يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 3

مەقسەت (ئىزگۈگە): باياۋاننىڭ سىرىنى ئىزدەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە  قىلىنغان ئەسەر
باياۋاننىڭ سىرىنى ئىزدەش

(ئەختەم ئۆمەرنىڭ «باياۋاننىڭ سىرى» رومانىنىنى ئوقۇغاندىن كىيىن)

سۇلتان مەقسەت


باياۋان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى، روھىدىكى، پىسخىكىسىدىكى ئېچىرقاپ كەتكەن، ئازاپقا تولغان، دەرت-ئەلەمگە تويغان، قىيىنچىلىققا قۇل بولغان، ئوتتەك ئىسسىق، زەھەردەك سوغاققا يەم بولغان، جىسمانىي ئاچارچىلىققا، جىنسىيەت ھاقارەتلىرىگە تولغان، نەشە-چىلىمنىڭ مەست قىلىشىغا دۈم چۈشكەن ھەمدەمخىيال چېكەرمەنلەرنىڭ خۇددى  ئايرۇپىلانىدا ئۇچىۋاتقاندەك ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغان، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا كۈيۈملۈك مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئورنىغا  سۈپەتسىز ئائىلىلەر ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت-مۇئامىلىسىدىن مۇستەسنا ھالدا تاياق-توقماقنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان، نىكاھ سىرتىدىكى ئەخلاقسىز ناشايان ئىشلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان، ئاتا بولغۇچى نەشەنىڭ خۇمارى ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈدىغان قىلمىش بىلەن قىزىنى سولاپ بىرىۋاتقان، نەشە خۇمارى ئۈچۈن تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەرنىڭ خوتۇنى ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقان، ئاچىلىرى نەپ-مەنپەئەت ئۈچۈن سىڭلىسىنى سېتىۋاتقان، ئوغۇرلۇق-پەسكەشلىك ئارىلاشقان قىمار ئويناش ئەۋج ئالغان، ئەر ئەمەل ئۈچۈن خوتۇنىنى باشقىلارغا شىرىك قىلىۋاتقان، ئەمەلدارلارنىڭ پۇقرالارنى ھاقارەتلەپ كەمسىتىشى نۇرمالنى ئىشقا ئايلانغان، جەمىيەتنى قانۇن بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەم بىلەن باشقۇرۇش ئېغىرلاشقان، جۈملىدىن ئەر-خوتۇنلارنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتلىرى، خام-خىيالغا مەستانە قىلىدىغان نەشەخورلۇق، كېچە-كېچىلەپ ئوينايدىغان قىمارۋازلىق، قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزمەيدىغان ئەمەلدارلارنىڭ مۇشتۇمزورلىقى-زوراۋانلىقى، قىسقىسى، ئادەملەر ئارىسىدىكى، مەدەنىيەت قىياپىتىكى، جەمىيەت مۇھىتىدىكى ئەخلاق، نۇرماللىق، توغرىلىق ئۆلچىمى يوقاپ كەتكەندەك ھالەتتە نامايەن بولىۋاتقان ، ئادەم بىلەن جىنسىيەتنىڭ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ، ئاتا بىلەن بالىنىڭ، ئەمەلدار بىلەن پۇقرانىڭ، تەغدىرچىلىك بىلەن ئاچكۆزلۈكنىڭ، پەسكەشلىك بىلەن غۇرۇرنىڭ، يەنى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ، ئادەم بىلەن جەمىيەتنىڭ، ئادەم بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ، قانۇنسىزلىقنىڭ، ساپاسىزلىقنىڭ، قەدىر-قىممەتسىزلىكنىڭ، مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ باياۋانىدۇر.  
  «باياۋاننىڭ سىرى»دا جەمىيەتتىكى رەزىلىك-پەسكەشلىك، ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورۇن پەرقى ئارا خورلۇق-ھاقارەت، ئادەمنىڭ ھايۋانى قىلىقىغا ئايلانغان جىنسى قىلمىشى ئارقىلىق، ئادىمى ھاياتلىقنى مەسخىرە قىلىدىغان ئەينى دەۋر رىئاللىقى قاتتىق قامچىلىنىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئادەملەر ئۆزئارا پەيدا قىلغان جەمىيەتتىكى ناھەقچىلىققا ھەم ئەخلاقسىزلىققا تولغان تۇرمۇشنىڭ جەمىيەتتىكى ھەقىقى باياۋانغا ئوخشايدىغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ئىختىيارسىز ھېس  قىلدۇرىلىدۇ.  روماننىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغان باياۋان ھەرگىزمۇ تەبىئەتتىكى باياۋان ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن، نەپرەتكە تولغان، ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان قەلبنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر، نامايەن بولىشىدۇر. «باياۋاننىڭ سىرى»نىڭ قانداق ئىكەنلىكى  رىئاللىقتىكى ئىنسانلارنىڭ رەزىل  قىلمىشى ۋە بىچارە تەغدىرى ئارقىلىق سەۋەپ-نەتىجىلىك ھالدا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىدا ناھايىتى قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بىرىلىدۇ. ئىنسانى ھاياتلىقنىڭ- جەمىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ باياۋانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئىستىتىك ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇجۇدىغا ئىختىيارسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ جەمىيەتنى، مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىگىنى، ئارزۇ-ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ. رومان كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىستىتىك تەسىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا-خاتالىق تەپەككۇرىغا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، ئادەم ئۈچۈن ئەخلاقى ساپا ۋە جەمىيەت ئۈچۈن قانۇنى كاپالەتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرماي قالمايدۇ.
  ئەسلى باياۋان دېگەن چۆللۈك، قاقاسلىق، جاڭگال، چېتىگە كۆز يەتمەس سايلىق بولۇپ، ئەگەر ھاياتلىق ئۈچۈن تىپىرلاپ يۈرگەن ئادەم كەڭ كەتكەن باياۋاندىكى چەكسىز تەبىئەتنىڭ قوينىغا چۈشۈپ قالسا، بىقۇۋۇل ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى، نۆۋەتتە تەبىئەتتىكى باياۋاندا ئادەملەر تۇرمۇش كۆچۈرۈشنى تاللىمىغان، شۇڭا ئۇنىڭغا كۆنمىگەن، ئۆگەنمىگەن. ئەمما بۇ روماندا ئادەملەر  جەمىيەتتە شەكىللەندۈرگەن باياۋان نامايەن بولىدۇ. جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن ئادەملەرنىڭ بىچارە تەغدىرى ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ جەمىيەت باياۋانى ئېچىپ بىرىلىدۇ.
ئەدەبىيات رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىستىتىك تەسىرنىڭ كۈچى بىلەن ئادەملەرنىڭ ھاياتلىقىغا باھا بىرىدۇ، قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى خەلقى-ئالەمگە نامايەن قىلىدۇ. توغرا ياشىيالمايۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتىنى ھەم ئادەملىك پەرقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئوبرازنىڭ ئەكس تەرىپى ئارقىلىق قانداق ياشىسا قىممەتلىك ھەم خوشال-خورام ھالدا ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
روماندا، نەشىكەش ئاتىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى مەكتەپ يۈزى كۆرمەيدۇ. ئادىمىيەتتىن، تەرەققىياتتىن، مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قالغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغان  قالغان يېزا، ئەمەلدار، پۇقرالارنىڭ مۇھىتى، ھاياتى، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىك، رەزىللىك، ئېچىنىشلىق ھالدا گىرەلىشىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان باياۋان كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدە  ئادەملەرنىڭ جەمىيەتتە بىر-بىرسىگە ياردىمى تېگىدۇ، ھاجىتى چۈشىدۇ، ئۆزئارا پايدىسى تېگىدۇ ھەم ئىنسانلىق ھوزۇرى ئۆتۈشىدۇ. مانا بۇ مۇناسىۋەت ئادىل-ھەققانىي بولسا، ئادەملەر بىر-بىرسىنى قىينىمايدۇ، دەرت-ئەلەم ئېلىپ كەلمەيدۇ. بولمىسا ئادەملەر مانا مۇشۇنداق باياۋاندىكى ھاياتقا دۇچار بولىدۇ.
  تەبىئەت ئادەمنى ھېچنېمە قىلمىغان بىلەن، ئەمما ئادەم ئۆز تەبىئىتى ئالدىدا جەمىيەتتە ھاياتلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، قىلمىغىنى قالمايدۇ، ئۆزى ھەم باشقىلار سەۋەپلىك ھەق-ناھەق ھالەتتە كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، ئۆلمىگەندىن باشقا دەرت-ئەلەمگە چىدىماي ئامالى بولمايدۇ.
روماننىڭ بېشىدىن باشلاپ بايان قىلىنغان ئادەتتىكى ئومۇملىققا ئايلانغان نەشىكەشلىك، قوساقنى غېمى ئۈچۈن قونالغۇسىنى باشقىلارنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا تاشلاپ بىرىشى، نەشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىزىنى باشقىلارنىڭ نابۇت قىلىشىغا ھەيدەپ بىرىشى، ئېرى تۇرۇپ ياش مالچى بالىنى كۆڭۈل خوشىغا ئايلاندۇرىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ نەپسى-بالاسى ئۈچۈن نارىسىدە سىڭلىسىنىڭ غۇنچىسىنى سېتىپ بىرىشى،  تەھدىت ۋە نەپسى بالاخورلۇق تۈپەيلىدىن خوتۇنىنى باشقا ئەرگە تاشلاپ بىرىشى، ئەر خوتۇنىغا ئىگە بولالماي  كۈچى يەتكەنلەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرسە  خوتۇنىمۇ ئېرىدىن دوراپ باشقا ئەرلەردىن كۆڭلىنى ئېچىپ يۈرۈشى، ئەركىشىنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنى بىلەن بويىغا يەتكەن بالىلىرى بولسىمۇ ئۇچرىغانلا چىرايلىق قىز-ئاياللارغا توختىماي قانات سۆرەپ يۈرۈشى، ئەمەلدارنىڭ يېزىدىكى چىرايلىق خوتۇن-قىزلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشى، ھوقۇقنىڭ كۈچى ۋە ئەركەكلىكنىڭ دەۋىتى بىلەن يىتىم قىز توپاقتەك ئۈچ ئەرنىڭ ئارىسىدا تالاشما ئويۇنچۇققا ئايلىنىشى دېگەندەك ئەھۋاللاردىن  ئېغىر دەرىجىدىكى جىنسى پاجىئە، جىنسى ھاقارەت، جىنسى قالايمىقانچىلىق، جىنسى ئاچارچىلىق، جىنسى ئىدىيە-ئاڭ، جىنسى مەدەنىيەت-ئەخلاق مانا دەپلا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھەم تىراگىدىيەلىك ھەم كومىدىيەلىك جىنسى مەسىلىلەر باياۋاننىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ بىرىدۇ.
جىنسى قالايمىقانچىلىقنى ئالاھىدە ئاساسى لىنىيە قىلغان مەزكۇر روماننىڭ نەشەخورلۇقنى پاش قىلغان، ئەيىپلىگەن تەرەپلىرىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ماتىرىياللارغا قارىغاندا، نەشە بىلەن جىنسىيەتنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن ئىكەن.
«نەشە چەككەن ئادەمدە كۆرۈنەرلىك ھالدا بىئولوگىيلىك ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرمىسىمۇ، لېكىن روھى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، ئىچى تىتىلداش، زەھەرلىك بۇيۇمغا تەلپۈنۈش، ئوي-پىكىرى قالايمىقانلىشىش، قالايمىقان خىياللاردا بولۇش قاتارلىق روھى ھالەتتە ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نەشە چەككەن ئادەمدە شۇنى چەكمىسە نورمال ياشىيالمايدىغاندەك روھى ھالەت شەكىلىنىدۇ، چۈنكى بۇنى چېكىپ كۆنۈپ قالغاندا يۇقارقىدەك ھالەتلەر كۆرۈلگەچكە ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىنى، كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن داۋاملىق چېكىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. نەشە چەككەندە ئادەم بەدىندىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەركىتى تىزلىشىپ، بۆرەك قاتتىق قىزىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەمنىڭ جىنسى ھەۋىسىمۇ كۈچۈيىشكە باشلايدۇ. شۇڭا توي قىلغانلار ئىچىدىكى نەشە چىكىدىغانلار تۇرمۇشتىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە ئادەتتىكى نورمال كىشىلەردىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ، لېكىن ئەسلىدىكى نورمال ئىشلەش ھالىتىنى داۋاملىق زەھەرلىك بۇيۇم نەشە بىلەن نەچچە ھەسسە ئاشۇرغاچقا، بۆرەك شۇنداق قىززىشقا كۆنۈپ قېلىپ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ، نەشىنى چەكمەي تاشلاپ قويغاندا بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئائىلىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتە بۇرۇنقىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيدۇ، ھەتتا نورمال ئادەملەردىنمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ.» ئۇنىڭ ئۇستىگە يەنە «نەشىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەقلى قابىليەتنى تۆۋەنلىتىش، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلىشىش، غەم يىمەسلىك، بەغەرەزلىك، جاھىللىق قاتارلىق پىسخىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» مانا مۇشۇنداق چوڭلىرىدىن تارتىپ ياشلىرىغىچە، پۇقرالىرىدىن تارتىپ ئەمەلدارلىرىغىچە ئەقىلنى تۆۋەنلىتىدىغان نەشە چېكىدىغان كىشىلەر يۇرت-مەھەللىسىنى باياۋانغا ئايلاندۇرماي، ئۆزلىرى باياۋاندا ياشىماي قانداق قىلاتتى-ھە!
دېمەك، كەيىپخورلۇق، غۇرۇرسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىق، نومۇسسىزلىق، ساتقىنلىق، زوراۋانلىق، پەسكەشلىك، رەزىللىك، قۇلچىلىق، خورلۇق، ناھەقچىلىق، بوزەكچىلىك دېگەندەك بۇزۇلۇپ كەتكەن، قېلىپتىن چىقىپ كەتكەن، مەسئۇلىيەتكە ئەمەس بەلكى مەنپەئەتكە دۈم چۈشكەن رىئاللىق  ھالىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ، بۇ ئادىمى ھاياتلىقنىڭ قانداق باياۋانغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
روماندا يەنە بىر تەرەپتىن، چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ مۇشتۇمزورلىقى، نومۇسسىزلىقى، يولسىزلىقى، ساپاسىز-قانۇنسىزلىقى، پۇقرالارغا خۇددى ئىت-ئىشەكتەك مۇئامىلە قىلىشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزگەرتىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئايلاندۇرىۋېلىشى، ناھەقچىلىق، تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئارقىلىق جەمىيەتتىكى رەھىمسىز كىشىلىك-ئادەملىك مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن باياۋاننىڭ يەنە بىر تەرىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئاتىسى باقالمىغان، مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئاكا-سىڭىلنىڭ قوساق ئۈچۈن، بىرىنىڭ مالچى، بىرىنىڭ بالا باققۇچى بولۇپ، ئۆزلىرىنى قوغدىيالمايدىغان، ھوقۇق-مەنپەتىنىمۇ بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئاكىسىنىڭ باشقىلارنىڭ خوتۇنىنىڭ كۆڭۈلىنى ئاچقۇچىغا   ئايلىنىپ قېلىشى، سىڭلىسىنىڭ خالىغان ئەرلەرنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قېلىشى باياۋاننىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بىرىۋاتقان يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، نەشە، قىمار، يىتىمچىلىك، ھوقۇق زوراۋانلىقىنىڭ ھەممىسى جىنسى بۇزۇقچىلىق، جىنسى خورلۇقنى  چۆرىدەپ باياۋاننى بايان قىلىپ بىرىدۇ.
باياۋانغا ئايلانغىنى ئادەملەر ھاياتنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى يوقاتقان، تۇرمۇشتىن ھاياتنىڭ گۈزەللىك قىممىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان، ياشاشنىڭ مەنىسى بولمىغان جاھاندارچىلىق، قەدىر-قىممەتسىزلىك، باشقىلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىدىن خالىغانچە كۆڭۈل ئاچىدىغان ياۋايىلىق، ئوقۇشقا-تەربىيەلىنىشكە تېگىشلىك نارىسىدە قىزبالىنىڭ چوڭ ئەرلەرنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئارقىلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان، داۋالانمىسا بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان جەمىيەت بولۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق داۋالىنىش ھالىتىگە ئېھتىياجلىق ئىدى.
جەمىيەتتە قانۇن يوقتەك، ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ھەم كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھالەتتىكى باياۋان ئاچ-زارلىقتا، بوزەك-قۇلچىلىقتا، ھاقارەت-خورلۇقتا، ياۋايىلىق-نومۇسسىزلىقتا، سورىقى يوق خاتالىقلاردا، ئەخلاق بىلەن شەرمى-ھايانى يوقاتقان جىنسى بۇزۇقچىلىقتا، قانۇن-ئىنتىزامدىن ئايرىلغان سىياسى باشقۇرۇشتا، مەكتەپسىز-تەربىيەسىز قالغان ئەۋلاتلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىك خورلىنىشلىرىدا، ئوخشاش ئادەملەرنىڭ تەڭسىز-باراۋەرسىزلىكىدە سىرىنى ئىزدەشكە يۈزلىنىدۇ.  
ھېچكىم باياۋانغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. ئەمما، جەمىيەتتىكى رىئاللىقنىڭ، ئادەملەر ھاياتىنىڭ «زامانى زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ» ھالەتتىكى مەدەنىيەتسىزلەرچە مۇناسىۋىتى باياۋاننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەسلىدە جەمىيەت مۇنداق باياۋاندا قالغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئادەملەر بۇنداق زامانغا ماس كەلمەيدىغان ياۋايىلارچە ياشاشنى نامايەن قىلمىسا بولاتتى. جەمىيەتتىكى ئادەملەر ئارا مۇناسىۋەت قانۇنى كاپالەت ئارقىلىق ئەخلاقى مۇئامىلىدە داۋاملاشسا بولاتتى.   ئەخلاق كۈچلۈكلەرنىڭ ئىرادىسىگە، قانۇن ئەمەلدارلارنىڭ ئىرادىسىگە ئايلىنىپ قالسا مانا مۇشۇنداق باياۋان كىلىپ چىقاتتى. توغرىلۇق ئۆزىنىڭ تەلەپ- ساداسىدىن مەھرۇم قالغان، ساختىپەزلىك، يالاقچىلىق، چىرىكلىك ئاساسى ئېقىمدىن چەتتە قالمىغان سۈپەتسىزلىككە گىرىپتار بولغان جەمىيەت باياۋاننى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.  
«باياۋاننىڭ سىرى»دا باش پىرسۇناژ ھەمىدەمنىڭ تەغدىرىنى چۆرىدەپ كىلىپ چىقىۋاتقان ئادىمى باياۋاندا ، خوتۇن-قىزلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، خوتۇن-قىزلارنىڭ ساپاسى بولمىغان، ئائىلىدىكى ئەرلەرنىڭ خىيانەت قىلىشى ھەم خوتۇنلارنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان  (قېيىنئاتا كىلىنىگە زورلۇق قىلىش نىيىتىدە بولىۋاتقان)، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكى ئاجىزلاپ نىكاھ سىرتىدا خۇپىيانە بۇزۇقچىلىق قىلىش قىلالىغانلارنىڭ يوغان ئىشىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، يىتىم قىز ھەمىدەمنىڭ ئۆز جىسمىغا ئىگە بولالمايدىغان، كىم قاياققا تارتسا شۇ ياققا كەتمەي  باشقا ئامالى يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان ھاياتى سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق ئاجىزلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلانغان زىددىيەتلىك، مەجبۇرلانغان، ئامالسىز تۇرمۇشى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇقىرى ماھارەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلۈش ئارقىلىق، مەدەنىيەت، ئەخلاق، ئىدىيە، جەمىيەت ئۆزئارا گىرەلەشكەن ھالەتتە ئادەملەرنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن جاھاندارچىلىقىدا  باياۋاننىڭ قانداق كىلىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيىلىدۇ.

«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە  قىلىنغان ئەسەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 17:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-15 00:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلىقنىڭ خورلىقىنى ئەمەلى كۆرسىتىپ بىرىپسىز.مۇكاپاتقا ئىرشىگە ئىشەنچىم بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 00:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 00:22
نادانلىقنىڭ خورلىقىنى ئەمەلى كۆرسىتىپ بىرىپسىز.مۇكاپ ...

توغرا ئېيتىسىز، نادانلىق خورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نادانلىق «زامانى زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ» بولۇشقا مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ. نادانلىق ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئويلىيالمايدىغانلاردا يۈز بىرىدۇ. ..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 14:20:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسمى نەشىر قىلىنغاندا ئوقۇغان ئىدىم. شۇ چاغدا روماننى ئوقۇشتىن كىيىنكى ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ چىقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئىككىنچى قىسمىنى ئوقۇپ بولۇپ يازماقچى بولغانتىم. ئىككىنچىسى بىر مەزگىلگىچە نەشىردىن چىقماي، كىيىن  بىرىنچى قىسمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بىراقلا نەشىر قىلىنغاندا يەنە بېشىدىن باشلاپ بىر قېتىم ئوقۇپ چىققان ئىدىم.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ رومانىنى جەمىيەتكە مەدەنىيەت ئارقىلىق دىئاگنۇز قۇيۇشتا ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان دەپ قارايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش