يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1007|ئىنكاس: 26

ئۈمىدجان قادىرى(ئىزگۈگە): ياشلىقتىكى قىيام تۇيغۇلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياشلىقتىكى قىيام تۇيغۇلار


ئۈمىدجان قادىرى


بۆشۈككە قاراپ


  تەۋرىگەن بۆشۈككە باقسام،تەۋرىگەن ئالەم ئىرۇر،

ئۇ تۇغۇپ گۈلگۈن تېڭىمنى،كۈلگىنى لالەم ئىرۇر.


ئانىنىڭ ئەللەي كۈيىگە رىتىمى تەڭكەش بولۇپ،

مېھرىدىن يۇمران ھاياتقا قۇيغىنى زەمزەم ئىرۇر.


بىر بۈيۈك ئارمان مۇجەسسەم ئۇل كىچىك شاھ تەختىدە،

تۆككىنى تاغلارچە ۋەزنى مىسلى كۈچ بەردەم ئىرۇر.


بۆلىگەي ئاڭلارنى زەرگە تەپتى ئاتەش-ئوت ۋۇجۇد،

جۈپ قاراقىدا ئىشەنچى رەھنىما ئەزەم ئىرۇر.      


  دىل ئارا يارقىن پىكىرلەر ئۇرغۇتۇپ،نۇرلاندۇرۇپ،

ئەتىگە باققان نەزەرنىڭ زاھىرى كۆركەم ئىرۇر.


  تەۋرىگەن بۆشۈك-سۈرەتتىن يېڭىچە ئىستەك سېزىپ،

قەلبىدە كۆزنەك چېكىلگەن ئەقلى چىن ئادەم ئىرۇر.


تۇيغۇلار ئەۋجى قىيامى سازنى شوخ مەرغۇللىتىپ،

تاپقىنى خۇش كۈي ئۈمىدجان بارچىگە ياردەم ئىرۇر.


مۇناجات


سىمايىڭ بىرلە نۇر ھەمرا كۆڭۈل خانەمگە دىلدارىم،

سېنى ئويلاش بىلەن يەتكەي كۈنۈم كۆكلەمگە دىلدارىم.


     تۇتۇپ قول يانمۇ-يان سەيلە قىلىشنى ئويلىدىم ئەپسۇس،

تەرەددۇتلاندى ئول سەزگۈر داداڭ بەرھەمگە دىلدارىم.   


كۈتۈشتىن ئۆزگە نە چارەم،چىغىرنىڭ باغرى پىنھاندا،

يولۇڭدا قاتتى ھەر پەسلىم،كۆزۈم دەرقەمگە دىلدارىم.


ۋۇجۇد تەلقىنگە شۇڭغۇيدۇ،سېھىرگە لەۋ يېقىپ بۇندا،

مۇناجاتىمنى ئاشكارە قىلىپ ئالەمگە دىلدارىم.      


كېلەر كۈلگەنچە ئۇز جىلۋەڭ،خىيال دەرياسىدا ئۈزسەم،

ئېتىپ نائىلكى ئوت مېھرىڭ مېنى زەزەمگە دىلدارىم.


قىياسىم كەزسە قورشاۋ يول،چېچەك راسكارغا ھەسرەت تەل،

ئۈمىدجان چاقىرار ئۈنسىز سېنى ياردەمگە دىلدارىم.


ھەر كېچە


ئۇخلىشىڭ غەمسىزلىكىڭدۇر سەندە دىلدار ھەر كېچە،

نەدىكىن ئۇخلاشقا ئىمكان،مەنكى دىشۋار ھەر كېچە.


نامە كىرپىكتە يازارمەن دىل بايانىمنى ساڭا،

ئاھ،قىلالماستىن ئاۋارە سۆيگۈ ئىزھار ھەر كېچە.


ئىزلىرىم سانسىز چېكىلدى،ئارقا ھويلاڭنى ئويۇپ،

تاڭدا ئېيتقايمۇ ئاناڭ ھەم:«كەپتۇ ئەغيار!»ھەر كېچە.


بەزلىدىم بەرداشلىقىمنى ئاھ گۈۋۈنگەندە سەھەر،

كۆرۈشەلەيمىز چوقۇمكى بويى ئەنھار ھەر كېچە.


خانىنىڭ ئىشكى تىۋىشسىز،مېنى يەكلەپتۇ چۈشۈڭ،

چىقمىقىڭ كۈتسەم تەقەززا،يوقكى زىنھار ھەر كېچە.


تەلپۈنۈش بىرلە مۇرادىم تۇغقىنى ئارمان يېشىل،

يۆگىشىپ بوينۇڭغا بولماقلىقىنى زۇننار ھەر كېچە.


ئىلتىپاتىڭدا ئۈمىدجان باغرى خۇنلۇقتىن يىراق،

ۋەسلىڭە كۈتكەي تىلەكتە ئىشقى راسكار ھەر كېچە.


ئون سەككىز ياش


   قونۇپ ياشىمغا«ئون سەككىز»رەقەمى ئەيلىدى جەمنى،

سېلىپ باشىمغا سەۋدالار،پۇتاقلاپ كۆكلىتىپ كەمنى.


يۈرەك ئاقماقتا خۇش گۈلگۈن تەبەسسۇملۇق نىگاھلاردا،

ھاياتتىن بىلدۈرۈپ شەربەت قىيامى تۇيغۇلار تەمنى.   


تۇغۇلدۇم قايتىدىن بېخلاپ،گۈزەل ئارمان خىيال بىرلە،

سىمايىڭغا چېتىپ ئىشقىم،ئۆزۈمچە سالدىما رەمنى.


بولۇپ گۈلزار ئارا بۇلبۇل،ئىشەنچىم رەڭ ئېلىپ گۈلدەك،

زىيالارغا چۆمۈلدۈردۈم قۇياش يەڭلىغ رىسالەمنى.      


ئۈنىنى ئاڭلىتار بوۋاق كەبىي گوڭراش لىرىكاممۇ،

مېھىر ئاتەشلىرىم بۇندا باغاشلاپ كۇللى ئالەمنى.


   ئۈمىدجاننىڭ قانار ۋەسلى سەھەر-سۈبھى ۋە يا ئاخشام،

بالاغەت ياش پەۋەس ئەيلەپ كۆڭۈل شەيدا پىيالەمنى.   


قۇچاقلار روھنى ئاستانە


ئىشقنىڭ ۋەجىدىن يۈرسەم،ئىزىم مۇڭلاندى سەرسانە،

نىگاھىم زارىقىپ يارغا باقار ھەر يانە-ھەر يانە.


          قىيىن بولغايمۇ ئاشىقچۈن رىيازەت يولدا ھەم كۈلپەت،

ئۆزىنى ئاتقىنى نە كۈچ، چىراق ئوتىغا پەرۋانە؟!


نەزەرنى ئاغدۇرار بولسا قارارگاھىمغا«تاش ھەيكەل»،

ئۇلۇغ دەريادا تاھىردەك ئاقاي مەردانە-مەردانە.      


مۇبادا ئاجرىغاي بولسا زاۋالنىڭ قوينىدىن ۋەسلىم،

يۇتاي بەتتامنى لەببا-لەب قىلىپ پەيمانە-پەيمانە.


ئۆلەر ھالەتتە پىلتىڭلار بىلىجانىمغا سۇ بولمىش،

قۇرۇپ كەتكۈنچە كۆز ياشىم تۆكەي كۆلچەككە دۇردانە.


     سىڭىشكەيلەركى جۈپ گەۋدە ۋىسالنىڭ قوينىغا بىر كۈن،

شېرىن ئارماندا ئۆتكەيمەن كۈتۈپ سەيلانە-سەيلانە.


ئۈمىدجان ئېزگۈلۈك كۈينى ئوقۇپ يار بىرلە كەلگەندە،

ئەزىزلىك ئورنى مېھراپتا قۇچاقلار روھنى ئاستانە.      


ئىلھام تەلقىنى


     ئېلىپ ئىشقىمنى ئارماننى ساداققا قوندى ئىلھامىم،

قارا تۈنلەرگە نۇر بەرگەن چىراغقا قوندى ئىلھامىم.


     قەلەم چاپچىيدۇ زەپ مەغرۇر،بىلەپ زېھنىمنى ئۆتكۈرلەپ،

قىياسىم بەرقى تاڭ بويلاپ يىراققا قوندى ئىلھامىم.


كۆزۈمنىڭ قۇۋۋىتى ئەتتى بۇدەم بۈركۈتنى مىڭ ھەيران،

سۆيۈپ يالپۇزنى تۇرغان كۆك قىياققا قوندى ئىلھامىم.


پۈتۈلگەن ھەرنە مىسرادىن قۇچۇپ گۈلزارنى قەلبىممۇ،

بېغىشلاپ روھى مەلھەمنى پىراققا قوندى ئىلھامىم.


تۆكۈپ مەنانى كەچمىشكە خىيال قەھ-قەھتە تەلقىندە،

گويا پالۋانى شىرمەت بىر سىياققا قوندى ئىلھامىم.     


  سابالار ھىدلىغان ئاخشام قىلىپ خۇشروھ ئۈمىدجاننى،

كۈيى شەيدايى دۇردانە بۇلاققا قوندى ئىلھامىم.           


پىنھان تۇيغۇلار


بەرگىمە قوندۇردى گۈل سەن بىر نىگارنى چۈشلىرىم،

بارچە ياق گۈلزار بولۇپ،بەردى شىكارنى چۈشلىرىم.


بال بىلەن جامىم يېرىم بولغاندا ئەپسۇس؛بىر خوراز،

چىللىبان تەكلىپ ئېتىپ كەلدى ناھارنى،چۈشلىرىم.


جىممىدە كۈتكىن بۈگۈن چىقماي تالاغا سەۋرىدە،     

        ئېيتمىسۇن قۇشلار«يېرىم جام»دىن جاكارنى،چۈشلىرىم.


ئول سۇنۇق كۆزنەك تامان يۈرمە خىياللار يۇلقۇنۇپ،

سەزمىسۇن چوپان بالا مەندەك بىمارنى،چۈشلىرىم.


  تەڭ ئېرۇر ئۆلگەن بىلەن ئارمان-تىلەكتىن ئايرىلىش،

قىل ماڭا ھەمرا ئىشەنچ،قالدۇر ئۇلارنى چۈشلىرىم.


يۇرتتىكى ئەللەر پەقەت ئۇقمايلا قالسۇن ھېچنېمە،

ئەتكىنە بىركۈن تامام مەھكەم دىۋارنى چۈشلىرىم.


بۇ ئۈمىدجاننىڭ كۈنى يەتكەندە بىر تۈن قوينىغا،

جام تولۇپ،قاندۇرغۇسى تەشنا-خۇمارنى چۈشلىرىم.




                                       ( «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە  قىلىنغان ئەسەر )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 19:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-16 19:58:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يۈرۈش غەزەللىرىنىڭ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-1-16 20:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۈمىدجاننىڭ كۈنى يەتكەندە بىر تۈن قوينىغا،

جام تولۇپ،قاندۇرغۇسى تەشنا-خۇمارنى چۈشلىرىم.


ئۈمۈدلۈك بولۇڭ قېرىندىشىم.

ۋاقتى: 2016-1-16 20:23:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈدەك غەزەللەر ئىكەن.

ۋاقتى: 2016-1-16 20:47:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر مەنالىق ، تىلى يەڭگىل ، ئويناق ، قۇرۇلمىسىمۇ جايىدا ئېسىل غەزەللەر ئىكەن .


ئىزلىنىشلىرىڭىزغا  بەركەتلەر  مەڭگۈ قۇچاق ئاچقاي  .

ۋاقتى: 2016-1-16 21:07:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل غەزەللىرىڭىزنى يەنە ئۇچراتقىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن ئۇستاز! ئىزگۈگە يوللىغان غەزەللىرىڭىز تولىمۇ سۈزۈك چىقىپتۇ. ئۇتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-16 22:47:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن

ۋاقتى: 2016-1-16 22:49:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيام تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ يۈرۈش غەزەللەرنىڭ «ئىزگۈ مۇكاپاتى»غا نائىل بولۇشىغا تىلەكداشمەن! ئەجىر مېۋىلىرىڭىز مەڭگۈ مۇشۇنداق شەربەتلىك بولغاي!!

ۋاقتى: 2016-1-16 23:05:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ پارتىيەرىمىزنىڭ دانا رەھپەرلىكىدە ياخشى نەتىجىلەرنى مەيدىڭىزگە گۈل قېپ  تاقايمىز-خۇدايىم بۇيرىسا!

ۋاقتى: 2016-1-17 00:48:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شان-شەرەپلەرنىڭ سىزگە نېسىپ بولۇشىغا تىلەكداشمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كومپاس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-17 00:50  


ۋاقتى: 2016-1-17 11:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال دىلبىرى سىزدىن ئايرىلمىسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-17 11:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال دىلبىرى سىزدىن ئايرىلمىسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-17 11:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، غەزەلىياتتىكى قىزىل گۈللىرىڭىز  خۇش پۇراق چاچقاي!

ئىھسان بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2016-1-17 12:16:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-17 12:46:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە  قىلىنغان ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش