«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» پائالىيىتىگە
شەھەرنىڭ كۆزى
(نەسر)
ئابدۇغوپۇر ئۆمەر مەرگەن
شەھەرنىڭ كۆزى مەندەك ساددا مۇخلىسنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ
بىراق مېنىڭ مال-بىساتىم بىلەن سۆلىتىمگە قىزقىدۇ.
پۇلنىڭ قىپقىزىل كۆلەڭگىسى قەلبىمگە چۈشكەندە، مىھرى-مۇھەببەتنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان قارا كۆزلەرگە مەنىلىك قاراپ قويىمەن.
2
توۋا دېمىسەڭ بىكار، شەھەر مىسكىنلەرنىڭ سۆزىنى ئەمەس پۇلدارلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ!
ئىلىمسىز كىشى پۇل تاپسا ئۇنىڭدا تەكەببۇرلۇق شەكىللىندۇ، ھەتتا ماشىنىسى بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان دوستىنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
سەن بۇنى ھېسقىلغىنىڭدا جەزمەن ئۆزۈڭنى تۇتۋالالماي كۈلۈپ كېتىسەن.
3
ئەسلى شەھەرلەرنىڭ مەينەتچىلىكىنى ساڭا پەقەتلا سۆزلۈگۈم يوق ئېدى.
ئەسلى شەھەر ئەيىش-ئىشەتكە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلارنى چىللىمايتى بىراق
روھى جەھەتتىن چىرىكلەشكەن شەھۋەت-پەرەس كىشىلەر،
ئوۋ مىلتىقىنى بۇلغاپ، ھاجەتمەن پاك قەلبلەرنى زەخمىلەندۈرۈپ بەدەر تىكۋىتىشتى.
4
قەھىرتان قىش شەھەردىكى مېھرىبان ئانىلارنى كوچىغا چىقاردى،
گۈزەللىكنى سۆيۈش گۇناھ ئەمەس
پاخپايغان چاچلار ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدى.
5
شەھەرنىڭ يۈرىكى تاش دېسەم بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن،
شەھەر سەندىنمۇ بەكىرەك پۇلۇڭغا ئىشىنىدۇ.
شۇڭا بەزى كىشىلەر ئامالسىز ۋىجداننى ساتىدۇ.
6
شەھەردىكى مەدەنىيەت توقنىشى، قىز-يىگىتلەرنى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندا، تەڭرى ئۇلارغا لەنەت ئوقىغان بىراق چوڭلار بۇنى بىلىپ يەتمىگەن ئېدى.
7
سۈئىي نەرسىلەرگە قاراپ، كىشىلەر بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ئەرزان تاۋار سۈپتىدە بازارغا سالمىغان بولسىدى، شەھەرمۇ ئادىمىيلىكنىڭ نەقەردەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى.
8
قەھىرتان قىش مۇساپىرلار ئاق قۇچقاچتەك قىسمەتنى باشتىن كەچۈرىدۇ.
مەن تازلىق ئىشچىسىنىڭ قولىدىكى گۈرجەك بىلەن شەھەرنىڭ قەبرىسى قاتۇردۇم
2015-يىلى 3-ئىيول
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» پائالىيىتىگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-17 22:22