گۈل بازىرىدا قەدىم ھېكايە
(ئىككى شېئىر)
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت
(1)
قىزىل گۈل بازىرى
گۈل ساتىدۇ بىر قىز بازاردا،
گۈل نەرقىگە يېتەر كىشى يوق
غۇنچىسىنى ئۈزەر كىشى يوق...
قونىۋىلىپ ھال رەڭ لېۋىگە
ناز قىلىدۇ كېتەر ئويى يوق...
گۈل بازىرى ۋە رەڭدار گۈللەر،
يالپۇز بىلەن مەست قىپ بازارنى
بۇلبۇلىنى كۈتەر سەۋرى يوق.
توزۇپ كېتەر ئارتۇق ۋاقتى يوق.
پەقەت خىيال گىرۋەكلىرىدە،
جىگدىلىكتە مەشۇقى بىلەن
چېچەك پۇراپ قالغان كۈنلەرنى،
ئۇنتۇش كىرەك، ئەمما قۇربى يوق...
مەن،
مەنزىل ئىزدەپ ئازغان بىر ھەرە
گۈل بازىرى پەقەت بىر ئۆتەڭ،
سۇلماس گۈلنى ئىزدەپ ئاۋارە.
-گۈل ئالامسەن؟ دەيدۇ بىر باققال،
كۆزلىرىدە ھەسەتنىڭ ئوتى.
بېخۇت بولۇپ قاپتىمەن ئەپسۇس!
مەندە ئىكەن بىر گۈلنىڭ كۆزى...
2015-يىل، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، خوتەن، قىزىل گۈل بازىرى
(2)
كونا ھېكايە
بازارلاردا مېنىڭ ئىشىم يوق،
مازارلاردا، مېنىڭ ماكانىم.
قەلىبلەرگە تىزىمەن چاڭگا،
كېلەر بىركۈن قونار زامانىم...
شۈنچە تەستە ئالىمەن قەدەم،
مەندىن قەدىم تۇپراق كۆكسىگە.
ھەر نەپەستە دەيمەن ھاۋاغا؛
-سەن مىراسسەن مەندىن ئەتىگە!...
پەقەت بۇندا گۈلسىمان قىزلار،
قېسمەتداشتۇر مەن دىۋانىگە.
ئېشىقگاھدا دۇنيا نازلىنىپ،
ئايلىنىدۇ بىر پەرۋانىگە...
2015-يىل، 5-ئاينىڭ 29كۈنى، خوتەن، چۇقۇ بازار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-17 02:06