مىنىڭ سازىم
مەخەت ئابدۇرېھىم
(قۇربان ئىمىننىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە مۇخەممەس)
ئەزەلدىن نامى بار ئەلدە راۋاپ دۇتتار مىنىڭ سازىم،
توي مەشرەپ باشلىسا خەلقىم مۇقام ئىېيتار مىنىڭ سازىم،
ناۋاسى كۆكتە ياڭرايدۇ، بولۇپ شۇڭقار مىنىڭ سازىم،
چىمەننى ئوينىتىپ شاتلىق بىلەن يايرار مىنىڭ سازىم،
بېغىشلاپ زوق يۈرەكلەرگە،داۋام سايرار مىنىڭ سازىم.
ئۇنىڭ بەستى مىنىڭ جىسمىم،شۇڭا كۆكسۈم ماكانىدۇر،
قولۇمدا زەخمىكىن ئوينار،خەلقىم ئۇنىڭ ئىلھامىدۇر ،
ئۇنىڭدىن ياڭرىغان ناخشا ۋەتەن ئىشقى مۇقامىدۇر ،
پىداكار ،ئىشچى،دىھقان ئارمىيە ناخشام نىشانىدۇر،
گۈلىستان گۈللىرى ئوخشاش گۈزەل رەڭدار مىنىڭ سازىم.
خۇشال سايرايدۇ بۇلبۇلدەك چىكىپ زەخمەك بىلەن ئۇرسا،
يۈرەكنىڭ شاتلىقى دەيدۇ ئۇنىڭدىن كىم سۇئال سورىسا،
ئەزەلدىن خەلقىمىز سازغا مۇھەببەت باغلىغان تۇرسا،
ۋەتەن بوستانىدا خەلقىم خۇشاللىق بەزمىلەر قۇرسا،
تىلىدا بولىسەن داستان كەل ئەي دىلدار مىنىڭ سازىم.
سىنىڭدىن ئايرىلىپ ئۆتسەم ھايات پەيزىگە قانمايمەن،
سىنىڭسىز ھەر مۇقام توۋلاپ ئىزا كۈلكىگە قالغانمەن،
كىرەلمەي تويغا مەشرەپكە قىسىپ بوينۇمنى تۇرغانمەن،
سىنى دىلغا يىقىن بىلگەچ ئۆزۈڭنى تاللاپ ئالغانمەن،
ياشايمەن سەن بىلەن دائىم كۆرەشتە يار مىنىڭ سازىم.
خەلق مەرغۇل-مۇقامىغا سوپى ئىشان قىلسىمۇ كۈلپەت،
يەنە ياڭراپ جاراڭلايدۇ ئۇنىڭدا بار نىمە قىسمەت،
ۋەتەن-ئەلگە شەرەپ ئىزدەش دىلىدا بار بۈيۈك خىسلەت،
مۇھەببەتلىك دىلىم ئىېيتار ئۇلۇغ خەلقىمگە مىڭ رەخمەت،
ئوقۇر دۈشمەنگە نەپرەتلەر سىلىپ دىشۋار مىنىڭ سازىم.
مەخەت ئابدۇرېھىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-15 20:39