يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 2

ئوغۇز (ئىزگۈ): مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىكى ئىماگىلەرنىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
"ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى" سەھىپىسىگە ئاتالغان ئەسەر

مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىكى  ئىماگىلەرنىڭ  رەڭدارلىقى
  
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

        شېئىرغا بېرىلگەن تەبىر ھەر خىل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر  ئۇنى مەۋجۇتلۇققا ئىگە قىلىۋاتقان نەرسە دەل تىلدۇر . سۈكۈت قىلىش  ئىنساننى رېئاللىقنىڭ سايىسىغا ئايلاندۈرۈپ قويدى . ئەمما شائىر سۈكۈت قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى . چۈنكى  ئۇ   ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى   ئۆزىگە ھېس قىلىدۈرپ تۇرالايدىغان ھەم  روھىي  ئالمىدىكى چىنلىقىنى بىمالال ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان   تىلدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كۈچنى بايقىغان ئىدى . شائىرلار قېلىپلاشقان  تىلىنىڭ پاسىلنى بۆسۈپ ئۆتكەندە تىل ئۇلارنىڭ روھىنى چەكسىز ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى .  دېمەك،  شائىر تىل ئارقىلىق ئۆزىنى چەكلىمىدىن قۇتۇلدۇردى   . يۇقىرىقى ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەن شائىر مۇسا ئەھەد تىركەش  :‹‹شېئىر ۋە شائىر ›› ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەيدۇ  :
‹‹سۆز ئىچىدە تىرىكتۇر شائىر،
سىزدۇر تەندىن ئۇچۇپ چىققان قۇش،
شائىر قوشتۇر ئۆز پەرۋازىدا،
ئۆزلىكىنى سۆزلەر تىلىدا.››
    ئۇ  ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە دادىلىق بىلەن ئۆزنى ئىسلاھ قىلىۋاتقان ، بولۇپمۇ شېئىرى  تىلىنى تۇراقلاشقان سەۋەپ – نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنىڭ چۈشەكلىردىن ئازات قىلىپ ، ئۇنى تۇيغۇدىكى ئەپسانىۋى رېئاللىقنىڭ تىلىغا ئايلادۈرش يولىدا بوشاشماي تىرىشىپ كېلىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر  . ئۇ تۆۋەندىكى شېئىردا :
‹‹باردۇر يەنە ئاسمان خىيالى

ئۈستۈمدە كۆك ئاسمان
پۇتۇمنىڭ ئاستىدا تاغلار
ئوي سۈردۈم
بېقىپ ئاسمانغا
تاغدىن چۈشۈۋېتىپ ئۇشتۇمتۇت
بارمىدۇ ئاسماندا خىيال
ئېڭىمدا ئويغاندى شۇنداق بىر سوئال.
قەدىمدە
ئاسمان ئادەمنىڭ خىيالى ئىدى
قۇش
ئۇچۇپ-ئۇچۇپ
ھىرىپ قالغان دەرەخلەر ئىدى.
ھازىرمۇ
مەدەنىيەت بۆسۈپ كىرمىگەن يەردە
باردۇر يەنە گۈللەردە خىيال،
قۇشلاردا خىيال.
قەدىمقى ئادەملەر
ئاسماننى ئاتقان ئوقيادا
ھازىرمۇ ئاشۇ ئوقلاردىن
باردۇر بەلكىم قېپ قالغان سادا.
ئاسمان خىيالى،
زېمىن خىيالى
ئادەم خىيالى
قۇشلار خىيالى
ئۆزئارا كېسىشكەن
تۇتاشقان جايدا
باردۇر تىنچ، ئەلۋەك بىر دۇنيا
باردۇر يەنە ئاسمان خىيالى.››
ئاسماننى   دەرەخلەرگە   ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىنسان روھىنىڭ چەكسىزلىككە بولغان  تەلپۈنىشىنى ھەم  ئىنسان قەلبىنىڭ  بارلىق گۈزەللىكىنىڭ ئوچىقى ئىكەنلىكىنى ، يەنى ئىنسان  سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
        مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ   ئىجادىيەت مۇساپسىغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ روھىنىڭ  يېپىق ھالەتتىكى ئۆيگە ئەمەس ، بەلكى  ھەر خىل ئۇچۇرلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقان  مۇنبەت  ئارالغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇ  شېئىرلىرى ئارقىلىق  تىلنى روھقا قايتۇرۇپ بەردى . بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ شېئىرلىرى چەكسىز مەنە بوشلۇقىغا  ئىگە بولدى   . ئۇ  بەزىلەردەك  ئەنئەنىنى ئىنكار قىلمىدى  . ئەكسىچە  ئۇنى يىلتىز قىلىپ تۇرۇپ ئىجادىيەت يولىدا داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭدى .   بىز مەيلى  ھازىرقى زاماننىڭ   يۈكسەك چوققىسىدا ياكى قاق بېلىدە تۇرايلى  ئەنئەنىنىڭ ھەر ۋاقىت   بىزنى ئىككى مۈرىسىدە  تىرەپ تۇرغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق زامانىۋىلىق  ئەنئەنىنى  ئۆزىگە بۆشۈك قىلغان بولىدۇ .  ئۇ‹‹ئۇرۇق ››دېگەن شېئىردا  ئەنئەنە  بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ  مۇناسۋىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ گۈل ئۆمرىنى ئۇزارتقان ئۇرۇق، ››
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى مۇسا ئەھەد تىركەش  ھەم ئەنئەنىدىن ئوزۇق ئېلىش ھەم ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش  ئارقىلىق شېئىرى ئىجادىيىتىگە يېڭى قىممەت ئاتا قىلىۋاتقان يىراقنى كۆرەر شائىرىدۇر .

      بىر شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى  ئوخشىمىغان  نۇقتىدا تۈرۈپ كۆزەتكەن ۋاقىتىمىزدا    ئۇنىڭ شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە  بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز . تەنقىدچى ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ چاكىرى ئەمەس . ئۇ يازغۇچى بىلەن بىللە سەپەر قىلغۇچىدۇر  .ئۇ سەپەر   جەريانىدا يازغۇچىنىڭ ئەسىردىن ئۇ  ئويلاپ باقمىغان ھادىسلەرنى بايقىشى مۇمكىن . بىز تەنقىتچىنىڭ سەپىرىگە نىشان بەلگىلەپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك . ئۇ نىشان ۋە ئۇسۇلنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ . ناۋادا ئۇنىڭغا نىشان بەلگىلەپ بەرسەك ئۇ ئېنىقكى مەلۇم يازغۇچىنىڭ تەشۋىقاتچسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . تۆۋەندە مەن مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ  شېئىرلىردىكى ئىماگىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن .  بۇ  سەپىرىمنىڭ كىتابخانلارغا ئازا بولسىمۇ نەپ ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن !  
1، مۇسا ئەھەد تىركەش  شېئىرلىرىدىكى  ئىماگىلەرنىڭ  تۈرلىرى

بىز قېلىپلاشقان تىلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلماي  تۇرۇپ تۇيغىمىزدىكى    چىنلىقنى بىمالال ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە  تۇيغىمىزدىكى  رېئاللىق بىز كۆرۈپ كۆنگەن  ۋە تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان تاشقى رېئاللىققا  زادى ئوخشىمايدۇ  . تۇيغىمىزدىكى غۇۋا ۋە مۇرەككەپ رېئاللىقنى بىر قەدەر ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىش  ياكى سۈرەتلەپ بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز  كېرەك ؟ بۇنىڭ بىردىن بىر ئامالى دەل  تىلغا سېھىر ئىشلىتىش . بۇ مەقسەتكە بىز ئىستلىستىك ۋاسىتىلەرگە تايانغاندىلا يېتەلەيمىز .  ئىستلىستىك ۋاسىتىلەر تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى  تۇراقلاشقان مەنىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ  ئۇنىڭغا يېڭى قىممەت ۋە شەكىل ئاتا قىلالايدۇ . بۇ چاغدا تىل تۇيغىمىزدىكى دۇنيانىڭ تىلىغا ئايلىنىدۇ . ئۇ شېئىر ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا رېئاللىشىدۇ . مۇسا ئەھەد تىركەش  ئىچكى رېئاللىقنى  كونكىرىتلاشتۈرۈش ئۈچۈن  شېئىرى ئىجادىيىتىدە ئىماگىلەردىن  ئۈنۈملۈك پايدىلانغان . بولۇپمۇ  ئۇ ئىجادىيەت جەريانىدا  ئىماگىنىڭ ھەممە تۇرلىرىنى   كەڭ قوللىنىپ  شېئىرلىرىنىڭ  تىلىنىڭ  سېھىرىنى ئاشۇرۇش  ۋە مەنە قاتلىمىنى چوقۇرلاشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەن . مەسىلەن ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان  تۆۋەندىكى شېئىرى     :
‹‹خىيال باسقان كۈل رەڭ دېرىزە
         1  
ئۇدۇل تەرەپتە
يېشىل كاھىشلىق
شىپاڭ شەكىلدە  
سېلىنغان مەسچىت
مەسچىت ئالدىدا
تۆت-بەش تۈپ دەرەخ
دەرەخ يېنىدا
قىزىل ماشىنا.
مەسچىتكە يانداش  بىنادا
ئوتتۇرا ياشلىق بىر چارباش ئادەم
ئېچىپ داغدام نەم دەرىزىنى
چىكەر تىمتاس ئاچچىق موخۇركا.
ئىستەك لەيلەپ كۈل رەڭ خىيالى،
يېيىلماقتا گۇگۇمدەك ئاستا .
2
كۈلدانلارغا تۆكۈلگەن كۈللەر
تۆكۈلۈۋاتقان دەرت
خىيال باسقان كۈل رەڭ دەرىزە
ئەينىكىدە يىلىنجايدۇ ئوت
     كۆك تۇمانلىق، يوللار سۇس خىرە.›› ۋەقەلىك  ئىماگە ئاساس قىلىنىپ    يېزىلغان    . بۇ شېئىردا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەمنىڭ  گۇگۇم ۋاقتى دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈۋاتقان  ھالىتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن . شېئىردىكى لەيلاۋاتقان كۈلرەڭ ئىس ،  خىيال سۈرۈۋاتقان دەرىزە ۋە كۆيۈۋاتقان ئەينەك قاتارلىق ئىماگىلەر  ئوتتۇرا ياشلىق  بىر ئادەمنىڭ چەكسىز ھەسرەتلىك ئويلار قوينىدا  تىتما بولىۋاتقان  روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاستىسى بولغان . ئۇ دەرىزىنى داغدام ئېچىپ خىيالدىكى  دۇنيانى كۆرمەكچى بولسىمۇ  ، لېكىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغىنى :‹‹كۆك تۇمانلىق، يوللار سۇس خىرە .›› رېئاللىق بۇلۇپ چىقىدۇ . ئېنىقكى  ئۇ يەردە ئۈمىت ياكى  داغدام يول مەۋجۇت ئەمەس  . ئەينەكتە ئەكىس ئەتكەن ئوت  دەل  ئوتتۇرا  ياشلىق ئادەمنىڭ  ئامالسىزلىق ئىچىدە تىپىرلاۋاتقان روھيىدۇر .
      ئۇنىڭ:‹‹ روھ خەنجەردۇر تەن گويا غىلاپ››دېگەن شېئىرى سىمۋوللۇق ئىماگە  ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان . شېئىردا   يوقلۇققا ، مەڭگۈلۈككە تەۋە بولغان روھ خەنجەرگە سىمۋولى قىلىنغان  .  خەنجەر ئېنىقكى ئەرلىكنىڭ بەلگىسى .   ئۇ كىشىگە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ . ئىنسانىيەت تارىختىن بېرى شۇ خىل  قوراللاردىن پايدىلىنىپ  مەۋجۇتلىقىنى ، غۇرۇرىنى قوغداپ كەلگەن ھەم تالاي تارىخنى ياراتقان . تەنگە سىموۋول قىلىنغان غىلاپ ماددى دۇنياغا  مەنسۇپ بولۇپ ،  ئۇ چەكلەش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش كۈچىگە ئىگە . ئىنسانىيەت  تارىخى رېئاللىق  بىلەن غايە ،  بوي سۇنۇش بىلەن بوي سۇنماسلىق ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشقا تولغان . يۇقىرىقى شېئىردا  سىمۋوللۇق ئىماگىلەر  ئارقىلىق  رېئاللىق بىلەن ئىنسان روھىي ئوتتۇرسىدىكى  سۈركىلىش ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن .يۇقىرىقى شېئىردىن باشقا ئۇنىڭ ‹‹ھەممە تۇغۇلار يوللار ئۈستىگە››دېگەن شېئىرىمۇ   سىمۋوللۇق خاركتېرى   ئىنتايىن   كۈچلۈك بولغان بىر شېئىرىدۇر . بۇ شېئىرىنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرىدا  :
‹‹ئادەم يول ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ
يول ئۈستىگە تۇغۇلغان ئادەم
تېپىپ يەيدۇ يولدىن رىسقىنى.
يىقىلسا
يوللار دەس تۇرغۇزىدۇ ئۇلارنى.
يوللار يول ماڭغۇزىدۇ ئۇلارنى
شاماللار يېتەكلەيدۇ ئۇلارنى
داۋانلار ئۈستىگە ئەپ چىقىدۇ ئۇلارنى.
تاغلار
چوققىلار كۆكسىگە بۆلەر ئۇلارنى.
يول بار ھەممىدە ئادەملەر ماڭغان
ئىز بار قانات بولغان ئادەملەرگە.
دوقمۇش، ئاچاللاردا باردۇر بەلگىلەر
ئېلىپ ماڭغان بارچىنى كۈتكەن مەنزىلگە
باردۇر كۆۋرۈكلەر
جىرالارنى چىڭ باغاشلىغان
ھەممىسى
ئادەم ماڭغان يوللارنىڭ خىلمۇ–خىل شەكلى
خىلمۇ-خىل ئاتىلىشى ۋە چېچەكلىشى.
ھەممە تۇغۇلغان يوللار ئۈستىگە
دەريالارمۇ تۇغۇلغان يوللار كۆكسىگە
دەريالار قېنى
يول ئۈستىگە تۇغقان دەريانى.››
      شائىر ‹‹يول ›› ،‹‹شامال ››،‹‹داۋان ››،‹‹دوقمۇش›› ،‹‹ئاچاللار ››،‹‹چوقا ›› ،‹‹كۆۋرۈك ››،‹‹جىرالار ›› ،‹‹ئىز››،‹‹بەلگە ››قاتارلىق سىمۋوللۇق ئىماگىلەر  ئارقىلىق  ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا  بىر نەرسىنى مەقسەتسىز كۈتۈش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يارىتىش ۋە روھىدىكى مەلۇم مەقسەتكە  يېتىش يولىدا بوشاشماي ئالدىغا قاراپ مېڭىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . بۇ جەريان ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئازاب ، يوقىتىشقا  تولغان . شېئىردىكى بارلىق ئىماگىلەر ئانا سىموۋول بولغان ‹‹يول›بىلەن  ئىنتايىن  زىچ مۇناسۋەتلىك بولغان .‹‹يول ››ئىنساننىڭ ئۆمرىگە سىموۋول قىلىنغان بولۇپ ، ئېنىقكى ھەرقانداق ئىنسان تۇغۇلغان ھامان ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى مەلۇم يول بولۇپ چىقىدۇ .‹‹ئىز ››ۋە ‹‹بەلگە››ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىغا قالدۇرغان  نەتىجىگە سىموۋول قىلىنغان .‹‹شامال ››ئىنسان ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان . دېمەك ئىنسان ھاياتى خۇددى شامالدەك  تېز ئۇتىدىغان ۋاقىت ئىچىگە تاشلانغان . ماكان ۋە زامان ئىچىدە ھەرىكەتلىنىش ئىنسان قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قىسمەت  . بۇ قىسمەتنى  ئىنسان پەقەت باسقان يولىغا ‹‹ئىز››قالدۇرۇش ئارقىلىقلا مەنىگە ئىگە قىلالايدۇ . شېئىردىكى ‹‹دوقمۇش››››،‹‹داۋان ››، ‹‹ئاچاللار ››، ‹‹چوقا ›› ،‹‹چىراللار ››،‹‹كۆۋرۈك ››قاتارلىق ئىماگىلەر ئىنسان تولىمۇ قىسقا بولغان ھاياتلىق يولىدا سانسىز تېڭىرىقاش ، توسقۇنلۇق ،سىناق ، ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن  ئىبارەت ئاچچىق ھەقىقەتكە سىمۋول قىلىنغان .  
مۇسا ئەھەد تىركەش  نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىدا يوشۇرۇن ئوخشىتىش   ئىماگىلىرىدىن   پايدىلىنىپ تۇيغۇسىدىكى مۇرەككەپ مەنىلەرنى  ئىپادىلەپ بەرگەن.   مەسىلەن ئۇنىڭ ‹‹ گۈل يارىسى ئېچىلغان چېچەك››ناملىق شېئىرنىڭ :‹‹ كېچە دېگەن ئاينىڭ يارىسى،
تىترەپ كۆكتىن قونغان دەرەخقە .››دېگەن مىسرالاردا كېچە دەرەخ ئۇچىغا قونغان ئاينىڭ يارىسىغا ئوخشىتىلغان .  بۇ مىسرالاردا ‹‹جاراھەت ››دېگەن سۆز بىلەن كېچە ۋە ئاي ئادىمىلىك سۈپىتىگە  ئىگە بولغان . كېچە  نېمە  ئۇچۇن  ئاينىڭ  جاراھىتى بولۇپ قالىدۇ ؟ چۈنكى كېچە يامانلىقنىڭ بەلگىسى . ئۇ   ئازابقا ۋە سۈيقەستكە ، ئۆلۈمگە تولغان . ئاينىڭ غېرىبلىق  ئىچىدە كۆيىشىنى كېچە كەلتۈرۈپ چىقارغان  . ئاي دەل كېچىنىڭ مەھبۇسى .  شائىر كېچە  بىلەن ئاينى سېلىشتۇرۇش ، يەنى ئۆز ئارا ئوخشىتىش ئارقىلىق كېچىنىڭ ۋەھىمىسىنى  تېخىمۇ  كونكرېت  ئىپادىلەپ بەرگەن  . ئۇنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرىمۇ  ئىجادى  يوشۇرۇن  ئوخشىتىش ئىماگىلىرىدىن پايدىلىنىلىپ يېزىلغان  :
‹‹قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن

قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن
قايتىپ كەلمەيدىغان يامغۇرلىرىڭنى
قايتىپ كەلمەيدىغان بۇلۇتلار بىلەن.
ئىچىمدىن توزىغان بىر پارچە بوشلۇق
بىلىمەن ئۇ
ئوق تەككەن قانات
يىرتىلغان ئاسمان.
قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن
ئۇ قەدەملەرنىڭ
قايتىپ كەلمەيدىغان يوللار ئۈستىگە
بىلىمەن كۆزلىرىڭنىڭ ھەم
باغلىرىمدىن ھۆركۈپ قاشقان قۇش.
قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن
سەن بىلەن
قايتىپ كەلمەيدىغان ئايدىڭ
قايتىپ كەلمەيدىغان كۈتۈش
قايتىپ كەلمەيدىغان ناخشىلارنىڭ
قانىتىدا كۆيۈۋاتقان چۈش.››
يۇقىرىقى شېئىردىكى ‹‹ئۇ  ›› بىلەن ‹‹مەن ››ئوتتۇرىسىدا دىدارلىشىش مەۋجۇت ئەمەس . ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چەكسىز مۇساپىنىڭ بارلىقىنى ھەم   ‹‹ئۇ››نىڭ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى  ‹‹مەن ››ئېنىق بىلىدۇ  . شېئىرىدا  ‹‹ئۇ ››قارمۇ – قارشى بولغان ئىككى خىل ئوبيېكىتلارغا ئوخشىتىلغان . بۇ ئوبيېكىتلارنىڭ بىر قىسىمى  ئۈمىت ، خوشاللىق قاتارلىق ياخشىلىققا تەۋە بولغان  ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان . بىر قىسىمى ئازاب ، ئۈمىتسزلىك قاتارلىق يامانلىققا تەۋە  بولغان ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولغان .‹‹ئۇ››نىڭغا ئوخشىتىلغان  ياخشىلىققا تەۋە ئۇبيېكىتلار بولسا :  يامغۇر ، بۇلۇت ، قەدەم ، ئايدىڭ ،ناخشا ياكى چۈش قاتارلىقلار .‹‹ئۇ››نىڭغا ئوخشىتىلغان يامانلىققا تەۋە ئوبيېكتلار بولسا :  توزىغان بوشلۇق ، ئوق تەككەن قانات ، يىرتىلغان ئاسمان ، ھۆركۈپ قاچقان  قۇش ، كۈتۈش  قاتارلىقلار .  دېمەك ‹‹ئۇ ››نىڭ باغرىغا ياخشلىق تولغان . ئەمما‹‹ ئۇ››ئۆزى دۇچار بولغان ۋە بولىۋاتقان ئېغىر قىسمەت ، يەنى يامانلىق سەۋەبىدىن قايتىپ كېلىشكە ئامالسىز .  شېئىردىكى ‹‹ئۇ›› زادى كىم ؟ بۇنىڭ  جاۋابى تۆۋەندىكى مىسىردا  :
‹‹ئىچىمدىن توزىغان بىر پارچە بوشلۇق
بىلىمەن ئۇ ››
بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكى ‹‹ئۇ ››نىڭ ماكانى ‹‹مەن››نىڭ روھىدا ، يەنى ‹‹ئۇ››بولسا ‹‹مەن››نىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كۆمۈلگەن   ئۆزلۈك.  شېئىردىكى ‹‹ئۇ››  ‹‹مەن››نىڭ  ئەسلىمىسدە ساقلانغان ، ‹‹مەن ››تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان، ‹‹مەن›› ئىپادىلەشكە ۋە ئاشكارىلاشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقان  كەلمەسكە كەتكەن ئوبراز.
مۇسا ئەھەد شېئىرى ئىجادىيىتىدە  ئوخشىتىش ئىماگە  ،  ۋەقەلىك ئىماگە    ، سىمۋوللۇق ئىماگە قاتارلىق ئىماگىلەرنى جانلىق قوللىنىش بىلەن بىللە  ، ئۇ يەنە  غەرب  شائىرلىرى شېئىرى جۈملە تۇرۇش ۋە  شېئىردىكى سۆزلەرنى  مۇرەككەپ  مەنىگە ئىگە قىلىشتا  كۆپ  قوللىنىدىغان   خىيالى تۇيغۇ ئىماگىلەردىن   ۋە  ھالقىما  رېئالىزملىق  ئىماگىلەردىن  ئىجادى پايدىلانغان.  مەسىلەن ئۇنىڭ ‹‹چېچەكلىگەن ھەسرەت ››ناملىق شېئىردىكى :
‹‹شامال ئۇنىڭ قاناتلىرىدۇر
ئويناپ يۈرگەن
قۇشلار چۈشىدە ››مىسرالاردا  دەقىقە ئىچىدە تۇيغۇدا زاھىر بولغان  خىيالى  ئوبرازلار  خاتىرلەنگەن  .بۇ ئارقىلىق رېئاللىق تەرتىپى بۇزۇپ تاشلىنىپ شېئىرى مەنە غۇۋالىققا  ئىگە بولغان .
  
2 ، مۇسا ئەھەد تىركەش  شېئىرلىرىدىكى ئىماگىلەرنىڭ    كۈنكېرىت ئىپادىلىنىش شەكلى  
        شائىرلار ئىماگىلەر   ئارقىلىق  روھىي  تەجرىبىلىرىنى   ئىپادىلەيدۇ  . شېئىردا مەلۇم  مەنە  پەردازسىز بىۋاستە  ئىپادىلەنمەيدۇ  . ئۇ مەلۇم ئوبراز –شەكىلنىڭ ياردىمىدە  ئىپادىلىنىدۇ . مەنە دەل شېئىردىكى ئوبرازلار كەينىگە يوشۇرۇنغان  بولىدۇ . بۇ ئوبرازلارنىڭ گاھىلىرى   بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈمىزگە  مۇناسۋەتلىك بولسا ، گاھىلىرى ئاڭلاش سەزگۈمىزگە مۇناسۋەتلىك بولىدۇ ، گاھىلىرى ھەرىكەتكە مۇناسۋەتلىك بولىدۇ . قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ئىماگىلەرنى تەشكىل قىلغۇچى  ئوبراز- شەكىللەر  بىزنىڭ ئوخشىمىغان سەزگۈمىزگە تەسىر قىلىپ  ئېڭىمىزدا ئالاھىدە  تەسەۋۋۇر  ۋە مەنىلەرنى ئويغىتىدۇ . مۇسا ئەھەد  تىركەش شېئىرلىرىدا  ئىماگىلەرنى رەڭگە ، ئاۋازغا ۋە ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، شېئىرلىرىغا ئىستىرولۇق شەكىل ئاتا قىلغان ھەم شېئىرلىرىدىكى  ھەرىكەت سىزىقىنى كۆپ خىل يۆلۈنۈشكە   ھەرىكەتلەندۈرۈپ   ئۇنىڭ ئىچكى رىتىمىنى كۈچلەندۈرگەن ۋە  شېئىرى تىلىغا  كۆپ خىل مەنە  ئاتا قىلغان . مەسىلەن  ئۇنىڭ   ‹‹ خىيال باسقان كۈل رەڭ دەرىزە››ناملىق  شېئىرىدا ئىماگىلەر  ‹‹ يېشىل كاھىشلىق ››، ‹‹قىزىل ماشىنا ››، ‹‹ چارباش ئادەم››،‹‹ كۈل رەڭ›› ، ‹‹كۆك تۇمانلىق››قاتارلىق كۆرۈنمە ئوبرازلار  ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن  . شېئىرىدا كۆرۈنگەن‹‹ يېشىل رەڭ›› ئادەمدە ئازادىلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ   .شېئىردا كۆرۈنگەن ‹‹قىزىل  رەڭ›› ئادەمدە  سەل جىددىيلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ‹‹ يېشىل كاھىشلىق ››مەسچىت يېنىدىكى دەرەخ ئاستىدا كۆرۈنىشى يېشىل رەڭگە زادى ماس كەلمەيدۇ . بۇ بىر تەڭپۇڭسزلىقنىڭ  يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ  بېشارىتى .شېئىردا كۆرۈنگەن ‹‹چار رەڭ ››ئادەمگە ئۆمۈرنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ . شېئىرنىڭ ئاخىرىدا كۆرۈنگەن ‹‹كۈل رەڭ›› ‹‹سۇس ، خىرە  ››رەڭ ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى  پۈتۈنلەي  تۆۋەنلىتىپ،   كۆز ئالدىمىزدا  پۈتۈنلەي ئۆلۈمگە ، يوقىتىشقا ، ئازابقا ، غېرىبلىققا  ... مۇناسىۋەتلىك   مەنزىرىنى  پەيدا قىلىدۇ    .  بۇ شېئىردا رەڭ ئارقىلىق ئىچكى  كەيپىيات  ناھايىتى  روشەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن  . مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ  تۆۋەندىكى شېئىرى :
‹‹    ئۆچكەن ئاۋاز
ئۆچكەن ئاۋاز ئۆچكەن يۇلتۇز كېچىدە،
ئۆچكەن ئاۋاز كۆچكەن كۈندۈز كېچىگە.
ئۆچكەن ئاۋاز تەندىن ھۈركۈپ ئۇچقان قۇش،
قالدۇق پېيى قالغان رەڭسىز چۈشىگە.

ئۆچكەن ئاۋاز چاقماق سوققان بىر دەرەخ،
كۈلۈپ تۇرغان ئۆمرى يۈتكەن كۈل بولغان.
ئۆچكەن ئاۋاز، ئۆلگەن تۇلپار ئەرۋاھى،
جىسمى يەردە روھى كۆكتە تۇغۇلغان.››
بىزگە گاھ ئاڭلىنىپ ، گاھ غايىپ بولىۋاتقان ئاڭلانما  ئوبرازنى ھېس قىلدۇرىدۇ . شېئىردىكى مۇھىم ئىماگە بولغان ‹‹ ئۆچكەن ئاۋاز››ئۆچكەن يۇلتۇزغا ، كېچىگە كىرىپ كەتكەن كۈندۈزگە ،  پەيلىرىنى  رەڭسىز چۈشلەرگە قالدۇرۇپ  تەندىن ھۆركۈپ قاچقان  قۇشقا ، مەغرۇرانە كۈلۈپ تۇرۇپ چاقماق زەربىسىدە ھالاك بولغان دەرەخقە ، جىسىمى يەردە روھىي كۆكتە تۇغۇلغان ئۆلگەن تۇلپار  ئەرۋاھىغا ئوخشىتىلغان . ئۇنىڭ ئۆچىشى يوقىلىشنى ئەمەس بەلكى ئىزچىل ھەرىكەتلىنىۋاتقان زور ئۆزگىرىشلەرنى  پەيدا  قىلغان . بىز شېئىردىن ئاۋازنىڭ ئۆچكەنلىكىنى ھېس  قىلمايمىز . ئۇ ئۆچكەنسىرى شۇنچە ياڭراق بولغان ئۆزىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەن . بۇنى بىز:‹‹ ئۆچكەن ئاۋاز تەندىن ھۆركۈپ ئۇچقان قۇش، قالدۇق پېيى قالغان رەڭسىز چۈشىگە.››دېگەن مىسرالاردىن بىلىۋالالايمىز  . ئاۋاز ئەركىن بولغان روھقا  مەنسۇپ ئوبيېكىت  . روھنىڭ  ھۆركۈپ يىراقلارغا كېتىشى ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ  تۆۋەندىكى شېئىرى :
‹‹ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە مەرسىيە

رەڭ توزۇپ كەتكەن كەبى بولدى شۇئان،
ھەسرەتلىرىڭ كۈلدان ئارا ئۇچتى قايان.››
ئىماگىزم ئېقىمىغا تەۋە داڭلىق شائىر پانىدنىڭ ‹‹مىتېور بېكىتىدە ››ناملىق مەشھۇر شېئىرغا ئوخشاش ئۇتۇقلۇق چىقان. بۇ شېئىردا  ئىماگىلەر   ئىككى خىل ھەرىكەتكە مۇناسۋەتلىك ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.  ئۇنىڭ بىرى ‹‹رەڭ توزۇپ كەتكەن كەبى ››، يەنى بىرى ‹‹كۈلدان ئارا ئۇچتى ›› . بۇ شېئىرنىڭ   ئابدۇكېرىم نەسردىنگە يېزىلغان مەرسىيە ئىكەنلىكى ئېنىق . شېئىردىكى  ‹‹رەڭ توزۇپ كەتكەن كەبى ››دېگەن ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىماگە ئارقىلىق سەنئەت  ساھەسىدە كىشنى تاڭ قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن  ئابدۇكېرىم نەسىردىنڭ  ھوپاتى بىلەن سەنئەت ئاسمىنىنىڭ  خىرەلەشكەنلىكىنى ، يەنى ئۇنىڭ ھوپاتى سەۋەپلىك سەنئەت دۇنياسىنىڭ  زور يوقىتىشقا دۇچار بولغانلىقى   ئىپادىلەنگەن    بەرگەن .بۇ يەردىكى ھالقىلىق  ھەركەت  ‹‹توزۈش ››. ھەقىقەتەن  ئابدۇكېرىم نەسىردىن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان تالانتلىق  رەسسام ئىدى . شېئىردىكى ‹‹ كۈلدان ئارا ئۇچتى ››دېگەن  ھەرىكەتكە مۇناسۋەتلىك ئىماگە  ئارقىلىق  ئابدۇكېرىم نەسىردىنڭ ئاخىرى ئۆلۈم ئارقىلىق  رېئاللىقنىڭ سانسىز ئازابلىرىدىن خالاس بولغانلىقى ئىپادىلەنگەن . شېئىردىكى  ‹‹كۈلدان ››دەل دەرت- ئەلەم ، ئازاپنىڭ بەلگىسى .

3، مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىنىڭ رىتىمى

          ‹‹گۈزەللىك - گارمونىيە ››دەيدۇ گىراكىلىت . ‹‹گۈزەللىك – نىسبەت ››دەيدۇ پىفاگور . بىز زېمىندىكى  خىلمۇخىل مەۋجۇداتلارنى  ، چەكسىز كۆكتىكى جىسىملارنى  كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ شەكلىدە ۋە ھەرىكىتىدە  بىر خىل ماسلىق ، تەڭپۇڭلۇق  ، رىتمنىڭ   بارلىقىنى بايقايمىز . رىتىم كىشىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ .    ئىنساننىڭ روھىدىكى  رىتىم  تاشقى دۇنيادىكى    تۇرغۇن ۋە تەكىرارلىققا ئىگە بولغان رىتىمغا ئوخشىمايدۇ .  ئىنسان تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى بولغان  شېئىرنىڭ   تاشقى رىتىمى تاشقى دۇنيادىكى رىتىمغا ئوخشاش تۇرغۇن ۋە تەكىرارلىققا ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما  ئۇنىڭ  ئىچكى رىتىمى ئىنسان روھىدىكى رىتىمغا ئوخشاش مۇرەككەپ بولىدۇ .چۈنكى ئۇنىڭدا گەۋدىلەنگىنى   ئىنسان روھىدىكى  رىتىمنىڭ ئۆزىدۇر.
       مۇسا ئەھەد  تىركەش ئىجادىيەت جەريانىدا تاشقا رىتىمنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە  ئالاھىدە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق شېئىرلىرىنى  چوۋالچاق سۆز دۆۋىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغان .تۇزلا ئېيتقاندا ئۇ تاشقى رىتىم ئارقىلىق شېئىرلىرىنىڭ  مۇزىكىدارلىقىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلغان . مەسىلەن بىز يوقىردا  تىلغا ئالغان  ئۇنىڭ ‹‹     ئۆچكەن ئاۋاز ››،‹‹ ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە مەرسىيە››قاتارلىق شېئىرلىرى تاشقى رىتىمنىڭ ئۆلچەملىرىگە  قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان . ھەتتا ئۇ چاچما(ئەركىن ) شېئىرىلىرىدىمۇ  تاشقى رىتىمغا ئالاھىدە دىققەت  قىلغان  . مەسىلەن ئۇنىڭ تۆۋەندىكى چاچما(ئەركىن ) شېئىرىنىڭ    :
‹‹ كەچكۈزدىكى دەرەخلەر
      1   
كەچكۈز
يوپۇرماقلار چالغان چاۋاكلار
تېنى يالاڭ دەرەخلەردىكى
سوۋۇۋاتقان
بىر غايىپ ئوتنىڭ
كۆلەڭگىسى ئۇ
يازغا قانمىغان تىلەكلەردىكى.

       2
دەرەخلەردە خىيال بار،
زاۋال ئالدىدىكى
جىمجىت بۇ دەرەخلەردە،
ئۇنىڭ خىياللىرى كۆيەر،
قىزغۇچ، مەيۈس شەپەقلەردە.  
دەرەخلەردە خىيال بار،
زاۋال ئالدىدىكى
جىمجىت بۇ دەرەخلەردە،
ئۇنىڭ خىياللىرى كۆيەر،
قىزغۇچ، مەيۈس شەپەقلەردە.›› بىرىنچى ، ئىككىنچى ، تۆتىنچى ،بەشىنچى ،ئالتىنچى مىسرالىرى پۈتۈنلەي قاپىيىدىن خالى بولسىمۇ  ، ئەمما شائىرى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى مىسراللارنى ئۆز ئارا قاپىيىداش  قىلىش ئارقىلىق   شېئىرنىڭ يۇقىرى بۆلىكىنىڭ  تاشقى رىتىمىغا كاپالەتلىك قىلىغان  . بۇ شېئىرنىڭ تۆۋەندىكى  بۆلىكىنىڭ بىرىنچى ،  ئىككىنچى ، تۆتىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ،توققۇزىنچى مىسرالىرى  پۈتۈنلەي  قاپىيىدىن خالى بولسىمۇ  ،ئەمما شائىر ئۈچىنچى ، بەشىنچى ، سەككىزىنچى مىسرالارنى  ئۆز ئارا قاپىيىداش  قىلىش ئارقىلىق شېئىرنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكىنىڭ  تاشقى رىتىمغا كاپالەتلىك قىلغان . ناۋادا بۇ شېئىردا ئىككى ياكى ئۈچ مىسرا ئۆز ئارا قاپىيىداش   بولمىغان بولسا   شېئىر   پۈتۈنلەي تاشقى رىتىمدىن  مەھرۇم بولۇپ قالاتتى  .  شېئىردىكى تاشقى  رىتىمىنى شېئىردىن خەۋىرى بار ھەرقانداق ئادەم بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان بولغاچقا   ،  تۆۋەندە  مەن   ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ  ئىچكى رىتىمى  ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن .  
مۇسا ئەھەد   تىركەش ئىچكى دۇنياسىدىكى  چىنلىقىنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىگەندە  ئۇنىڭ تاشقى رىتىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە   ئۇنىڭ ئىچكى رىتىمىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان.  ئۇ شېئىرلىرىنىڭ ئىچكى رىتىمغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىماگىلەرنى تېز ئالماشتۇرۇش ،   ئىماگىلەرنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇش  ۋە ئىماگىلەرگە جىددى ھەركەت ئات قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان . ئۇ شېئىرلىرىدا  ئاساسلىق ئازاب ۋە غېرىبلىققا مۇناسۋەتلىك  مەنىلەرنى ئىپادىلىگىچكە  ،  ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ رىتىمى تېز ۋە جىددى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان .  مەسىلەن  ئۇنىڭ ‹‹ قايىتىپ كەلمەيدىغانلىقىڭنى  بىلەن ››دېگەن شېئىرىنىڭ تۆۋەندىكى  مىسرالىرىغا  قارايدىغان بولساق :
‹‹جىسمىم يەردىيۇ، روھىمدا يەنە،
قەدىم بىر تارىخنىڭ پىغانى كىشنەر.
كۆزۈمدە باھارنىڭ زەڭگەر چۈشلىرى،
ئايىغىمدا،
ئۆتمۈشنىڭ غازانى تىترەر.››
ئۇنىڭدا زامان - ماكان جەھەتتىن بىر – بىرىگە يىراق بولغان ‹‹باھارنىڭ زەڭگەر چۈشلىرى ››ۋە  ‹‹ئۆتمۇشنىڭ غازانى تىترەر ››دېگەن ئىككى ئىماگە  شۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇن ئالماشتۇرغان ، يەنى باھار (ئويغىنىش )باشقا  بىر  زامان – ماكانغا تەۋە بولغان ئۆتمۈشتىكى  مەلۈم    كۈز پەسلىگە  شۇنداق تېز سۈرەتتە سەكرىگەن . بىز بۇ شېئىرنىڭ يۇقىرىقى بۆلىكىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا جىدىلىشىمىز ھەم ئازابلىق ھېسسىياتقا كېلىمىز . بۇ دەل يۇقىرىقى مىسرالارنىڭ ئىچكى رىتىمنىڭ تېز بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەزكۇر مىسرالاردا  شائىر ئىماگىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ شېئىرىغا    جىددى ئىچكى رىتىم ئاتا قىلغان.
مۇسا ئەھەد تىركەش     ئىماگىلەرنى زىچ  ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى  قوللىنىش ئارقىلىقىمۇ  شېئىرىلىرىغا    جىددى ئىچكى رىتىم ئاتا قىلغان . مەسىلەن ئۇنىڭ ‹‹ئۆچكەن ئاۋاز››دېگەن شېئىرىنىڭ تۆۋەندىكى كوبلىتىنىڭ  :
‹‹ئۆچكەن ئاۋاز ئۆچكەن يۇلتۇز كېچىدە،
ئۆچكەن ئاۋاز كۆچكەن كۈندۈز كېچىگە.
ئۆچكەن ئاۋاز تەندىن ھۈركۈپ ئۇچقان قۇش،
قالدۇق پېيى قالغان رەڭسىز چۈشىگە.››
ھەر بىر مىسراسى ئىككى ئىماگىدىن تەركىپ تاپقان  .دېمەك بۇ شېئىردىكى ئىماگىلەرنىڭ زىچلىقى خېلى يۇقىرى بولغان .  مەزكۇر شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇ بىزگە  خاتىرجەم ۋە تىنىچ  كەيپىياتىنى  ئەمەس ،  بەلكى ئىنتايىن  جىددى  بولغان  ۋە كەيپىيات ۋە رىتىمنى  ھېس قىلدۇرىدۇ .
     يۇقىرقىلاردىن باشقا   ئۇ ھەرىكەتلىك ئىماگە  ئوبرازلىرىدىن  پايدىلىنىپ شېئىرلىرىنىڭ  ئىچكى رىتىمنىڭ جىددى ۋە تېز بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان . مەسىلەن ئۇنىڭ ‹‹قايتىپ كەلمەيدىغانلىقڭنى  بىلىمەن ››دېگەن   شېئىردا ‹‹ئىچمدىن  توزىغان ››، ‹‹ئوق تەككەن قانات ››، ‹‹يىرتىلغان ئاسمان ››، ‹‹ھۆركۈپ قاچقان  قۇش››، ‹‹كۆيۈۋاتقان چۈش ››قاتارلىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىماگىلەر   ئارقىلىق ئازاب ،  غېرىبلىق ، تەشۋىش، ئامالسىزلىق  ئىچىدىكى كۈتىش  قاتارلىق جىددى  روھىي ھالەتلەرنى  ئىپادىلىگەن .  . بۇ شېئىردا ئىمگىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاجىز ئەمەس بەلكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان .  مەسىلەن ‹‹يىرتىلغان ئاسمان ››يۇقىرى چەكتىن ھالقىغان   ھەرىكەت بولۇپ ، ئۇ ھەرىكەت ئادەمنىڭ  كەيپىياتىنى ناھايىتى جىددىلەشتۈرىۋىتىدۇ  . ئۇنىڭ ‹‹ھەممە تۇغۇلار يوللار ئۈستىگە››دېگەن شېئىرى بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىگىچە پۈتۈنلەي  ئىماگىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن  تەركىپ تاپقان . بىز بۇ شېئىرنى  ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا  خۇددى يىراق بىر يەرگە سەپەر قىلىپ كېتىپ بارغاندەك ھېسسىياتقا كېلىمىز . بۇ سەپەر جەريانىدا بىز گاھ  ئاچاللارنى   ، گاھ  كۆۋرۈكلەرنى  ، گاھى داۋانلارنى  ، گاھ ئېگىز چوقىلارنى  ، گاھ سىرلىق  جىلغىلارنى ،گاھ دەريالارنى بېسىپ ئۆتىمىز . شېئىردىكى ئىماگىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاستا ھەرىكەتتىن  قەدەممۇ  - قەدەم  تېز ھەرىكەتكە ئۆتكەن  . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەرىكەتنىڭ يۆلىنىشى قىسقا مۇساپىدىن بارسا كەلمەس مۇساپىگە  . ھەرىكەت مۇھىتى تىنىچ مۇھىتتىن خەتەرلىك مۇھىتقا   ، ھەركەت شەكلى تۈز سىزىق  شەكلىدىن  ئەگىرى  سىزىقلىق  شەكىلگە يۈزلەنگەن   . ئىماگىلىرنىڭ  يۇقىرىقىدەك جىددى ھەركەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى مەزكۇر شېئىرنى   ناھايىتى تېز ۋە جىددى بولغان ئىچكى رىتىمغا  ئىگە قىلغان .

       خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا مۇسا ئەھەد تىركەش  رەڭدار ئىماگلەردىن پايدىلىنىپ ئىچكى رېئاللىقىدا پەيدا بولغان  ئوبراز  ۋە مەنىلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا  ئىپادىلەپ بەرگەن شۇنداقلا   شېئىرلىرىنىڭ تىلىنى    سېھىرگە ۋە كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە قىلغان. يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىم ئۇنىڭ شېئىرىيەت دېڭىزدىن  سۈزىۋىلىنغان بىر تامچە ،خالاس . ئۇنىڭ رەڭدار ئىماگىلەرگە  تويۇنغان  شېئىرلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدا  تۇرۇپ داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
"ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى" سەھىپىسىگە ئاتالغان ئەسەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 20:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-17 10:55:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆزگىچە بەدئىي قىياسقا ئىگە يېتىلىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىدچى ۋە پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان،شائىر نۇرمەھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇزنىڭ  تىركەش ئەپەندىنىڭ شېئىرىلىرىغا بەرگەن؛ تىلنىڭ ئىچكى مەنەئىي نۇقتىسىدىن قىدىرىپ بارغان ئىستېتىكىلىق ‹‹ئېكىسپىدىدسىيە›› تەتقىقاتى  ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان...بۇ ياش ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يېشىل مەنزىل تىلەيمەن...

ۋاقتى: 2016-1-18 18:57:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش