كەلپىنگە كەتكىلىۋاتىمەن
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
1
ئەسلىدىكى يوقسۇز خىياللارغا تارتىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى
غېرىبسىنىشلىرىمنى ياتاق بىناسى تۈۋىدىكى قېرى دەرەخكە تاشلاپ بەردىم
ئىچ پۇشۇقۇمنى ھېلىقى سائىلنىڭ مەككار كۆزلىرىگە سەدىقە قىلدىم
خۇشاللىق ئىستىدىم
تەبىئىي،بىتۇيۇق...
ناخشا ئېيتتىم باھار ھەققىدە،
قىش بەرگىگە ئاۋايلاپ قونۇپ...
2
كېتىمەن،دېدىم،
يېغىپ–يېغىپ ئۇسسۇغان قارغا.
جەبرىم بىلەن يېتىمەن،دېدىم،
ۋەسلى نېسى قالغان نىگارغا...
خوشلاشقۇم كەلدى،
تونۇش ۋە ناتونۇشلار بىلەن تۈگەل،
توسۇپ تۇرۇپ ئالدىراشلىقتىن.
تۇرقۇمغا بېقىپ،
ئېچىرقاش،دەپ باشلىدىم غەزەل،
يۇرت مېھرىگە ئۇسسۇز،ئاچلىقتىن...
3
كەتكىلىۋاتىمەن
ئۇيقۇسىزلىقتىكى تالاي كېچىلىرىمدىن،
خىياللىرىمدەك چېگىش
ھاياجېنى سۇس
ئاپتىپى بىنالارنىڭ ئېگىزلىكىگە يەم كوچىلىرىڭدىن
چېھرىمگە غالىبلىق ھېسلىرى تاراپ.
كەتكىلىۋاتىمەن
سەن كۆرمىگەن كەلپىنگە قاراپ...
2016–يىل،15–يانۋار.