كېچىگە كىردىم
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
كېچىگە كىردىم
دېڭىزدىكى يالغۇز چايكىدەك،
ئۆز–ئۆزۈمگە تۆكۈلگەچ سىم–سىم.
دېرىزىنىڭ نەمخۇش تىنىقى
يۈرىكىمگە قىيپاش ئېچىلغان،
تەشتەكتە ئەمدىلا كۆكلىگەن ئۈمىد،
يەنە... يەنە غەمگە يىقىلغان...
لەۋلىرىمدە كونىچە قاناش،
ئۈندىداردا يالغان تەبەسسۇم...
تۈنۈگۈن كەبى
ئېشىنغىنىم ئۇلاردىن پەقەت
ئاپتاپ ئىدى بەلكى بىر ئۇچۇم...
قۇرۇپ كەتتىم
قۇرۇپ كەتتى ئىچىمدە ئۇلار
ئاشۇ ئاپتاپتىن.
باياۋاندەك چاك–چاك يېرىلىپ،
چەكسىزلىككە سېغىنىپ ۋە يا
خىياللىرىم كۆكلەر ئازاپتىن.
كېچىگە كىردىم
كۆزلىرىمنى زورىغا يۇمۇپ.
تامدىكى سائەتنىڭ ھارغىن تىلىدا
جىمجىت ئۇنتۇلۇپ...
2016–يىل،17–يانۋار.