چىلانزار چايخانىسىدىكى چوكانلار چېيى
(چ ھەرپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى )
ئەلىشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
چەرچەن ، چاقىلىقتىن ، چىراغىچە ، چۆچەك ، چاپچالدىن ، چىڭگىلدەك چەت چىگرالارغىچە چوڭلارغىمۇ ، چىلگىلەرگىمۇ ، چوكانلارغىمۇ چايخورلۇق چىۋىنى چاپلىشىۋالدى . چايخورلۇق چىۋىنىنىڭ چاپلىشىۋېلىشى – چۆلدەرىگەن چايخانىلارنىمۇ چاقنىتىۋەتتى . چارباغدىكى چارۋىچى چوكان چولپانخان ، چىللىنىڭ چارشەنبىسىدە چايداش چۆپقەتلىرىنى چوقچىلىق چوڭاخۇن چۇلاقنىڭ «چىلانزار » چايخانىسىغا چايغا چىللىدى . چېدىرلىرىدىكى چۈشەكلىرىدە چۈجە چىللىغۇچە « چىلانزار » چايخانىسىدىكى چاينى چۈشەپ چىققان چوكانلار ، چۈچە چىللىغاندا چىمىلدىقتىكى چۈشەكلىرىدىن چۇراپ چىقىشىپ چاناقلىرىغاچاپلىشىۋالغان چاپاقلىرىنى چىمدىپ چىقىرىشتى . چىشلىرىنى چوتكىلاپ چىنىلىرىگە چىلاشقان چايلىرىنى چوڭ –چوڭ چايناپ چالاپشىتىۋىتىپ چىشلىرىنى چايقاشتى . چاشگاھتا چامادانلىرىنى چۇۋۇشتۇرۇپ چىرايلىق چاپان ، چامچىلىرىنى چىقاردى . چېھرىنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان چاپمىلىرىنى چېپىپ چېھرىنى چىرايلىقلاشتۇردى . چوقۇر ، چابدا چوكانلارمۇ چوقۇر ، چابدالىرىنى چىكىتچىلىك چاندۇرمىدى . چۇرۇقلىرىنىڭ چىگىلىرىنى چىڭىتىپ چىگىپ ، چېدىرلىرىدىن چىقىشقىنىچە « چىلانزار » چايخانىسىنى چەنلەپ چېپىشتى . چىڭقى چۈشتە چولپانخان چايداش چۆپقەتلىرىنى ، «چىلانزار » چايخانىسىدا چېلىقتۇردى . چوكانلارنىڭ چىرايلىرى چايخانىنىڭ چىراقلىرىدا چاقنىشاتتى .
چايخانىدا چامغۇر چانالغان چۆچۈرە ، چەلپەك ، چۆپلەرنى چارۋىلارنىڭ ، چۈجىلەرنىڭ چېپىنداقلىرىنى چايناپ چاڭقاشقان چوكانلار ، چەپچەكلىك چەينەكلەردىن چىنىلىرىگە چاي چۈشۈرۈشتى . چىشلىرىغا چاپلىشىۋالغان چىرىندىلارنى چىقىرىپ چىشلىرىنى چايقاشتى . چولپانخان چايداش چۆپقەتلىرىنى ، چايخانىنىڭ ، چۆرىسىگە چىرايلىق چاقنىغان چىگىلەر چىگىلگەن ، چەپچەكسىز چاقچۇق چەينەكلىرىدىكى چايلىرىغىمۇ چىڭىغا چىققۇچە چىلاشتۇرىۋەتتى . چايخانىنىڭ چالغۇچى چولپانلىرى چاڭ ، چور ، چىلولىرىنى چىمبۇلاق ، چىمچاچاق ،چارىگاھ ، چەبىياتلارغا چېلىشتى . چەتئەل چالغۇلىرى چېلىنىشىغىلا ، چىڭىغا چىققۇچە چىلاشقان چوكانلار ، چۇرقىرىشىپ چاۋاك چېلىشقىنىچە چاقپەلەكتەك چۆرگىلەپ چاچاۋۇغا چۈشۈشتى . چاچاۋۇغا چىچاڭشىپ چارچاشقان چوكانلار چاقچاقلىشىشقا چۈشتى . چاقچاقچى چوكانلاردىن چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالار چاقچاقنى چىڭىغا چىقاردى . چاقچاق چىڭىغا چىقتىيۇ چاتاقنىڭ چۇڭىمۇ چىقتى . چىنارخان چوقۇرنىڭ چاقچاقتا چاياندەك چېقىۋېلىشلىرىغا چىدىيالمىغان چىمەنگۇل چابدا چاي چىنىسىنى چىنارخان چوقۇرنىڭ چوققىسىنى چەنلەپ چۆرىدى . چىنە ، چىنارخاننىڭ چوققىسىدىن چۈشۈپ چىنىدىكى چاي چاپان ، چامچىلىرىغا چاچرىدى . چىنىدىكى چاي ، چىنارخان چوقۇرنىڭ چەپ چېتىدىكى چوكاننىڭ چاپان ، چامچىلىرىغىمۇ چاچرىۋىدى، چوكاننىڭ چەشمىلىرى چانىقىدىن چىققۇدەك چەكچەيدى . چىنىمۇ چاقچۇققا چۈشۈپ چۇل - چۇللاندى . چىمەنگۇل چابدانىڭ چاقچاققا چىدىمىغانلىقىغا ، چىنارخان چوقۇرمۇ چىڭقىلىپ چىچاڭشىدىدە، چۈچۈرە چىنىسىنى چىمەنگۇل چابدانىڭ چوققىسىغا چەنلەپ چۆرىدى . چىنارخان چوقۇر ،چىمەنگۇل چابدالار چىرمىشىپ ،چېلىشىپ ،چاچلىشىشقا چۈشتى . چىنە ، چەينەك ،چۇكىلار چاقچۇقلارغا چۈشۈپ چۇل –چۇل چېقىلىپ چوكانلارنىڭ چۇرۇقلىرىنىڭ چەملىرىدە چەيلەندى . چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالارنىڭ چاچلىرىمۇ چىرماقلىشىپ چېلىشىشلاردا چۇۋۇلۇپ ، چاڭگىدەك چىگىشلەشتى . چوكانلارنىڭ چوشقىدەك چىرقىراشلىرىدىن چۈچۈشكەن چايخانىنىڭ چارلىغۇچى ، چۇماقچى ، چاپارمەن ، چاكار ، چۆرىلىرى چىلىم چېكىۋاتقان چۇڭاخۇن چۇلاققا چوكانلارنى چېقىشتۇردى . چوڭاخۇن چولاق چەشمە چاناقلىرىنى چەكچەيتكىنىچە چالۋاقاپ چوكانلارغا چېچىلدىدە چېقىلىپ چەيلەنگەن چىنە ، چەينەك ، چۇكىلارنىڭ چىقىملىرىنى چوتلىدى . چولپانخان چاينىڭ چىقىمىنى ، چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالار چېقىلىپ چەيلەنگەن چىنە ،چەينەك ، چۇكىلارنىڭ چىقىملىرىنى چەندازىلىرىدىن چىقارغاندىلا چارلىغۇچى چۇماقچىلار چوكانلارنى چايخانىدىن چىقاردى . چىقىملىنىشتا چۈيۈندەك چىڭ چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالار چەندازىلىرىنىڭ چامىنى چاغلىمايلا چىنە ، چەينەك ، چۇكىلارنى چېقىپ چىقىملانغىنىغا چىدىماي چىشلىرىنى چىڭڭىدە چىشلەشتى . چىكىلىرى چىلاندەك چۇڭىيىپ چىقىپ ، چىھرىلىرى چالما چىرايلاشتى . چايخانىدىكى چېقىل – چۇقۇلدا چىرايلىرىغا چاچرىغان چايلار چىرايىغا چېپىۋالغانلىرىنى چىقىرىۋەتكەچكە چوقۇر ، چابدالىرىمۇ چاندى .
چايخانىغا چوڭ – چوڭ چامداپ چېپىشقان چوكانلار ، چايخانىدىكى چىدىماسلىق ، چاكىنىلىقلاردىن چۈشكۈنلەشكىنىچە چاڭگىسى چۇۋۇلغان چىل چۈجىلىرىدەك چېچىلىپ چۈمۈلىدەك چامداپ چېدىرلىرىنى چەنلەپ چېپىشتى .
چۇقا چاچلىرى چۈشكەن ، چېكە چاچلىرى چارلاشقان چوڭلىرىمىزغا ، چىرايلىق چىچەك چوكانلىرىمىزغا چاقىرىقىمىز : – چايغا چىللاش ، چايغا چۆپقەتلىشىش چەكلەنمەيدۇ . چايغا چۆپقەتلىشىشتە چامىمىزنى چاغلايلى .
چۆلدەرىگەن چېدىرلاردىكى چىرايلارغا چاچقۇلارنى چاچالايدىغان چىرايلىق چايلارغا چۆپقەتلىشەيلى ، چاقىرىشايلى ، چىللىشايلى . چوڭچىلىق چىقىرىشىدىغان چۇپەي ، چاكىنا ، چۈپىرەندە چايلاردىن چېكىنىپ چىقايلى .
2016- يىلى 14- يانىۋار
|