ئون بەشىنچى يانۋار
مىرادىل راخمان ئىزچى
ئېھ ، تۇلۇن ئاي بەكلا خىيالى .
جىمى جاھان تىمتاس شۇنچىلىك
كۈلدى بۈگۈن سۆيگۈ ئىلاھى،
خۇش بولمىغان ئۇمۇ بۇنچىلىك،
يۇلتۇزلارغا لىق تولغان بوشلۇق،
يۈرەكلەرگە پاتاتتى گويا،
ئارزۇلارمۇ يالقۇنلاپ ئۇلۇغ،
تەلپۈنەتتى رىئال دۇنياغا.
چۈشەر ئىدى قار ئۇچقۇنلىرى.
ساڭا ئاتا قىلغاندەك تەخىت،
شىۋىرغانلار قوينىدىن شۇ كۈن،
تۇغۇلدى ھەم قايسىدۇر بەخىت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-16 03:20
|