«قارچۇقتا قالغان ياش» نەشردىن چىقتى
تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ قىزغىن ئىشىتىراكچىسى، تىرىشچان ئايال يازغۇچى تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرىنىڭ «قارچۇقتا قالغان ياش» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى يېقىندا نەشردىن چىقتى.
كىتاپ مۇقاۋىسى
ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى 1969-يىلى 12-يانۋاردا كورلا شەھىرىنىڭ توبىرچى يېزىسىدا ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1987-يىلى شىئەن ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ كومپىيوتىر كەسپىگە ئوقۇشقا بارغان.1991-يىلى تولۇق كۇرسنى تاماملاپ قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، تا بۈگۈنگىچە بۇ مەرىپەت بۆشۈكىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى 2008-يىلى «كروران» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۈگۈنكى سەھرا» ناملىق شېئرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 140 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە،نەسىر، ماقالىلىرى ئېلان ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-15 23:12