يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 19

ق.سىدىق: قوش كونۇس سېفرالى شەكىللىك نۇر ئىزلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قوش كونۇس سېفرالى شەكىللىك نۇر ئىزلىرى ئۈستىدە تەھلىل


قاسىم سىدىق

ئاساسى مەزمۇنى:
نۇر (پېقىرىغۇچ) ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە بايقالغان نۇر ئىزلىرىنى ۋاقىت تەرتىۋى بۇيىچە تەھلىل قىلىپ،نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرۈش جەريانى ۋە بۇنداق ئۆزگۆرۈشنىڭ نۇرنىڭ ھەركەت شەكلى ۋە ھەركەت يۆنىلىشىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى يەكۈنلەرئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:تېكلىشىش ھادېسىسى.تەكشىلىكتىكى نۇر ئىزى.قوش كونۇس سېفرالى.ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرىشى.

مەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تېئورېمىسىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش مەقسىدىدە ھەرخىل نۇرلاردىمۇ تەجرىبە ئىشلەپ كۆردۆم.بۇ،نۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلما ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئادەتتە پىرېتسىيە،ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجرىبىلىرىنى ئىشلەيدىغان نۇر(1-رەسىم)ۋە ئادەتتىكى مېتال نۇر(2-رەسىم) قاتارلىقلار بار.تەكشىلىكتە ۋە بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىن مەلۆم بولدىكى،يېتەرلىك تېزلىكتە پېقىرىتىلىپ قوزغۇتۇلغان نۇرلار قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن پېقىراشتىن توختاپ يىقىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە چوققىلىرى بىر-بىرىگە تاقاشقان كونۇسسىمان سېفرال ئىزلارنى قالدۇرۇدۇ.بۇنداق قوش كونۇسسىمان سېفرال ئىزلارنىڭ شەكىللىنىشىگە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرۈپ بېرىشى سەۋەپ بولىدۇ.مەن ئالدى بىلەن ئىشلىتىلگەن نۇرلار ۋە بايقالغان ھادىسىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

تىكلىشىش ھادىسىسى

1-رەسىمدىكىدەك قۇرۇلمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ۋە ۋىرتىكال ئوق بىلەن گورىزىنتال ئوق ئارىسىدىكى بۇلۇڭ يېتەرلىك چوڭ بولغاندا،نۇر تەدىرىجى تىكلىشىپ ئاخىرى ئىككى ئوق ئارىسىدىكى بۇلۇڭ يوقاپ،نۇر ۋىرتىكال ئوقتىلا ئايلىنىدۇ.بۇ ھادېسىنى ھازىرچە تىكلىشىش ھادىسىسى،دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
:

1-رەسىم


تەكشىلىكتىكى قوش سېفرال

2-رەسىمدىكى نۇربىلەن كۆپەيتىش قەغىزى ئاستىغا ئاق قەغەز قويۇپ ئۈستىدە نۇر تەجرىبىسى  ئېلىپ بېرىلدى.تەكشىلىكتە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە 3-رەسىمدىكىدەك قوش سىفرال ئىزلارغا ئىرىشتۇق.


2-رەسىم

بۇ نۇر بىلەن تەكشىلىك،يانتۇ  تەكشىلىكلەردە تەجرىبە ئىشلەپ كۆردۇق،تۆۋەندە(3-رەسىم)
تونۇشتۇرۇلىدىغىنى تەكشىلىكتىكى نۇر ئىزلىرى قالدۇرغان قوش سىفرال.


3-رەسىم

.
يۇقۇرىدىكى چوڭراق قارا نۇقتا نۇرنىڭ تەكشىلىككە دەسلەپكى چۈشۈش نۇقتىسى، سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوتتۇرىدىراق تۇرغان چوڭراق قارانۇقتا نۇرنىڭ قېتىش-ئۇيۇش نۇقتىسى.نۇر دەسلەپ مەركەزگە ئىنتىلگەن ھالدا ئوربىتا رادىئوسى تەدرىجى قىسقىراپ سېفرال ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئاندىن قاتىدۇ.بىر پەستىن كىيىن نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلاپ مەلۈم چەككە يەتكەندە نۇر مەركەزدىن قاچقان ھالدا سىفرال ياسايدۇ.ئاستى تەرەپتىكى كىچىك چەمبەر نۇرنىڭ يىقىلىۋاتقان ۋاقتىدا قالدۇرغان ئىزى.نۇر سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشىدە پېقىرىتىلغان.

ۋاقىت ئوقىدىكى قوش كونۇس سېفرالى


4-رەسىم(ئۇيغۇن سىزغان)

تەكشىلىكتە قالدۇرۇلغان نۇر ئىزلىرى ۋە ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلمىدا بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان نۇر تەجرىبىسىدىكى باشتىن-ئاخىر پۈتكۈل جەرياننى ۋاقىت تەرتىۋى بۇيىچە گىراپىكلاشتۇرساق،يۇقۇرقىدەك چوققىلىرى بىر-بىرىگە تاقاشقان قوش كونۇس سېفرالىغا ئىرىشىمىز.

ئومۇمى تەھلىل

ئاستىدىكى كونۇس سېفرالى ئاساسىدىن چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن بولۇپ پىرېتسىيە ھالقىلىرىنىڭ(ئوربىتىسىنىڭ) رادىئوسى بارغانسىرى قىسقىراپ بارىدۇ.ئىككى كونۇس چوققىسىنىڭ مەركىزى نۇرنىڭ قاتقان نۇقتىسىدىن ئىبارەت.يۇقۇرقى كونۇس سېفرالى  چوققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سېفرالى بولۇپ، بارغانسىرى مەركەزدىن قېچىپ،ئوربىتا رادىئوسى ئۇزۇراپ بارىدۇ.نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىز مۇشۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبىدىن ئىبارەت.يەنى،نۇر نىمە ئۈچۈن دەسلەپ مەركەزگە ئىنتىلگەن سېفرال ئىزلارنى قالدۇرۇپ،كىيىن مەركەزدىن قاچقان سېفرال ئىزلارنى قالدۇرىدۇ؟
مېنىڭچە،يۇقۇردىكى چوققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سېفرالىنىڭ سەۋەبىنى ھەممەيلەن تاشقى تەسىرلەر سەۋەبىدىن نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى تەدرىجى ئاستىلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى،دەپ قارايدۇ.بۇ قاراشتا ئەلۋەتتە مەسىلە يوق.
باشنى قاتۇرىدىغىنى،ئاستىدىكى ئاساسىدىن چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سېفرالىدىن ئىبارەت.يەنى،بۇنداق ھەركەت شەكلىمۇ تاشقى تەسىرلەر سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلەمدۇ؟باشقىچە سوئال قويساق،يۇقۇرقىدىكى مەركەزدىن قاچقان كونۇس سېفرالىنىڭ سەۋەپكارى بولمىش تاشقى تەسىرلەرنىڭ ئۆزى(مەسىلەن ئېغىرلىق كۈچى،ھاۋا ۋە تەكشىلىكتىكى سۆركۆلۈش كۈچى قاتارلىقلار)يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاستىقى مەركەزگە ئىنتىلگەن  كونۇس سېفرالىنىڭ سەۋەبى بولالامدۇ؟بۇنىڭ جاۋابى، ئەلۋەتتە ئۇنداق بولالىشى مۆمكىن ئەمەس!
نۇرنى دەسلەپتە قوزغاتقان كۈچتىن باشقا بارلىق تاشقى كۈچلەر نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئاخىرى نۇرنىڭ توختاپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.باشقىچە ئېيىتقاندا،نۇرنىڭ(1-رەسىمدىكى نۇر) ۋېرتىكال ئوقتىكى  قاتقان ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ،يەنە قايتىدىن تەدرىجى تۆۋەنگە چۈشەرگەن تاشقى كۈچلەرنى،يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نۇرنى تىكلەشتۈرۆپ قاتۇرغان(4-رەسىمگە قاراڭ) كۈچنىڭ ئۆزى شۇ،دېيىشكە ھېچقانداق ئاساس يوق.چۈنكى، بۇنداق دېيىلسە،ئەقەللى مەنتىققىمۇ ئۇيغۇن بولمايدۇ.
يەنە بىر مۇھاكىمە نۇقتىسى شۇكى،ئۇنداقتا تۆۋەنكى كونۇس سېفرالى ياكى تىكلىشىش ھادىسىسىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن تاشقى كۈچلەر بىلەن يۇقۇردىكى كونۇس سېفرالىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن تاشقى كۈچلەر ئايرىم-ئايرىم كۈچلەرمۇ؟
بۇنداق بولىشىمۇ مۆمكىن ئەمەس! چۈنكى بۇنداق كۈچلەرنى ھېچيەردىن تاپالمايمىز.تاپالايدىغانلار بولسا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز نۇرنىڭ ئاستىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق.ئەمدى قەپقالغىنى،بىرنوللى قانۇنى،ماگنۇس ئىففىكىتى.
لىكىن،بۇلارمۇ تېكلىشىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.چۈنكى بىز ماياتنىك تەجرىبىسى ۋە قوش پىلدىرلىغۇچ تەجرىبىسى ئارقىلىق بۇنداق تەشەببۇسنى تولۇق رەت قىلالايمىز شۇنداقلا رەت قىلىنىپ بولدى!
ئويلاشمىغان زادى نىمە قالدى؟
قەپقالغىنى،پەقەت نۇر ئۆزىنىڭ ئىچكى خاسلىقلىرىدىن ئىبارەت.

نوتاتىسىيە ئىزلىرىنىڭ ھالەت ئۆزگۆرۈشى

مەن 2-رەسىمدىكى نۇردىن باشقا بىر نۇردا ئىشلەنگەن تەجرىبىدە بىر قەدەر ئېنىق بولغان نوتاتىسىيە سىزىقلىرىغا ئىرىشكەن ئىدىم.مۇشۇ نوتاتىسىيە ئىزلىرى بىز ئىزدەۋاتقان سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرەلەيدۇ،دەپ قارايمەن.ئالدى بىلەن،نوتاتىسىيەنىڭ نىمىلىگىنى چۈشەنمەيدىغان تورداشلارنىڭ چۈشۈنۆۋىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى فىلىمنى تەۋىسيە قىلىمەن.

فىلىم:

نۇر ئىففىكىتى(پىرېتسىيە ۋە نۇتاتىسىيە)


فىلىمدىكى نۇر ئايلىنىپ قالدۇرۇۋاتقان قارا چەمبەر پىرېتسىيە تىرايىكتورىيىسى.ئوق ئۇچىدىكى قارا رەڭدە ئىپادىلەنگەن تەۋرىنىش بولسا نۇتاتىسىيە ھادېسىسى.

تۆۋەندىكى 5-رەسىم يانتۇ تەكشىلىكتە قالدۇرۇلغان نۇر ئىزى بولۇپ،سول تەرەپ يۇقۇرى بۇرجەكتىكىسى نۇرنىڭ دەسلەپ تەكشىلىككە چۈشكەن ئورنى.نۇر سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشىدە پېقىرىتىلغان.


5-رەسىم

5-رەسىمدىن كۆرۆۋېلىشقا بولىدۇكى،نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ نۇر قاتقىچە بولغان جەرياندا زىچلىغى ئىزچىل ھالدا ئارتىپ بارىدۇ.دەسلەپكى بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ سانى ئازبولسا،تەدرىجى كۆپۆيۈپ بارغان.پىرىتسىيە تىرايىكتورىيىسىنىڭ ئىككىنجى ئايلانمىسىغا (ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ھالقا)كەلگەندە ھەتتا نوتاتىسىيە ھالقىلىرى رۆشەن ئىپادىلەنمەيدۇ.بۇنداق ئۆزگۆرۈش زادى نىمىنى چۈشەندۆرۆدۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن يۇقۇرقى نوتاتىسىيە ھالقىلىرى زادى قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ بېرىش كىرەك.
جاۋاپ شۇكى، نۇرنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئوقىدا ئايلىنىشىدىن بىر نوتاتىسىيە ھالقىسى شەكىللىنىدۇ.مەن نۇرغۇن قېتىم ئوخشىمىغان نۇرلاردا تەجرىبە ئىشلەپ بۇ ئەھۋالنى كۈزەتتىم.5-رەسىممۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

يۇقۇرقىلاردىن كەلتۆرۆپ چىقىرىلىدىغان ئەقلى خۇلاسە شۇكى،نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا نۇتاتىسىيە ھالقىلىرى شۇنچە رۇشەن بولمايدۇ.قانچە ئاستا بولسا شۇنچە رۇشەن ۋە بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى سانى شۇنچە ئاز بولىدۇ.بۇ بىر ئوبىكتىپ پاكىت.بۇ ھەقتە نوتاتىسىيىگە ئالاقىدار يازمىلاردىمۇ ئوخشاش تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئومۇمى يەكۈن

بىز يۇقۇردا نۇر ئىزلىرىدىن شەكىللەنگەن قوش كونۇس سېفرالىنى مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقۇرقى كونۇس سېفرالىنىڭ(4-رەسىم) شەكىللىنىشىنىڭ بېۋاستە سەۋەبى نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى دەپ يەكۈنلىگەن،ۋاستىلىق سەۋەبى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئاستىلىشىغا ئالاقىدار تاشقى كۈچلەر،دەپ قارىغان ئىدۇق.لىكىن،بىز ئاستىدىكى كونۇس سېفرالى ۋە ياكى تىكلىشىش ھادېسىسىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغان ئىدۇق.نوتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى زىچلىق ۋە مىقدار پەرىقلىرى بىزگە تىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ سىرىنى دەپ بەردى.ئۇ بولسىمۇ:

1.نۇر دەسلەپتە قوزغۇلۇپ قاتقىچە بولغان جەرياندا ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى سىتىخيىلىك رەۋىشتە ئۆزلىكىدىن بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ.
2.بۇ پەيىتتە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ئاستىلىتىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ مىقدارى(چامىسى)نۇرنىڭ قوزغۇتۇلغان ۋاقتتىكى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ۋە قاتقىچە بولغان ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن ئىچكى-تاشقى كۈچلەرنىڭ چامىسىدىن كىچىك بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

نىيوتۇن 1-قانۇننىڭ 2-ئابزاسىدا نۇر قاتارلىق ئوقىدا ئايلىنىپ ئەگرى تىرايىكتورىيىدە ھەركەت قىلىدىغان جىسىملار ھەركىتىنىمۇ ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت قاتارىغا تىزغان.يۇقۇرقى يەكۈن نىيوتۇن 1-قانۇنىنىڭ 2-ئابزاسىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي،پاكىتلار تەرىپىدىنمۇ(5-رەسىم) ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.بۇ تېمىدىكى مەركىزى مەسىلە نۇرنىڭ قاتقىچە بولغان جەرياندا ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى سىتىخىيىلىك ھالدا ئۆزلىكىدىن ئېشىپ بارىدۇ،دىگەن مۇشۇ نۇقتا.ئېھتىمال بۇ نۇقتىدىكى مۇلاھېزە - مۇنازىرىلەر بىزنى ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ماھىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى مۆمكىن.ئۇستازلارنىڭ،كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۆپ،پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.

پايدىلانمىلار:


3.
2016.1.14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 17:31  


QQ图片20160113142030.png
QQ图片20160114132434.jpg
QQ图片20160114132320.jpg
QQ图片20160114084801.gif
QQ图片20160114204150.png
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 17:28:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ،نۇتاتىسىيە،پېرىتىسىيە دىگەنلەر نۇرنىڭ ئۇچى(ئوقى) ھەركەت جەريانىدا قالدۇرغان ئىزلار.بىز ئۇلاردىن نۇرنىڭ كونكىرىت ھەركەت يۆنىلىشى،ھەركەت شەكلىنى كۆرۆپ ئالالايمىز.شۇنداقلا تېمىدا دېيىلگەندەك نوتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ ھالەت ئۆزگۆرۈشىدىن نۇرنىڭ شۇ پەيىتتىكى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرۈشلىرىنى بايقىيالايمىز.
بۇ تېما بىزنىڭ ئالدىمىزغا قانداق كونكىرىت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ؟
مۇبادا، نۇرنىڭ دەسلەپ قوزغۇلۇپ قاتقىچە بولغان جەرياندىكى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ تەدرىجى ئېشىپ بېرىشىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن بىرەر تاشقى كۈچ تاپالمىساق،بۇ ھال بىزگە ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،بۇ قانۇننى تېزلىنىشچان ھەركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلىش لازىملىغىنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا بار:
ئادەتتىكى بىر نۇرئوقىدا پېقىرىتىلماي يانتۇ تەكشىلىككە گورزىنتال قويۇپ دومىلىتىلسا ئۇنىڭ تېزلىكى ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى ئۇقۇمىنى قانائەتلەندۆرگەن ھالدا بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ.شۇ نۇر پېقىرىتىلىپ يانتۇ تەكشىلىككە ۋىرتىكال ھالەتتە قويۇپ بېرىلسە ئۇنىڭ تېزلىكى،تېزلىنىشى بايامقى نۇردەك بارغانسىرى ئىشىپ بېرىشى ناتايىن.بەلكى بايامقىسىدىن كېمىپ كېتىدۇ.بىز يۇقۇرقى ئىككى  تەجرىبىنى بوشلوقتا ئېلىپ بارساقمۇ نەتىجە ئوخشاش.بۇ نۇقتىنى تېمىدىكى 5-رەسىمدىنمۇ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
دېمەك ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشىنىڭ مىقدارى ھەممە جىسىملاردا ئوخشاش بولمايدۇ.كونكىرىت ئالدىنقى شەرىتلەرنىڭ تەسىرىنى ئويلۇشۇش كېرەك.


تىكلىشىش ھادىسىسى بىلەن ماياتنىكتىكى ئېغىش ھادىسىسنىڭ بىر ئورتاقلىغى بار.ھەر ئىككى جەريان ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت جەريانى.ھەرئىككىسىدە سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئېغىش يۆز بېرىدۇ.مۇبادا بۇلاردىكى ئېغىشنى كورىئولىس كۈچى قاتارلىقلار بىلەن چۈشەندۆرىمەن دەيدىكەنسىز،ھەر ئىككىسىنى شۇ كۈچ بىلەن چۈشەندۆرەلىشىڭىز كىرەك.....قارىغاندا بۇنداق ئىرادىگە كەلگەنلەرنىڭ ئالدىدا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق باردەك قىلىدۇ.

چۈنكى،تىكلىشىش جەريانى تۆۋەندىن يۇقۇرىغا ئېغىش جەريانى.ماياتنىكتىكى ئېغىش بولسا ئوڭ ۋە سولغا ئېغىش جەريانى.تېپىلغۇسى تاشقى كۈچنىڭ يۆنىلىشى ھەر ئىككى يۆنىلىشلەرگە ماس كېلىشى كىرەك.مانا مۇشۇنداق،جىسىمنىڭ ھالىتىگە قاراپ،يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان“ئەقىللىق” تاشقى كۈچ بارمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 17:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 10:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر ئىففىكىتىنى بىز ئىشلىگەن ئىلىكتىر ماتۇرماياتنىك بېشى قىلىنغان ماياتنىك تەجرىبىسىگە تەدبىقلىساق ماياتنىكتىكى ئېغىش ماياتنىكتىكى نۇردەك ئايلىنىۋاتقان روتۇرنىڭ  پىرېتسىيە(سىلجىششى)سى بولۇپ قالىدۇ.تەكشىلىكتىكى نۇر ئىزلىرىدىن شەكىللەنگەن سېفرال تىرايىكتۇرىيىمۇ ئەلۋەتتە پىرېتسىيىدىن ئىبارەت.
مانا ئەمدى،نۇر ئىزلىرىنى ۋە ماياتنىكتىكى ئېغىشنى ئاللىقانداقتۇر تاشقى كۈچ تەسىرلىرى ئارقىلىق  چۈشەندۆرۆمەن،دېيىشنىڭ قانچىكى بېھۇدە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىگى تېخىمۇ ئاشكارە بولدى.چۈنكى،نۇر ئىففىكىتى نۇرنىڭ ئىچكى خاسلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرغۇزۇلغان ئۇقۇم.نۇر ئىففىكىتىدە  نۇرنىڭ يۇقۇرقىچە ھەركەت شەكلى(پىرېتسىيە) ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 10:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


所谓陀螺效应,就是旋转着的物体具有像陀螺一样的效应。陀螺有两个特点进动性定轴性。当高速旋
转的陀螺遇到外力时,它的轴的方向是不会随着外力的方向发生改变的,而是轴围绕着一个定点进动。大家如果玩过陀螺就会知道,陀螺在地上旋转时轴会不断地扭动,这就是进动。 简单来说,陀螺效应就是旋转的物体有保持其旋转方向(旋转轴的方向)的惯性

تەرجىمىسى:

نۇر(پېقىرىغۇچ)ئىففىكىتى دىگىنىمىز،ئايلىنىۋاتقان جىسىملار نۇرغا ئوخشاش ئىففىكىتقا ئىگە بولىدۇ،دىگەنلىكتۇر.نۇرنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بولۇپ،ئۇلار، پىرېتسىيە(سىلجىش) ۋە ئوقنىڭ مۇقىملىغىدىن ئىبارەت.يۇقۇرى تېزلىكتە ئايلىنىۋاتقان نۇر تاشقى كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا،ئۇنىڭ ئوقىنىڭ يۆنىلىشى تاشقى كۈچنىڭ يۆنىلىشى بويىچە خالىغانچە ئۆزگۆرۈپ كەتمەيدۇ،بەلكى،نۇرنىڭ ئوقى يەنە بىر مۇقىم نۇقتىنى ئايلانغان ھالدا سىلجىيدۇ(پىرېتسىيە).نۇر ئويناپ باققانلارغا مەلۈمكى،نۇر يەر يۈزىدە پېقىرىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئوقى ئۈزلۆكسىز ھالدا تولغۇنۇدۇ،مانا بۇ پىرېتسىيە-سىلجىشتۇر.ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا،نۇر ئىففىكىتى ئايلىنىۋاتقان جىسىملارنىڭ ئايلىنىش يۆنۆلىشىنى ساقلاش (ئايلىنىش ئوقىنىڭ يۆنۆلىشىنى ساقلاش)ئىنىرىتىسىيىسىدىن ئىبارەت.



ئەسكەرتىش:
تەرجىمىدە خاتالىق بولسا ئەسكەرتىپ قويغايسىلەر.


————————————————————


نۇرغۇن يازمىلاردا نۇرھەركىتىدىكى ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقىنىڭ مۇقىملىغى ۋە پىرېتسىيىسىنى نۇرنىڭ ئىچكى خاسلىغى،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئالەم بوشلۇغىدىكى 0ئېغىرلىق كۈچى شارائىتىدا ئېلىپ بارغان نۇر تەجرىبىسىمۇ بۇنداق قاراشلارنى قوللايدۇ.بۇلار بىزگە،نۇرنى ھەركەتلەندۆرگەن دەسلەپكى تەسىر مۇستەسنا قىلىنغان ئەھۋالدا،نۇرنىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ(ئوقىدا ئايلىنىش،پىرېتسىيە،نوتاتىسىيە قاتارلىقلار) تاشقى تەسىرلەر بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئۆزىگە خاس ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىدۇ.


效应_百度百科 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-17 10:28  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 10:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا،نۇرنىڭ پىرېتسىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ رادىئوسىنىڭ قىسقىراپ بېرىش جەريانىنى تاشقى كۈچ تەسىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراپ، تەسىر قىلغان تاشقى كۈچنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ قانائەتلىنەرلىك ئىسپاتلىغىنى بولسا،29-تېئورېما قىيىن كۈندە قالغىدەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 11:00:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭ ياپىڭ ئىشلىگەن ئالەم بوشلۇغىدىكى نۇر تەجرىبىسىنىڭ  مەقسىدى گەرچە نۇر ئوقىنىڭ ئالەم بوشلۇغىدىمۇ مۇقىم بولىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش بولسىمۇ،لىكىن،دىققەت قىلىپ قارىساق ھەر ئىككى نۇر ھەركىتىدە 29-تېئورېمىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېغىش رۇشەن كۆرۆنىدۇ.
نۇرنىڭ ئالەم بوشلۇغىدىكى يۇقۇرقىچە ھەركىتى كەم دىگەندىمۇ بىزگە نۇر نىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپكە ئېغىشى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى،كورىئولىس كۈچى،يەرنىڭ ماگىنىت مەيدانى كۈچى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ئالاقىسى يوق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە مەن كۆرگەن  ئالاقىدار يازمىلاردا نۇر ئىففىكىتى ئىلىكتىر-ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدۇ،دىگەن چۈشەندۆرۈشنى ئۇچراتمىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-17 11:40  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-17 12:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر بۇرھان مۇئەللىمگە تېلېفۇن قىلىپ،ۋاڭياپىڭ ئالەم بوشلۇغىدا ئىشلىگەن نۇر تەجرىبىسىگە ئالاقىدار فىلىمىنى كۆرۆپ بېقىشىنى،ئالەم بوشلۇغىدىكى نۇرنىڭ 29-تېئورېمىدا تەشەببۇس قىلىنغاندەك ئېغىشىغا ئېغىرلىق كۈچى،كورىئولىس كۈچى،يەرشارى ماگىنىت مەيدانى كۈچى قاتارلىقلارنى تەدبىقلاشقا بولمايدىغانلىغىنى ئەسكەرىتتىم.بۇرھان مۇئەللىم ئالەم بوشلۇغىدا ئالەم ئوچقۇسىنىڭ ئىچىدىمۇ ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچ مەيدانى بارلىغىنى ئەسكەرىتتى....ۋەھاكازالار.

ھالبۇكى،مەن ھازىرغىچە كۆرگەن  ئالاقىدار يازمىلاردا نۇر ئىففىكىتى ئىلىكتىر-ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدۇ،دىگەن چۈشەندۆرۈشنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.مۇبادا بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ئويلىغىندەك نۇرنىڭ ئالەم بوشلۇغىدىكى ھەركەت شەكىللىرىنى ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچىگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىرەر تاشقى كۈچ بىلەن چۈشەندۆرۆش مۆمكىن بولسا،بۇ ھالدا نۇر ئىففىكىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېنىقلىما -شەرىھلىرى باشقىدىن يېزىلغىدەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 07:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇرراق تەھلىل قىلساق ۋە نۇرنىڭ ھالىتىنى ئىنچىكە كۆزەتسەك تەكشىلىكتە ئادەتتىكى نۇر قالدۇرغان پىرېتسىيە سېفرالى بىلەن ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلمىدىكى نۇردا كۆرۆلگەن تىكلىشىش ھادېسىسىنىڭ  ئوخشاش بىر ماھىيەتنىڭ مەھسولى ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ يېتەلەيمىز.تەكشلىكتىكى ئادەتتىكى نۇرلارمۇ خۇددى ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلما ئۈستىدىكى نۇرلاردەك قاتقىچە بولغان جەرياندا تىكلىشىش جەريانىنى باشتىن كۆچۈرىدۇ.بۇنداق تىكلىشىش جەريانى بولمىسا نۇر قاتمايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 11:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

701151daef87f1efb7fd4832.gif

红色圈代表公转,也就是进动。蓝色圈代表陀螺自转。绿色为自转轴,黄色为公转轴
قىزىل رەڭلىك چەمبەر  ئوربىتىغا،كۆك رەڭلىك چەمبەر پىرىتسىيىگە،يېشىل رەڭدىكىسى ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقىغا،سېرىق رەڭدىكىسى ئوربىتا ئوقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

قايتا-قايتا كۈزۆتۈش،تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەن  29-تېئورېمىچە ئېغىش دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ھەركەت شەكلىنىڭ پىرىتسىيە ھادېسىسى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن بىردەكلىگىنى ھېس قىلدىم.29-تېئورېمىغا تەنقىدى مۇئامىلە قىلماقچى بولغانلار بۇ نۇقتىغا ئىنچىكە دىققەت قىلسا،ئۆزلىرىگە پايدىلىق بەزى پەتىۋالارغا ئىرىشىپ قېلىشىمۇ،مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن ئازراق دەسمايە تېپىۋىلىشىمۇ  مۆمكىن.مېنىڭچە،قالغان نۇقتىلاردىكى ئىزدىنىشلەر بېھۇدە ئۇرۇنۇش بولۇپ قالىدۇ.

لىكىن،بىر نۇقتا ئېنىق.قانداقلا قىلمايلى،29-تېئورېمىچە ئېغىش پىرىتسىيە ھادېسىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.بۇنداق ئېغىش بولمىسا پىرىتسىيە ھادېسىسىمۇ يۈز بەرمەيدۇ.بۇ تەشەببۇس ماياتنىك تەجرىبىسى ۋە ھەر خىل تەكشىلىكتىكى نۇر تەجرىبىلىرىدە تولۇق ئىسپاتلىنىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-6 16:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تارتىش كۈچى ماسسىسى

引力质量_百度百科

任何物体都具有吸引其他物体的性质,引力质量是物体这种性质的量度

ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا

惯性质量_百度百科


ماياتنىك قاتارلىقلاردا كۆرۆلگەن 29-تېئورېمىچە ئېغىشنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ ئىككى خىل ماسسا ئۇقۇملىرىنى بىردەك قانائەتلەندۆرگىلى بولامدۇ؟
ئالەم بوشلۇغىدىكى 0ئېغىرلىق كۈچى شارائىتىدىكى نۇرنىڭ ئەگرى تىرايىكتورىيىسىنى تارتىش كۈچى ماسسىسى ئۇقۇمى مەۋقەسىدە تۇرۇپ چۈشەندۆرگىلى بولامدۇ؟

بۇ سوئاللار بىزنى تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشتە نۇرغۇن مۇلاھېزە نۇقتىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
گەپنىڭ پوسكاللىسى،ھەركەت يۆنىلىشى تارتىش كۈچى،ئېغىرلىق كۈچى يۆنىلىشلىرىنى قانائەتلەندۆرمىگەن جىسىمنىڭ ماسسىسىنى تارتىش كۈچى ماسسىسى،دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-7 14:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەلسەپە ئەمەس،فىزىكىلىق مەنادىن ئېيىتقاندا ئالەمنىڭ ئۆزىنى بىر گېگانىت جىسىم دەپ قارىسىڭىز يەنىلا بۇ جىسىمدا ئىپادىلىنىدىغىنى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ ۋە ھالەت بولۇپ قالىدۇ.ئاتالمىش ۋە تېپىلغۇسى«قاراڭغۇ ئىنىرگىيە»مۇ بۇ ئالەمنىڭ ئىچىدە بولغاچ ،بۇ ئالەمگە تارتىش كۈچىدەك تاشقى كۈچنى،تارتىش كۈچى ماسسىسى دىگەندەك ماسسا ئۇقۇمىنى تەدبىقلىيالمايسىز.بارلىق فىزىكىلىق تاشقى كۈچلەر بۇ ئالەمگە نىسبەتەن ئەھمىيەتسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 19:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇنداق تارازىنى ياساش مۆمكىنمۇ؟


بۇ تېمىنىڭ ئىنكاس قەۋەتلىرىدە ياخشى مۇلاھېزىلەر بولىۋاتىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 21:27:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 21:33  


ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاق قەغەز ئۈستىدە ئۆزگىچە رەسىم سىزدى



    20160208181406697.jpg

بۇ بىر تۈركۈم رەسىملەر ئاق رەڭلىك قەغەزنىڭ ئۈستىدە ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئۇسسۇلچى بولۇپ، ئۇ پۇت-قوللىرىغا باسما مېيى سۈركەيدىكەن. ئۇ ئۇسسسۇل ئوينىغاندا ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىدە ھەر خىل ئىزلار قالغان. ئۇسسۇل تۈگىگەندىن كېيىن ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىدە ناھايىتى چىرايلىق رەسىم شەكىللەنگەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-13 17:39:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 23:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش