يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1253|ئىنكاس: 3

ئېلى(ئىزگۈگە):«بىر پەلەكنىڭ خەمىكى»دىن بىر نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى»غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر:

ئېلى ھېمىت

«بىر پەلەكنىڭ خەمىكى»دىن«چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ»قا بىر نەزەر

(سېلىشتۇرما تەتقىقات)

      ئەدەبىيات  تارىخىدا ئىجادىيەت مېتوتى ،بەدىئىي ماھارەت ۋە ئىدىيۋي ھېسىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەبىئىي رەۋىشتە  ئۆزئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەسەرلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى ئادەتتە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نەزىريىسىدە " پارالىل تەتقىقات" دەپ ئاتايدۇ.بىر-بىرىدىن مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردە  تەسىر ئېلىش ئەھۋالى بولغان بولسا،مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى" تەسىر تەتقىقاتى" دەپ ئاتايدۇ.بىز سوغۇققانلىق بىلەن بۇ ئەسەرلەردىكى ئورتاقلىقنى تېپىپ چىققىنىمىزدىلا ،ئاندىن ئۇنىڭغا ئورتاق ئىجادىيەت مېتوتى،بەدىئىي ماھارەت تەجىربىسىنى خۇلاسىلەپ،كېيىنكىلەرنىڭ پايدىلنىشىغا جۇغلاپ بەرگىلى بولىدۇ.پەقەت سېلىشتۇرغاندىلا ئاندىن روشەن پەق-خاسلىقنى بايقىغىلى، ئىجادىيەتنىڭ ئومۇمىي قانۇنيەتلىرىنى يەكۈنلەپ يېڭى تەرەققىيات راۋاجىغا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
     ۋەھالەنكى،چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدە سېلىشتۇرما تەنقىدشۇناسلىق ئېچىلمىغان بوز يەر  بولۇپ،نۆۋەتتە دىققەتنى قوزغىمىسا بولمايدىغان بىر مۇھىم ساھەدىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. شۇغۇنىسى،ئېلان قىلىنىۋاتقان سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقات ماقاللىرى كۆپ ئەمەس.بولۇپمۇ شۇنداقلا كۆپ  خىل مىللەت مەدىنيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆپ تىللىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،يوق دېيەرلىك بىر بوشلۇق. خەنزۇلار مىللىي يازغۇچى لۇشۇن تەتقىقاتىدا 80-يىللاردىلا سېلىشتۇرما تەتقىقاتنى باشلىغان بولۇپ،ھەتتا مۇشۇ تېمىدىكى كىتابتىن بىرمۇنچىسى  نەشىر قىلىندى. بىزدىچۇ؟مۇھەممەت زەيدى ئەپەندى خېلى بۇرۇنلا بىر ماقالىسىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىگە ئائىت كۆپ مەنبەلىك سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەنىدى.ئەپسۇسلۇقى، ئەينى چاغدا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىرىمىزدا "بۇنداق سېلىشتۇرۇش-شائىرنىڭ تەسىرىگە نۇقسان يەتكۈزىپ قويىدۇ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھەرقانداق شائىرغا سېلىشتۇرغۇلى بولمايدۇ،ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق"دېگەندەك كونا قاراش ۋە تارمىللەتچىلىك قاراش بولغاچقا،كۆپ مەنبەلىك كۆپ قىرلىق شەكىلدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش-تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولغان سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەگە قول تىقىمىز كەلمىدى، راستىنى ئېيتقاندا، قىزىقىپ كەتمىدۇق. ئۆزىمىزگە شۇنداق سوئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتى ھەققىدە  ھەر يىلى نۇرغۇن  تەتقىقاد ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغىنىمىز بىلەن بۇ ھەقتە ئەڭ ئاۋۋال قەلەم تەۋرەتكۈچى مۇھەممەت پولات ئەپەندى  يازغان "زۇلمەتلىك يىللارنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى" ناملىق ئەدەبىي ئوبزورنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدىن"ھالقىش "تاپالىدىمۇ-يوق؟!قىسقىسى،ئەندى يەنە بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشنى ئۆرگەرتمىسەك،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇپ قالىدۇ،ئەلۋەتتە.
     تۆۋەندە مەن  بۇ ھەقتىكى قاراشنىڭ تەسىرىدە سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلىمىدىن پارالىل تەتقىقات بويىچە( يەنى تەبىئىي ئوخشىشىپ قېلىش تەتقىقاتى بويىچە)ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق مۇلاھىزىسىگە سۇندۇم،تەنقىدىي پىكىردە بولۇشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.
                      *                            *                     *
        1. سېلىشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى
      شائىرئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <<بىر پەلەكنىڭ خەمىكى>>ناملىق ئېپىك شېئىرى بىلەن تاڭ شائىرى لى بەينىڭ  "چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ"ناملىق ئېپىك شېئىرىنىڭ ئىككىلىسى كلاسسىك رومانتزملىق ئىجادىيەت مېتوتىغا مەنسۇپ بولۇپ،رېئاللىقتىن چۈش دۇنياسىغا،ئاندىن يەنە رېئاللىققا  ئۆتۈشتەك ئۈچ بۇرجەكلىك جەريان ئارقىلىق،"گۈل يەنى گۈزەللىك-ئەركىنلىك ئىزدەش"تىن"ۋەھشى قاۋاننىڭ گۈلزارلىقنى چەيلەپ نابۇت قىلىشى"غىچە "گۈزەل تاغ مەنزىرىسىنى زوق ئىزدەش"تىن "يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۈزەللىكنى نابۇت قىلىشى"غىچە  بولغان پىسخىك كەچۈرمۈشلەرنىڭ ھەممىسىدىلا گۈزەل مەنزىرە تەسۋىرىدىن    جاراھەتلىك قەلب دۇلقۇنلىرىنى تۈكۈپ ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ھۆكۈم سۈرگەن ئەينى زۇلمەتلىك رېئاللىق قاتتىق سۆكۈلگەن."سۈتتەك ئايدىڭ كېچە" بىلەن "سۈبھىدىكى قاباھەتلىك مەنزىرە"دىن "چۆچۈپ ئويغۇنۇش"تىن "رېئاللىقنىڭ بىر تىمسالى دەپ قاراش"قىچە بولغان قاتلاملاردا   ئۆزئارا ئوخشاشلىق،قىسمەن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت.
        ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى چاغدا تۇرپان يېڭى شەھەردە ئېچىلغان خەنزۇچە مەكتەپ- شۆتاڭنى1918 –يىلى 9-ئايدىن  1922-يىلى 6-ئايغىچە (خەنزۇچە تىل ئۈگىتىش-تەرجىمانلارنى تەربىيلەش سىنىپى) ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۇرگەن بولۇپ،بۇ مەزگىللەردە خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى بولۇپمۇ تاڭ دەۋرى شېئىرىيىتى بىلەن  پىششىق تونۇشىدۇ.ئىچكى ئۆلكىدە نەشىر قىلىنغان ئىلغار ئىدىيىلىك يېڭى ژورناللاردىن سۇن جۇڭشەننىڭ" ئۈچ خەلق مەسلىكى"نى ئوقۇپ،دېمگېراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۈستۈرگەن.ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا "خەلقنى بەختىيار كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش"تەك ئۇلۇغۋار ۋەتەنپەرۋەرلىك غايىسى يېتىلگەن. سىياسى سەھنىدىن چەتكە قېقىلغان. يۇرت ئاتلاپ كۆپ شەھەر-ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ،مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا سېلىشتۇرما تەپەككۇرگە ئىگە بولغان.
ئەندى تاڭ شائىرى لى بەيگە كەلسەك،ئۇ بىر سەيياھ بولۇپلا قالماي،بەلكى يەنە بىر ئۇلۇغۋار سىياسىي ئىستەككە ئىگە شائىر بولۇپ،20 يېشىدىن باشلاپ "ئەلنى تېنىچلاندۇرۇش،ئەل-يۇت ئىشلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلاش"تەك ئۇلۇغۋار غايىلەرنى  قەلبىگە پۈكۈپ ،ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسمىدىكى مەشھۇر تاغ-دەريا،ئىبادەتخانىلاردا زىيارەتتە بولۇپ، ئېسىل رومانتىك لىرىكىلارنى يېزىپ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ.شائىرنىڭ تەبىئىتى مەغرۇر،راستچىل،ھەققانىيەتچىل بولۇپ،فېئودال بەگ-تۆرىلەرگە خۇشامەت قىلمايدۇ ھەم ئۇلارنى نەزەر كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ.نامرات دېھقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا بولغان ھېسداشلىقى چوڭقۇر،ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنىشى كۈچلۈك بولۇپ،بۇ تەرىپى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشىشىپ قالىدۇ.
      دېمەك ئىككى شائىر مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش بولغان تىل-مەدىنيەت تەربىيىسى مۇھىتىغا؛ئۇلۇغۋار  غايە نىشانىغا، مەغرۇر،قەيسەر، غۇرۇرغا؛چەتكە قېقىلىش-باشقا يۇرتلاردا زىيارەتتە بولۇشتەك ئورتاق قىسمەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ تەرەپلەرمۇ قىسمەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى ھازىرلايدۇ،ئەلۋەتتە.
كونكرېت ئىككى ئەسەر تۆۋەندىكىدەك:

بىر پەلەكنىڭ خەمىكى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933)


سۈكۈتكە ئوخشاش كېچە،ئاق ئايدىڭدا بىر يىگىت،

بىرخىيال ئويغا چۆمۈپ يۇمغان كۆزىنى باش ئېگىپ.

ئاڭا مەن سالسام قۇلاق،گاھىدا ئاھى ئاڭلىنۇر،

بىلىنۇر ئاشۇ قىياپەتتىن ئۇنىڭ جىق دەردى زور.

ئاستىلاپ بېرىپ يېقىن ،مەن ئاڭا بەردىم سالام،

نېمە بولدى ئەي ئاداش دەپ باشلىدىم ئاۋۋال سالام.

-ۋەلەيكۇم ئەسسىلام ، رەھمەت ساڭا سورىما دېدى،

قوزغىما كونا كېسەلنى،كەت نېرى تۇرما،دېدى.

دېدىم:-ئەي جېنىم قېرىنداش،بولماسمۇ ياردەم بەرگىلى،

نېمە دەرد ئىدى ئۇ دەردىڭ،بولماسمۇ دەرمان بولغىلى.

بۇزۇرۇپ ماڭا قاراپ،بېشىنى نەچچە تاتلىدى،

قوشمىسىنى تۈرۈپ ئايغا قاراپ سۆز باشلىدى:

-تاڭ سەھەر ،سۈبھى ئىدى،نە بولدى قارا باستىمۇ،

غەلىتە ھايۋاننى كۆردۈم،قاۋانمۇ يا ئالۋاستىمۇ؟

مۇپتىلا بوپمەن چۈشۈمدە قاتتىق باش ئاغرىقىغا،

ئىزدىنىپ تاپماپتىمەن بۇ دەردىمە ھېچبىر شىپا.

خىزىر ئېلىياسمۇ دېگەيمەن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي،

"گۈل-ھىدى داۋا،-دېدى كۈڭلۈڭ ئاشۇنى خالىغاي"

گۈلنى ئىزدەپ گۈل-گۈلىستانغا قاراپ قىلدىم يۈرۈش،

شۇ ئۈمىد دەردكە داۋا بولغايمۇ دەپ گۈلنى كۆرۈش.

تىترىدى ئەزالىرىم،سوقتى يۈرەكلەر شۇزامان،

بېشىمغا ئۆرلەپتۇ سەپرا ،ئاغرىقى ئاندىن يامان.

قارىسام غەلىتە ھايۋان ،باغقا ئىكەن پاسىبان،

چوڭلىقى ئىت بىرلە تەڭ،خۇنسا ئىكەن جىنسى قاۋان.

مەن بۇنى كۆرگەچ دېدىم نەدىن كېلىپتۇ بۇ بالا،

بۇ مېرەزدىن ساقلىسۇن ھەر بەندە مومىننى خۇدا!

باغۋەن كۆرسە نىجىسنى باققا يول قويماس ئىدى،

ئۆلتۈرۈر ئىدى بېسىپ قايناق سۇغا سويماس ئىدى."

ئول ھەزەر ئەيلەپتىمەن ئۇنىڭ قاباھەت تۇرقىدىن،

چۆچۈپ ئويغاندىم شۇئان مەن سەسكىنىبان ئۇيقۇدىن.

ئەتتىگندىن تابۇكەمگە زادى ئۇيقۇم كەلمىدى،

قورقۇنىچلۇق بۇ قارا چۈشمۇ ئېسىمدىن كەتمىدى.

تىنمىدىم ھېچكىمسىگە ،بولغاي نېمە چۈش تەبىرى؟

توغرا تەبىرىڭنى بەرگىل،كەل يېقىن ئاداش بېرى.

ئەي ئاداش چۈشۈڭدە كۆرگەن شۇم پەلەكنىڭ تەغدىرى،

ئوڭۇڭدا كۆرگەنلىرىڭنىڭ چۈشۈڭدىكى بىر تەمسىلى.

مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى شۇنداق خىيالنى كۆپ قىلىپ،

كۆزلىرىمدىن قاچتى ئۇيقۇ ،يۈررۈردۇرمەن تۈن كېزىپ.

ئىككى دەردمەن مۇڭدىشىشقا بۇمۇ پۇرسەت كەلگىنى،

ئەسلىمىز ھەم ۋەسلىمىزدۇر بىر پەلەكنىڭ خەمىكى.

بولمىسا ياخشى رەپىق،بولغاي ھامان كۈڭلۈڭ چېچىق،

ئۇيغۇرا ،تۈن ئىلكىدە تاپتىڭ ئۆزۈڭگە بىر سىدىق.
1925-يىلى


چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ

لى بەي(701-762)تاڭ دەۋرى


دېڭىز ياقتىن كەلگەن خەقلەر دېيىشەركەن:

يەتمەك يىڭجۇ ۋىسالىغا مانان ئىچرە تەس كارامەت.

سۆز ئاچسا گەر جىېجاڭلىقلار تىيەنمۇدىمۇ،

شەپەقتە ئۇ گاھى غايىب گاھى زاھىركەن ئالامەت.

