كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 15

نورۇزى: ئۇيغۇرلار ۋە پىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرلار ۋە پىل


قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى



            
    بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ زور ھايۋان دەپ تەرىپلىنىدىغان پىلنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ھەقىقەتەن يىراق. بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن كۆزەتكىنىمىزدە، پىلنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشىغا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى  ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەنىۋى تارىخىدا پىلنىڭ تۇتقان ئورنى قانچىلىك ؟ كېيىنكى تارىخىي ۋە تەبىئىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تېزلىشىشى داۋامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن پىلنىڭ ئارىلىقى تەسۋرلىگۈسىز دەرىجىدە ئۇزارغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا قەدىمكى تارىخىي دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن پىلنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خۇلق – مىجەزلىرى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغان. شۇڭا، پىلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئىزدىنىش قىيىن ھەم مۇرەككەپ مەسىلە. ئۇيغۇرلار بىلەن پىلنىڭ مۇناسىۋېتى ھەققىدىكى بۇ دەسلەپكى ئىزدىنىشىمنى مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بوشلۇق ھامان ئۈزلۈكسىز تولدۇرۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نەشرى قىلىنغان ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتابنىڭ باش قىسمىغا بېرىلگەن ‹‹ بېشبالىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسىدىكى تام رەسىملىرى ›› دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن سۈرەتتە بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تۇغ – سۇتۇقلۇق چەۋەندازلىرى بىلەن  تاغلار ئارىسىدا كېتىۋاتقانلىقى ئاجايىپ جانلىق تەسۋىرلەنگەن، چەۋەندازلار بىربىرىدىن شاش كۆرۈنىدىغان ۋە رەڭگى بىر بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئاتلارنى مىنىۋالغان، قاغان ناھايىتىمۇ يوغان بىر ھاۋانغا مىنىۋالغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىر چەۋەنداز ئۇزۇن ساپلىق دۈگلەك سايىۋەن بىلەن قاغانغا سايە چۈشۈرۈپ كېتىۋاتقانىدى(1). قاغان مىنىۋالغان ھايۋان نېمە بولغىيدى ؟ بۇ سوئالنى ئۆزۈمگە قويغۇنىمغا ھەم ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولدى. بىراق، ئانا ماكانىمىزدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پىلنىڭ مۇناسىۋېتىنىنىڭ قانداقلىقى  ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغىنىمغا تېخى ئۇزۇن بولمىدى.

ئۇيغۇر قاغانى مىنىۋالغان ھايۋان پىل ئىدى. رەسىمدىكى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر قاغانى سەرۋاز ، لەشكەرلىرى بىلەن شىكارغا چىققاندەك ياكى مەلۇم بىر جايغا لەشكەر تارتىپ ماڭغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر كېيىنكى پەرەزگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ خىل ئېھتىماللىق كۈچلۈك بولسا كېرەك. چۈنكى پىلنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يىراق قەدىمكى ئۇرۇش تارىخىدا پىلنىڭ ئۇرۇشتا تۇتقان ئورنىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە قەدىمكى ياۋرۇپا، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرىدا خېلى كۆپ خاتىرىلەر قالدۇرغان. خاتىرىلەردىن قارىغاندا، پىلنىڭ ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 600 – يىلى ھىندىستاندا باشلانغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 326 – يىلى شەرققە يۈرۈش قىلغان ئىسكەندەر ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلدى. ياۋرۇپا ئۇنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن پىلنىڭ ئۇرۇشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇ قېتىمكى تاجاۋۇزچىلىقتا گەرچە قەدىمكى ھىندىستان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، جەڭ پىللىرى قوشۇنى بىلەن ئىسكەندەرنى ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك بىر ئۇرۇشقا دۇچار قىلغانىدى(2). شۇ چاغدىكى ھىندىستاننىڭ جەڭ پىللىرى قوشۇنىغا 200 باش جەڭ پىلى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىسكەندەر قوشۇنى ناھايىتى زور تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى(3).  

