2015-يىللىق ئۇيغۇر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، قازاق، قىرغىز«دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە موڭغۇل «ئالتۇن ئۆزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى
2015-يىللىق ئۇيغۇر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، قازاق، قىرغىز«دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە موڭغۇل «ئالتۇن ئۆزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى كۆمۈركان مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.
مۇكاپاتلاش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كۈزەتكۈچىسى، ئوقۇپ-تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تۇردى ھاشىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى خۇ جوڭپىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى باقىت مۇقامەتقان، بايىن باتۇر قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى، نەشرىياتچىلار، ژۇرنال مۇھەررىرلىرى ھەم ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا مۇھەممەت پولات، مەتتۇرسۇن ئېلى، كامۇنا، مەمبەت تۇردى،بايىن باتۇر قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ھەققىدىكى باھالارنى ئوقۇپ ئۆتتى. رەئىس ئازات سۇلتان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىم مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر جەمى 20 پارچە بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تىلىدىكى 11 پارچە، قازاق تىلىدىكى 5 پارچە، قىرغىز تىلىدىكى 2 پارچە، موڭغۇل تىلىدىكى 2 پارچە ئەسەردىن تەشكىل تاپتى.
قوشۇمچە: مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىكى
forum.php?mod=viewthread&tid=35762&extra=page%3D1