يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 12

يانتاق (ئىزگۈگە): رەستىگە كىرگەن پىراق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەستىگە كىرگەن پىراق


مەھمۇتجان يانتاق


(غەزەللەر)


(1)
كەل ساداق، باشىم ئارا قۇتراپ تۇرار ئايدەك شامال،
چايقىلار باغرى پۈتۈن كۆيگەن زېرەك تەنھا ئارال.
ئايرىلىپ كەچمىشلىرىم تۈندە لەۋەن سۈزدى سۈكۈت،
گەۋدىمىز يۈكسەك كامارغا سىغدىدى چاپچىپ ھىلال.
كۆشىدى پەرۋازدا قالغان بىر ئۇچۇم ئەشئارلىرىم،
ئادىمىي خەندان ياساپ كەلگەن غۇبارسىز بىر سوئال.
پەسلى گۈلگۈنلەر ئۇچۇپ كەتتى پىراقنىڭ شەھىرىگە،
مەن ياقا يىرتىپ ياتارمەن...تاملىرىم بولدى خۇشال.
ئېرىدى چۆل يەڭ شىمايلاپ چىقمىغان دەستۇر ئارا،
تىك تۇرۇپ يۈتتى غېربلىق جىلۋىدە ياتقان ئايال.
قاغجىراق كۈيلەر قۇياشنىڭ ھالىدىن ئالدى خەۋەر،
باتنىغان كۈننىڭ پىراقى ئالدىدا سارغايدى خال.
تەشۋىشىم زەنجىرىدە يانتاق گۈلى ئىزدەر سۈكۈت،
سۆيگۈنىڭ ھالىغا ۋاي، بۇ تەنلىرىم بولدى قامال.

(2)
تۈن بىلەن مۇڭداش خىيال، مەن تاشقا بولدۇم ئەتىۋار،
تۈنلىرىم ئاستىمدا باردۇر پارقىراپ تۇرماقتا قار.
بۇ كۆڭۈل پەنجىرىسى تار كەلدىغۇ گۈلگە ئەجەپ،
پۇتلىشىپ كەتتىم پىراقنىڭ كۆكسىگە ئۈنسە باھار.
زەر تۇمان ھويلام ئارا كەلدى مانا باغرىن ئېچىپ،
چايقىلىش بولدى تېڭىمنىڭ تۈنلىرى كەلسە غۇبار.
ئېرىدى قەلبىمدىكى داغ بىر پۇچۇق ھەسرەت ئارا،
بىر سۈكۈت بەردى شاماللار، مەن ساڭا بولدۇم خۇمار.
ۋەيلۇنۇم چالدى ئازاپنىڭ ئون كېچە شەيداسىنى،
تارقىلىش پەيتى كېلىپ بولدى ئىشىق ئالەمگە خار.
بىر تېنىق ئازلاپ تېشىمغا بەردى كۆپ رىغبەت ھايات،
قەترە ياش يوقتۇر كۆزۈمدە بۇ ۋۇجۇد چالغىتسا دار.
ئىشتىياقنىڭ بەزمىسىدىن كەلدى ئاھ، ئاتەش قەلب،
تامغىنى يانتاق يېشىدۇر، بۇ يۈرەك بولدى بىمار.

(3)
ئاي ئۆزىنى ئاتتى كۆلگە تاش سۈزۈپ چىقتى ئامان،
چۈشسە ئاتەش غەملىرىدە چاقنىغاي يۇلتۇز ھامان.
تىپتىنىق ئەڭنىم بېغىدا ئايرىلىش كەلدى كۈلۈپ،
يانمىغان گۈللەر بىلەن تەڭ ئېچىلىپ باردى پىغان.
ئاقتى ياش تۇنجى قېتىملا بىتۇيۇق رەستە ئارا،
تارقىلىش ھىجران كۈيىدە كۆيدى راسىت ياپراق ئاران.
سۇنغىنى ئاجىز ئېڭىمنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلىرى،
تاغ سۈپەت كەكلىك قولۇمدا سايرىدى ئەسلەپ زامان.
تام يۈزى پارلاپ تۇراردۇر كەڭ ساما ھۆسنىگە جەم،
تۈن بىلەن سۇمرۇغ ئاۋازى تارتىنىپ چاچتى تۇمان.
قىرغىقى بولغان يۈزۈمنىڭ بىر غېرىچ ئەشئارىسى،
ھار كېلۇر ئادەملىكىم ئاھ، قوزغىسا مەندىن گۇمان.
پىچىلىپ ئۆلگەن كۈيۈمنىڭ بەرقىدە يانتاق قالار،
ئاشىقى بىدارىدا قالغان گۈزەل بولدى جۇۋان.