ھازىرقى زاماندىكى پىللار ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئافرىقا پىلى، يەنە بىرى، ئاسىيا پىلىدىن ئىبارەت. ئافرىقا پىلى بىلەن ئاسىيا پىلى ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدۇ. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان شىنجاڭدا پىلنىڭ ياشىغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى پىللار ئاسىيا تىپىدىكى پىللار تۈرىگە كىرىدۇ. بېشبالىق قەدىمكى شەھىرىدىن بايقالغان تام رەسىمىدىكى پىلمۇ ئەلبەتتە ئاسىيا تىپىدىكى پىل ئىدى. بۇ قەدىمكى شەھەردىن بايقالغان تام رەسىمىدىكى پىلنىڭ تام رەسىمىدە ئورۇن ئېلىشى بىر قاراشتىلا بۇددا دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ. ئەمما شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭ تاش كېمىرلىرىدىكى بۇددا دىنى تەسۋىرلەنگەن تام رەسىملىرىدە كۆرۈلىدىغان پىل ۋە پىل ئوبرازلىرى قانداقتۇر بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى، ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن مەنىۋى قۇۋۋەت بولۇشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، شىنجاڭدىمۇ يىراق ەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان پىلنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، شۇنىڭدەك مەنىۋى تۇرمۇشىدا يۈكسەك ئورۇنغا ئۆتىشى بىلەن پىلمۇ تاش كېمىر سەنئىتىدە تەسۋرلەنگەن باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاشلا، مەيلى بۇددا يارالمىش ھېكايىلىرى ( جاتاكا ھېكايىلىرى ) دە بولسۇن، مەيلى بۇددا سەۋەبكارلىق ھېكايىلىرى ( نىدانا ھېكايىلىرى) دە بولسۇن، ئوخشاشلا  گۈزەل ئوبراز سۈپىتىدە نامايان بولدى. بولۇپمۇ پىل بۇددا يارالمىش ھېكايىلىرىدە كەڭ ئورۇننى ئىگىلىگەن. شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت تاشكېمىرلاردىكى يارالمىش ھېكايىلىرىنىڭ ئىچىدە قىزىل مىڭئۆيى 17 – غار، سول تەرەپتىكى تامدىكى ‹‹ پىلنىڭ ئۆز گۆشىنى تەغدىم قىلىشى ››، 8 – غار، سول تەرەپتىكى تام، ۋە 14 – غار ئوڭ تەرەپتىكى تام بىلەن 17 – غار، سول ۋە ئوڭ تەرەپ تامدىكى ‹‹ پىلنىڭ ئۆز چىشىنى تەغدىم قىلىشى ››، 17 – غار ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تامدىكى ‹‹ سېخىي شاھزادە ››(4)، شۇنىڭدەك قىزىل مىڭئۆيى 80 – غار ئوڭ تەرەپ تامدىكى ‹‹ قۇش، مايمۇن ۋە پىللارنىڭ يېشىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنىڭ ئايرىلىشى ››( ياكى ‹‹ ئۈچ ھايۋاننىڭ يارالمىشى ›› ) (5)، دۇنخۇاڭ تاش كېمىرى 278 – غار ئوڭ تەرەپ تامدىكى ۋە قىزىل مىڭئۆيى 110 – غاردىكى ‹‹ شاھزادىنىڭ پىلغا مىنىپ ھامىلىگە كىرىشى ››(6)؛ بۇددا سەۋەبكارلىق ھېكايىلىرىىڭ ئىچىدە قىزىل مىڭئۆيى 34 – غاردىكى تام رەسىمى(7) بىلەن دۇنخۇاڭ بۇددا ھېكايىلىرىدىكى ‹‹ تۆت ھايۋاننىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇشى ››(8) قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇلاردىن باشقا، دۇنخۇاڭ مۇگاۋ كېمىرىدىكى تام رەسىمى ‹‹ پىل سودىگەر كارۋىنى ››(9) بىلەن  قىزىل مىڭئۆيىدىكى ‹‹ پىل پادىشاھى ۋە قۇش ›› (10)مۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ پىل بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى دەلىللىشىمىزدە يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ تام رەسىملەردە يەنە پىلنى ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ مىنىۋالغانلىقى تەسۋرلەنگەن رەسىملەرمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، پىل كۆپىنچە ئاق رەڭدە تەسۋرلىنىدۇ. بۇددا يارالمىش ھېكايەتلىرىدىمۇ ئالتە چىشلىق ئاق پىل ھەققىدە ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەر ساقلانغان. سىتەيىن مىران خارابىسىدىن ئېلىپ كەتكەن شاھزادە يېتىلىگەن ۋە كېيىن ساخاۋەت قىلىۋەتكەن ئاق پىلنىڭ رەسىمى (11) بىزنى مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش( يەنى شاھزادە ياكى مەلۇم بىر كىشى يېتىلىۋالغان ) بىر رەسىم نىيە خارابىسىدىن بايقالغان بولۇپ، بۇ رەسىم گۈللۈك ئىشىك تاختىسىغا ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ ئويۇلغان(12). قۇمتۇرا مىڭئۆيى 63 – غاردىكى بىر رەسىمدە بىر مايمۇننىڭ پىلنى مىنىۋالغانلىقى تەسۋرلىنىدۇ(13). تەتقىقات نەتىجىلىدىن قارىغاندا، بۇ رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى رومبا رەسىم سەنئىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، رومبا رەسىم سەنئىتى بۇددا يارالمىش ۋە سەۋەبكارلىق ھېكايىلىرىدا ئاساسىي مەزمۇننى ئىگىلىگەن. بۇنداق رومبا رەسىم سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شەكىللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۇرپاندىكى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىغا ئىشلىتىلگەن خىشلارمۇ رومبا شەكىللىك گۈللۈك خىش ئىدى.  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كۇچا بۇددا كېمىرلىرىدە كۆرۈلىدىغان رومبا رەسىم سەنئىتى كۇسەننىڭ قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇنى يەرلىك بېزەك ئۇسلۇبى بىلەن تەبىئىي مۇھىتنىڭ بىربىرىگە سىڭىشىشىنىڭ نەمۇنىسى دېيىشكە بولىدۇ (14). مۇنداق رومبا شەكلىدىكى بېزەك – سىزىقلار يىراق قەدىمكى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ رەڭلىك ساپاللار دەۋرىدىمۇ خېلى كەڭ ئۇچرايدۇ.

بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسىدە بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىل بىلەن بولغان ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق مۇناسىۋېتى تەسۋرلەنگەن بولۇپ، پىلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئورنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىراق، بەزىلەر بۇددا دىنى ۋە بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ قەدىمكى ھىندىستاندىن تارقالغانلىقىنى تارىخىي ئىسپات سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، پىل رەسىمىنىڭ شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭ كېمىر ئۆيلىرىدىكى ئىپادىلىرىنى قەدىمكى ھىندىستان كىشىلىرى بىلەن ھىندىستان پىلنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر دەپ قارىشى مۇمكىن. دەل شۇنداق بولغاچقا، جۇيىڭروڭ ئەپەندى ‹‹ كۇسەن تاش كېمىرلىرى تەتقىقاتى ›› ناملىق ئەسىرىدە كۇسەن تاش كېمىرلىرىدىكى ھايۋان رەسىملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹ كۇسەن تاشكېمىر رەسىمىلرىدىكى كۆپلىگەن ھايۋانلارنىڭ رەسىمى بۇددا قىسسىلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھايۋانلار رەسىمىنىڭ ئۆزلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا قەدىمكى كۇسەن خەلقىنىڭ رىئال تۇرمۇش خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇ رەسىملەرنىڭ ئىجادكارلىرى ئانا تۇپرىقىنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئەمگەكچى خەلقتۇر ›› (15). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرىياللارغا قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭدىن بايقالغان نەچچە مىليون يىللار ئاۋالقى پىلنىڭ تاشقاتمىسى شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن بۇيان پىل  ياشاپ كەلگەن  ماكانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شىنجاڭ ئاخبارات تورى (新疆新闻网) 2004 – يىل 3– ئاينىڭ 18– كۈنى جېمىنەي ناھىيىسىدىن مۇندىن 60 مىليون يىللار ئاۋالقى پىلنىڭ پۇتىنىڭ تاشقاتمىسى بايقالغانلىقىنى؛ شۇ يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كۆكتوقاي ناھىيىسىدىن 1 مىليون 800 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى پىلنىڭ تاشقاتمىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2005 – يىل 6– ئاينىڭ 14 – كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىمۇ بۇندىن نەچچە يۈز مىڭ يىللار ئىلگىرىكى پىلنىڭ تاشقاتمىسىنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار كەم دېگەندىمۇ نەچچە يۈز مىڭ يىللار بۇرۇنقى تاشقا ئايلانغان پىل ئارقىلىق قەدىمكى شىنجاڭنىڭ مۇھىتىنىڭ قانداقلىقىنى، پىلنىڭ ياشاش مۇھىتىغا باب كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەن تەغدىردىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى پىلنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋېتىگە ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. بۇ ماتېرىياللارنى قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلاردىكى بىر قىسىم قىيا تاش رەسىملىرىدىكى پىل ۋە پىل ئوبرازلىرى تېخىمۇ جانلىق شەرھلەپ بېرەلەيدۇ. قىيا تاش رەسىملىرىدە پىل ئوبرازىنىڭ كۆرۈنىشى بۈگۈنكى كۈندە يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قىيا تاش رەسىملىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان باشقا چوڭ – كىچىك ھايۋانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئۆزگىچە سەنئەت تەسۋىرى ۋە مۇھىت تەسۋىرى بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئالتاي ئوغجىبېك — دولات قىيا تاش رەسىملىرىدە پىل رەسىمى ئۇچرايدۇ(16)، يەنە ئالتاي شەھىرىگە قاراشلىق چۆرگۈل قىيا تاش رەسىملىرىدىمۇ پىلنىڭ رەسىمى بايقالدى(17). ئۇندىن باشقا يەنە گەنسۇنىڭ تىلەن ( چىليەنشەن ) تېغىنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن چىڭخەي خۇبېي گاڭسا ناھىيىسىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىدىمۇ پىلنىڭ رەسىمى بايقالغان(18). بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ يىل دەۋرى تېخى مەلۇم ئەمەس، بىراق ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، بۇندىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئالتاي ئەتراپلىرىدە  پىلنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇغانلىقى مەلۇم(19). قانداقلا بولمىسۇن، بۇددا تاش كېمىرلىرىدا تەسۋىرلەنگەن پىل ئوبرازىنىڭ قىيا تاش رەسىملىرىدىكى پىل ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق. چۈنكى، قەدىمكى بېشبالىق تام رەسىمىدىكى ئۇيغۇر قاغانى مىنىۋالغان پىلنىڭ رەسىمى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەيدۇ. ئېدۋارد شافېر ئەپەندىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ‹‹ جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئورمانلىقلار كۆلۈمىنىڭ ئازلىشىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇنداق زور ھايۋان كېيىنچە بارا – بارا  جەنۇبقا قاراپ يۆتكەلگەن ›› (20).  

             پىل گەۋدىسىنىڭ يوغانلىقى ۋە كۈچىنىڭ زورلۇقى بىلەن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور رول ئويناپلا قالماستىن، سىياسىي، ھەربىي ھاياتىدىمۇ ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە بولغان. پىلنىڭ ئۈستىگە ئاز دېگەندە ئۈچ جەڭچىنى تۇرغۇزغىلى؛ پىل ئېگىزلىكى ھەم غايەت زور پۇتى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندە پىيادە قىسىملارنى تېرە – پېرەن قىلغىلى؛ پىلنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ياۋلارغا بىمالال ھۇجۇم قىلغىلى بولاتتى. شاڭ سۇلالىسى يىمىرىلىپ، سۇڭ سۇلالىسى گۈللەنگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەر پىلنى بىر مەنىۋى قۇۋۋەت — مەبۇد سۈپىتىدە ئەتىۋارلاۋاتقان ياكى  كۆرۈپ ھوزۇرلىنىدىغان ھايۋان قاتارىدا  بىلگىنىدە، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى مىللەتلەر پىلنى ئۇرۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىۋاتاتتى. مىلادىيىدىن  بۇرۇنقى 506 – يىلى چۇ بەگلىكى  پىلنى ئۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتتى، ھەتتا سۇڭ سۇلالىسىمۇ مىلادىيە 971 – يىلىدىكى ئۇرۇشتا پىلنى ئىشلەتتى(21). كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرغان خانلىقلاردىمۇ پىلنىڭ ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەققىدە مۇھەممەت سىدىق رەشىدى ‹‹ سىدىقنامە ›› ناملىق ئەسىرىنىڭ 30 – باپىدا مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ: سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى باغدات خەلىپىسىگە سەمەرقەند ۋىلايىتىنى ماڭا بەرگىن ۋە مېنىڭ نامىمدا خۇتبە ئوقۇتقىن دەپ، مەكتۇپ بىلەن ئەلچى ئەۋەتىدۇ. باغداد خەلىپىسى: ‹‹ ئەگەر سەن مېنىڭ پەرمانىمدىن چىقىپ، سەمەرقەندكە قەسەم ( ھۇجۇم ) قىلساڭ، پۈتۈن ئالەمنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە تەۋرىتىمەن ›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىدىن غەزەبلەنگەن سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئەلچى ئارقىلىق مۇنۇ سۆزنى يەتكۈزىدۇ: ‹‹ خەلىپىگە ئېيتقىن. مەن سەندىن كەم كىشى ئەمەسمەن. مېنىڭ سېنىڭ بىلەن بۇ جەڭ قىلىش كۆڭلۈمگە چۈشۈپتۇ. مانا ھازىرلا ئاتلاندىم. مەن پىل بىلەن لەشكەر تارتىپ بېرىپ، باغداتنى پىللارنىڭ ئايىقىدا ۋەيران قىلىپ، تۇپرىقىنى پىللارغا يۈكلەپ غەزنەينگە كەلتۈرىمەن ›› (22). بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان غەزنەۋىلەر خانلىقى ( مىلادىيە 960 – يىلىدىن 1180 – يىلىغىچە ) قىغا مىلادىيە 997 – يىلى ئاتىسى سۇبۇقتېكىننىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلىش بىلەن  ئىككىنچى ئەۋلاد خان بولغان سۇلتان مەھمۇد ئىدى. گەرچە بۇ باياننىڭ تارىخىي قىممىتى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇرۇش – يېغىدا پىل ئىشلەتكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قەدىمكى بېشبالىق تام رەسىمىدىكى ئۇيغۇر قاغانىنىڭ پىلغا مىنىپ ماڭغان كۆرۈنىشىنى بۇ بايان بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پىل بىلەن بولغان سىياسىي سەھنىدىكى مۇناسىۋېتىگە بولغان تونۇشىمىزدىن شۈبھىلىنىشىمىزنىڭ ئانچە زۆرۈر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.  



ئىزاھلار

(1) ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ››، ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› نى يېزىش گۇرۇپپىسى تۈزگەن، 1989 – يىل 11 – ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى، 7– سۈرەتكە قاراڭ.

(2) لوپىز موفېر ‹‹ ئاسىيا تارىخى ››، شاڭۋۇ كىتابچىلىق ئىدارىسى، 2005 – يىل خەنزۇچە نەشرى، 78 – 79 – بەتلەرگە قاراڭ.

(3) بەي لېتيەن ‹‹ دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى ››، ‹‹ نۇر گېزىتى ›› نەشىرىياتى، 2002 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، بىرىنچى توم، 318 – بەتكە قاراڭ.

(4)  قۇربان ۋەلى ‹‹ قىزىل مىڭئۆيى تام رەسىملىرى ھېكايىسى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، رەڭلىك رەسىملەر، 19 – ، 30 –، 36 – بەتلەردىكى رەسىملەرگە قاراڭ؛ شياڭ يۈ، جۇيىڭروڭ ‹‹ كۇسەن تاش كېمىرلىرى ››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 1990 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 397 –، 399 –، 403 – بەتلەرگە قاراڭ.

(5) جاڭ يىنسەي، ياۋشىخوڭ ‹‹ قىزىل تاش كېمىرى بۇددا يارالمىش ھېكايىلىرى رەسىمى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1991 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 120 – بەتكە؛ جاڭ گولېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹ كۇسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى ››، 2 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2006 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 47 – بەتكە قاراڭ.   

(6) دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى تۈزگەن ‹‹ دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرى ھېكايىسى ››، 3 – توپلام، 1991 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 1 – بەتكە ؛ چېن يۈ، خې چىلار تۈزگەن ‹‹ قىزىل تاشكېمىرى تام رەسىملىرى ھېكايىلىرىدىن تاللانما ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2005 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 143 – بەتكە قاراڭ.  

(7) شياڭ يۈ، جۇيىڭروڭ ‹‹ كۇسەن تاش كېمىرلىرى ››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 1990 – يىل، خەنزۇچە نەشرى،401 – بەتكە قاراڭ.

(8) خۇاڭ جېڭ تۈزگەن ‹‹ دۇنخۇاڭ بۇددا ھېكايىلىرى ››، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2000 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 47 — 48 – بەتلەرگە قاراڭ.

(9) خۇاڭ شىنيا ‹‹ يىپەك يولى مەدەنىيىتى . قۇملۇق ››، جېجياڭ خەلق نەشىرىياتى، 1995 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، رەڭلىك رەسىملەر ۋە رەڭلىك رەسىملەر مۇندەرىجىسى، 5– بەتكە قاراڭ.

(10) چېن يۈ، خې چىلار تۈزگەن ‹‹ قىزىل تاشكېمىرى تام رەسىملىرى ھېكايىلىرىدىن تاللانما  ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2005 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 219 – بەتكە قاراڭ.

(11 )  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1998 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 336 – بەتكە قاراڭ.

(12) دىڭ شاۋلۇن تۈزگەن ‹‹ نىيە خارابىسى ››، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشىرىياتى، 2004 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 30 – بەتكە قاراڭ.

(13) جاڭ گولېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹ كۇسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى ››، 2 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2006 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 764 – بەتكە قاراڭ.

(14)  لى شاۋبىڭ ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى بۇددا دىنىغا ئائىت نەقىش– بېزەك سەنئىتى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، جېجياڭ خەلق نەشىرىياتى، 2004 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 96 – بەتكە قاراڭ.

(15) جۇيىڭروڭ ‹‹ كۇسەن تاش كېمىرلىرى تەتقىقاتى ››، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشىرىياتى، 1993 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 231 – بەتكە قاراڭ.

(16)  جۇجىڭباۋ تۈزگەن ‹‹ يىپەك يولى قىيا تاش رەسىملىرى سەنئىتى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1993 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 301 – بەتكا قاراڭ.

(17) (18) (19) سۇبېيخەي ‹‹ شىنجاڭ قىيا تاش رەسىملىرى ››، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشىرىياتى، 1994 – يىل، خەنزۇچە نەشرى، 577 – بەتكە قاراڭ.

(20) (21) ئېدۋارد شافېر ‹‹ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەت ››، شەنشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2005 – يىل نەشرى، 116— 117 –  بەتلەرگە قاراڭ.

(22) مۇھەممەت سىدىق رەشىدى ‹‹ سىدىقنامە ›› ( ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ نەشىرگە تەييارلىغان ) ، ‹‹ ئوتتۇزىنچى باب مۇنشىيلىق ( كاتىپلىق ) ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنىڭ بايانى ››، ‹‹ بۇلاق ›› ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 2006 – يىللىق 3 – سانى، 6– بەتكە قاراڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نورۇزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-20 01:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-15 21:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالە ناھايىتى پاكىتلىق يېزىلىپتۇ. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
  سىزنىڭ پالتاخۇن ئەۋلاخۇن بىلەن بىرگە تۈزگەن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتېمولوگىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ 1-قسىمى چىققىلى ئۇزۇن بولدى. بۇ كىتابنىڭ 2-قىسمى چىقىپ بولدىمۇ ياكى  چىقسىمۇ مەن تاپالمىدىممۇ؟ ياكى تەييارلاۋاتامسىز؟ بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بولۇپتىكەن.

ۋاقتى: 2016-1-15 23:39:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخ ئىزنالىرىنى ئەسلىتىدىغان پاكىتلىق تىمىنى يوللاپسىز.جاپا چىكىپسىز،ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2016-1-16 17:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-ئىزاھنىڭ رەسىمىنى كۆرۈشكە مۇمكىن بولۇرمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 15:56:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› 1989 – يىل 11 – ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى سىزدە بار بولسىلا كۆرەلەيسىز.

ۋاقتى: 2016-1-18 13:47:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئۇچۇرغا، بىلىمگە ئىرىشتىم، ئىزدىنىشلىرىڭىز تېخىمۇ نەتىجىلىك بولغاي بورادەر.

ۋاقتى: 2016-1-18 13:47:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ سىزدە ئاشكارىلانمىغان تىندۇرمىلار ئاز ئەمەس،  ساقلاۋەرمەي پايدىلىنىشىمىزغا سۇنۇۋىتىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 13:49  


ۋاقتى: 2016-1-18 14:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-17 15:56
‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› 1989 – يىل 11 – ئاي، ئۇي ...

مەندە 2006-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلىنغىنى بارئىدى تازا ئېنىق ئەمەسمۇ مەن پىلنى ئېنىق كۆرەلمىدىم

ۋاقتى: 2016-1-18 16:20:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە پىل» ناملىق ماقالىسى تېمىسىنىڭ يېڭىلىقى، مەزمۇنىنىڭ جەلپكارلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇسى. قۇربانجان كۆرسەتكەن «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلەر ھەقىقەتەن تارىخىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ھۆججەت خاراكتېرلىك سۈرەتلەردۇر. بۇ سۈرەتلەر ئىچىدىكى 7-،  9-، 10-، 23- سۈرەتلەر قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشىنىشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، 7- سۈرەت «بېشبالىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار (回鹘) ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسىدىكى تام رەسىملىرى» دەپ؛ 9- سۈرەت «بېزەكلىك مىڭئۆيلىرى 37- غاردىكى تام رەسىمى: ئۇيغۇر پادىشاھى (回鹘国王) نىڭ رەسىمى» دەپ؛ 10- سۈرەت «مىڭئۆي تام رەسىملىرى: قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ رەسىمى»  دەپ؛ 23- سۈرەت «شايىگە چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر بۇددىست تېۋىنغۇچى بوۋاي» (绢画供佛回鹘老者像) دەپ ئىزاھلانغان بولۇپ، بۇ رەسىملەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى، ئىرقىي ئالاھىدىلىكىنى يېتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى، لەشكىرىي ئىشلار مەدەنىيىتى، ئوردا نەققاشلىق- بېزەكچىلىك مەدەنىيىتى، كىيىنىش- سالاپەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئەلۋەتتە بۇ كىتابتىكى باشقا سۈرەتلەرمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىنى چۈشىنىش ۋە تەسۋىرلەشتە كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە. قۇربانجاننىڭ مەزكۇر كىتابغا كىرگۈزۈلگەن 7- سۈرەتنى تۇتقا قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولغىنى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك. بۇ سۈرەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشتا ھەقىقەتەن كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، قۇبانجان بىزنىڭ دىققىتىمىزنى مۇشۇ سۈرەتكە بۇرىغان. بۇ سۈرەت بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لەشكىرىي ئىشلار مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تەسۋىرلەشتە كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە. مېنىڭچە بۇ سۈرەتتىكى «پىل»نىڭ ئوبرازىنى يەنىمۇ ئېنىق دەلىللەش كېرەك.  شۇنداق بولغاندا بۇ تېما ھەقىقەتەن قالتىس يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇر. قۇربانجانغا رەھمەت مۇشۇنداق تەربىيەۋى قىممىتى يۇقىرى تېمىنى تاللاپ بىزلەرگە سۇنغىنىغا!

ۋاقتى: 2016-1-18 16:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەكەن بازىرىنىڭ سەيچىلىك كەنتى تەۋەسىدە «پىلال»، «پىلال دۆڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەھەللە بار. مەن ئالدىنقى يىلى پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلىپ، «پىلال» نامىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى سورىغىنىمدا، شۇ يەردىكى پىشقەدەملەر: «ئىلگىرى يەكەنگە ھىندىستاندىن پىل ئەكىلىپ باققان ئىكەن، ئاۋۇ دۆڭلۈك ئاشۇ پىل كۆمۈلگەن دۆڭلۈك ئىكەن، شۇڭا مەھەللىمىزنىڭ نامى پىلال دۆڭ دەپ ئاتىلىپ قاپتىكەن» دەپ مەھەللە قەبرىستانلىقى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر دۆڭلۈكنى كۆرسەتتى.
  لېكىن، «پىلال» دېگەن بۇ يەر نامى ئاقتۇ ناھىيەسىدىمۇ بار. «پىلال» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ «پىل» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن تا ھازىرغىچە گۇمانلىنىمەن.
  «پىلال»نىڭ مەنىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭلارنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 16:35  


ۋاقتى: 2016-1-18 18:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەلتۇغ ئىنىمىز قۇربانجاننىڭ تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر «يىپ ئۇچى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ھەقىقەتەن «پىلال دۆڭ» ۋە «پىلال» ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە ئۇنىڭ «پىل» سۆزى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار- يوقلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىشمۇ ئوخشاشلا بەك مۇھىم تېما ئىكەن. ئەگەر بۇ ئىككى سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى پىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىنىپ قالسا يەنە بىر مۇھىم تېما تاماملانغان بولىدىكەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنىمىز ئەلتۇغنىڭ قوللىشى يازغۇچىلار تورىدىكى ئىنكاسچىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك بىر ھەقىقىي ئىنكاس بولۇپ قالىدىكەن.  

ۋاقتى: 2016-1-18 18:22:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزى ئەپەندى. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ماقالىڭىزگە قارىتا مەندە مۇنداق گۇمانلار پەيدا بولۇپ قالدى. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز. مۇمكىن بولسا چۈشەنچە بەرسىڭىز.
1. ماقالىڭىزدە «خاتىرىلەردىن قارىغاندا، پىلنىڭ ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 600 – يىلى ھىندىستاندا باشلانغان.» دەپسىز يۇ، كەينىدىنلا « شاڭ سۇلالىسى يىمىرىلىپ، سۇڭ سۇلالىسى گۈللەنگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەر پىلنى بىر مەنىۋى قۇۋۋەت — مەبۇد سۈپىتىدە ئەتىۋارلاۋاتقان ياكى  كۆرۈپ ھوزۇرلىنىدىغان ھايۋان قاتارىدا  بىلگىنىدە، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى مىللەتلەر پىلنى ئۇرۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىۋاتاتتى.» دەپسىز. سىزگە نامەلۇم ئەمەسكى، شاڭ سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلگەن ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1046- يىلى. ئۇنداقتا پىلنى ئەڭ بۇرۇن ئۇرۇشقا ئىشلەتكىنى جۇڭگو بولۇپ قالمامدۇ؟
2. ماقالىدە يەنە «مىلادىيە 506 – يىلى چۇ بەگلىكى  پىلنى ئۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتتى، ھەتتا سۇڭ سۇلالىسىمۇ مىلادىيە 971 – يىلىدىكى ئۇرۇشتا پىلنى ئىشلەتتى ...» دېگەن بايان بار. مىلادىيە 506 – يىلى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ چاغدا چۇ دېگەن بەگلىك يوق ئىدى. بولسا بۇنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

باھا سۆز

مىلادىدىن بۇرۇنقى 506-يىلنى، مىلادىيە دەپ ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ!  ۋاقتى: 2016-1-18 06:47 PM
ۋاقتى: 2016-1-18 18:37:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە، پىلال مەھەللىسىدە ئەينى يىللاردا (ئازادلىقنىڭ ئالدىدا) ئافغانىستاننىڭ كونسۇلخانىسى ( ياكى يەكەندىكى ئىش بىجىرىش ئورنى)  جايلاشقان بولۇپ، بۇيەردە  ەئابلىمىت ئاسقال (ئاقساقال بولۇشى مۇمكىن) دېگەن كىشى مەسئۇل بولۇپ ئىش بىجىرگەن ئىكەن. بۇ  قورۇ ھازىرقى يەكەن بازىرى سەيچىلىك كەنت  تۆت دوقمۇشىىغا جايلاشقان پىلال مەھەللىسىدىكى  بوغدا دوختۇخانىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، پىشقەدەملەر ھازىرمۇ بۇ جاينى  «ئابلىمىت ئاسقالنىڭ قورۇسى» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ تارىخنى خېلى كۆپ پىشقەدەملەر ۋە يەرلىك ئاھالىلارمۇ بىلىدىكەن.  دېمەك، پىشقەدەملەرنىڭ: «بۇ يەردە پىل بېقىلغان» دېگەن سۆزى  راست بولسا، ئافغانىستاندىن ئەكەلگەن پىل بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن كېلىدۇ. بىراق، بۇ ھەقتە ئاغزاكىي ئەسلىمىدىن باشقا ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق.
ھازىر ئاشۇ قورۇ ئورنىغا يول ئېلىنىپ كەتكەچكە بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئورنىنى  كېتىپتۇ.
  بىر قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە «پىلال»نى تەتقىقاتچىمىز ئابدۇقادىر داۋۇت «چىلانلىق» دەپ ئىزاھلىغاندەك ئېسىمدە.
  دېمەك، بۇ زىددىيەتلىك نۇقتىلار ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ بېقىش كېرەكمىكىن دەيمەن.
   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-20 02:06:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك زەينۇللا ئەپەندى سىزنىڭ ماقالەمنى ئوقۇپ، گۇمانىي قاراشتا بولغانلىقىڭىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ماقالەمنى يازغاندا ئالدىراپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ‹‹ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 506- يىلى ›› دېگەننى‹‹مىلادىيىدىن  506 – يىلى   ›› دەپ ئاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىزدە گۇمانىي ئىككى قاراش پەيدابولۇپتۇ. admin توغرا جاۋاب بېرىپتۇ: ‹‹ مىلادىدىن بۇرۇنقى 506-يىلنى، مىلادىيە دەپ ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ!›› بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نورۇزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-21 12:18  


ۋاقتى: 2016-2-3 00:31:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام ئالتۇغ، سىزنىڭ پىلال ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ياخشى بولاپتۇ، پىلال بىلەن پىلنىڭ مۇناسىۋىتى  ھەققىدىكى بايانلارنى مەنمۇ ئاڭلىغان. سىز «ئابلىمىتخان ئاقسال» دىگەن مەنبەگە قانداق ئىرىشىپ قالغانسىز؟  بەلكى قولىڭىزدا ئاقسال ھەققىدە يازمىچە ماتىرىيال  بولمىسا كىرەك شۇنداق بولغاندىكىن ھازىرمۇ گىپىنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان ئادەملەر بار دىگەننى ساقىت قىلماي ئاقساقال دەپ ئىلىۋىرىڭ. ھازىرغىچە ئۇ يەر ئابلىمىتخان ئاقساقالنىڭ مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەقتە تارىخچى مۇھەممەت فاتىھنىڭ يەكەن تارىخ ماتىرىياللىرىغا يازغان ماقالىسىدىمۇ، ئىسمائىل ئەسقەرنىڭ شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرىغا ياغان ماقالىلىرىدىمۇ ئابلىمىت ئاقساقال دەپ ئىلىنغان. ئاقساقال مەلۇم بىر كىشلەر توپىنىڭ بىشى، يولباشچىسى دىگەنلىك بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش