىر ئېغىز گەپنى ئامبۇر بىلەن سۇغۇرۇپ ئالغۇدەك دەرىجىدە كەمسۆزلىشىپ كەتكەن ئىدىم. كۈن-تۈنلەپ كىتابقا چۈكۈپ ئۆگىنەتتىم. ئەمما كىتابتىن بېشىمنى كۆتۈرگەن ھامان ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك كاللام قۇپقۇرۇق بۇلۇپ قالاتتى. ماڭا ھازىرقى بىردىنبىر تەسەللى ساڭا تىلىفۇن قىلىش بۇلۇپ قالغان ئىدى.
ھەممە ئىش سەن بىلەن بىر مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان دوستۇم ئېليارنىڭ مېنى يوقلاپ كېلىشى بىلەن ئاستىن-ئۈستۈن بۇلۇپ كەتتى. دەردلىرىمگە دەرد قۇشۇلدى. ئىلگىرىكى باش-ئاخىرى يوق چىگىش خىياللىرىمغا قايمۇقۇش، گاڭگىراش، گۇمانلىنىش جۆر بولدى.
-ئاداش، گۈلچىھرە بىلەن قانداقراق كىتىۋاتىسەن؟-دېدى ئېليار گەپتىن گەپ چىقىپ.
-ياخشىغۇ،-دېدىممەن پەرۋاسىزلىق بىلەن.
-ساڭا بىر گەپنى دىسىەم بۇلارمۇ، دىمىسەم بۇلارمۇ؟!!!
-بۇ نىمە دىگىنىڭ، «كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ» دېمەي، گەپ بولسا تىز ئېيىتمامسەن.
-بۇ گۈلچېھرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىدى.
ئىسمىڭنى ئاڭلاش بىلەن جىددىيلىشىشىكە باشلىدىم.سەن توغرىلىق ئېيتىلغان ھەربىر ئېغىز سۆز قەلبىمدە تىنىچ دېڭىزدا دولقۇن كۆتۈرۈلگەندەك داۋالغۇش پەيدا قىلاتتى. سەن توغرلىق ئېيتىلغان ماختاشلار بېشىمنى كۆككە يەتكۈزسە، شىكايەتلەر باغلاردىن ئېلىپ چۆلگە تاشلايتى. خۇددى بىرەر سۆزنى خاتا ئاڭلاپ قالىدىغاندەك پۈتۈن ئەس-يادىمنى قۇلىقىمغا يىغدىم. ھاۋادا ئۇچىۋاتقان زەررىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا تىرىشىۋاتقاندەك سۈكۈتكە چۆمدۈم. شۇ تاپتا تىنىقلىقرىم ئۈزۈمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-ئەگەر مىنى ھەقىقى دوستۇم دەپ سۆزلىرىمگە ئىشەنسەڭ، بۇ گەپلەرنى ساڭا ئېيتىمەن، بولمىسا............-ئۇ ئاخىرىنى دېمەستىن توختاپ قالدى.
-نىمىلەرنى دەپ يۇرىدىغانسەن، تولا تىلىڭنى چاينىماي قانداقلا گەپ بولسا تېز ئېيىتمامسەن. سېنى دوستۇم دېمەي كىمنى دەيمەن.
ئېليار ئىككىمىز زاكا ئاغىنىلەردىن ئىدۇق. بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق. باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە بىر سىنىپتا پارتىداش ئۇقۇدۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ ئىچ سىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلەتتۇق. ئۇ مەندىن بەكرەك شوخ ئىدى. ئىش ئەمىلى قىزلارغا باھا بېرىش، ئۇلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتەتتى. قايسى بىر قىزنىڭ پۇتىنىڭ مايماقلىقى، قايسى بىرىنىڭ چېچىنىڭ بويىدىن ئۇزۇن ئىكەنلىكى، قايسى بىرىنىڭ ۋاپادار، قايسى بىرىنىڭ چاكىنا ئىكەنلىكى.....قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسلىق پاراڭ تېمىلىرىدىن ئىدى. ئەمما ئەزەلدىن سەن توغرىلىق بىر نەرسە دېمەيتى. ئۇ دائىم مىنىڭ بەختىمنى، سېنىڭ ئىنسابىڭنى تىلەيتتى.
-گۈلچېھرەنى ئۇنتۇپ كەت،-دېدى ئۇ ئۇزاق سۈكۈتتىن كىيىن.
-ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى.
مۇشىتلىرىم تۈگۈلدى، دوستلۇقنىڭ يۇزىنى قىلمىسام ئۇنىڭ ئاغزىغا كەلتۈرۈپ بىرنى سالغۇدەك بولدۇم. سەن ئۈچۈن قىلىنغان شىكايەت مەن ئۈچۈن ئىتىقادىمغا تىل تەگگۈزگەندەك ھاقارەت ھېسابلىناتتى. ئۈزۈمنى زورىغا باستىم.
-قانداق دەيسەن؟
-بولدى سورىمايلا قوي، بۇ سەۋەبلىك دىلىڭنى رەنجىتىشنى خالىمايمەن.
تېخمۇ يامان خەۋەرلەرنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن ئارتۇق سوراپمۇ يۈرمىدىم. ئېليار بىلەن سوغوقلا خوشلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ گۇماننىڭ قارا كۆلەڭگىسى تۇيغۇلىرىمغا سايە تاشلاپ كەلدى. «ئەرنىڭ كۆزى بىر، ئەلنىڭ كۆزى مىڭ»دېگەندەك سەن توغىرلىق شىكايەت قىلغۇچىلار يالغۇز ئېلىيارلا ئەمەس ئىدى. «بىر ئاي ئىچىدە يىگىتتىن ئىككىنى يەڭگۈشلەپ بوپتۇ»، «يىگىت يەڭگۈشلەش كىيىم يەڭگۈشلىگەندەك بىر ئىشقا ئايلىنىپ قاپتۇ»، «دېسكوخانىنى ماكان تۇتۇپتۇ»، «ھاراق دېگەننى ئوغۇل بالىدەك ئىچىدىكەن»، «ئاخشاملىرى سىرىتتىن كېلەلمەيدىكەن»........دېگەندەك ئۆسەكلەر ئۇزۇن يوللۇق پويىزنىڭ ۋاگۇنلىرىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. ھەر قېتىم شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىمگە يىڭنە سانجىغاندەك ئېچىشاتتى، پىچاق بىلەن تىلغاندەك كۈيىشەتتى. شۇ سەۋەبتىن بەزىلىرى بىلەن ياقىدىشىپمۇ قالغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ساڭا ئىشىنەتتىم. تۇيغۇلىرىم ساڭا ئىشىنىشكە مەجبۇرلايتى. ئۇ مىنى ئالدىمايدۇ دەپ ئويلايتىم. ھەر قېتىم ساڭا تىلىفۇن قىلغاندا بەزىبىر تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنى ئىچىمگە يۇتاتتىم. غەيۋەتخۇرلارنىڭ ئەدىپىنى بېرەلمىگىنىمگە ئۆكىنەتتىم. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا سەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىڭ. ئۆيۈڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى توۋلىسا ئاڭلانغۇدەك يېقىن بولسىمۇ، نەچچە كۈنلەپ قاراڭنىمۇ كۆرسەتمىدىڭ. ئاخىرى ئۆيۈڭگە تىلىفۇن قىلىپ سېنىڭ يىقىن ئەتىراپتىكى بىر تورخانىغا كىرىپ كەتكەنلىكىڭنى بىلدىم. دەرسىمنى تاشلاپ يېنىڭغا قاناتلىنىپ ئۇچقۇدەك بۇلۇپ بارغىنىمدا سەن بىر يىگىت بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلىشىۋاتقان ئىدىڭ. يىگىتنىڭ كۆزىدىن تاشايلا دەپ قالغان ياش ھېلىلا پارتىلاپ چىقىپ ئېكىراننى دېڭىزغا ئايلاندۇرىۋېتىدىغاندەك قىلىپ تۇراتتى. سەن تەرسالىق بىلەن سۆزلەيتىڭ. ئاغزىڭدىن چىقىۋاتقىنى ئادەم ئاڭلاشتىنمۇ ئۇيالغىدەك گەپلەر ئىدى. مەن شۇ چاغدا سېنى قايتىدىن كۆرىۋاتقاندەك، قايتىدىن تۇنىۋاتقاندەك بولدۇم. ئۇزۇن تۇرۇشنى بىئەپ كۆۈپ ، گەپ-سۆزسىزلا قايتىپ چىقتىم. ئايىغى چىقماس سۇئاللار ۋۇجۇدۇمنى چۇلغايتى. كۆكرەك قەپىسىم قىسىلىپ يۈرىكىمنى سىقماقتا ئىدى. پىشانەمدە ياپراقتىكى شەبنەمدەك مۇنچاق-مۇنچاق تەر تامچىلىرى يالىتىرايتى. پۈتۈن دۇنيا، بارچە كائىنات مىنى مەركەز قىلىپ چۆرگىلەۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بارسا كەلمەس يولغا كىتىۋاتقان يولوچىدەك مەندىن يىراقلاشماقتا ئىدىڭ. مەن ئارقاڭدىن قاراڭ يۈتكىچە قارايتىم. ئەمما ئۆرۈلۈپ قاراپ قۇيىدىغاندەكمۇ قىلمايتىڭ.
-ئەتە ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈشسەك بوپتىكەن،-دېدىممەن كەچلىكى ساڭا تىلىفۇن قىلىپ.
-مىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىم بەك كۆپ. سىزمۇ ياخشىراق تەييارلىق قىلىڭ، بۇ يىلمۇ يەنە ئۆتەلمەي ئولتۇرماڭ!-دېدىڭسەن مەسخرىلىك تەلەپپۇزدا.
-كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالمايمەن. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قايتىسىز، مەن بىلەن كۈرۈشمەي، مۇشۇنداقلا قايتامىسز؟
ئۆتۈنۈش ئارىلاش ئېيىتقان سۆزلىرىم ئوغاڭنى قايناتتى.
- ئادەمنى نېمانچە بىزار قىلىسىز؟ مۇشۇنداقلا قايىتماي قانداق قايىتسام بۇلاتتى، كۈرۈشمەي كەتمىگۈدەك سىز مىنىڭ نېمەمتىڭىز؟
تۇرۇپكىنىڭ زەردە بىلەن قۇيۇلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ تىلىفۇن ئۈزۈلدى. تۇرۇپكىدىن قايتا سادا كىلىپ قالىدىغاندەك ئۇزۇنغىچە تۇتۇپ تۇرۇپ كەتتىم. تۇت-تۇت قىلغان ئاۋازدىن بۆلەك ھىچنىمە ئاڭلانمايتى. سەن ياندۇرۇپ تىلىفۇن قىلىپ قالىدىغاندەك ئاممىۋى تىلىفۇننىڭ تۈۋىدە خېلى ئۇزاق تۇردۇم. سېنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىڭ كۆڭلۈمگە بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، ئۆز سەزگۈلىرىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيتى. بىر ھەپتىدىن كىيىن شاپائىتىڭ بىلەن ئېلخەت ساندۇقۇمغا قالدۇرۇلغان بىر پارچە خېتىڭنى ئۇقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. تۇنۇش ئادىرىسنى كۈرۈپ كۆڭلۈمدە سېنى مەندىن كەچۈرۈم سوراپ خەت يازغانمىدۇ دېگەندەك تەلپۈنۈش بىلەن ناھايتى تىزلىكتە خېتىڭنى ئاچتىم.
«قەدىرلىك مۆمىنجان، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەندىن رەنجىدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كارائىتى چاغلىق. گەپ ئوينىتىپ ئولتۇرغۇم يوق. نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، بەزى گەپلەرنى سىزگە ئۇچۇق دەپ قۇياي دېدىم. تەتىلدە سىزگە جاۋاپ بەرمەيلا كىتىپ قالغان ئىدىم. ئەمدى سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەي. قىيىن كۈنلىرىمدە كۆڭلۈمگە تەسەللى بەرگىنىڭىزگە رەخمەت. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن سىزگە كۆڭۈل بېرەلمەيمەن. گەپنىڭ راستىنى قىلسام مەن ئەتىراپىمدا نۇرغۇنلىغان ئوغۇللارنىڭ پەرۋانە كەبى ئەگىپ يۈرۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى. بۇنى بەختىم دەپ بىلىمەن. ئەمما ھىچكىمگە يۈرۈكۈمنى بېرەلمەيمەن. سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. چۈنكى مېنىڭ قېلىپ ئىچىدە ياشىغۇم يوق. ئىلگىرى ئېغىر كۈنلىرىمدە ھەقىقەتەن بىرىنىڭ كېلىپ دەردىمگە دەرمان بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بۇنىڭ بىر ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ياخشى كۆرۈش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز، ئۆز ئەركەم بۇيىچە ياشاش مىنىڭ ئەركىنلىكىم. ئۇنى ھىچكىم تۇسۇپ قالالمايدۇ. مەن قاناتلىرىمنى سۆيگۈ ئاتلىق بوغقۇچ بىلەن بۇغۇشنى خالىمايمەن. خالىسىڭىز دوسىت بۇلۇپ ئۆتسەك بۇلىدۇ، لىكىن ئادەتتىكىچە دوستلاردىن. ئۇنىڭدىن ئارتۇقى ئارتۇق. ھازىر كۈنلىرىم شۇنچىلىك خوشال ھەم مەنىلىك. كۆرەلمەسلەرنىڭ ئۆسەكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مەن ھازىر ناھايتى بەخىتلىك. كۆڭلۈم خالىغاننى قىلالايمەن، كۆڭلۈم تارتقان بىلەن يۈرەلەيمەن. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىمدىن مەسىت بۇلۇپ ئېيىتقان مەدىھيىلىرىدىن ئالەمچە شادلىققا تۇلىمەن. دېمەكچىمەنكى سىزمۇ شۇنداق ياشاڭ! ئۆزىڭىزنى جاپاغا سېلىپ نىمە قىلىسىز.
-گۈلچىھرەدىن»
خېتىڭنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئېغىر ئۇھسىنىش بىلەن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم. بۇ خەتلەرنى يازغان ئادەمنىڭ ئىلگىرىكى گۈلچىھرە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتى. سېنى قانداق كۈچ مۇشۇنداق تۇنىۋالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى بىلگۈم كىلەتتى. باشقىلارنىڭ قىزلار ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۆزگىرىپ كىتىدۇ دېگەنلىرىگە بارا-بارا ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم. شۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىم ھىجران بىلەن لىق تولدى. سۆيگۈ ئارخىپىمنىڭ تۇنجى مۇھاببەت بابىغا ئازابنىڭ ئۆچمەس تامغىسى بېسىلىدى. قەلبىمدە ئەمدىلەتىن بىخ سۈرۈپ ياشىرىشقا باشلىغان سۆيگۈ مايسىلىرى سەن ماڭا بەرگەن زەربىدىن باھاردا ياققان قاردا ئۈششىگەن مايسىدەك سۇلدى. پۈتۈن دۇنيا ئالدامچىدەك، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر بىرىنى ئالداش ئۈچۈنلا ياشايدىغاندەك، باغدا گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى بۇلبۇللارنىڭ ئىشقىدا پۇچىلىنىپ زارلىنىشىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈندەك، كاككۇكلارنىڭ سايرىشى ئىشقىۋاز زابۇيلارنىڭ سورۇندا ئېيىتقان ناخشسىدەك بىلىنىشكە باشلىدى. تۇنجى سۆيگۈنىڭ ھارارىتىدىن ئوت بۇلۇپ يانغان يۈرۈكۈم ۋاپاسىزلىقنىڭ زىمىستان دەشىتلىرىدە مۇز بۇلۇپ قاتتى. تاكى پەرىدەنىڭ ساپ مۇھەببىتى ھىجراننىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىرىدا تىترىگەن ۋۇجۇدۇمنى چىن سۆيگۈنىڭ باش باھاردىكى غۇر-غۇر شاماللىرى بىلەن ئىرىتكىنىگە قەدەر قانچە يىللارنى ئاشۇ خىل مەھكۇم تۇيغۇلارغا ئەسىر، دەرد-ئەلەملەرگە ئۈلپەت بۇلۇپ ئۆتكۈزدۈم. نەچچە ئۆلۈپ، نەچچە تىرىلدىم. نىمە ئۈچۈن! ساڭا چىن كۆڭلۈمدىن كۆڭۈل بەرگىنىم ئۈچۈن. سېنىڭ ئاشۇنداق ئۇلۇغ سۆيگۈسىزلىك پەلسەپەڭگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن.
قۇلۇمدا دەۋەيلىنىپ تۇرغىنى مېنىڭ ئاشۇ ئازابلىق كەچمىشلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان خاتىرە، سۆيگۈ ئارخىپى ئىدى. خاتىرىنى ياپتىم. ئادەملار ئارىسىدا چىن سۆيگۈدىن ئىبارەت بۈيۈك ھېسسىياتنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ساڭا، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغۇم كەلدى. مەزمۇت قەدەملەر بىلەن سىرىتقا قاراپ ماڭدىم. ھايات بېغىمنىڭ رەناسى، تۇرمۇشۇمنىڭ مەناسى پەرىدە تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.


2015-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى        ئۈرۈمچى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 22:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش