بالىلارغا بازارلىق
قەھرىمان روزى ئەرچىن
يۇلتۇز تامام كۆچۈپتۇ
ئايدىڭ كېچە يۇلتۇزلار
يانار كۆكتە پىلىلداپ.
بولۇت بىلەن بەسلىشىپ،
ئۈزەر ئايمۇ غۇيۇلداپ.
يامغۇر ياغقان بىر كەچتە
چىقسام ئاستا تالاغا،
يۇلتۇزلارنىڭ بىرسى يوق،
مۆككەنمىكىن كاماغا؟!
قاراپ باقسام ئەتراپقا
كەنت-مەھەللە يورۇپتۇ.
مەھەللەمدە ئۇخلاشقا
يۇلتۇز تامام كۆچۈپتۇ.
ئۇخلاپ قالدى ئويۇنلار
ئاق تاش چىقتى پىرقىراپ،
كۆك تاش ئۇخلاپ قالدىمۇ؟
تاپشۇرۇقنىڭ دەستىدىن
بىلەكلىرى تالدىمۇ؟
ئاق تاش چىقتى پىرقىراپ،
كۆك تاش چاپسان كەلسەڭچۇ!
قىزىپ كەتتى ئويۇنلار،
يامان بولساڭ ئۇتساڭچۇ!
ئاق تېرەك، ۋە كۆك تېرەك،
توپقا ئەسلى بەك يامان.
ئەمدى چىقماس ئويۇنغا،
كۆكلەپ كەتكەچ كۆك تامان.
توڭلاپ كەتتى قار بوۋام
قار بوۋامنى توڭدۇردى،
قىشنىڭ سوغۇق كېچىسى.
ئاق قىروغا پۈركەنگەن،
سېرىق، كالتە جۇۋىسى.
سەھەر قوپسام بۆكى يوق،
ئۈششۈپ قاپتۇ قۇلىقى.
پۇت-قولىنى سۇندۇرغان،
كۈننىڭ ئىللىق يورۇقى.
ئىسسىن بىردەم قار بوۋا،
ئۆيدە مەشتە ئوت كۆيەر.
ئويناپ تۇرساق بالىلار،
قىشمۇ كېتىپ ياز كېلەر.
قېنى مېنىڭ چۆچىكىم
بۆجەنلىرىم چاپسان كەل،
قوشاق ئوقۇپ بېرىمەن.
خام كوكاتنى يېمىگىن،
ھەسەل قۇيۇپ بېرىمەن.
چۆچىكىمنى باشلىدىم،
بۆجەن ئاڭلار بەك تولۇق.
سەھەر تۇرسام سومكاندا،
چۆچىكىمنىڭ بىرى يوق.
بۆجەن دېگەن دىڭ قۇلاق
چۆچىكىمنى يەپ كەتتى.
ساقلاپ كۈندە ئاڭلاشقا
يانچۇقىغا سېپ كەتتى.
ئۇچقۇر چانام مۆكۈپتۇ
ئاپپاق، ئاپپاق قىش كەلدى،
ئۇچقۇر چانام قېنى سەن؟
مۇزلۇقلاردا بۈركۈتتەك،
سېنىڭ بىلەن ئۇچىمەن.
ئۇچقۇر چانام قېنى سەن؟
مۆككەن يەردىن چاپسان چىق!
سوغدىن قورقما قورقۇنچاق،
ئويۇنىمىز بەك قىزىق.
ناخشا ئېيتسام
ناخشا ئېيتسام دالادا،
ناخشامنى تاغ يەپ كېتەر.
دورامچىمۇ بۇ تاغلار،
دوراپ ماڭا دەپ بېرەر.
ناخشا ئېيتسام بۇلاققا،
جىمجىت تۇرار بۇلاقلار.
بېلىجانمۇ جىممىدە
سۇغا توشقاچ قۇلاقلار.
مەن تاغلاردىن ئىزدىسەم،
ناخشا خۇمار بىر تاش يوق.
مەن بۇلاقتىن ئىزدىسەم،
بېلىقلاردىن سادا يوق.
قۇشقاچ دوستۇم
گۈللۈكىمگە كەلمەيسەن،
كىچىك قۇشقاچ ــ ئوماقجان.
قورقما مېنىڭ دادامدىن،
دانلا كېلىپ تىنچ-ئامان.
گۈللىكىمدە رەڭمۇرەڭ
گۈل ئېچىلدى ھۈپپىدە.
ئۇخلا؛ بىردەم ئارام ئال،
ئەتىرگۈلنىڭ تۈۋىدە.
ئۇچۇپ-ئۇچۇپ ھارغانسەن،
ناخشا ئوقۇپ تالغانسەن؟!
بۈركۈت بىلەن بەسلىشىپ،
ئاي-يۇلتۇزغا قونغانسەن؟!
قارلىغاچ ۋىچىر-ۋىچىر
قارلىغاچ ۋىچىر-ۋىچىر،
گەپ قىلار پىچىر-پىچىر.
ئۇكام بىلەن ئوينايدۇ،
لەمپە ئاستىدا چىر-چىر.
ئۇكام بىلەن ئوينايدۇ،
چىرقىرىشىپ تويمايدۇ.
ئۇكام ئۇخلاي دېسىمۇ،
ئۇخلىغىلى قويمايدۇ.
قارلىغاچ ۋىچىر-ۋىچىر،
لەمپە ئۆيگە كىرە-كىر.
قانداق ئويۇن ئوينايدۇ،
دەپ بەرمىدى؛ بولدى سىر.
ئاتا-ئانام نۇر-چىراغ
دادام ماڭا نۇر-چىراغ،
ئانام ماڭا نۇر-چىراغ.
دادام بىلەن ئانامغا
مەن ھەممىدىن خۇشپۇراق.
دادام مېنى سۆيىدۇ،
ئانام مېنى سۆيىدۇ.
ئاسراپ مېنى؛ پەرۋىشلەپ،
جاندىن ئەزىز كۆرىدۇ.
قەدىردانىم ــ ئۇستازىم
ئۆگىتىدۇ بىلىمنى.
ئارزۇلارغا تولدۇرۇپ،
ئاپئاق، سەبىي دىلىمنى.
تاڭ ئاتقاندا ھەر سەھەر
ئالتۇن قۇياش نۇر چاچار.
ئاتا-ئانا ئىقبالغا
باشلاپ مېنى يول ئاچار.
سىڭدۈردۈڭلار دىلىمغا
گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت.
ئەجرىڭلارغا جاۋابەن
ئۆگىنىمەن مەرىپەت.
كۈيگە قاتسام ئاز كېلەر
ئاتا ئانام شەنىگە.
مېھرى تاتلىق بولغاچقا،
ھەسەل يەتمەس تەمىگە.
مېھرىڭ قۇياش ئەي ئاتا،
ئەجرىڭ گۈلشەن ئەي ئانا.
ئىقبالىمنى چاقناتقان
مېھرىبان ئاتا-ئانا.
مەنبە: 1990ــــ2000-يىللاردىكى «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان كونا شېئىرلاردىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-17 13:05
|