ئۆچۈش
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
تارتمىشىمنى بۇندا سەنسىز ياد ئېتىپ كەلسەڭچۇ يار،
كۆزلىرىڭدىن ئاپتىپىمغا سۇ سېپىپ كەلسەڭچۇ يار.
شۈمشىيىپ مۆلدۈردە قالغان ئەڭنى جۇل تەشنالىقىم،
لەۋلىرىمگە لەۋلىرىڭدىن چوغ يېقىپ كەلسەڭچۇ يار.
باغلىرىم ھىجرانغا ئولجا،دەسسىلىپ ئۆلدى چىمەن،
خانىۋەيرانىمغا زەمزەمدەك ئېقىپ كەلسەڭچۇ يار.
سۆيگۈسىز دەرمىش ھاياتنى تۈنگە يەم ئەما چىراغ،
تاڭدىكى زۇلمەتلىرىمگە نۇر چېچىپ كەلسەڭچۇ يار.
ئۆچتى جان پەرۋازى تەندىن،ئاسمىنىڭسىزلىق سەۋەب،
بۇ جۇدالىق دەردىنى سەن ھەم تېتىپ كەلسەڭچۇ يار.
قاغجىراق قىسمەتكە تامچىپ ئۆكسۈدى دىل قەترىسى،
رىشتىمىزنى تائەبەدلىككە چېتىپ كەلسەڭچۇ يار.
تاشلىدىڭ قاينارىنى قايبىر سەۋەبلىك،قاي تامان؟
نەق مېنى ئول تاشلىغان ياقتىن تېپىپ كەلسەڭچۇ يار...
2015–يىل،1–سېنتەبىر.