كۈكنى چورت كەسكەنمىش تىيەنمۇ تېغى ھەيۋەت بىلەن،

ياپقان چېچىڭ تېغىنىمۇ ،بەش تاغدىنمۇ چىققان ھالقىپ.

تىەنتەيشەنمۇ بولغان بىلەن تۆت تۈمەن ھەم سەككىز مىڭ گەز،

تىيەنمۇ تېغى ھوزورىدا تۇرار ئىكەن پەس قىيسىيىپ.

ۋۇ،يۆ سايان سەپەر قىلدىم چۈشۈمدە شۇ تاغنى كۆزلەپ،

ئەينەك كۆلگە يەتتىم ئۇچۇپ بىر تۈندىلا ئاخىر ئىزدەپ.

كۆل ئويبىتىپ ئايدىڭ كېچە قامىتىمنى،

شەنشى ياققا يولغا سالدى ھەم جېدەللەپ.

شيى لىڭيۈننىڭ قەدەم جايى ئۆز پېتىچە تۇرۇپتۇ ساق،

زىلال سۇلار ئويناپ ئاقار،چىرقىرىشار مايمۇن ھەدەپ.

شيى لىڭيۈننىڭ ياغاچ كەشىن كىيدىم ئەپلەپ،

كۈك بۇلۇتنىڭ چىڭ قەھرىگە چىقتىم ئۆرلەپ.

شەرقىي بەلدە زاھىر بولدى دېڭىزدىن كۈن،

ئىلاھىي توخو قاقاقلاشتى ئەرىشتە ئەجەب.

ئەگرى-بۈگرى،ئۇڭغۇل-دۇڭغۇل يوللار ئارا ھېرىپ قالدىم،

تاشقا تاياپ تىنىپ ئالدىم،گۈللەر ئويناپ شامغا قالدىم.

شىر-ئەجدىھار ھۇۋلاشلىرى تاغ-ئېقىننى بىرلا ئالدى،

قات-قات ئورمان سۈر –ھەيۋىتى ۋۇجودۇمغا قورقۇنچ سالدى.

بۇلۇت- تۇمان ساڭگىلىشىپ نىشان بەردى ھۆل يىغىندىن،

سۈزۈك مانان بۇغ ئۆرلىدى ئۈنچە-مارجان شۇخ ئېقىندىن.

چېقىلغانلار چاقتى شىددەت،تاغ يېرىلدى بىردىن شۇ پەيت،

يېرىلدى تاغ شۇندا بىردىن،چېقىن چىقىپ سالدى دەھشەت.

زاھىر بولدى زۇمرەتسىمان كەڭ سامادا ماڭا شۇ چاغ،

قۇياشنىڭ زەر نۇرلىرىدا چاقناپ تۇرغان سۈرلۈك راۋاق.

چۈشتى سانسىز پەرىشتىلەر رەت-رەت بولۇپ قاتارلىشىپ،

يەلنى دۇلدۇل قىلىپ،نۇردىن جۇلالىنىپ كېيىپ قۇراق.

يولۋاسلار تەڭ ساز ياڭرىتىپ،ئەنقا-سۇمرۇغ ھارۋا تارتىپ،

پەرىشتىلەر كۆز ئالدىمدىن سەلتەنەتتە ئۆتتى شۇنداق.

بىردىن چۆچۈپ ئويغىنىپمەن كۆزۈم، ئېچىپ،

ھەيرانۇ-ھەس قالدىم بۇڭا ئەجەپلىنىپ.

غايىب بوپتۇ چۈشۈمدىكى سىرۇ-ھېكمەت،

تۆشىكىمدە يېتىپتىمەن تەرگە پېتىپ.

كۆرگىنىمدەك ئىكەن چۈشتە ئالەمدىكى شادلىنىشلار،

شۇ قىياستا بولار ئىكەن ئەلمىساقتىن بارچە ئىشلار.

قايتار چېغىم نا ئېنىقتۇر ،تەقسىر ،كەتسەم خەيرىلىشىپ،

ئاق جەرەنگە مىنگىنىمچە يۈرەي ئەمدى ئالەم كېزىپ،

مەشھۇر تاغلار سەيلىسىگە كېتەي دەرھال قەدەم ئېلىپ.

بەگ-غوجامغا تىزىم پۈكۈپ،باش ئېگىشكە رايىم بارماس،

ئۇندا جاندا ئەركىن نەپەس،رۇخسارىمدا كۈلكە بولماس.
745-يىلى

سۆزلەر ئىزاھاتى:
1)تىيەنمۇ تېغى-جېجاڭ ئۆلكىسىدىكى بىر تاغ.
2)ئەينەك كۆل-جېجاڭ ئۆلكىسىدىكى جىنخۇ كۆلى.
3)شەنشى-دەريا نامى،جېجاڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدە.
4)شيې لىڭيۈەن-جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سوڭ پادىشاھلىقىدا ئكتكەن شائىر.
5)شەرقىي بەل-تاغنىڭ كۈنگەي يوتىسىنى كۆرسىتىدۇ..
69ئىلاھىي توخو-رىۋايەت قىلىنىچە،شەرقىي جەنۇپتىكى تاۋدۇ تېغىدا بىر تۈپ دەرەخ بولۇپ،تاۋدۇ دەرىخى دەپ ئاتىلىدىكەن.ئۇنىڭ بىر شېخى بىلەن يەنە بىر شېخىنىڭ ئارىلىقى 3000چاقىرىم كېلىدىكەن.شۇ دەرەخ ئىلاھىي توخونىڭ قوندىقى ئىكەن.بۇ توخۇ ھەر كۈنى ئەتتىگنلىكى قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال چىللايدىكەن.ئالەمدىكى توخولار ئۇنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ،ئاندىن چىللاشقا باشلايدىكەن.
7)سۈرلۈك راۋاق-ئەۋلىيا-ئەنبىيالار تۇرىدىغان جاي دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

      2.ئىجادىيەت مېتوتى جەھەتتىكى ئوخشاشلىق
     ئىجادىيەت مىتوتى شائىرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى ،دۇنياقارشىنىڭ تەرەقىياتى قاتارلىق مەسىللەرگە ئالاقىدار بولىدۇ.شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياش ۋاقىتلىرىدا خەنزۇچە ئۈگىنىش جەريانىدا سۇنجۇڭشەننىڭ "ئۈچ خەلق مەسلىكى"نىڭ قىسمەن تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ،ئۇ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدلەنگەنىدى يەنى << ھۆكۈمەت ھامان سۇن جۇشەننىڭ ئىلغار "خەلق ئۈچ مەسلەك"ىنى ھامان يولغا قويىدۇ. ئىلىم-پەننى تەشۋىق قىلىش ۋە مەدىنيەتنى يېڭىلاش،ئۆزىنى تەرەقىي قىلدۇرۇپ،چەتئەلنىڭ ئىلغار مەدىنيەتلىرىنى،تېخنىكىلىرىنى ئۈگەنگەندىلا يېڭى تۇرمۇشقا ،ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ>>دېگەندەك  ئىنقىلابىي رومانتىك تۇيغۇ كۈچلۈك ئىدى.ئەمما ياش ئوزاققا بارماي ياڭ زېڭشىن ئەكسىيەتچى ھۈكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمى ۋە فېئۇدالىزمنىڭ ئاسارىتىدە زۇلمەتلىك سىياسى ،قالاق ئىقتىسادىي ئىگىلىكى،بېكىنمە ،تار كونا مەدىنيەتنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى دەھشەتلىك ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلىپ قالدۇ. شائىرسابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىش زىيارىتىدە سېلىشتۇرما تەپەككۇرگە ئىگە بولۇپ، دېمگىراتىزملىق ئىدىيىدە چوڭقۇرلاپ ئەڭ بالدۇر ئويغىنىپ "چوقان"سالىدۇ.شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ«بىر پەلەكنىڭ خەمىكى»ناملىق شېئىرى ئەنە شۇنداق روھىي ھالەتتە 1925-يىلى سابىق سۆۋېت ئىتىپاقىدا زىيارەتتە،ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا يېزىلغان بولۇپ،شۇ چاغدا  شائىر ئۆزىنىڭ مەنىۋىي تەنھالىقىنىڭ سىرداش، يۆلەنچۈكى بولغان بىر ياخشى "سىدىق"قا ئېرىشكەنلىكىنى مەزكۇر شېئىردا يۇشۇرۇن غايىۋىي بىر ئوبراز سۈپىتىدە رومانتىك  ئىپادىلەپ بەرگەن.شائىر بۇ خىل ئىدىيەسىنى كېيىن رۇبائىي سۈپىتىدە مۇنداق جاكارلايدۇ :
«ھەقىيقەت روھىي قېچىپ كەتتى مېنىڭ دىيارىمدىن،
نە بولدى خوش پۇراقى ھېچ كەتمىدى بۇ دىماغىمدىن.
ئىزدىدىم كۆپ،تاپمىدىم شەجەن-روجەن سەھراسىدىن،
ئىزدىبان تاپتىم-دە،ئالدىم لېنىننىڭ گۈل باغىدىن.»

    ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ (1923-1926)ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە ،ئىچكىي-تاشقى كۈچلەرنىڭ قاتمۇقات توسالغۇلارغا ئۇچراپ ،"تىڭرىقاش"ئىچىدە ئۆزىنى مەنىۋىي جەھەتتە ھەرقاچان تەنھا ھېس قىلىپ، قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى شائىرنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىدىن كۆرۋېلىش مۇمكىن.
شۇنى بىلىش كېرەككى،ئىجادىيەت مېتوتى دۇنياقاراشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغانلىقتىن ،دۇنيا قاراش ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.ئەمما ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھامان دۇنياقارشنىڭ "ئەپسۇن چەمبىرىكى"دىن ھالقىپ كېتىدۇ.مۇشۇنداق روھتا سۇغۇرۇلغان ئەسەرلەرلا ھەقىيقەت ساداسىنى جۇشقۇن ياڭرىتىپ،ئەل قەلبىنى مايىل قىلىدۇ.بىر شائىرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە دۇنياقاراشنىڭ ئۆزگۈرۈشى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.مەيلى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسۇن ۋە مەيلى تاڭ شائىرى لى باي بولسۇن بۇلارمۇ بۇ ئىجادىيەت پىرىنسىپىدىن مۇستەسنەا ئەمەس،ئەلۋەتتە.
     لى بەينىڭ «چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ»ناملىق شېئىرى ئىجادىيەت مېتوتى جەھەتتىن كلاسسسىك ئاكتىپ رومانتىزمغا مەنسۇپ بولۇپ،شائىرنىڭ رېئاللىققا بولغان تەنقىدىي پوزۇتسىيەسى كۆپتۈرمە مۇبالىغە،ئاجايىپ-غايايىپ،سېلىشتۇرما باغلانما تەسەۋۋۇرلارنىڭ ياردىمىدە چوڭقۇرلۇق تاپىدۇ.بىز لى بەينىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت مۇساپىسىگە نەزەر ئاغدۇرساق،مەزكۇر شېئىر لى بەينىڭ دۇنياقاراش جەھەتتە خىيالىي دۇنياغا ،چەكسىز ئەركىنلىككە تەلپۈنۋاتقان ،"ئەل-يۇرتنى خاتىرجەملەندۈرۈش،ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇش"ئۇلۇغۋار غايىسى تازا كۈچەيگەن چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ.ئۇ بۇ مەزگىلدە چاڭئەندىن سىقىپ چىقىرىلغان بولۇپ،روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي قاتتىق ئىچ پۇشۇش،نارازلىق، ئۆچمەنلىك، غەزەپ-نەپرەت، ئۈمىتسىزلىك قاپلىغان بولۇپ، سىياسىيدىن بىراقلا رايى قايتقان.دېمەك،سىياسىيدا مەغلۇپ بولۇپ،دۇنياقارىشىدا قارىشلىق ،چوقان،سىياسىدا ئۈمىتسىزلىنىش-«پەش قېقىپ ،چىقىپ كېتىش»تەك مۇرەككەپ روھىي ھالەتتە ئىدى.ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى چەكسىز ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ئەسەبىي ھېسىياتى رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا دەرھەم يېگەنلىكتىن،شائىر فېئودال بەگ-تۆرىلەرگە قارىشى جەڭ ئېلان قىلىدۇ.شۇڭا ئۇ تاللىۋالغان ئىجادىيەت مېتوتى جەڭگىۋارلىققا تولغان ئاكتىپ رومانتىزم بولۇپ،بۇ خىل ئىجادىيەت مېتوتى شائىرنىڭ ئەينى چاغدىكى دۇنياقارىشىغا خويمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ،فېئوداللىق زۇلمەتلىك دەۋر لى بەي ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش ۋىجدانلىق، غورورلۇق،كۆپنى كۆرگەن،بىلىملىك گۈزەل تەسەۋۋۇر، ئۇلۇغۋار غايە-خىياللارغا باي شائىرلارغا نىسبەتەن بىراقلا توقۇنۇش بولسا،تىڭىرقاش ئىچىدىكى قاتتىق نازارلىق كەيپىياتى،ئەركىن يېڭى دۇنياغا بولغان ئىنتىلىش ئىستىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە شائىرلار جەمىيەتكە بولغان تەنقىدىي ھېسىياتى،زىدىيەتلىك روھىي دۇنياسىنى خىيالىي مەنزىرە ئارقىلىق كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش،يۇشۇرۇن ھېسسىي ئوبرازلار،سىمۋۇللۇق قەھرىمانلارنى يارىتىپ ئۇزۇندىن بويان بۇرۇختۇرما ھالەتتە تاشاي دەپ  تاشالماي چىڭقىلىپ تۇرغان ئىچ پۇشۇقىنى تازا چىقىرىۋالىدۇ.بۇنداق رومانتىزنملىق ئىجادىيەت مېتوتى ئاكتىپ،قىزغىن،جەڭگىۋارلىققا تولىدۇ. دېمەك <<بىر پەلەكنىڭ خەمىكى>>بىلەن«چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ»ناملىق ئىككى پارچە رومانتىزملىق ئەسەرنىڭ تەبىئىي رەۋىشتە ئوخشىشىپ قالغانلىقىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى ئۇلاردىكى ئىجادىيەت مېتوتى جەھەتتىكى  ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى ئورتاقلىقىدىن بولغان.بولۇپمۇ ئىككى شائىردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇنىڭ پارتلىشى  ئورتاق بولۇپ،بۇ ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مېتوتىغا  ئوخشاش تەسىر كۆرسەتمەي قالمىغان.
3.   بەدىئىي ۋاسىتە-«سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى»دىكى ئوخشاشلىق
     «بىر پەلەكنىڭ خەمىكى»ناملىق شېئىردا شائىر ئەينى دەۋىردىكى ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى ، ياڭ زېڭشىن ئەكسىيەتچىل ھاكىميىتىنىڭ ئەركىنلىك، مەرىپەت، كىشىلىك ھوقوقنى دەپسەندە قىلىپ بېكىنمە ھالەتتىكى قاتمال،كونا سىياسى تۈزۈلمىسى ئاستىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى دەھشەتلىك مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇم دەستىدىن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ماغدۇرىدىن كەتكەن، ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان زۇلمەتلىك يىللارنى گۈلزارلىققا ۋەھشىي قاۋان ھۈكۈمران بولۇپ،گۈل-گىياھنى،باغنى خازان قىلىۋاتقان ، گۈزەللىكنى پايخان قىلىۋاتقانقىدىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشلىرىنى سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى ئارقىلىق ئوبرازلىق رەۋىشتە چوڭقۇر ئېچىپ بېرىدۇ.
      شائىر بۇ رومانتىزملىق شېئىرىدا «ۋەھشى قاۋان پايخان قىلغان گۈلزارلىق»نىڭ قاباھەتلىك مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىدۇ.باغۋەن نەگە كەتكەندۇ؟دېمەك باغۋەنسىز قالغان باغ-بىرەر داھىسى،پاسىبانى بولمىغان ۋەتەن،ئىگىسىز قالغان ۋەتەن،خورازسىز ۋەتەن،بۈركۈتسىز ۋەتەن!خەلقى مەنىۋى ئاسارەتتە قالغان، سىنىپىي ۋە مىللىي زۇلۇم دەستىدىن قۇل بولۇپ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ،نامراتلىق،قاششاقلىق،يۇرتۋازلىق،مۇناپىقلىق ،قۇلچىلىق،خوشامەتچىلىك ئەۋج ئالغان جەمىئەتكە قاتتىق ئېچىنغان شائىر بىر ھەقىيقىي پاسىبان-«باغۋەن»بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.خىيالەن باغۋەننىڭ ياردىمىگە موھتاجلىقىنى ئىپادىلەپ،چوقان سالىدۇ.دېمەك شائىر بارلىق ئۈمىدىنى«باغۋەن»گە باغلايدۇ.ھوشىيار ،ئويغاق باغۋەن بولغان بولسا،مۇشۇنداق"قاباھەتلىك  پاجىئە» يۈز بەرمەيتتى،دەپ قارايدۇ.

