2
قەلبىمدىكى ھەسرەتلىك تېنىقلار مېنى تېنىۋاتىدۇ، بۇ كېچە مەن ئۆزەمگە تەۋە ئەمەس . شېئىر ۋە شائېر ھەققىدە بىر ھازا ئويلاندىم . نېمە دېگۈلۈك قوياشنىڭ يورۇقلۇق ۋە ھارارەت تارقىتىش مەركىزى ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت ، بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بۇلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئېنىق ، ئەمما شېئىر ....؟!
مەن ئۆزەمنىڭ تۇرۇپ -تۇرۇپلا شېئىر يېزىپ قويىدىغىنىمنى بىلىمەن . ئەمما كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئېيتسام شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى ۋە نىمە ئۈچۈن يازىدىغانلىقىم ھەققىدە ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ھەم ئۇنى بىلگەن ،بىلەلىگەن بولسام بەلكىم شېئىر يېزىشتىن توختاپ قالغان ۋە ياكى يازالمىغان بۇلاتتىم ... شېئىر يېزىۋاتىمەن، يازغۇم كەلگەندە يازماسلىققا باھانە يوق ، يازغۇم كەلمىگەندە يازاي دېسەممۇ چارە يوق . بەلكىم شېئىر تىل مەنا ئىمكانىيەتلىرنىڭ قۇدىرتىنى ئەڭ كەڭ دائىردە، ئەڭ ئەركىن ھالەتتە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان، تەپەككۇر قۇرۇلمىسى ۋە تەسەۋۋۇر ئىمكانىيەتلىرنى تىنماي غىدىقلايدىغان ۋە شۇ ئاساستا يېڭىلايدىغان، ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىدىغان بىر ساماۋى كۆرەك بولسا كېرەك. ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان چەكلىمە ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۈتۈپ ئىنساننى سەمىميلىك ، مەردانىلىك،تەبئىيلىك ۋە ھەققانىيلىققا ئۈندەيدىغان، روھىيەت دالاسىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ ماددىي چەكلىمىلەر شەكىللەندۈرگەن مەنپەتپەرەسلىك، نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئاچكۆزلۈك تۇيغۇلىرنى بىردەملىك بولسىمۇ يىراققا ھەيدەيدىغان مۇقەددەس مەنبە. بىر ھېساپتا ئۇ ئادەملەر ئەلمىساقتىن ئاخىرەتكىچە ئىختىيارسىز رەۋىشتە باغلىنىپ تۇرغان ئىلاھى تۇيغۇلارنىڭ ئىنسانىي تىل ئارقىلىق مۇپەسسەل بايان قىلنىشى ،
يەنە بىر ھېساپتا تۇيغۇلار تىلىنىڭ مۆكۈشمەك ئويۇنى ۋەياكى تىل سېھىرگەرلىكى ، ئىنسانى مۇھەببەت ۋە ئىلاھى ئىشىق گىرەلىشىپ كەتكەن ھېچقانداق فورمىلا ۋە ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان ھېلىقى تۇيغۇلارنىڭ يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى خالاس.
شېئىر تىلى تۇيغۇلار جەۋھىرىنىڭ يېزىق شەكىلدە ئىپادىلەنگەن نۇرانە نامايەندىسى ، ھادىسلەر قاينىمىدا لەيلەپ يۇرىۋاتقان ئادەملەر توپى ئىچىدە ئۇ مېنى ئۆزۈمگە،ئۆزۈمنى يەنە ئۆزۈمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھەقىقىي ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ ...
3
شاھ مەشرەپ ئۆز دەۋرىدە ئاۋام خەلىقنىڭ ئۆزىگە چوقۇنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەلگە ئاشكارە بولغاندا دائىم يامان سۆرەتتە ئايان بولسا،ھازىرقى شائىرلىرىمىز ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خىلمۇخىل ئىللەت ۋە يامان تەرەپلىرىنى ئەلدىن يۇشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولماقتا . شۆھرەت ۋە نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىلمۇخىل سورۇنلارنى تۈزۈپ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا...
مەقسەت پۈچەكلەشسە شۆھرەت پۈچەكلىشىدۇ ، ئىتقاد ئوخشىمىسا ئېھتىياج ئوخشىمايدۇ ،ئىمان سۇسلاشسا شائىر گۇمراھلىشىدۇ!
دەۋر شۇنداق ئېدىكى شائىر ئىلاھىيەت ۋە ئاۋام ئۈچۈن ئۆلەر ئېدى ۋە ئاۋام شائىرنى سۆيەر ئېدى،
دەۋر شۇنداق بولدىكى شېئىر ئىلاھ ۋە ئاۋامدىن ياتلاشماقتا ۋە ئاۋام شائىرنى ئاقلاشماقتا...
4
ئىنسان ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن گۈزەللىكنى سۆيگۈچى ،گۈزەللىك ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ گۈزەللىك گۈزەل ئەخلاقتۇر،ئەدەبىيات گۈزەللىكتۇر،چاكىنا ۋە بىمەنە تەرەپلەر،يېڭلىق نامىدىكى بىر قىسىم ھەممىنى ئىنكار قىلىش ۋە بىچارە زورۇقۇشلار بەلكىم ئەدەبىيات كوچىسىدىكىلەر ۋە بارچە ئىنسانلارنىڭ قىسمەن كۆڭۈل خاھىشىدۇر ، ئىنسان ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن مۇھەببەت ،مۇۋەپپىقيەت ۋە سالامەتلىكنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلگۈچى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلگۈچىدۇر.ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ئاددى كىشىلەرنىڭ تۇيغۇلىرىنى غەلەت قىلىپ مۇشۇنىڭ ئۆزىنى بىر مۇۋەپپىقىيەت دەپ ئاتىۋالىدۇ.ئەمما ئۇ شۇنىڭغا دېققەت قىلمايدۇكى مۇۋەپپەقىيەت ئۆز ئەجىر مېھنىتى ئارقىلىق تېزەك ئۈستىدە گۈل ئۈندۈرۈشكى ھەرگىزمۇ خۇشپۇراق گۈلنىڭ ئۈستىگە تېزەك سانچىپ قويۇش ئەمەس.
5
ئۆلۈمدىن بۇرۇن تەكرار ئۆلمىگەن،ھاياتىنى ۋە بارلىقىنى قەلىپ ئالىمنى نۇرغا تولدۇرغان مەھبۇبىغا بەرمىگەن ئادەم نە ئاشىق نە شائىر بولسۇن ،ئۇنداق ئادەمنىڭ ھاياتى شەكىلۋاز رەڭدارلىقكى ماھىيەتلىك ئەھمىيەت بولالماس،ئۇنداق ئادەمنىڭ قەبرىسى پەقەت قەبرىدۇركى مۇھەببەتكە تولغان ئۇۋا ۋە سېھرىي كۈچ ئۇ يەردە نامايەن بولماس...
مەۋجۇدىيەت ئالىمىدىكى سايىلەرگە قارىسام ئىشىق ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى شائىرغا ئايلىنىپتۇيۇ ،ئەمما شائىرلارنىڭ كۆپى پەزىلەت ئەھلىدىن بولالماپتۇ،ئەۋلىيالاردىن سورىدىمكى ئۇلار شۇنداق جاۋاپ بىرىشتى : جاھان بازارىدا مۇھەببەت ئەھلىدىن ئارتۇقىراقىنى كۆرمىدىدۇق ،مۇھەببەت كوچىسىدا پەزىلەت ئەھلىدىن ئارتۇقراقىنى.
6
شېئىر مۇھەببەتتۇر، يېغىۋاتقان يامغۇردىن مۇھەببەتنى كۆرىسەن ۋە يامغۇرغا قاراپ شېئىر يازىسەن.بارچە رەڭلىك تاشلاردىن نۇر قايىتقىنىدەك بارچە رەڭدار تۇيغۇلارمۇ شائىرنىڭ قەلبىدە شېئرغا بولغان ھېرىس،ئىشتىياقنى قوزغايدۇ.يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋا نەقەدەر ساپ ۋە راھەتبەخىش بولسا شېردىن كىيىنكى شائىرنىڭ قەلبىمۇ شۇ قەدەر ساپ ۋە سۈزۈلگەن بولىدۇ .ئۇنىڭ راھىتى ئىزگۈلۈكتە.ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغۇچىلارغا قاراپ خىتاپ قىلىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-18 22:35