بەختنىڭ رەڭگى
بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
گۇگۇمنىڭ قولىدا زەفىران ياپراق،
ئىزتىراپ ئىلكىدە تۈنەيدۇ تۈنلەر.
سىرغىيدۇ سۈكۈتنىڭ قىيامى چىپ - چىپ،
لەۋلىرى چاك بولغان قان رەڭدە گۈللەر.
ئەشۇ تاپ ئبزدىدىم بەخىت رەڭگىنى،
يۇلتۇزدىن، ئاسماندىن، سۇدىن، قۇياشتىن.
ئىزدىدىم، ئىزدىدىم تاپتىم ئاخىرى،
كىرپىكتە ئىسىلغان بىر تامچە ياشتىن.
ئىچىلدى پورەكلەپ ئىسەدەشلىرىم،
چاك بولدى گۈللەردەك لەۋلىرىممۇ ھەم.
تاشلاندىم كېچىگە يايدىم ئۆزۈمنى،
ئەي بەخىت رەڭگىڭنى تاپقاندا شۇ دەم.
2015. 12
ئايرىلىش
تاشقا چۈشكەن تامچە بولدۇم چېچىلدىم،
قاتىل كۆزلىرىڭدىن كۆرەلمەي زىيا.
ئىرىگەن كۈمۈشتەك كەتتىمغۇ ئېقىپ ،
ئىچىلماس گۈللىرىم بەلكى بۇ يازدا.
چاچلىرىم تار بولدى چەكتى شاماللار،
ياڭرىدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىش كۈيى.
يىراقلاپ كەتتىم مەن، گويا چۈشۈڭدەك،
توسالماس سەن ھەتتا مېنى ھىچ بىرى.
قاشتېشى قەدەھلەر لىقمۇلىق تولدى،
ھىجرانلىق گۈللەرنىڭ شەربەتلىرىگە.
ئامان بول، ئامان بول مىسكىن ياپرىقىم،
ئۇچرىشىپ قالمايلى كىيىنكى كۈندە.
2015.9.28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-18 00:37