بۇ يەرنىڭ خورىزى چىللايدۇ سەھەر
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
بۇ يەرنىڭ خورىزى چىللايدۇ سەھەر،
ئۇخلىماس غەپلەتتە كۆزىنى يۇمۇپ.
بىر ئۇلۇغ قۇدرەتتىن رىزقىنى تىلەر،
قارا تۈن باغرىدىن كۈچلۈك يۇلقۇنۇپ.
بۇ يەرنىڭ خورىزى چىللايدۇ سەھەر،
ئويغۇتار ھاياتنى تاڭ سەھەر تۇرۇپ.
مەڭگۈلۈك بەختتىن بېرەر بىشارەت،
تىترىتەر جاھاننى غەيرەتكە تولۇپ.
بۇ يەرنىڭ خورىزى چىللايدۇ سەھەر،
ئېيتىدۇ شاد ناخشا قونداققا قونۇپ.
ئويلىماس ئۆزىنى، ئويلار ئۆزگىنى،
يانىدۇ نۇر چېچىپ گويا شام بولۇپ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-14 20:14