ئا. جۇدۇن
بىكۆيۈم دۇنيا
دەستىگاھ ئالدىدا ماتا توقۇيدۇ،
ئەسىرگە ئۇلاشقان ئۇلۇغ بوۋايلار.
سەھنىدە جاراڭلىق قوشاق ئوقۇيدۇ،
ئاجايىپ مودىكەش سەتەڭ مومايلار.
ئەسلىدە تولۇنئاي سىياقى قىزلار،
سۈپۈرگە سېپىدەك تۇرىدۇ ئورۇق.
بىر ئوچۇم ئۇپىدىن قالمىسا ئىزلار ،
يۈزلىرى رەمچىنىڭ يۈزىدەك قورۇق.
‹‹ ئىڭە›› لەپ تۇغۇلغان سەبىي بوۋاقلار،
ئانىنىڭ كۆكسىنى تاپالمايدۇ، ھېچ.
‹‹ ئوغۇز ›› نى كۆرمىگەن ئاشۇ ئوماقلار،
‹‹ قاناس›› نى ئېمىپلا ياتىدۇ تىنىچ.
تۈن نىسبى چىقىپتۇ، بىر سوغۇق قۇياش،
چىڭقىچۈش پارقىراپ تۇرار تولۇنئاي.
بىكۆيۈم دۇنيادا يوقتۇر بىر ئاياش،
كۆيۈمسىز ئىنسانغا بۇ مۇشۇنداق جاي !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-15 17:28
|