(4)
زار بولۇر ياتقان كۆڭۈل سۆيگۈ كۈيى زۇننارىغا،
چۆكتى تام ھەسرەت بىلەن مۇڭ ئارىلىشىپ دۇتارىغا.
پەسلى تاش قالدى پىغاندا جىلغىنىڭ بوينى كىچىك،
سۈمۈرۈپ ئۆتتۈم شامالنى كەڭ سۈپەت تۇمارىغا.
بىر كىيىك ھوۋلاپ قويۇپ قاچتى مانا تاغقا قاراپ،
تارقىلىش كۆچتى ئەجەپ بىر سۆيگىنىڭ مىمارىغا.
ئەسلىرىم ئاۋازىدىن ياندى قىياقلار ياش تۆكۈپ،
ئۆزرىسى بولدى كۆڭۈلنىڭ سۈپسۈزۈك بىر غارىغا.
كۆيگىنىم مەيلىم ئەمەستۇر يارغا مەن يانداش يۈرۈپ،
بۇ يۈرەك قاپلاپ زاۋالنى قايتۇرۇپ خۇمارىغا.
زەنجىرى پارلاپ تۇراردۇر ئاھ، بويۇن قىستى شەپەق،
كەچكىچە جاندىن قارالغان بۇ سىماھ ئەشئارىغا.
نۇر ھىدايەت قەسرىدىن چۈشتى مانا يانتاق تامان،
ئۇ كۈلۈپ كەتكەي پىراقنىڭ ئوتىدا مۇڭ-زارىغا.

(5)
مەۋجىدىن دەريالىرىمنىڭ ئۆشنىسى قاندى ھامان،
رەستىگە كىرگەن پىراقنىڭ بەرقىدە ئايدىن گۇمان.
يىغلىما ئادەملىكىم مەن كەلمىسەم تاشلار ئارا،
شەپىگە كۆنگەن كۆڭۈلنىڭ بويىدا قالسۇن تۇمان.
بەندىدىن ياندى پىغاننىڭ ساقىغان ئاجىز نۇرى،
تاشلىنىپ كەتكەي ھارامنىڭ بىر شېخى سۆزلەپ راۋان.
مۇزلىدى كۆزنەك كۆنۈك ئادەتكە خاس ئەشئار بىلەن،
دىل ئۆچۈپ كەتكەن چىراقتۇر پەيزىدە ئاخىر زامان.
قانىغان تامنىڭ كۈيىدە سۈركىلىپ چىققان سۈكۈت،
بىر پەرى ھۆسنىدە تىللا پارقىرار زەردەك يامان.
تۈن بىلەن كەلدىم... ئازاپنىڭ ھويلىسى تىمتاس يەنە،
نەزمىگاھ يارەنلىرىمدىن ئاينىدى ھەسرەت-پىغان.
يار يورۇق تۈندىن قېچىپ كەتتى خىيالنىڭ شەھىرىگە،
مەن ئوقۇپ ياتتىم يەنە يانتاق بىلەن سۇلغۇن بايان.

(6)
مېنىڭ ئەشئارلىمنى ئاھ، سۈزۈپ ئالماق بىھاجەتتۇر،
قانات كەرگەن شاماللارغا ئۇرۇق سالماق بىھاجەتتۇر.
تاپاي دەيمەن تېرىقنى مەن ئېتىزلارنىڭ جۇلاسىدىن،
ئەجىر-مېھنەت كۆكىدە بىر تۇرۇپ قالماق بىھاجەتتۇر.
چېچى بىرلە تاراپ ھەريان سۈرەر بەندە خىيالىنى،
بىرەر ئالما سۇنۇپ قويغىن، بىلەك تالماق بىھاجەتتۇر.
قاراپ كەلدىم جاھان سازى جاراڭلايدۇ پىغانىمدىن،
سۆيۈش بولسۇن بۇ ئالەمنى ئازاپلانماق بىھاجەتتۇر.
پەدەر بولغاي ئۇلۇغ روھلار قەدەمدە بىر يىقىلماي ماڭ،
ئۆلۈش بىرلە ۋۇجۇدىڭغا قاراپ باقماق بىھاجەتتۇر.
سۈكۈت كەلدى، جاۋاب بەردىم ماڭا قالغان مۇھەببەتكە،
ھامان ئاجىز ئەمەس ئىنسان كۈلۈپ ياتماق بىھاجەتتۇر.
قۇياش پەرياىدىدا يانتاق سەھەرنى ئىزدىسە بىردىن،
ياشار بولدى پىراقلاردا يەنە چانماق بىھاجەتتۇر.

(7)
نازىنى ئوت يەيدۇ گۈلدەك ئەسلىرى بولغاندا زار،
تىلسىمى ئاچقان روجەكتىن شۇڭغىدى قەلبىمگە قار.
بىر تۇمان ئاسماندا لەيلەپ ئۆزىنى قىلسا قۇبۇل،
ئاشىقى بىچارىمەن بىر ياشلىرىم قىلدى شىكار.
قارنىغا جۇت توپلىغان يەر ئېسىلىپ ئۆلدى بۈگۈن،
تىڭشىغان جىلۋەمدە كۆزلەر يارىلىپ بولدى بىمار.
تۈن كېلىپ روھمغا چاچتى بىر قاچا جاننىڭ سۈيى،
چەشمىدە ئادەملىكىم ئاھ، رەڭلىنىپ كەلدى باھار.
بىتۇيۇق ئارمانلىرىم تاڭ ۋەسلىدە چاچتى پۇراق،
يار بىلەن تەڭ نازلىنىپ داغ ھۆسنىدە ئاسمانغا زار.
بىخ يېرىپ چىقسا كەرەملىك سۆيگۈنىڭ غەليانلىرى،
تارقىلىپ كەتكەن بېشىمنىڭ ئەڭنىدە قالدى ناھار.
كەلكۇنى ئارمانلىرىمنىڭ ئۆرلىدى قىرغاق تامان،
يانتىقىم ئىزناسىدا چۈش قالمىدى...بولماقتا خار.

(8)
شۈركىنىپ كەتكەن قىياقنىڭ بېغىدىن چىقتى باھار،
ئۇچتى باغ ھۆسنى بىلەن ئاھ، ياپرىقىم بولدى ئىپار.
يۆتكىلىپ بولغان پىراقنىڭ قارنىدا رەڭدار سۈكۈت،
بىر كۈلۈش ئەپلىك باھانە، سۆيگۈدىن ئۇچقاندا قار.
تار كېلەر مەيدانلىرىڭ مەن ساقىدىم تۈندىن ئەجەپ،
ئۆشرىسى قالسۇن كۆڭۈلنىڭ كەت يىراق كەلسە باھار.
تارقىلىپ ئاپتاپ ئىشىقنىڭ شەھىرىدە كۆزگە كىرىپ،
ياقىسى كۆيگەن دەرەخنىڭ مۇڭلىرى بەرمەكتە دار.
چايقىلىپ چۈشتى ئۇسسۇلغا يىلتىزىم بىر دەم ئارا،
پەردىلەر شەيدالىقى خاس كۆرۈنەر چالسا دۇتار.
ھەسرىتىم چىقتى قۇياشتىن كەلمىسە يارنىڭ ئوتى،
پۇچلىنىپ ئۆتكەن دەۋردە يۈرىكىم ئاشىق بىمار.
بىر سۈكۈت قىرغاقلىرى ئۆركەش ياساپ ئاقتى راۋان،
ئاھ، يەنە يانتاق ئۆزى چالغىپ بولۇپ بولماقتا زار.

(9)
يارىلىپ قالغان سۈكۈتنىڭ قانىتى سۇندى ھامان،
ئايرىلىش چاچتى غېرىبلىق ئايغا داغ بولدى جاھان.
تاشلىۋەت تاملاردا قالغان سۆيگۈنىڭ گۈلزارىنى،
ئەسلىرىم كەلسە يېقىنلاپ تاپمىدىم گۈلدەك ماكان.
پەسلىمەس ئوتنىڭ كۈچى ھېچ قوللىرىم يولدا ئەجەپ،
قايدا جۇت بار، قايدا ئوت ئاھ، سۈركىلىپ كەلسە زامان.
ۋاز كېچەي دەريالىرىمدىن ئۆزگىرىپ كەتسە پىراق،
بىر قاراش پەيزىدە قەلبىم سارغىيىپ قالدى ئامان.
قەدىمىي تام ئويغىنىپ ھال سورىدى ياردىن كۈلۈپ،
قان كېچىپ ياتتى دېرىزەم پەسلىدى ئوتلاردا قان.
ياپرىقىم ئەسلەپ چىقىپ كەتتى ئازاپنىڭ بوينىنى،
ئاشىقى بىدارىدۇر بۇ سۈلكىتى سۇنغان قىيان.
لەيلىدى قوۋزاق ئارا راسىت بۇ كۆڭۈل مەستانىسى،
خار ۋۇجۇد ئەسرارىدا يانتاق كۈلۈپ بەرمەكتە جان.

(10)
بىر خارابە ئەيلىكىم بولدى تېشىمغا يارلىرىم،
چۈش ئارا ياتتى سۇنايلىنىپ كەڭلىكىمدە قارلىرىم.
كۆزلىرىم سىرلىق ئارالدا قاينىغان بىر تال ئۇرۇق،
چەش ياساپ ئادەملىكىمدىن ئۆرلىدى دۇتارلىرىم.
دەرد بىلەن شەرەت قىلاردۇر خوش دېمەي جۇشقۇن يۈرەك،
ئىشىكىم پەيمانىدا راسىت ياشنىدى ئارمانلىرىم.
ئاڭلىنىپ چۆللەردە ئاۋاز كەلمىدى گۈلدىن پۇراق،
يار ۋىسال ئەيلەپ تۇرۇپتۇ باشلىنىپ ئىمكانلىرىم.
بۇ دېرىزە بەزمىسى ھاردى قىياقنىڭ بەھرىدە،
ئۆلمىگەن ئاسمانلىرىمنىڭ قوينىدا بوستانلىرىم.
سۈركىلىپ يالغان خىيالغا ھەقلىرىم بولدى ساياق،
تاش بىلەن ئالدىم جاھاننى غەلبىدە غەليانلىرىم.
ئىشقىمىز ئۆگزەڭ ئارا پارلاپ تۇرار يانتاق بىلەن،
نە كېرەك ھالمىغا ياشلار كەلمىسە رەيھانلىرىم؟

«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى»غا تەسىيە قىلىنغان ئەسەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.يانتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 20:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-16 22:06:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇتجاننىڭ ئىلھاملىرى بۇلدۇقلىغىلى تۇرۇپتۇ!

ۋاقتى: 2016-1-16 22:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغايسىز !

ۋاقتى: 2016-1-16 22:45:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەرنى ياقتۇرۇپ ئ‍وقۇدۇم،مۇكاپاتلىق ئ‍ەسەرلەر قاتارىدىن ئ‍ورۇن ئ‍ېلىشىغا تىلەكداشمەن

ۋاقتى: 2016-1-16 23:04:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز يانتاقنىڭ«رەستىگە كىرگەن پىراق»لىرىنىڭ«ئىزگۈ»گىمۇ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

ۋاقتى: 2016-1-16 23:09:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىزگۈ»گە كىرگەن«پىراق»ئىڭىزنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ چېقىشىنى تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-1-17 11:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈركىنىپ كەتكەن قىياقنىڭ بېغىدىن چىقتى باھار،
ئۇچتى باغ ھۆسنى بىلەن ئاھ، ياپرىقىم بولدى ئىپار.

گۈزەل مىسرالىرىڭىزغا ئاپىرىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 11:52:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا تەشەككۇر...

ۋاقتى: 2016-1-17 12:47:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     يانتاق شېكىرىدەك تاتلىق غەزەللەر ئىكەن. سىزگە نۇرانە ئىقبال يار بولسۇن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 13:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانتاق شېكىرىدەك تاتلىق غەزەللەر ئىكەن. سىزگە نۇرانە ئىقبال يار بولسۇن !



رەھمەت مۇئەللىم...

ۋاقتى: 2016-1-17 23:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەر يۈرەككە ھۇزۇر بەخش ئەتتى، كەمىنىمۇ سىزگە ئۇتۇقنىڭ يار بولۇشىنى تىلەيمەن يانتاق!

ۋاقتى: 2016-1-18 18:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەل يېزىش كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەك ،بۇ غەزەللەر ياخشى چىقىپتۇ ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 13:13:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەر يۈرەككە ھۇزۇر بەخش ئەتتى، كەمىنىمۇ سىزگە ئۇتۇقنىڭ يار بولۇشىنى تىلەيمەن يانتاق!



رەھمەت پاتىگۈل...سىزنىڭمۇ بوشاپ قالماسلىقىڭىزنى تىلەيمەن.

باھا سۆز

ئامىن!  ۋاقتى: 2016-1-19 01:25 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش