يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 583|ئىنكاس: 0

«كەشتىلەنگەن قولياغلىق» نەشر قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
a.jpg

a1.jpg


       ئاينۇر ئابدۇرېھىمنىڭ «كەشتىلەنگەن قولياغلىق» ناملىق پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 2014-يىلى نەشىر قىلىندى.
     ئاينۇر ئابدۇرېھىم 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غولبويى يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن 1986-يىلىدىن 1989-يىلغىچە تۇرپان ۋېلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ تارىخ-جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان. 1989-يىلى ئۆز يېزىسىدىكى قارا بۇلاق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزىقىشى بىلەن 1994-يىلى شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىنىڭ تىل–ئەدىبىيات كەسپىدە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ مەخسۇس كۇرسنى تاماملىغان. 2001-يىلدىن 2003-يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئىككى يىل بىلم ئاشۇرغان. بۇ جەرياندا ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى، خالىدە ئىسرائىل قاتارلىق ئەدىپلىرىمىزدىن تەلىم ئالغان. 2015- يىلى شاڭخەيدە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇغان.
   ئاينۇر ئابدۇرېھىم 1997-يىلى «تۇرپان گېزىتىدە» ئېلان قىلىنغان «ئۆمۈر بىلەن ئويناشقۇچىلار» ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن .
     ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا  شېئىر ھىكايە ماقالا قاتارلىق ھەرخىل ژانىردىكى 200پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىندى. 2014-يىل ئۇنىڭ « كەشتىلەنگەن قولياغلىق» ناملىق ھىكايە –پوۋېستلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىلىتىلدى.  ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.توقسۇن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جامىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 09:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش