يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 4

قاينارى: مەن ھېكايە يازسام بولاتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                         مەن ھېكايە يازسام بولاتتى

                                                                          (ھېكايە)
                                                             نۇرشات ئەنۋەر قاينارى

    باشقا ئالاھىدە مەقسىتىممۇ يوق،مەن ھېكايە يازسام بولاتتى. بۇنداق ئويغا كېلىپ قېلىشىم قانداقتۇر مېنىڭ ھېكايە يازالايدىغانلىقىم ياكى ھېكايە يېزىشقا قىزىقىدىغانلىقىمدىن ئەمەس،بەلكى باشقىلارنىڭ مېنى ھېكايە يازالايدۇ دەپ قارىۋالغانلىقى،شۇنداقلا بىر نەچچە ھېكايە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ قالغانلىقىم،تۇز–تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ سالغانلىقىمغا نىسبەتەن مېڭەمدە ئەكىس ئەتكەن مەسئۇلىيەت ئېڭىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
    مەن سىتودېنت.كەسپىم ئاشۇ ھېكايە يېزىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تىل–ئەدەبىيات.مەن كەسپىمدىن شۇنچىلىك نارازىكى،ئەينى چاغدا شۇنچە يول مېڭىپمۇ باشقا كەسىپكە ئالمىشالمىغاندىكى ئىچ پۇشۇقى سەۋەبىدىن ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىغىنىمنى ئېيتسام ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن. شۇنداق،بۇ كەسىپنى مەن تاللىمىغان،بەلكى مۇشۇ كەسىپ تەرىپىدىن تاللىنىپ قالغان ئادەممەن. بىر يىل بولدى،مەن ۋەزىپە ئۈچۈن دەرسكە قاتنىشىپ،ۋەزىپە ئۈچۈن كونسىپىك قالدۇرۇپ،ۋەزىپە ئۈچۈن يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتىمەن. ھازىرمۇ ۋەزىپە ئۈچۈن ھېكايە يېزىش ئىستىكىدە ئولتۇرمامدىم مانا! راست،باشقا گەپنى قويۇپ تۇرايلى،ئەڭ مۇھىمى ھازىر مەن بىر پارچە ھېكايە يېزىشىم كېرەك.
    قەلەمنى تەۋرىتىپ كېلىپ توختاپ قالدىم:قايسى تېمىدا يازسام بولار؟ئۆتكەن ئايدا ئارىلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن مۇھەببىتىم توغرۇلۇق يازايمىكىن يا؟ ئارىمىزدا بولمىغان ئىشلارنىمۇ قوشۇپ،ئۇنى ئەڭ ئۈجمە كۆڭۈل،ۋاپاسىز قىزلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ يېزىۋەتسەم دەردىم چىقارمىكىن ئۇ بىر نېمىدىن؟! ياق،ياق… ئۆزۈمنى تۇتۇۋالاي،ئىجادىيەت دېگەنگە شەخسىي ھېسسىياتنى ئارىلاشتۇرىۋالماسلىق كېرەك. قايسى كۈنى يېزىقچىلىق ئوقۇتقۇچىمىز پېرسۇناژلارنى نوقۇل ھالدا ئىجابىي ياكى سەلبىي تامغا بىلەن خاراكتېرلەيدىغان ئەسەرلەرنى «ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەخلەت»لەر قاتارىغا چىقارغان ئەمەسمىدى؟ شۇنچە ۋاقىت ۋە زېھنىمنى سەرپ قىلىپ بىر ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىشىمنىڭ يوق–دە.
    كىچىكىمدىنلا يالغانلاردىن گەپ توقۇشقا ئاجايىپ ئېپىم بار ئىدى.تۇلۇقسىزدىكى چاغدا ساۋاقدېشىم نىجات بىلەن نۇرئەلى ئوتتۇرىسىدا قەستەن گەپ ئويدۇرۇپ،ئىككىسىنى زورمۇ زور زىددىيەتكە سېلىش نەتىجىسىدە بىر–بىرىنىڭ ئاتا مىراس لەقەملىرىنى چىشلەپ تارتىشىپ،ئۆز–ئارا ئاتاق سېلىشلىرىدىن بىر چەتتە ئولتۇرىۋېلىپ ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتىم.ھېكايە توقۇشمۇ ئاشۇنداق گەپ توقۇشقا ئوخشاش ئاسان ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولسىچۇ كاشكى.
    ھە راست،مەن ھېكايە يېزىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ قايسى خىل ئېقىم،قانداق ئۇسلۇبتا يازىدىغانلىقىمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالاي.يېزىقچىلىق ئوقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىشىمچە ھازىر رېئالىزىم،رومانتىزىم دېگەندەك ئىجادىيەت ئېقىملىرى بىر چەتتە قېلىپ،مودېرنىزىم دەيدىغىنى بەك مودا بولىۋېتىپتۇمىش،ھامىنى يازغاندىكىن شۇنىزىمدىلا يازايمىكىن؟! فىرانىز كافكا دەپ بىر يازغۇچى باركەنغۇ،غەربلىكلەر خۇددى پەيغەمبەردەكلا چوڭ بىلىدىغان.ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن شۇنىڭ بىر پوۋېستىنى ناھايىتى تەستىمۇ ئوقۇپ تۈگەتكەنتىم(ماۋزۇسى ئېسىمدە قالماپتۇ).بىرسى ئۇخلاپ ئويغىنىپلا غايەت يوغان بىر قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىپ،بارا–بارا ئۆيدىكىلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدىغان.ئەينى چاغدا بۇنى ئوقۇپ ئەسەر دېگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ،دەپلا قالغانىدىم.مەنمۇ شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ بىر ئادەمنى ئېشەككە ئايلاندۇرۇپ تەسۋىرلەپ ئاخىرىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتەيمىكىن؟! ئوقۇتقۇچىمىز تولا تەكىتلەيدىغان ئىجادىيەتتىكى يۈكسەك تىراگېدىيىلىك ئاڭ دېگەنمۇ مۇشۇغۇ ئاخىر؟!…
    بىراق–زە،بۇنداق يازسام بىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ تۇرغان تەنقىدچىلەرگە بولۇپ بېرەر ھەقىچان،«دورامچى،كۆچۈرمىكەش»دېگەندەك ئاھانەتلەر بىلەن نام–شەرىپىمنى مەتبۇئاتمۇ مەتبۇئات سۆرەپ يۈرۈپ سازايى قىلغىلى تۇرسا،ئەسلىدىنلا تۆكۈلگۈدەك جىق بىر نېمىسى يوق يۈزۈمنى پاك–پاكىزە تۆكۈۋالمامدىم؟! ھەي... بۇ كافكا دېگەن ئاداشمۇ باشقىچىرەك بىر نېمە يازسا بولماسمىدى دەيمەن،ئادەم بىلەن تېما تالاشقۇچە.
    ئاڭلىسام مۇشۇ بەزى داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ بالىلىقىدا كۆرگەن–بىلگەنلىرىنى،قىسمەت سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە ئەينەن سىڭدۈرىۋېتەرمىش.ھېسابتا بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن،ئەسەرگە ۋەقەلىك ئىزدەيمەن،پېرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىمەن،دەپ كاللا قاتتۇرۇپ يۈرگىچە تەييار ئەسلىمىلىرىڭنى يېزىپ قۇتۇلساڭ شۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟!
    تەڭ قۇراملىقلار ئىچىدە قىسمەت–سەرگۈزەشت دېگەنگە مېنىڭدەك باي ئادەملەر ئاز بولسا كېرەك.ھېلىمۇ ئېسىمدە،باشلانغۇچنىڭ 4–يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى. بىر شەنبە كۈنى ئەتىگەن ئويغانسام ئۆيدىكىلەر دەرۋازىنى سىرتتىن قۇلۇپلاپ قويۇپ ئېتىزلىققا كېتىپتۇ. ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى. ئىچىمدە دادام–ئاپامنى مىڭنى تىللىدىم. ئادەمنى شۇنداقمۇ كىچىك كۆرەمدۇ دەيمەن،مەن بۇ ئەسكى كېگىز–گېلەملىرىنى ئاچقىپ سېتىۋېتىدىغاندەك. بىرەر سائەتتىن كېيىن ئىچىم پۇشۇپ ئورنۇمدا ئولتۇرالمايلا قالدىم،قارىسام ئۆينىڭ بىر چېتىدە ئاپام نان يېقىش ئۈچۈن يۇغۇرۇپ،نەچچە چاپانغا يۆگەپ قويغان بىر داس خېمىر تۇرۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى–دە،خېمىرنى ئۆينىڭ يول تەرەپكە قارايدىغان دېرىزىسى تۈۋىگە ئاپىرىپ،ئۇششاقتىن ئۈزۈپ يولدىن ئۆتكەن–كەچكەنلەرگە ئېتىپ ئوينىدىم.كەچلىكى ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،مەن «خېمىر توخۇلار كىرىپ تاتىلاپ مۇشۇنداق قىلىۋېتىپتۇ»دەپ زادىلا ئىشەندۈرەلمەي ئاپامدىن ھارغۇچە تاياق يېگەنىدىم.
    ئۇ كىچىكلىكتىكى ئىشلارنىمۇ دېمەي تۇرايلى،ئالدىنقى قېتىم تەتىلدە يۇرتقا قايتقاندا،باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇپ كېيىن ئۇچرىشىش زادىلا نېسىپ بولماي كەلگەن بىر ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم،خۇشاللىقىمدا ئۇنىڭغا خالىيراق بىر جاي تېپىپ بىرەر–ئىككى رومكىدىن قېقىشقاچ سىردىشىشنى ئېيتتىم.
—دادام تېخى بۈگۈنلا ھەرەمگە ھەج قىلغىلى،—دېدى ئۇ تەكلىپىمگە قارىتا سەل ئارىسالدى بولۇپ،—شۇنداق تۇرۇپ ھاراق ئىچىپ يۈرسەم سەت تۇرارمۇ ئاداش؟
—داداڭ بۈگۈن ماڭغان بولسا،ھەرەمگە ئەتىلەردىن چۈشۈشى مۇمكىن،—دېدىم مەن بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ—شۇڭا كېچىچە ئىچىدىغان راسا ئىچىۋېلىپ ئەتە داداڭنىڭ قەدىمى ئۇ مۇقەددەس زېمىنغا تېگىشتىن بۇرۇن پاكىزلىنىۋېلىپ،بۇنىڭدىن كېيىن ئىچمىسەڭلا بولدىغۇ؟!بۈگۈن ئىچىۋالمىساڭ بۇنىڭدىن كېيىن زادىلا ئىچەلمىگۈدەكسەن جۇمۇ راست.
    ئۇ قايىل بولغاندەك كۈلۈمسىرىدى.شۇنداق قىلىپ بىز شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ كونا ئۆيىگە بېرىپ چىلاشقۇدەك ئىچىشكەن بولدۇق.
    كۆز–قاراش،ئىش–ھەرىكەتلىرىمنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ قېلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن. بەزىدە ئۆزۈمنى ئوبزورچىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا روشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە شەخستەك ھېس قىلىپ قالىمەن.
    ھەي... يەنە ئەھمىيەتسىز تاقا–تۇقا گەپلىرىمگە چۈشۈپ كېتىپ بارامدىم نېمە؟! مەن ھازىر ئۇنداق تاقا–تۇقىلارنى ئەمەس،بەلكى راۋۇرۇس بىر پارچە ھېكايە يازسام بولاتتى.
             2015–يىل،4–دېكابىر.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-15 20:24:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          مانا، يېزىپسىزغۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 20:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەر يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 20:24
مانا، يېزىپسىزغۇ؟

شۇ تاقا–تۇقا سۆزلەپ يۈرۈپ يېزىلىپ قالدى

ۋاقتى: 2016-1-15 20:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئانچە - مۇنچە خام-خوتا، باغلاشمىغان جايلىرىنى قايتا بىر ئىشلىسىڭىز ئۆزگىچە بىر ھېكايە بولۇپتۇ بۇ...

ۋاقتى: 2016-1-16 11:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مېنىڭچە بۇ ھېكايىدە مۇشۇنچىلىك بىر پارچە ھېكايىدە يېزىلىشقا تېگىشلىكى يېزىلىپ بوپتۇ. ناۋاد، يەنە يېزىشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يېرى بار، دەپ قارالسا، ئۇنى يەنە باشقا بىر ھېكايە قىلىپ يازسا تېخىمۇ ماۋاپىق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش