كۆرۈش: 422|ئىنكاس: 2

ئابدۇلئەزىز ھەمدۇللاھ: غەزەل ژانىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەزەل ژانىرى ھەققىدە



ئابدۇلئەزىز ھەمدۇللاھ


     غەزەل ژانىرى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ناھايىتى كۆپ يېزىلغان ۋە بۈگۈنكى شېئىرىيىتىمىزگە قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن شېئىرىي ژانىرلارنىڭ بىرى. كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك غەزەل يېزىپ باققان ۋە تۈزگەن شېئىر دىۋانلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىمۇ يەنىلا غەزەل ژانىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. شۇنچە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگىنىگە قارىماي ، ئەدەبىياتىمىزدا غەزەل ژانىرى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئانچە كۆپ بولمىدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «تارىمدىن تامچە»ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «شېئىرىيەتتە بەدىئىلىك توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى، ئابلەت ئۆمەر ئەپەندى تۈزگەن « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»، ھاجى ئەھمەد يازغان«ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا» ۋە باشقا بەزى ماتىرياللاردا بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بېرىلىپ، شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ ژانىر ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۆگەنگۈچىلەرنى بۇ ژانىر ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى تېخىچە ئىشلەنمىدى. شۇڭا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈچۈن ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە، بۇ ژانىر ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
غەزەلنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ۋە غەزەل ھەققىدىكى ئۇقۇم
غەزەل سۆزى ئەرەپچىدە «سۆزلەشمەك، سۆيگۈ ئىزھار قىلماق»دىگەن مەنىدە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ئۇ ئەرەپ ئەدەبىياتىدا قەسىدە ژانىرى ئىچىدىكى بىر تۈر ئىدى. 7- ئەسىردىن كېيىنلا ئاندىن ئايرىم بىر ژانىر بولۇپ تونۇلغان.
پارس ئەدەبىياتىدا غەزەلچىلىك سامانىلەر دەۋرىدە رۇدەكى(ۋاپاتى، 940-941-يىللار) بىلەن باشلانغان بولۇپ، غەزنەۋىلەر دەۋرىدە ئۇنسۇرى(ۋاپاتى، 1031-يىل) ۋە فەرۇخى قاتارلىقلار ، سەلجۇقىلار دەۋرىدە نىزامى(ۋاپاتى،1025-يىل)، ئەنۋەرى، خاقانى قاتارلىقلار، موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىنكى دەۋردە سەلمانى، ساۋەجى، سەئىدى شىرازى(ۋاپاتى،1291)، ھافىز شىرازى قاتارلىقلار مەشھۇر غەزەل شائىرلىرى بولۇپ تونۇلغان. بولۇپمۇ ھافىز شىرازى ئۆز غەزەللىرى بىلەن چوڭ شۆھرەت قازانغان ھەم غەزەلگە يېڭى مەزمۇنلار قوشقان بۈيۈك شائىردۇر. تېمۇرىلار دەۋرىدە ئابدۇراخمان جامى(ۋاپاتى،1492) ئۆز غەزەللىرى بىلەن تونۇلغان ۋە چوڭ تەسىر قوزغىغان.
   غەزەل تۈركىي تىلىدىكى ئەدەبىياتقا ئەرەپ، پارس ئەدەبىياتلىرىدىن كىرگەن بولۇپ، پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان. تۈركىي تىلىدىكى شېئىرىيەتتە ئەڭ دەسلەپكى غەزەل 12-ئەسىردە ياشىغان مۇتەسەۋۋۇپ شائىر ئەھمەد يەسەۋى(1086- 1166)نىڭ دىنى تەسەۋۋۇفىي غەزەللىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مىلادى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن شائىرلاردىن ئاتائىي، سەككاكى، لۇتفى(1366-1464)، گەدائىي قاتارلىقلار غەزەل ژانىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇلار پارس شېئىرىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، غەزەللىرىنى پارس شائىرلىرى قوللانغان قائىدىلەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ يازغان. غەزەل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئەلىشىر نەۋائى ۋە بابۇر قاتارلىق شائىرلار بىلەن ئۆزىنىڭ كىلاسسىك دەۋرىنى ياراتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەزەل ژانىرى شېئىرىيىتىمىزدىكى كەڭ ئومۇملاشقان بىر ژانىر سۈپىتىدە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلدى

غەزەل- بېيتلەردىن تەركىپ تاپىدىغان، ئارا قاپىيە شەكلىدە ئىزچىل قاپىيىلىنىدىغان، ئارۇز ۋەزنىنىڭ خالىغان بەھرلىرىدە يېزىشقا بولىدىغان لىرىك شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. غەزەلنىڭ ئىككى مىسراسى ئۆزارا قاپىيىداش يېزىلغان بىرىنچى بېيىتى «مەتلەئ» دىيىلىدۇ، بۇ سۆز ئەرەپچە «تۇلۇئ»(مەنىۋىي تۇغۇش، پەيدا بولۇش) سۆزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ياكى باشلىنىشى دېگەن مەنىدە. «مەتلەئ»دىن كېيىنكى بېيت يەنى ئىككىنچى بېيت «ھۆسنى مەتلەئ»دىيىلىدۇ. غەزەلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېيىتى «مەقتەئ» ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بېيت «ھۆسنىي مەقتەئ» دىيىلىدۇ. «مەقتەئ»سۆزى «قەتئ»(كەسمە) سۆزىدىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، پىكىرنىڭ كېسىلىدىغان، ئاياقلىشىدىغان يېرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.«ھۆسنى مەتلەئ»نىڭ «مەتلەئ»دىن، «ھۆسنى مەقتەئ»نىڭ «مەقتەئ»دىن ياخشىراق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ (ياخشى يېزىلغان مەتلەئ ھۆسنى مەتلەئ، ياخشى يېزىلغان مەقتەئ ھۆسنى مەقتەئ بولىدۇ دەيدىغان قاراشمۇ بار). غەزەلنىڭ ئەڭ ياخشى يېزىلغان بېيىتى «شاھ بېيت» ياكى «بەيتۇل غەزەل» دەپ ئاتىلىدۇ. غەزەلنىڭ «مەقتەئ»سىدە شائىر ئۆز ئىسمىنى ياكى تەخەللۇسىنى يازىدۇ. يوقۇرىقىلاردىن مەلۇمكى، غەزەلـ مەتلەئ، ھۆسنىي مەتلەئ، مەقتەئ، ھۆسنىي مەقتەئ ، شاھ بېيت قاتارلىق تەركىبىي قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بىر تەركىبى قىسىمنىڭ غەزەلدە ئالاھىدە رولى بار. بولۇپمۇ مەتلەئ ۋە مەقتەئ غەزەلدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەندىلا، يازغان غەزىلىمىز ئىسمى جىسمىغا لايىق غەزەل بولالايدۇ. مەسىلەن:
مەتلەئ بولسا ئىكىمىزنىڭ يۈزى ئەكسى سۇدا پەيدا
ئول سۇ نى تەرەف بارسا ئاچىلغاي گۈلى رەئنا
ھۆسنى مەتلەئ زۇلفۇڭ غېمى كۆڭلۈمنى بېلىڭ فىكرىگە سالدى
كۆركىم نى خەيال ئىچرە سالىپتۇر ئۇنى سەۋدا.
غەۋغا قىلۇر ئەل مەھۋەشلەر كويىدا، لىكىن
مەھۋەشلەر ئىشى قىلماق ئانىڭ كويىدا غەۋغا.
ئەھۋالىمە فەرھاد بىلە مەجنۇنغا تەئەججوب،
ئىشق ئەتتى خىرەد ئەھلى قاشىدا مېنى رەسۋا.
ھەر سارى تاماشاغا كىم ئول شوخ قىلۇر ئەزم،
يوق ئاڭا تاماشاكى، ئېرۇر ئەلگە تاماشا .
شاھ بېيت ھەم ھۆسنى مەتلە
دەۋران ساڭا زۇلم ئەتسە، قەدەھلەر تولا مەي ئىچ
قان يۇتسەڭ ئاياغلار تولا دەۋرانغا نى پەرۋا.
مەقتەئ ئول شوخكى مەيدان ئارا كۆرگەنگە سالۇر تىغ،
كۆرمەسكە سالۇر يەتسە نەۋائى سارى ئەمدا.
نەۋائى، «غەزەللەر»، 20-21-بەتلەر
غەزەلدە مەتلەئ ئەڭ ھالقىلىق بېيت ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى شائىرلار غەزەل يازغاندا ، ئالدى بىلەن يازماقچى بولغان تېما، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن، ۋەزىن ئۆلچىمى ۋە قاپىيىسى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلاشقاندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ مەتلەئ بېيىتىنى يېزىپ چىقىدۇ، قالغان بېيىتلەر شۇ ئاساستا قانات يايدۇرۇلىدۇ. شۇڭا مەتلەئگە قاراپلا شېئىرنىڭ قانداق مەزمۇن، قانداق ۋەزىندە يېزىلغانلىقىنى، قاپىيىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەتلەئگە قاراپلا شائىرنىڭ بەددىئىي تالانتىغا دەسلەپكى قەدەمدە باھا بېرىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: نەۋائىي «مەجالىسۇن نەفائىس»تا ھەر بىر شائىرنىڭ غەزىلىنىڭ پەقەت مەتلەئ قىسمىنىلا كۆرسەتكەن، شۇ ئاساستا غەزەللەرگە ۋە شائىرلارنىڭ ماھارىتىگە باھا بەرگەن.
« شاھ بېيت»بەزى غەزەللەردە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، بەزى غەزەللەردە ئېنىق تاپقىلى بولمايدۇ. بەزى غەزەللەردە مەتلەئ ياكى مەقتەئ «شاھ بېيت» بولۇشىمۇ مۇمكىن.
غەزەل ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلىدىغان ژانىر بولۇپ ، خالىغان بەھرلەردە يېزىشقا بولىدۇ. غەزەل ئادەتتە 5-15 بېيىتكىچە يېزىلىدۇ.كۆپىنچە 5،7،9،11،...بېيت بويىچە تاق بېيت قىلىپ يېزىلىدۇ، ئەمما بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان غەزەللەرمۇ ئۇچرايدۇ. بېيت سانىغا مۇقىم چەك بەلگىلىنمىگەن.15 بېيىتتىن ئېشىپ كەتكەن غەزەللەر «غەزەلىي مۇتەۋۋەل»دىيىلىدۇ.
غەزەلنىڭ تېما دائىرىسى
غەزەللەر دەسلەپتە ئىشقىي مۇھەببەت تېمىسىدىلا يېزىلغان ھەم مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شاراپ ۋە تەبىئەت تەسۋىرلىرى سۆزلەنگەن. كېيىنچە يەنى 18- ئەسىردىن باشلاپ، بىرەر پىكىر، پەلسەپىۋى چۈشەنچە ، تۇرمۇش تەسىراتلىرى، ئەل- ۋەتەن ۋە يۇرت سۆيگۈسى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ يېزىلىدىغان بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 7 بېيتلىك غەزەللەر كۆپ يېزىلغان بولسا، كېيىنكى دەۋرلەردە بېيت سانىمۇ كۆپىيىپ، 11 بېيتلىكتىن يوقۇرى بولغان غەزەللەرمۇ كۆپ يېزىلىدىغان بولغان. مەزمۇن جەھەتتىنمۇ بارغانسېرى بېيىپ ، تېما دائىرىسىمۇ كېڭەيگەن.
غەزەلنىڭ قاپىيىسى
غەزەلنىڭ قاپىيىسى ئومۇمەنac ab aa ... شەكلىدە بولىدۇ. غەزەلدە قاپىيىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. مەتلەئ بېيىتىدىكى ئىككى مىسرا ئۆزارا قاپىيەداش بولۇشى، قالغان ھەممە بېيتلەرنىڭ ئىككىنچى مىسراسى چوقۇم مەتلەئ بېيىتى بىلەن قاپىيەداش بولۇشى، بىر غەزەلدە قاپىيە سۆزلىرى تەكرار ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. ئەمما بەزىدە مەتلەئنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى قاپىيە سۆزى ئىككىنچى بېيىتتە تەكرار كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. غەزەلنىڭ قاپىيە تەلىپى شۇنچە يوقۇرى بولۇشىغا قارىماي، پەقەت رادىفقىلا تايانغان قاپىيىسىز غەزەللەرمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:«دىۋانى نەۋبەتى»دىكى 20- غەزەلنىڭ مەتلەئسى مۇنداق:
ئاقىل ئەرسەڭ، ئەي بەرادەر، قىلمە نادان بىرلە بەھس،
خاتىرىڭنى جەمئ ئەيلەپ قىلمە نادان بىرلە بەھس.(7بېيت)
«دىۋانى نەۋبەتى» 23-بەت
يوقۇرىقى غەزەلدە «قىلمە نادان بىرلە بەھس»دېگەن ئىبارە رادىف بولۇپ كەلگەن بولۇپ، قاپىيە رولىنى ئوينىغان.
بۇندىن باشقا يەنە 27-، 39-، 47-،49 -، 51-، 61- غەزەللەردە يوقۇرىقى ئەھۋال كۆرۈلگەن ياكى قاپىيەدە كۆپ نۇقسانلار ساقلانغان.
غەزەلنىڭ تۈرلىرى
غەزەل مەزمۇنى، قۇرۇلمىسى ۋە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.( مۇسۇلمان مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەپچە، ئاز بىر قىسمى پارسچە ئاتالغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىمۇ بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك. شۇڭا تۆۋەندىكى غەزەل تۈرلىرىمۇ ئەرەپ – پارسچە ئەسلى ئاتالغۇسى بويىچە ئېلىنىپ، قىسقىچە ئۇيغۇرچە ئىزاھاتى بېرىلدى.)
1)        يەك ئاھاڭ غەزەل
غەزەلدە بېيت گۈزەللىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئەگەر بىر غەزەلدە بېيىتلەر يالغۇز ۋەزىن ۋە قاپىيە جەھەتتىن ئۆزارا باغلىنىشلىق بولۇپلا قالماي، مەنا جەھەتتىنمۇ بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولسا، يەنى پۈتۈنلەي بىرلا خىل مەزمۇن سۆزلەنگەن بولسا، بۇنداق غەزەللەر «يەك ئاھاڭ غەزەل»(مەزمۇنداش بېيىتلىك غەزەل، يەكپارە غەزەلمۇ دىيىلىدۇ) دىيىلىدۇ. مەسىلەن:«بابۇر دىۋانى»دىكى تۆۋەندىكى غەزەلدە مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
كۆڭۈلگە بولدى ئەجايىپ بالا قارا ساچىڭ
شىكەستە كۆڭلۈمە ئېرمىش قارا بەلا ساچىڭ
باشىمغا چىقتى تۈتۈن رەشكىدىن قارا ساچدىك
ئاياققا تۈشكەلى ئىي سەرۋى ناز تا ساچىڭ
مۇيەسسەر ئولدى جۇنۇن مىلكى ئىي جۇنۇن ئەھلى
نىشارى ئەشكنى ئىمدى بۇ كۈن ماڭا ساچىڭ
ساچىڭ شىكەستىدە باردۇر شىكەشتە كۆڭۈللەر
كۆڭۈللەر ئاچىلۇر ئاچىلسا ئول قارا ساچىڭ
ئاچىلدى كۆڭلى چۇ ئاچتىڭ ساچىڭنى بابۇرنىڭ
نى ئەيب ئەگەر دىسە دىلبەندۇ دىلگۇشا ساچىڭ
«بابۇر دىۋانى»123-بەت، 10-غەزەل
يوقۇرىقى غەزەلدە يارنىڭ ساچى تېما قىلىنغان بولۇپ، باشتىن ئاخىر يارنىڭ ساچىدىن ئىبارەت مۇشۇ بىرلا مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ھەم يارنىڭ ساچى بىرنەچچە خىل سۈپەتتە سۈپەتلەنگەن بولۇپ، خوشال قىلغىنىمۇ، ھەسرەتكە سالغىنىمۇ يەنىلا يارنىڭ قارا ساچى ئىكەنلىگى تەسۋىرلەنگەن.
2)        يەك ئاۋاز غەزەل
ئەگەر غەزەلنىڭ ھەممە بېيىتلىرى ئوخشاش گۈزەللىكتە بولسا يەنى بەددىئىلىك جەھەتتە كۆپ پەرقلەنمىسە بۇنداق غەزەللەر «يەك ئاۋاز غەزەل»(تەڭداش بېيتلىك غەزەل) دىيىلىدۇ.
قايسى گۈلشەن گۈلبۇنى سەرۋى خىرامانىڭچە بار،
قايسى گۈلبۇن ئىچرە غۇنچە لەئلى خەندانىڭچە بار.
قايسى گۈلزار ئىچىدە بىر گۈل ئاچىلۇر ھۆسنۈڭ كەبى،
قايسى گۈلبەرگى لەبى لەئلى دۇر ئەفشانىڭچە بار.
قايسى قاتىل سەن كەبى جەللاد ئولمىشىدۇر ئەسىز،
قايسى جەللادنىڭ قىلىچى نەۋكى مۇژگانىڭچە بار.
قايسى باغنىڭ بار نەخلى بەرقەدىڭدەك باردۇر،
قايسى نەخلى ھاسىلى سىيىبى زەنەخدانىڭچە بار.
قايسى بەزم ئولمىش مۇنەۋۋەر بەرقەدىڭدەك شەمئىدىن.
قايسى شەمئنىڭ شۇئىلەسى رۇخسارى تابانىڭچە بار.
قايسى يەردە تاپىلۇر نىسبەت ساڭا بىر گەنجى ھۇسن،
قايسى گەنجىنىڭ ئەژدەرى زۇلفى پەرشانىڭچە بار.
قايسى گۈلشەن بۇلبۇلى سۆزلەركى گۇمنام سەن كەبى،
قايسى بۇلبۇل نالەسى پەريادۇ ئەفغانىڭچە بار.
«دىۋانى گۇمنام»12-بەت، 6- غەزەل
بۇ غەزەلدە تەكرار سەنئىتىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ ، ھەممە مىسرالار «قايسى»دېگەن ئوخشاش بىر سۆز بىلەن باشلانغان. ھەر بىر بېيتتە يارنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە باشقىلاردىن ئارتۇق تۇرىدىغان ئالاھىدە سۈپىتى تەسۋىرلەنگەن. غەزەلنىڭ ھەرقايسى بېيىتلىرى بىر خىل تەڭداش مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بەددىئىيلىك جەھەتتنىمۇ كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
3)        مۇزەييەل غەزەل
شائىرلار بەزىدە تەخەللۇسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، مەلۇم بىرىنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن يەنە بىرنەچچە بېيتنى قوشۇپ قويىدۇ. بۇنداق غەزەللەر «مۇزەييەل غەزەل»(ئۇزارتىلغان غەزەل)، قوشۇلغان بېيتلەر «زەيل»(تۆۋەندىكى دېگەن مەنىدە) دىيىلىدۇ.
4)        مۇلەمما غەزەل
ئەرەپ، پارس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنىڭ مەلۇم ئىككىسى ياكى ئۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېزىلغان غەزەللەر «مۇلەمما غەزەل» (ئارىلاشما غەزەل ياكى قوش تىللىق غەزەل) دىيىلىدۇ. مۇلەمما سۆزى ئەرەپچىدە «مۇلەممەئ»شەكلىدە بولۇپ، ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى «پاللىدە چاقناش، رەڭدار كۆرۈنۈش» دېگەنلىك بولىدۇ. مەسىلەن:
دىلبەرى خۇش ئەدايى مەن مۇنچە چۈچۈك بولۇرمۇسەن
ئامەدە دەر كەنارى مەن بىر دەمى ئولتۇرۇرمۇسەن
فەسلى بەھارۇ ۋەقتى گۈل لۇتف ئېتىبان چەغىر ئىچىپ
ئاشىقى زارى خىشرا لەھزە قۇچۇپ ياتۇرمۇسەن
پىيشى كەمانى ئەبرۇيەت خەستە كۆڭۈل نىشانەدۇر
سىينەئى خۇد گۇشادە ئەم غەمزە ئوقىن ئاتۇرمۇسەن.(9بېيت)
«دىۋانى گۇمنام» 196-بەت، 78-غەزەل
يوقۇرىقى غەزەلدە ھەر بىر مىسرانىڭ يېرىمى پارس تىلىدا، يېرىمى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن ياخشى ماسلاشقان. تۆۋەندىكى غەزەلدە ھەر بىر بېيتنىڭ بىرىنچى مىسراسى ئەرەپچە، ئىككىنچى مىسراسى ئۇيغۇرچە يېزىلغان. مەسىلەن:
ئەي سەرۋ قەدى لالە رۇخى شەمس ئۇزارا،
ھەل يۇمكىنۇ مىن ئىشقىكە لىلخەلقى فىرارا.
(سېنىڭ ئىشقىڭدىن ئەل قېچىپ قۇتۇلالامدۇ)
خالىڭنى يۈزۈڭ ئۈستىدە كۆردۈمكى تىلەرمەن،
مازالە ئەلەددەھرى مەئەللەيلى نەھارا.
(زاماننىڭ كېچە – كۈندۈزى ئالمىشىپلا تۇرىدىكەن) (9بېيت)
«دىۋانى ناقىس» ،16-بەت، 15- غەزەل
5)        مۇشتەرەك غەزەل
ئىككى شائىرنىڭ غەزەللىرى مىسرامۇ مىسرا ياكى بېيتمۇ-بېيت ئارىلىشىپ كەلگەن غەزەللەر «مۇشتەرەك غەزەل»(بىرلەشمە غەزەل) دىيىلىدۇ.
6)        مۇسەججەلىك غەزەل
بۇ خىلدىكى غەزەللەردە بىر خىل ئالاھىدە قاپىيە ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، مەتلەئدىن كېيىن كەلگەن بېيتلەرنىڭ ھەر ئىككى مىسراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلگەن سۆز بىرىنچى مىسراسىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز بىلەن قاپىيەداش بولۇپ كېلىدۇ ، بۇ خىل قاپىيەلەش ئۇسۇلى قاپىيە سەنئەتلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، مۇسەججەلىك قاپىيە دىيىلىدۇ. مىسرا ئوتتۇرىسىدا كەلگەن قاپىيە ئىچ قاپىيە دىيىلىدۇ. مۇسەججەلىك قاپىيە بىلەن يېزىلغان بۇنداق غەزەللەر «مۇسەججەلىك غەزەل» (ئىچ قاپىيىلىك غەزەل) دىيىلىدۇ(مۇسەممەت غەزەلمۇ دىيىلىدۇ). «مۇسەججەلىك غەزەل»لەرنىڭ مىسرالىرى «تۆت مۇستەفئېلون» ياكى «تۆت مەفائېلون»غا ئوخشاش ئوتتۇرىدىن تەڭ بۆلگىلى بولىدىغان بەھرلەردىن تۈزۈلىدۇ. بىر مۇسەججەلىك غەزەلدە مەتلەئدىن باشقا مىسرالارنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، ئايرىم مىسرا قىلىپ يازسا، ھەر بىر بېيت تۆت مىسرالىق بىر كوپلىت يەنى «مۇرەببە» شەكلىگە كېلىدۇ. مەسىلەن:
خەتتىڭ ئارا ئىئزارىڭ سەبزە ئىچىندە لالە
ئول چەشمى پۇر خۇمارىڭ لالە داغى غەزالە
بارچە پەرىلەر ئىي جان گىردىڭدە زارۇ ھەيران
گويا ئىرۈر نۈمايان ئاي تىگرەسىدە ھالە
مېھرۇ ۋەفانى ئەغيار كۆپ كۆردى سىندىن ئىي يار
جەۋرۇ جەفانى بىسيار قىلدىڭ ماڭا ھاۋالە
ھىجرىڭدە ئىي پەرى رۇ كۆزۈمدىن ئۇچتى ئۇيقۇ
ھەر كىچە تاڭغا دىگرۇ ئىشىمدۇر ئاھۇ نالە
يۈز سەفھەسىدە خەتلەر ياشتىن كى ھەر تەرەف بار
ئىشقىڭدا بابۇر ئىيلەر بۇ نەۋئ يۈز رىسالە
« بابۇر دىۋانى»135-بەت، 30-غەزەل
بۇ غەزەلدە مەتلەئنىمۇ تۆت مىسرا ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، قالغان بېيتلەردىمۇ ئىچ قافىيە قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر بىر مىسرا تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىدىن بۆلۈنۈپ تۇرىدۇ، ھەممىسىنى تۆت مىسرالىق شېئىر ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
7)        مۇكەررەر غەزەل
ھەر بىر مىسرا ياكى ھەر بىر بېيىتنى بىرلىك قىلىپ ئەكس سەنئىتى قوللىنىلغان غەزەللەر «مۇكەررەر غەزەل»(ئەكس تەكرارلىق غەزەل) دىيىلىدۇ. مىسرانى بىرلىك قىلغان مۇكەررەر غەزەل مۇسەممەت غەزەلگە ئوخشاشلا ئىككى تەڭ بۆلەككە بۆلگىلى بولىدىغان ۋەزىنلەردە يېزىلىدۇ. بۇنداق غەزەللەر ئاز ئۇچرايدۇ. زەھىرۇددىن مۇھەممەت بابۇرنىڭ تۆۋەندىكى غەزىلى بېيت بويىچە ئەكس سەنئىتى قوللىنىلىپ يېزىلغان بولۇپ، بابۇرنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
تىشىڭ دۇر لەبىڭ مەرجان خەدىڭ گۈل خەتىڭ رەيىھان
يۈزۈڭ ھۈر ساچىڭ ئەنبەر سۆزۈڭ مۈل مىڭىڭ مۇلتان
مۇلتان مىڭىڭ سۆزۈڭ مۈل ئەنبەر ساچىڭ يۈزۈڭ ھۈر
رەيھان خەتىڭ خەدىڭ گۈل مېرجان لېبىڭ تىشىڭ دۇر
تەفاھۇر كۆزۈم كۆڭلۈم قىلۇرلار مەگەر باردۇر
كۆزۈڭە كۆڭۈل ۋالىخ يۈزۈڭە كۆزۈم ھەيران
ھەيران كۆزۈم يۈزىڭە ۋالىخ كۆڭۈل كۆزۈڭە
باردۇر مەگەر قىلۇرلار كۆڭلۈم كۆزۈم تەفاۋۇر
تەفەككۈر نەچە قىلسام تاپىلماس سىنىڭ مىسلىڭ
پەرىدىك سىنى كۆردۈم ئىمەس سەن مەگەر ئىنسان
ئىنسان مەگەر ئىمەس سىن كۆردۈم سىنى پەرىدىك
مىسلىڭ سىنىڭ تاپىلماس قىلسام نىچە تەفەككۈر
بەلادۇر ماڭا ھىجرىڭ دەۋادۇر ماڭا ۋەسلىڭ
ئئىتابىڭ ماڭا ئافەت ھەدىسىڭ ماڭا دەرمان
دەرمان ماڭا ھەدىسىڭ ئافەت ماڭا ئئىتابىڭ
ۋەسلىڭ ماڭا دەۋادۇر ھىجرىڭ ماڭا بەلادۇر
چۇ بابۈر ساڭا قۇلدۇر نەزەر قىل ئاڭا زىنھار
تاپىلماس يەنە بىر قۇل ئانىڭدىك ساڭا ئىي جان
ئىي جان ساڭا ئانىڭ دىك بىر قۇل يەنە تاپىلماس
زىنھار ئاڭا نەزەر قىل قۇلدۇر ساڭا چۇ بابۈر
«بابۇر دىۋانى» 302- بەت
غەزەلدە ھەر بىر بېيت بەزى مىسرالاردا سۆزمۇ سۆز، بەزى مىسرالاردا سۆز بىرىكمىسى بويىچە ئەكس سەنئىتى قوللىنىلىپ يېزىلغان.
8)        مۇتەۋۋەل غەزەل
15بېيىتتىن ئېشىپ كەتكەن غەزەللەر «غەزەلىي مۇتەۋۋەل» (ئۇزۇن غەزەل) دىيىلىدۇ. مەسىلەن: «زەلىلى دىۋانى»دىكى 162-غەزەل 19 بېيتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ مەتلەئسى مۇنداق:
زاھىد نەچۈك تىرىلگەي مەستانى يار ئىچىدە،
ئەسھابى كەھف يەڭلىغ يار ئىلە غار ئىچىدە.
«زەلىلى دىۋانى»308-بەت
يوقۇرىقى تۈرلەر ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە غەزەلچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «مۇزەييەل غەزەل»، «مۇشتەرەك غەزەل» قاتارلىق بەزى تۈرلەرنى ھازىرچە ئۇچراتمىدۇق. تۆۋەندە يەنە تەخەللۇس، رەددئى مەتلەئ ۋە نەزىرە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
تەخەللۇس
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا، ئاخىرقى بېيت ياكى ئاخىرقى كۇپلىتتا شائىرنىڭ ئىسمى ياكى تەخەللۇسى يېزىلىدۇ. تەخەللۇسنى شائىرلار ئۆزى تاللايدۇ ياكى دەۋرداش شائىرلار تەرىپىدىن قويۇلىدۇ. غەزەلدە ئادەتتە شېئىرنىڭ مەقتەسىدە تەخەللۇس يېزىلىدۇ. ئەمما بەزىدە مەقتەئدىن ئالدىنقى بېيتتە يېزىلىدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،
ساقىيا، دەي شىددەتىدىن ئەقلۇ ھىس بىتاب ئېرۈر،
چارەسى جامى بىلۇرىنئىچرە لەئلى ناب ئېرۈر.
تىيىنۇ قاقىمنى راكىب شوخلەر ئۆز ئىلگىدىن،
تاببىرلە يۈزگە چەككەندىن كۆڭۈل بىتاب ئېرۈر.
ئىشقدىن يوقكىم ساۋۇغدىن ئاتەشىن گۈل ئىستەبان،
تاپماغاندىن بۇلبۇل ئەئزاسىدە پەر سىنجاپ ئېرۈر.
سىيم ئوتدىن سۇۋ بولۇپ، ئەلدىن ئەجايىبدۇر بۇكىم،
تىترەمەكدىن سىيمبەرلەر جىسمى چۈن سىيماب ئېرۈر.
تۇلۇن ئاي ئېرمەس، تۈن ئەقشامكىم قۇياشنىڭ چەشمەسى،
مۇز توڭۇپتۇركىم، زىياسى تىيرە چۈن مەھتاب ئېرۈر.
سىيمدىن بەھمەن چەمەن قافىنى تا زال ئەيلەدى،
قۇشلەر ئول سەيم ئاستىدە سىمۇرغدەك ناياب ئېرۈر.
ئېي خۇش ئولكىملەئلگۇن مەي ئىچ دېبان تەكلىف ئۈچۈن،
ئىلگى بىر زەررىن كەمەرنىڭ بوينىغە قوللاپ ئېرۈر.
كىشۇ ئۇرمەك قەيدىدىن ئوت ئەيشنى فەۋت ئېتمەكىم،
كىش قەراراق تۈلكۈ ئۇرمەكيۇپقەراق ماشاب ئېرۈر.
ئەي ناۋائىي، گەر مۇھەييا تاپمەسەڭ ئەسبابى ئەيش،
غەم يېمە شەھ قۇللۇغى يۈز ئەيش ئۈچۈن ئەسباب ئېرۈر.
ئۇل سەرەفرازىكى ئالىي دەرگەھىنىڭ ھەيەتى،
بارچە سەركەشلەرگە باش قويماق ئۈچۈن مېھراب ئېرۈر.
يوقۇرىقى غەزەلدە تەخەللۇس مەقتەئنىڭ ئالدىدىكى بېيىتتە يېزىلغان بولۇپ، نەۋائىي غەزەللىرىنىڭ بەزىلىرىدە مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلغان. نەۋائىينىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم غەزەللىرىدە شائىرنىڭ تەخەللۇسى يېزىلمىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ.
رەددئى مەتلەئ
شائىرلار بەزىدە مەتلەئ مىسرالىرىدىن بىرىنى غەزەلنىڭ ئاخىرىدا تەكرارلايدۇ، بۇنداق تەكرارلىق رەددئى مەتلە (تەكرار مەتلەئ) دېيىلىدۇ. مەسىلەن:
ئول كى ماڭا يارى دىلنۇۋاز كۆرۈندى
جەۋرىنى كۆرسەتتى كۆپۇ ئاز كۆرۈندى
بولدى باشىم پەست پايى بۇسىدا ئاخىر
گەرچى بۇرۇن ئەسرۇ سەرفىراز كۆرۈندى
سىنىڭ ئۈچۈن ئول كى باشىن ئوينامىدى ھىچ
ساڭا ئەجايىپ كى ئول ئىشق-باز كۆرۈندى
ئىشق بارىدا سالاھۇ تەۋبەۋۇ تەقۋا
بارچەسى تەھقىق بىل مەجاز كۆرۈندى
دۈشمەن-ى جان بولدى نى قىلاي ساڭا بابۇر
ئول كى ماڭا يارى دىلنۇۋاز كۆرۈندى
«بابۇر دىۋانى»125-بەت، 13-غەزەل
بابۇرنىڭ بۇ غەزىلىدە مەتلەئ بېيىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسى مەقتەئ بېيىتىنىڭ ئىككىنچى مىسراسى قىلىنىپ تەكرارلىنىپ كەلگەن.
نەزىرە
مەلۇم بىر شائىرنىڭ غەزىلىگە ئوخشاش ۋەزىن ۋە قاپىيە شەكلىدە باشقا بىر غەزەل يېزىلسا، بۇ «تەنزىر ئېتىش»(تەقلىد قىلىش) ياكى «جاۋاپ بېرىش»دىيىلىدۇ، بۇنداق غەزەل «نەزىرە» (ئوخشىتىپ يېزىش) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ناھايىتى كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ، بەزى تونۇلغان شائىرلارنىڭ غەزەللىرىگە بىرنەچچە يۈزگىچە نەزىرەلەر يېزىلغان ھەم بۇ نەزىرەلەر «مەجمۇئاتۇن نەزائىر» دەپ نام بېرىلگەن كىتاپلارغا توپلانغان. بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ پارسچە دىۋانىدىكى غەزەللەر ئىچىدە نەزىرە شەكلىدە يېزىلغان غەزەللەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يالغۇز ھاپىز شىرازىنىڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق غەزىلىگە نەزىرە يازغان. نەزىرە مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تەقلىد قىلىنغان غەزەل بىلەن ئوخشاش يېزىلىشى كېرەك. ئەكسىچە يېزىلسا «ناكىزە»(قارمۇ-قارشى) دىيىلىدۇ.
خوجا جاھان ئەرشىنىڭ «دىۋانى ئەرشى» دىكى بىرىنچى غەزەل نەۋائىينىڭ «خەزايىنۇل مەئانى»دىكى بىرىنچى غەزىلىگە نەزىرە سۈپىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ۋەزىن ۋە قاپىيىسى ئوخشاش يېزىلغان. نەۋائىي غەزىلىنىڭ مەتلەئى:
ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل-كەئسى ئەنۋارۇل ھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەپ، جامدىن چىقتى سەدا.( 9 بېيت)
ئەرشى غەزىلىنىڭ مەتلەئى:
ئەتلەئەت مىن جەبھەتىس- ساقى تەجەللىيۇل- ھۇدا،
مۇرشىدى ئەھلى ھەقىقەت ۋەجھ ئەيلەر ئىقتىدا. (10 بېيت)
بۇ ئىككى غەزەل ئوخشاشلا «رەمەلى مۇسەددەسى مەھزۇف يەنى فائېلاتون فائېلاتون فائېلاتون فائېلون»ۋەزنىدە بولۇپ، ئەرشىنىڭ غەزىلى قاپىيىسىدە «ئىقتىدا» سۆزى ئارتۇق ئىشلىتىلگەندىن باشقا ھەممە قاپىيە سۆزلىرىمۇ ئوخشايدۇ.
نەزىرە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدا « x غەزىلىگە مۇشائىرە»دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇ ئاستىدا يېزىلغان بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ« سەجدىگاھىمغا (گۇمنام غەزىلىگە مۇشائىرە)» ناملىق غەزىلى «دىۋانى گۇمنام»دىكى 7-غەزەل بىلەن ئوخشاش ۋەزىن، ئوخشاش قافىيە ۋە ئوخشاش تېمىدا يېزىلغان بولۇپ، نەزىرە دېيىشكە بولىدۇ.گۇمنام غەزىلىنىڭ مەتلەئ (باشلانما بېيت)سى مۇنداق:
قاشىڭ كۆرگەچ نېچۈك ئايلامايىنكىم قىبلەگاھىمدۇر،
ئاياغىڭغە نېدىن باش ئۇرمايمەن سەجدەگاھىمدۇر .
«دىۋانى گۇمنام»14-بەت
ئا. ئۆتكۈرنىڭ«سەجدىگاھىمغا » ناملىق غەزىلىنىڭ مەتلەئسى مۇنداق:
بىلەمسەن، دىلرەبا ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر،
بۇ گۈلدۈرماما- چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر.
«ئۆمۈر مەنزىللىرى»45-بەت
بۇ ئىككى غەزەل ئوخشاشلا ھەزەج بەھرىنىڭ سەككىزلىك سالىم شەكلىدە(ۋەزنىدە) يېزىلغان بولۇپ، قاپىيە سۆزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشايدۇ.
غەزەللەر توپلانغان دىۋانلاردا تېپىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن قاپىيە ياكى رادىف بولۇپ كەلگەن سۆزنىڭ ئاخىرقى ھەرپى بويىچە ئەرەپ ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپىدە تىزىلىدۇ. شۇڭلاشقا، دىۋان تۈزگەن شائىرلار ھەر بىر ھەرپتىن بىرقانچە غەزەل، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر غەزەل يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. دىۋانلاردا غەزەللەرگە ئايرىم ماۋزۇ قويۇلمايدۇ. پەقەت 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ غەزەللەرگە ئايرىم ماۋزۇ قويۇلىدىغان بولغان.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا غەزەل ئۇزاق تارىخقا ئىگە ژانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا غەزەل ناھايىتى كۆپ يېزىلغان ھەم شۇ سەۋەپتىن، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز غەزەل ئەدەبىياتى بولۇپ تونۇلغان. غەزەل كۈچلۈك لىرىكىلىققا ئىگە شېئىرىي ژانىر بولغاچقا ناخشا قىلىپ ئېيتىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن غەزەللەر خەلق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن، بىباھا مەنىۋى بايلىقىمىز ھېساپلىنىدىغان 12 مۇقام تېكىستلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ غەزەللىرىدىن ئېلىنغان.
غەزەل ژانىرى ئەرەپ شېئىرىيىتىدە پەيدا بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا پارس ۋە تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتقا كىرگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوردۇ ۋە ھىندى تىللىرىدىكى شېئىرىيەتتىمۇ كۆپ قوللىنىلغان. ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر ، ئېنگلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىدىكى خەلقلەر شېئىرىيىتىگىمۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن.
ئومۇمەن، غەزەل ژانىرى ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىغان، جۈپ مىسرالار ئارا قاپىيە شەكلىدە باشتىن- ئاخىر ئوخشاش قاپىيىلىنىدىغان، ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلىدىغان لېرىك شېئىر بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتىن بېيتنى بىرلىك قىلغان ھالدا مەتلەئ، ھۆسنىي مەتلەئ، مەقتەئ، ھۆسنى مەقتەئ، شاھ بېيت قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. بولۇپمۇ مەتلەئ ۋە مەقتەئ قاتارلىقلار كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ھازىر يېزىلىۋاتقان غەزەللەرنىڭ بەزىلىرىدە يوقۇرىقى ئامىللار تولۇق بولسىمۇ، بەزى غەزەللەردە شائىرنىڭ ئىسمى ياكى تەخەللۇسى يېزىلىدىغان مەقتەئ بېيىتىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كىلاسسىك شائىرلار مەتلەئ ياكى مەقتەئدىن بىرى كەم بولغان بۇنداق شېئىرلارنى غەزەل قاتارىغا كىرگۈزمەي «قىتئە»دېگەن نام بىلەن ئاتىغان، شۇڭا بۇ ئامىللارنىڭ تولۇق بولىشىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. غەزەللەر مەزمۇنى ، تۈزۈلۈشى ۋە شەكلى جەھەتتىكى پەرقلىرىگە ئاساسەن يەك ئاھاڭ غەزەل، يەك ئاۋاز غەزەل، مۇسەججەلىك غەزەل، مۇلەمما غەزەل، مۇكەررەر غەزەل، مۇشتەرەك غەزەل، مۇزەييەل غەزەل، مۇتەۋۋەل غەزەل قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر شائىرنىڭ غەزىلىگە ۋەزىن ۋە قاپىيەسى ئوخشاش يېزىلغان غەزەللەر نەزىرە دىيىلىدۇ، مەتلەئ بېيىتىنىڭ بىر مىسراسى باشقا بېيتلەردە تەكرارلانسا «رەددئى مەتلە»دىيىلىدۇ. غەزەلنىڭ مىسرالىرىغا قىسقا مىسرا قوشۇش ئارقىلىق مۇستەزاد بارلىققا كېلىدۇ. بېيىتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى ئالدىغا مەلۇم ساندىكى مىسرالارنى قوشۇش ئارقىلىق تەخمىس، تەسدىس قاتارلىق بىرقانچە تۈرلەر بارلىققا كېلىدۇ. شائىرلار ئۆز غەزەللىرىدىن دىۋان تۈزۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، دىۋانغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلار قاپىيە ياكى رادىف بولۇپ كەلگەن سۆزنىڭ ئاخىرقى ھەرپىگە ئاساسەن، ئەرەپ ئېلىپبەسى ياكى چاغاتايچە ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تىزىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىرلار قاپىيەسى ئېلىپبەدىكى ھەرقايسى ھەرپلەر بىلەن تۈگەللىنىدىغان غەزەللەرنى يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. غەزەل ژانىرى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە، جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئومۇملاشقان ژانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇ ژانىر ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ غەزەلچىلىك ئەنئەنىمىزنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى، ئۇنىڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەققىيەتلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

مەنبەلەر:
1) ئابدۇرېھىم نىزارى، «نىزارى لىرىكىلىرى»(مەھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1995-يىل.
2) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،
1998- يىل
3) ئەلىشىر نەۋائى، «غەزەللەر»(تېيىپجان ئېلىيوپ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىل
4) «باياز»(1)(مەمتىمىن يۈسۈپ قاتارلىقلار)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىل.
5) زەلىلى، «زەلىلى دىۋانى»(ئىمىن تۇرسۇن)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1985-يىل.
6) موللا سابىر بىننى ئابدۇقادىر ناقىس، «دىۋانى ناقىس»(مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1995-يىل
7) مۇھەممەدئەمىن گۇمنام، «دىۋانى گۇمنام»(مىرسۇلتان ئوسمان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل
8) نەۋبەتى، «دىۋانى نەۋبەتى»(مەھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل.
9) نۇسرەتۇللاھ جۈمەيېۋ،«سەتىرلەر سىلسىلىسىدىكى سېھىر»، «بۇلاق»،1997-يىل 2-سان،
10) ھاجى ئەھمەد، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982- يىل نەشرى
11) ئىمىن تۇرسۇن : «تارىمدىن تامچە» ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1998- يىل نەشرى.
12) زەمىر سەيدۇللا:«كىلاسسىك شېئىرىي ژانىرلار»،كانسىپىك.
12Haluk Ipekten,“Eski Turk Edebiyati:Nazim Sekilliri ve Aruz”Dergah Yayinlari, 2001, Istanbul.
13 “ Islam Ansiklopedisi”, Milli Egitim Basmevi, Istanbul, 1978, besinci baski.
14 “The Encyclopaedia of Islam”, E.J.BRILL Press, Leiden, Netherland, 1979.
15M.F,Koprulu,“Turk Edebiyat Tarihi”, Otuken Nesriyat A.S, 1981, Istanbul.
16 Zahiruddin Muhammad Babur,“ Babur Diwani”,(Bilal Yucel) Ataturk Kultur Merkizi Yayini,Ankara,1995.

   ( مەزكۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-17 19:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-18 11:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، مۇشۇنداق ماقالىلەر تازا لازىم ئىدى.

ۋاقتى: 2016-4-15 00:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  

    مۇشۇنداق بىزگە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان ماقالىلەر كۆپرەك يوللانسا، بىزمۇ  زوق - شوخ بىلەن ئوقۇپ تۇرساق !  ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش