يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 456|ئىنكاس: 8

ئەركىن: قارا چېچىم خەيرى خوش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قارا  چېچىم  خەيرى   خوش  

ئەركىن  نۇر   تۆمۇريول  

مەنمۇ  تېخى  تۇرمۇشۇمدىن  غەملەر  يىمەستىن،
كېتىپ  قالدى  قارا  چېچىم  خوش-خوش  دېمەستىن  .
ئوخشاپ  قالدىم  بىر  بوۋايغا يىشىم  ئەللىكتە،
ئۈسسۈپ  كىرگەچ  ئاپئاق چاچلار  پوش-پوش  دېمەستىن.


كېرىپ كىلىپ  ئاپئاق  چاچلار  ياشلىق  يۈتمەستىن،
بىسىپ  ئالدى  باش  يۈزۇمنى كۆزگە  ئىلماستىن.
بۇ  ئۆتكۇنچى دۇنيا  ئىكەن  ئىنسانلار  كارۋان،
ئامال  يوقكەن  بىز  بۇنىڭغا   ماقۇل  دېمەستىن.

قاۋۇل  بەدەن، تەنلىرىمدىن  كۈچۈم  كەتمەستىن،
كېتىپ قالدى  قارا چېچىم  قېرلىق  يەتمەستىن.
بەلكى  شۇنداق  مۇساپىسى  ھايات  دېگەننىڭ،
نېمە  دەيمەن  مەن  بۇنۇڭغا  قايىل  بولماستىن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 22:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-15 14:00:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا  ياخشى يىزىپسىز. تىخىمۇ تىرىشىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 14:00  


ۋاقتى: 2016-1-15 14:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق چاچنىڭ ئامالى،چاچ بويىقى;چاقچاق قىلىپمۇ قويدۇم،شېئىرىڭىزنىڭ پەلسەپىيلىكى يۇقىرى،يېقىملىقكەن،راستىنى دىگەندە  يىللارنىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلماي ئامالىمىز يوق.

ۋاقتى: 2016-1-15 14:20:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشى چىقىپتۇ، قەلەم ھارمىغاي!!!

ۋاقتى: 2016-1-15 16:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇر ئەپەندى، ‹‹تەڭرىتاغ››دىن تۆمۈر يولغا چىقىپسىز-دە؟ تۆمۈر يولغا چىقىپلا رېلىسسىمان شېئىرلارنى تۈزگىنىڭىزنى قاراڭ؟! بۇرۇنقى ئەركىن نۇر بولۇڭ، ئەپەندى، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ...

باھا سۆز

ئۇ ئەركىن نۇر ئەمەستەك بۇ كىشى  ۋاقتى: 2016-1-15 05:18 PM
ۋاقتى: 2016-1-15 16:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ قاۋۇل  بەدەن، تەنلىرىمدىن  كۈچۈم  كەتمەستىن،
كېتىپ قالدى  قارا چېچىم  قېرلىق  يەتمەستىن.
بەلكى  شۇنداق  مۇساپىسى  ھايات  دېگەننىڭ،
نېمە  دەيمەن  مەن  بۇنۇڭغا  قايىل  بولماستىن.››


بارىكاللا ، ياقتۇردۇم .  ھارمىغايسىز !!!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-16 14:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gulnisa يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 14:20
ياخشى چىقىپتۇ، قەلەم ھارمىغاي!!!

تورداشلارنىڭ  بەرگەن  قىممەتلىك  پىكىرلىرى  ماڭا  كۆپ  ئىلھام  بولغىسى  .قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا
كۆپ  رەخمىتىمنى   بىلدۇرىمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-16 14:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 14:02
ئاق چاچنىڭ ئامالى،چاچ بويىقى;چاقچاق قىلىپمۇ قويدۇم،ش ...

ئاق  چاچنى  بوياق بىلەن  قارايتۋالغىنى  بولغىنىدەك  ،  ئۆتۇپ  كەتكەن  ئۆمۇرنىمۇ  ياندۇرۇۋالغىنى  بولسىدى  ھە  .سىزگە  رەخمەت  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-16 14:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gulnisa يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 14:20
ياخشى چىقىپتۇ، قەلەم ھارمىغاي!!!

رەخمەت  سىزگە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش