بالىلارغا ئاتالغان شېئىرلار
1
قار دۆۋىسى
كاناكو مىسۇزۇ (ياپونىيە)
ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قار
سوغۇقتۇ.
سوغۇق ئاي نۇرى ئۇنى يورۇتماقتا.
ئەڭ ئاستىدىكى قار
ئېغىردۇ.
مىڭلىغان كىشىلەر ئۇنى دەسسىمەكتە.
ئوتتۇرىدىكى قار
غېرىپتۇ.
ئاسماننىمۇ يەرنىمۇ كۆرەلمەي
2
دەريا
تانىكاۋا شۇنتارا (ياپونىيە)
ئاپا
دەريا نېمىشقا كۈلىدۇ
چۈنكى قۇياش ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ.
ئاپا
دەريا نېمىشقا ناخشا ئېيتىدۇ
چۈنكى بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئۆركىشىنى ماختاۋاتىدۇ
ئاپا
دەريا سۈيى نېمىشقا سوغۇق
چۈنكى ئۇ قارنىڭ ئۆزىنى سۆيگەن كۈنلىرىنى ئەسلەۋاتىدۇ.
ئاپا
دەريا قانچە ياش
مەڭگۈ باھار بىلەن قۇرداش
ئاپا
دەريا نېمىشقا ئارام ئالمايدۇ
چۈنكى دېڭىز ئانا
ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ.
3
غىچىرلاۋاتقان ئىشىك
يەھۇدا ئامىخاي (ئىسرائىلىيە)
غىچىرلىغان ئىشىكنىڭ
بارغۇسى بار قەيەرگە
ئۇنىڭ ئۆيگە بارغۇسى بار
غىچىرلايدۇ شۇ سەۋەب.
ئۇ دەل ئۆيدىغۇ!
ئەمما،ئۇنىڭ كىرگۈسى بار خانىگە.
ئۈستەل بولۇشچۈن،
كارىۋات بولۇشچۈن.
4
باغچا
پرېۋىرت (فىرانسىيە)
مىڭ يىل،مىليون يىلدىمۇ
ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولماس
بۇ دەقىقىدىكى مەڭگۈلۈكنى.
مېنى سۆيدۈڭ
سېنى سۆيدۈم
قىشنىڭ غۇۋا سەھىرىدە.
سەھەر مىڭسۇل باغچىسىدا
باغچا پارىژدا
پارىژ زېمىندىكى بىر شەھەر
يەر شارى كۆكتىكى بىر يۇلتۇز.
5
كەلگۈسىنىڭ تارىخى
كاۋىن يوھان خات (ئاۋىسترالىيە)
ئۇ چاغدا تاغ ۋە شەھەرلەر بولىدۇ
ھازىرقىغا ئوخشاش.
پولات ئارمىيە
تاشلاندۇق خەلق مەيدانىنى كېسىپ ئۆتىدۇ
ئۇلار ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق.
ئۇ چاغدا ئاغدۇرۇلۇشنى كۈتىۋاتقان ئېتىز بولىدۇ
شامالدا يوپۇرماق شىلدىرلار
كاۋچۇك دەرىخى ئۇرۇقلىرى
چېچىلىپ ياتار.
چىنە-قاچىلار ئاۋۋالقىدەكلا پارە بولىدۇ
قىلچە سەۋەبسىز.
بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز مۇشۇنچىلىك.
كەلگۈسى ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئۇ قىرغىقىدا،
ئاڭلىيالمايمىز،كەلگۈسى ئادەملىرىنىڭ نە بىر ئۈنى نە بىر تاۋۇشىنى.
گەرچە ئۇلار بىزگە
تۇپراق ۋە شەھەرلىرىمىزنى ۋەيران قىلماڭلار دەپ ۋارقىراۋاتقان بولسىمۇ،
بىراق،ئۇ ئاۋاز گويا بىر دانە ئۇرۇقنىڭ سېمونت يەرگە چۈشكىنىگە ئوخشار
ئوخشار ئىشكاپتىكى تەخسىنىڭ
پارە پارە بولىۋاتقان پەيتىگە.
بېيداۋ تۈزگەن بالىلارغا ئاتالغان شېئىرلار ناملىق توپلامدىن يارغول تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-14 22:26
|