«باغۋەن كۆرسە بۇ  نىجىسنى باغقا يول قويماس ئىدى،
ئۆلتۈرۈر ئىدى بېسىپ قايناق سۇغا،سويماس ئىدى.»

     باغۋەن يوقمىدى؟ئەلۋەتتە بار.ئۇنداقتا گۈزەل باغقا بەت-بەشىرە، جىنىسى خۇسا- قاۋاننى نېمىشقا« باغۋەن» كۆرمەي قالدى؟دېمەك،«باغۋەن»ھوشيار بولمىغان،بىخوتلاشمىغان  بولسا،بۇنداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايتتى.
شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى،شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى چاغدا خەلقنىڭ بىخوتلۇق ئىلكىدە قالغان ئېچىنىشلىق ھالىتىگە قاتتىق قايغۇرىدۇ.بۇ يەردە شائىر مەنىۋىي نادانلىق سەۋەبىدىن ئەل-يۇرت خاراب بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىيقەتنى يورۇتۇپ بەرگەن.شېئىردىكى بىشارەتلىك تۇيغۇ-پىكىرگە دىققەت قىلساق،شائىر ئىزدەۋاتقان "ھۇشيارلىق دورىسى"ماركىسسزم،لېنىننىڭ ھەقىيقىتى بولۇپ،ئۇ بۇ نۇقتىنى سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقلىقىغا چىققاندا سېلىشتۇرما تەپەككۇر ئارقىلىق كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئىنىق.مەنىۋىي تەنھالىقتا ئەڭ ياخشى بىر دوستقا ئېرىشىش ئىستىكى شائىرنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.شۇڭا شائىر ئۆزىنىڭ مەرىپەت،ھۈرلۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى بىۋاستە ئىپادىلمەستىن "خىيالچان يىگىت"نىڭ سۈبھىي پەيتىدە كۆرگەن قاباھەتلىك چۈشى بىلەن يۇشۇرۇن،بىشارەتلىك سىزىپ بېرىدۇ.ھەمدە ئۆزى بىلەن تەغدىرداش ،بىر ياخشى دوستقا بولغان تەشنالىقى ،تەغدىرداشلىق ھېسىياتى ئارقىلىق زۇلمەتلىك رېئاللىققا بولغان كۈچلۈك نازارلىقىنى،چوقانىنى جاكارلايدۇ.ھاكىميەت بېشىدىكى ئەركىنلىك،گۈزەللىكنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ۋەھشى  قارا كۈچلەرنى بولسا:
«قارىسام غەلىتە ۋايۋان باغقا ئىكەن پاسىبان،
چوڭلۇقى ئىت بىرلە تەڭ ،خۇنسا ئىكەن جىنسى قاۋان.»
دەپ تەسۋىرلەپ،"ئەركەك-چىشىلىقىنىڭ ھېچ بىر تاينى يوق_خۇنسا"دەپ  مەسخىرە قىلىدۇ.
شائىر رېئاللىقتىن چۈش دۇنياسىغا ئۆتۈش،ئاندىن يەنە رېئاللىققا قايتىپ كېلىشتەك سىيوژۇت جەريانى ئارقىلىق:
«-ئەي ئاداش چۈشۈڭدە كۆرگەن شۇم پەلەكنىڭ تەغدىرى،
ئوڭۇڭدا كۆرگەنلىرىڭنىڭ چۈشۈڭدىكى بىر تەمسىلى.»
دەپ يېزىپ، قاباھەتلىك چۈشنىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسىنىڭ يىپ ئۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ»ناملىق شېئىردىمۇ لى بەي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭسىزلىككە ،سەپسەتە بىلەن ھەقىيقەت ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىنغان ناھەقچىلىكلەرگە بولغان كۈچلۈك نارازلىقىنى ،غەزەپ-نەپرىتىنى«سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى» ئارقىلىق تېخىمۇ جانلىق خىيالىي شېئىرىي مۇھىت ئىچىدە دارىتمىلايدۇ.شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئوخشاشلا «سۈتتەك ئايدىڭ»دا گۈلزارلىق-گۈزەللىك ئىزدەشكە بولغان قىزغىن كەيپىيات داۋام قىلىدۇ.شائىر خۇددى ئايدىڭدىكى ئەينەكتەك كۆلدىن بىمالال ،راۋان ئاققۇدەك ئۇچۇپ ئۆتۈدۇ.تويۇقسىز جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ،ئېيىق،ئەجدىھارلارنىڭ قاتتىق نەرىسىدە زېمىن تىترەيدۇ.چاقماق چېقىپ يامغۇر ياغىدۇ.ئەمما پەرىزاتلارنىڭ ياردىمىدە بۇ قاباھەتلىك دۇنيادىن خالاس بولىدۇ. شائىر بۇ قاباھەتلىك چۈشىنى ئۇستىلىق بىلەن  رېئاللىققا تەدبىقلاپ مۇنداق يازىدۇ:
«كۆرگىنىمدەك ئىكەن چۈشتە ئالەمدىكى شادلىنىشلار،
شۇ قىياستا بولار ئىكەن ئەلمىساقتىن بارچە ئىشلار.
قايتار چېغىم نا ئېنىقتۇر ،تەقسىر ،كەتسەم خەيرىلىشىپ،
ئاق جەرەنگە مىنگىنىمچە يۈرەي ئەمدى ئالەم كېزىپ،
مەشھۇر تاغلار سەيلىسىگە كېتەي دەرھال قەدەم ئېلىپ.
بەگ-غوجامغا تىزىم پۈكۈپ،باش ئېگىشكە رايىم بارماس،
ئۇندا جاندا ئەركىن نەپەس،رۇخسارىمدا كۈلكە بولماس.»

      مەزكۇر شېئىرنىڭ يېزىلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق:
"ئەينى دەۋىردە  تاڭ شۈەنزۇڭ  لى بەينى ئوردىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھايىتى ئەتىۋارلايدۇ.لى بەيمۇ ئەمدى ئۇلۇغۋار ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلدى ،راسا ئىشلەپ تۆھپە يارىتىدىغان بولدۇم،دەپ شادلىنىدۇ.لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا بەزەن ئىچى يامان تۆرىلەر لى بەينى پادىشاھقا چاقىدۇ.پادىشاھ لى بەينى سوۋغا-سالام بىلەن يۇرتىغا قايتۇرىدۇ.بۇ لى بەينىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى ئىدى.شۇ سەۋەب بىلەن پايتەختتىن چىقىپ،شەندۇڭغا قايتىدۇ.تىيەنباۋنىڭ 4-يىلى(مىلادى 745-يىلى)ئۇ قەدىمكى ۋۇ بەگلىكى ۋە يۆ بەگلىكى بولغان چاڭجىياڭ ۋادىلىرىنى ساھاھەت قىلىش مەقسىتىدە يولغا چىقماقچى بولغاندا ،مۇشۇ شېئىرنى يېزىپ قەدىناس دوستلىرى بىلەن خوشلىشىدۇ.( " جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر"ناملىق كىتابنىڭ 52-بېتىگە  قارالسۇن)
دېمەك،لى باي بۇ شېئىرىدا  تىيەنمۇ تېغىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى قويۇق ئەپسانە-رىۋايەتلەرگەباغلاپ،سىرلىقلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، چۈشىدە ئايدىڭدا  تىيەنمۇ تېغىغا سەپەر قىلىپ،سۈبھىدە ئۇنى سەيلى قىلغانلىقى،"گۈل ئىزدەش-گۈزەللىك تاماشاسى قىلىش"ئارزۇسى يوققا چىقىپ،ۋەھشى ھايۋانلار-ئېيىق،شىر،ئەجدىھارلارنىڭ گۈلزارلىقنى چەيلەپ قىلغان قاتتىق نەرەرىسى بىلەن جاھاننى زۇلمەت قاپلاش"تەك قاباھەتلىك مەنزىرە ئارقىلىق  رەھىمسىز رېئاللىققا دارىتمىلاپ،ئەينى چاغدىكى ھۈكۈمران بەگ-تۆرىلەرگە بولغان كۈچلۈك نارازلىق  غەزەپ-نەپرىتىنى دارىتمىلاش ئۇسۇلىدا ئىپادىلەيدۇ.
ئەندى  بۇ  ئىككى پارچە مەشھۇر رومانتىك  ئەسەرنىڭ  سوژۇت تەرتىپىگە نەزەر ئاغدۇرساق، «رېئاللىقتىن چۈش دۇنياسىغا ئۆتۈش،ئاندىن يەنە رېئاللىققا قايتىپ كېلىش"؛"ئايدىڭ كېچە مەنزىرىسى»؛« پاجىئە سۈبھىدە يۈز بېرىش»،« قاباھەتلىك چۈشتىن سەسكىنىپ ئويغۇنۇپ، رېئاللىقتا بۇ ئىشلار بار دېيىش»تەك بىر قاتار ئەگرى-توقاي دراماتىك  پىسخىلك جەريانلاردا   ئۆزئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
قىسقىسى،مەيلى«بىر پەلەكنىڭ خەمىكى» دە بولسۇن،مەيلى «چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ>>تا بولسۇن  ھەر ئىككىلا ئەسەردە شائىر سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى ئارقىلىق،قويۇق رومانتىزملىق شېئىرىي مۇھىت يارىتىپ،شۇ ئارقىلىق رەھىمسىز رېئاللىق دارىتمىلانغان.نارازلىق،غەزەپ-نەپرەت، ئەركىنلىككە زار بولۇش تۇيغۇلىرى كۈچلۈك.كونكرېت ئېيتقاندا،شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي سىمۋۇللۇق شەيئىي "گۈل"ئوبرازى ئارقىلىق ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك تەقازاسىنى ئىزھار قىلغان بولسا،تاڭ شائىرى لى باي« گۈلزارلىققا تولغان،نۇر،ئاپتاپ جىلۋىلەنگەن ئىلاھىي تاغ مەنزىرىسىنى بىمالال سەيلە قىلىش"ھېسىياتىنى تەسۋىرلەپ،ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك تەلپۇنىشىنى،"گۈزەللىكنى پايخان قىلغان»رەھىمسىز رېئاللىققا بولغان قاتتىق نارازلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەر ئىككىلا ئەسەردە كلاسسىك سىمۋۇللار ئىشلىتىلگەن بولۇپ،ماھىيەتتە ئەسەردە زوق-شوقى بىلەن ئاجايىپ-غارايىپ گۈزەل ،تەڭداشسىز  قىلىپ تەسۋىرلەنگەن«گۈل ماكان»-غايىدىكى ۋەتەن-ئەركىنلىك دۇنياسىدۇر.بىز بۇ ئىككى شائىرنىڭ ھايات قىسمىتى ۋە شۇ چاغدىكى ئىدىيۋىي كەيپىيات،دۇنيا قارىشى نۇقتىسىدىن چىقىپ كۈزىتىدىغان بولساق،ئورتاق سىنىپىي جەمئىيەت يەنى فېئوداللىق زۇلمەتلىك دەۋىردە ئەركىنلىك سۆيەر،ۋەتەنپەرۋەر ئوت يۈرەك شائىرلارنىڭ قاتمۇقات توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ،چەتكە قېقىلدىغانلىقىنى؛دەسلەپ«چوقان سېلىش»،ئاندىن «تىڭرىقاش»،ئاخىرىدا«ئېسىيان كۈتۈرۈش»تەك ئورتاق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز.
شۇنى بىلىش كېرەككى،شائىرنى دەۋر توغىدۇ.شائىر دەۋىرنىڭ ئوغلانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز دەۋرىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.زۇلمەتلىك دەۋىردە ياشىغان شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدە مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن ئازدۇر-كۆپتۇر تەرەپلەردە ئورتاقلىقلار بولۇپلا قالماي،ھەتتا كەچۈرمۈش-قىسمەت،ئۆي-خىيال،ئارزۇ-ئىستەك جەھەتتىمۇ ئۆزئارا  ئوخشىشىپ قېلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
4.«چۈش تەسرى»نىڭ رومانتىزملىق ئىجادىيەت مېتوتىدىكى ئورنى
"چۈش تەسۋىرى"ئارقىلىق غايىۋى دۇنيانى ئىپادىلەش_رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىلەش ۋاستىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى پەۋقۇلادە رولىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ.ئەدەبىيات تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك،بۇ خىل بەدىئىي ماھارەتنىڭ ئىزنالىرىنى خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغانلىقىنى،ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىدا ئەزەلدىن بار بولغان بىر ئورتاق بەدىئىي ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.ئەمما "چۈش"نى ئىپادىلەش كلاسسك رومانتىزمدا ماكان-زامان جەھەتتىن " تەرتىپلىك" بولسا،يېڭى رومانتىزملىق ئىجادىيەتتە بۇ «تەرتىپ» جەھەتتىن ئاستۈن-ئۈستۈن قىلۋېتىلگەن بولۇپ،تەرتىپسىزلەندۈرۈش ۋاستىسى ئارقىلىق،مۇرەككرەپ روھىي دۇنيا كەچۈرمۈشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر،سىرلىق،جەلىپكار قېزىپ بېرىدۇ.شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر "گۈلزارلىقنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان بەت-بەشىرە ھايۋان"ئوبرازىنى يارىتىپ،"گۈزەللىك"كە قارىمۇقارىشى ھالدا "سەتلىك"شەكىللەندۈرۈپ،شەئىلەرنىڭ زىدىيەتلىك كۈرىشىدە ئۆز غايىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ گۈزەل كېلەچەككە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشىنى ئىزھار قىلسا،تاڭ شائىرى لى بەيمۇ "تەڭداشسىز گۈزەللىك"نىڭ قارىشىسىدا "قورقۇنىچلۇق ۋەھشى يىرتقۇچ ھايۋان"لارئوبرازىنى قويۇپ،ئۇنى ئۆز خائىشى ئاساسىدىكى "پەرىزت"لارنىڭ ياردىمىدە يەنى" گۈزەللىك"نىڭ پەۋقۇلادە زور  ياردىمىدە تەل-تۈكۈس غەلبە قىلىدۇ.بىز بۇ خىل سىمۋۇللۇق تەركىبلەرنىڭ يېلتىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەزەلدىن بار بولغان كلاسسىك سىمۋۇللار ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا بىلىۋالىمىز.ۋەھشى قانخور ھايۋانلار فولىكلوردا رەزىل كۈچلەرنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ.گۈزەل شەيئىلەر بولسا،ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان،روھى تۈۋرۈك سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ،كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات پەيدا قىلىدۇ.
"چۈش تەسۋىرى"-رومانتىزملىق ئەسەرلەردىكى قەلب دېئالوگىنى تولۇق ئېچىپ بېرىدىغان سېھىرلىك ئاچقۇچ.ئاپتور ئۆز غايىسىنى ئەنە شۇ ئەركىن،خائىشى بويىچە يازسا بولىدىغان مەۋھۈم دۇنيانى ئىنچىكىلىك بىلەن چوڭقۇر تەسۋىرلەپ،تولۇپ-تاشقان قىزغىن ھېسىياتى بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى مەدھىيلەيدۇ.ياۋۇز كۈچلەرنى ئۆچىنى قانغۇدەك ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.دېمەك،چۈش تەسۋىرى"نىڭ رومانتىزملىق ئەسەرلەردە تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،ھەتتا پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئاسساسىي مۇددىئاسى،ئاپتورنىڭ سىياسىي مەيدانى،مۇھەببەت-نەپرىتى مانا مۇشۇ "ئەركىن دۇنيا"غا مۇجەسسەملەندۈرۈلۈپ،پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ يارقىن،پارلاق قىلىپ يارىتالايدۇ.
كلاسسىك رومانتىزملىق ئەسەرلەردە ئاپتور چۈش دۇنياسىنى رېئاللىقتىن ئايرىمچە مۇھىتقا قويۇپ تەسۋىرلىگىنى بىلەن يېڭى رومانتىزملىق ئەسەرلەردە چۈش بىلەن رېئاللىق ئايرىلماس بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەچكە گۇڭگىلاشتۇرۇلغان ۋەقەلىك ھاسىل بولىدۇ-دە،ئاپتور ئاشۇ مەۋھۈم دۇنيا ئىچىدە كونكېرېت رېئال دۇنيانى ئۆزىگە خاس سىمۋۇل بىلەن ئايرىمچە يارىتىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ"تەن" نى ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ،كەيگەن "چاپان"نى ئوخشىمايدۇ.گەپ ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى يەنى مۇشۇ سىرلىق ،مەپتۇنكار رومانتىك قەھرىماننى يارىتىش مۇددىئاسىنى چۈشىنىش-چۈشىنەلمەسلىكتە.
رومانتىك شائىرلار ھەمىشە ئەپسانە، رىۋايەت،چۆچەكلەردىن دېتال ئالىدۇ.بۇنداق ئەسلى تىپلارنىڭ ئەسەرنى" سىرلىقلاشتۇرۇش"يەنى جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي،يەنە باغلانما ئەركىن  تەسەۋۋۇرنى بېيىتىشتا،ئەسەرنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ،ئوبرازلارنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاغۇرغىلى بولىدۇ.بايا سېلىشتۇرۇلغان ئىككى مەشھۇر رومانتىزىملىق شېئىرنىڭمۇ بۇ خىل سېھرىي كۈچتىن رومانتىك قەھرىمانلىرىغا ئۇچقۇر  قانات ياسىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
     رومانتىزلىق ئەسەرلەردە ئاپتور ئۆز خائىشىچە ھېسسىي مەنزىرە يارىتىپ ،رېئاللىقنى ھەقىقىي ئېچىپ بەرگەندىلا،ئاندىن ئىلغار غايىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.مانا مۇشۇنداق رومانتىزملىق ئەسەرلەر ئاكتىپ رومانتىزملىق ئەسەر دېيىلىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە،زىيادە قايغۇلۇق،پاجىئەگە تەن بېرىشنىلا تەسۋىرلىسە،ئۇ چاغدا ئۇ رېئاللىقنى يۈزەكى ياكى بۇرمىلاپ ئەكس ئەتتۈرگەن رومانتىزملىق ئەسەر بولۇپ قېلىپ،پاسسىپ رومانتىزم دەپ ئاتىلىدۇ.بۇنداق ئەسەرلەردە چۈشكۈن كەيپىيات،قۇرۇقتىن-قۇرۇق زارلىنىشلا بولۇپ،قىلچە پىكىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ.خەقنى قايمۇقتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ،تۇرمۇشتىن،ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە يېتەكلەيدۇ.<<بىر پەلەكنىڭ خەمىكى>>بىلەن <<چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ>>ناملىق رومانتىزملىق ئەسەرلەر بولسا،رېئاللىققا چوڭقۇر ،دادىل يۈزلەنگەنلىكتىن كىشىنىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتىنى ئويغۇتۇپ،ئۇلارنى ئىجتىمائىي تەڭسىزلىككە قارىشى كۈرەش قىلىشقا،ئەركىنلىكنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ياۋۇز قارا كۈچلەرگە قەتئىي زەربە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.دېمەك،جەمىئەت تەرەققىيات قانۇنيىتىگە ئويغۇن ھالدا ئىلغار ئىدىيە،گۈزەل كېلەچەك ئىنتىلىشلىرىنى ئالغا سۈرىدۇ.مانا بۇلار مەزكۇر رومانتىزملىق ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ،ھەرقاچان قوللىنىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ئىجادىيەت تەجىربىسى ھېسابلىنىدۇ.
      5.ئاخىرقى خۇلاسە
      ئومۇمەن،شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <<بىر پەلەكنىڭ خەمىكى>> ناملىق شېئىرى بولسۇن،ياكى  تاڭ شائىرى لى بەينىڭ<<چۈشۈمدە تىيەنمۇ تېغىنى زىيارەت قىلغانلىقىمغا بېغىشلاپ>>ناملىق شېئىرى بولسۇن ھەر ئىككىلا شېئىردا رومانتىزملىق ئىجادىيەت مېتوتىدا "سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى"ئارقىلىق غايىۋى قەھرىمانلار ئوبرازى ئاساسىدا ئىجتىمائىي تەڭسىزلىككە بولغان كۈچلۈك نارازلىقىنى،،ئەركىن يېڭى تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى ،مەنىۋىي تەنھالىقتىكى بىر ياخشى ھەمكارغا قانچىلىك موھتاج بولغانلىقىنى شەخسىي كەچۈرمۈش دېتالىغا سىڭدۈرۋەتكەن بولۇپ،بۇ قەھەتلەردە ئورتاق ئوخشاشلىققا ئىگە.ئىككى ئەسەنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەش قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ،"ئاۋۋال رېئاللىقتىن چۈش دۇنياسغا ئۆتۈش،ئاندىن يەنە رېئاللىققا قايتىپ كېلىش"تەك "ئۈچ بۇرجەكلىك"قايتىلانما جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.دېمەك،ئورتاق كەچۈرمۈش،ئورتاق ئىستەك فېئودالىزم جەمىيىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئىككى شائىرنى ئوخشاش ئىجادىيەت مېتوتىنى تاللاشقا،ئوخشاش "چۈش ۋاستىسى"نى تاللاپ قەلب دۇلقۇنلىرىنى ئىزھار قىلىپ،رەھىمسىز رېئاللىقنى سۆكۈشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا،رومانتىزملىق ئەدەبىيات تارىخىدىكى بۇ ئىككى مەشھۇر ئەسەرمەلۇم مەزگىللىك تاسادىپىي ئاز-پاز   ئوخشىشىپ قالغان  ئورتاق دۇنياقاراش، ئورتاق قىسمەت،ئورتاق كەيپىيات ،ئورتاق غايە ئاساسىدا ئوبراز يارىتىش ئۇسلوبى جەھەتتىن ئۆزئارا ئوخشىشىپ قالغان.بولۇپمۇ "سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى"دىن پايدىلنىش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشىشىپ قېلىشى رومانتىزملىق ئىجادىيەت مېتوتى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەسەردە ئوخشاش شەكىلدىكى ئىپادىلنىشى بولۇپ،بىزنى بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى <<مۇنازىرە ئەدەبىياتى>>شەكلىدىن ماھىرانە پايدىلنىپ،ۋەقەنى بايان قىلغان بولسا،لى بەيمۇ جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدبىياتىدىكى ئەپسانە،رىۋايەتلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلنىپ،تىيەنمۇ تېغىنى ئىنتايىن سىرلىق غايىۋىي مەنزىرە بىلەن چۆمكەپ <<سىرلىقلاشتۇرۇش>>ئالاھىدىلىكىگە ئىگەقىلىپ،قەلب دۇلقۇنلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ.ھەر ئىككىلا ئەسەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن مول ئوزۇق ئالغان بولۇپ،رومانتىك ئەركىن دۇنياغا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلەشكە ئوبدان خىزمەت قىلدۇرغان.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى،شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەلۋەتتە، لى بەينىڭ مەزكۇر ئەسىرىدىنى ئوقۇغانلىقىدا شۆبھە يوق.ئەمما ئىككى شائىرنىڭ تۇرمۇشى،ياشاش شەكلى،تەربىيلىنىشى،ئىدىيۋىي قارىشى  جەھەتلەردىكى پەرقى زور بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى ئەسەردىكى ئەركىن  باغلانما تەسسەۋۋۇرنىڭ ماددىي ئاساسىمۇ ئوخشاش بولمىغانلىقى شۇنداق ئوخشىشىپ قېلىشنى دەلىللەيدۇ.شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،"سىمۋۇللۇق چۈش تەسۋىرى"نىڭ رومانتىزملىق ئىجادىيەت مېتوتىدىكى ئورنى مۇھىم بولۇپ،بۇ خىلدىكى ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى دەل مۇشۇ  بەدىئىي ۋاستىنىڭ رېئاللىقنى ھەقىيقىي قېزىپ چىقالىشىغا،ئىلغار غايە ئاساسىغا قۇرۇلۇشىغا  باغلىق.

پايدىلنىش ماتېرياللىرى:
1.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر:«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى1-ئاي نەشىرى.
2.ئىسمائىل تۆمۈرى:«ئىسسلاھات ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2004-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى.
3.«جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1991-يىلى11-ئاي نەشىرى.
4.ئابدۇرۇسۇل راخمان: «سېلىشتۇرما ئەدەبىيات»ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-19 11:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-19 10:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا لۇشۈننىڭ  AQسى بىلەن زۇنۇن قادىرىنىڭ «چېنىقىش»ھېكايىسىدىكى مەتنىيازنى سېلىشتۇرۇشلار بولغان. سىزمۇ يەنە بىر يېڭىلىققا تۇتۇش قىپسىز، ئىزدىنىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي.

باھا سۆز

Ali
رەھمەت ،ئاداش.  ۋاقتى: 2016-1-30 01:54 PM
ۋاقتى: 2016-1-19 11:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەمگىكىڭىزدىن  سۆيۈندۈم، ئىزدنىشلىرىڭىز  مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەتتارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-19 11:30  


باھا سۆز

Ali
رەھمەت ،ئۇستاز.  ۋاقتى: 2016-1-30 01:53 PM
ۋاقتى: 2016-5-25 17:11:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم يازمىڭىزنى ئۇقۇپ ،چۇڭقۇر ئويغا ئىرىشتىم.ئەدەبىيات سەھەسىدىكى يىڭىلىقلارنىڭ بىرى بۇپتۇ.بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن،يىڭى بۈسۈش.يازغۇچىلارغا زور ئىلھام مۇنبىرى بۇپتۇ،كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە ،يىڭى مۇزمۇنلارنى چىقىرىشىڭىزنى تىلەكداشلىق بۈلدۈرمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش