يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 620|ئىنكاس: 29

شاھزادەم ئابدۇللا: ئانا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا   
شاھزادەم ئابدۇللا ئارف


تەرىپلىسەڭ باغلارنى ئانا'
باياۋانمۇ بولار باراقسان.
چىرايىڭدەك ئىچىلىپ كىتەر،
كۆپكۆك بولۇپ تۇمانلىق ئاسمان .

تەرىپلىسەڭ قۇياشنى ئانا،
نۇرغا تۇلار زۇلمەتۇ كىچە.
رومالىنى ئارتىپ بىشىغا،
تولۇن ئايمۇ كېلەر جىممىدە.

تەرىپلىسەڭ گۈللەرنى ئانا،
ئېچىلىدۇ پورەكلەپ گۈللەر.
بارماقلىرىڭ سىىلىغان ئۇچتىن،
تۆكۈلىدۇ سۈپسۈزۈك نۇرلار.

ئانا سىنىڭ ئاچچىق تىللىرىڭ،
ھاياتىمنى قىلار گۈلىستان،
ئۆگەنمەكتە سەندىن قىزلىرىڭ،
ھەر-بىر سۈزۈڭ تۈمەنمىڭ داستان.

2016-يىل1-ئاينىڭ13-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 14:44  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 17:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2065-يىل1-ئاينىڭ13-كۈنى يازغان بولسىڭىز مەن بۇرۇن ئوقۇۋالدىممۇ نىمە.

ۋاقتى: 2016-1-14 17:21:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىسلاسىنى ھىسابقا ئالمىغاندا شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، ئانىلارغا بەرگەن  باھايىڭىز  جايىدا بوپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-14 17:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق لىرىكىلار ئۈزۈلمىگەي!

ۋاقتى: 2016-1-14 17:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلەملەرگە بەرىكەت تىلەيمەن ، ئانىلار ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلەملەرگە چەكسىز ھۆرمىتىم بار . تەكلىپىم :شېئىردىكى ئىملاغا قاراپ قويۇڭ .


‹‹تولۇن ئايمۇ كڭلەر جىممىدە.››

ۋاقتى: 2016-1-14 18:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرىپلىسەڭ باغلارنى ئانا'  --ئانىڭىز  تەرىپلىسىمۇ  «تەرىپلەنسىمۇ»
باياۋانمۇ بولار باراقسان.
چىرايىڭدەك ئىچىلىپ كىتەر،
كۆپكۆك بولۇپ تۇمانلىق ئاسمان .

تەرىپلىسەڭ قۇياشنى ئانا،---ئوخشاش ئۇقۇم
نۇرغا تۇلار زۇلمەتۇ كىچە.
رومالىنى ئارتىپ بىشىغا،
تولۇن ئايمۇ كڭلەر جىممىدە.--كىلەر

تەرىپلىسەڭ گۈللەرنى ئانا،---ئوخشاش ئۇقۇم.
ئېچىلىدۇ پورەكلەپ گۈللەر.
بارماقلىرىڭ سىىلىغان ئۇچتىن،--بۇ قانداق«ئۇچ»
تۆكۈلىدۇ سۈپسۈزۈك نۇرلار.

ۋاقتى: 2016-1-14 18:31:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىغا بولغان پىنھان سۆيگۈ يۈكسەك باھا قالتىس ئىپادە تېپىپتۇ ،بەرىكەت يار بولسۇن...ئارف!

ۋاقتى: 2016-1-14 18:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور 2065 - يىلىغا كەلگەندە ئوقۇپ كۆرىشىمىزنى ئەسكەرتكەن بولسا كېرەك. ئەپسۇس ، ئۇ زامانغا كەلگەندە كىم بار بۇ جاھاندا ، شۇڭا ئەسكەرتىشكە پەرۋا قىلمايلا ئوقۇۋالدىم.

ۋاقتى: 2016-1-15 09:05:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارغا مەدھىيەلەر ئۈزۈلمىسۇن

ۋاقتى: 2016-1-15 10:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍انا،تىمىسى ھەممىمىزنىڭ شۇڭا ئ‍انىلارنى قاخشاتمايلى،ئەگەر ئ‍انىلار ئ‍اھ،،،،دەپ قالسا ئ‍ىشىمىز چاتاق،تاغۇ-دەريا كېلەر لەرزىگە،تاشقىن پەيدا قىلار ھەم دېڭىز،تاشمۇ ياغار ھەتتا بۇلۇتتىن، جېنىم ئ‍انا ئ‍اھ ئ‍ۇرغاندا سىز، تۆكۈلىدۇ كۆكتىنكۆكتىن يۇلتۇزلار،ئوتتا كۆيۈپ تۈگەيدۇ مۇزلار،پەرىشتىلەر سېز ئ‍ۈچۈن بوزلار، جېنىم ئ‍انا ،ئ‍اھ ئ‍ۇرغاندا سىز،،مېھىر-شەپقەت چاچالمايدۇ نۇر،ئادەملەرنىڭ ئ‍ەقلى يۈرەر كور،پايخان بولۇپ تۈگەيدۇتۈگەيدۇ غۇرۇر، جېنىم ئ‍انا،ئاھ ئ‍ۇرغاندا سىز،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 17:21
چىسلاسىنى ھىسابقا ئالمىغاندا شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ  ...

رەھمەت، چىسلانى خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن. 2016  ئىدى ئەسلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 12:28  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:24:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر1 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 10:19
ئ‍انا،تىمىسى ھەممىمىزنىڭ شۇڭا ئ‍انىلارنى قاخشاتمايلى ...

رەھمەت. سىزگە  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:24:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزىگۈل يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 09:05
ئانىلارغا مەدھىيەلەر ئۈزۈلمىسۇن

رەھمەت، ھەممىمىز تەڭ تىرىشىمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 18:22
تەرىپلىسەڭ باغلارنى ئانا'  --ئانىڭىز  تەرىپلىسىمۇ  «تەر ...

پىكىر بەرگىنڭىزگە رەھمەت،

ئىملا خاتالىق كۆرۈلۈپ قپتۇ.   

بارماقلىرىڭ سىلىغان ئۇچتىن    ، بۇ يەردىكى ئۇچ، ئانىنىڭ قولى تەگكەنلىى نەرسە نۇرغا تولىدۇ دىگەن مەنىدە ئېلىنغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوقلان يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 18:33
ئاپتور 2065 - يىلىغا كەلگەندە ئوقۇپ كۆرىشىمىزنى ئەسكەرتك ...

2016- يىلى ئىدى ئەسلى دىققەتسىزلىكتىن خاتا يىزىپ ساپتىمەن. ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش