يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 9

كۈيزار: (ئىزگۈگە)جېنىم ئانا! قۇياش يۈكۈندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جېنىم ئانا! قۇياش يۈكۈندى

( شېئىرلار )


ئ‍ەرنىڭ ئ‍ەركەكلىك جەريانى

ئ‍ابلەت مۇھەممەد كۈيزار

قىپقىزىل چوغلىنىپ تولغان گۈللەرنىڭ بەرگىدىن،
لەپىلدەپ تۇرغان ئ‍ايدىڭنىڭ نەمخۇش ئ‍ېتەكلىرىدىن،
سىم- سىم يامغۇرنى سېغىنغان باھار كېچىلىرىدىن،
دەريانىڭ ئ‍ۆزىگە پاتمىغان تېنىقلىرىدىن،
چېچەكلەرنىڭ ئ‍ەركە بۇلبۇلدەك قىلىقلىرىدىن،
ئ‍اشىق يۈرەك جاناننىڭ يۈرىكىگە بەتلەنگەن،
ئ‍ەر ئ‍اتالغان يىگىتنىڭ چىلبۆرىدەك كۆزى قىيادەك تىكلەنگەن.

دېڭىزدەك قەلبىمنى چالغىتقان ئ‍ىسمىڭ يۇلتۇزدەك جىمىرلىماقتا،
چاڭقىغان يازنىڭ قۇرغاق لەۋلىرى،
سارغايغان كۈزنىڭ غەمگە تولغان جىيەكلىرى،
تاپىنى كۆيگەن تىرىشچانلىقنىڭ تېنىمسىز قەدەملىرى،
چەشلەنگەن باشاقلاردىن ئ‍اڭلانغان كۈتۈشنىڭ شىرىقلاپ تۆكۈلۈشلىرى،
شېرىن چۈش كارۋىتىدا سايىداۋاتقان  ئ‍اخشام كۈيلىرى،
ئ‍ەر ئ‍اتالغان يىگىتنىڭ تەنھالىقتىن قۇتۇلۇش جەريانى!  

دېرىزە ئ‍ەينەكلىرىنىڭ غېرىبسىنىشى،
چىغىر يوللارنىڭ كۆكلەمدىكى يۇلقۇنىشى،
نالىلەر تاشقا ئ‍ايلانغان ئ‍ىمكانسىزلىق يېشى،
كۆك ئ‍اسماندەك سۈزۈك بىر قىزنىڭ ئ‍ۆزىنى بېغىشلىشى،
سەنلا مەڭگۈلۈك سىغىدىغان ئ‍ىسسىق يۈرەكنىڭ باغرىنى ئ‍ېچىشى،
رېئاللىقنىڭ ئ‍اچچىق قېينىشى،
ھىلالرەڭ تۇيغۇنىڭ نەۋباھارنى سېغىنىشى،
كۆكسۈڭگە قويۇلغان باشنىڭ يۈرىكىڭنى كۆيدۈرىشى،
گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ غۇنچىدەك خۇشپۇرىقى،
كۆزۈڭنى يۇمساڭلا ساڭا تاشلىنىدىغان ئ‍ىللىق سىمانىڭ ئ‍ۆركىشى،
ئ‍ىنتىزارلىق ئ‍ېقىۋاتقان ھالال نىكاھ شارقىراتملىرىدىن ئ‍ۆتۈشى،
بىر جان دەقىقىلەرنىڭ تۇزغا چىلانغان ناننى يېيشنى ئ‍ارزۇلىشى،
ھەمنەپەس سوقۇۋاتقان يۈرەكلەرنىڭ بىرلىششى،
ئ‍ەر ئ‍اتالغان يىگىتنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن ياكى تەنھالىقتىن قۇتۇلۇش جەريانىغا ئ‍ايلانغان!  

2016-1-9



جېنىم ئ‍انا!  قۇياش يۈكۈندى

جېنىم ئ‍انا!
قاش قارايدى سۇلغۇن زىناقلىرىڭدا،
سەھەر يىغلىدى ئ‍ېغىر نەپەسلىرىڭدە.
دەريانىڭ چوڭقۇرلۇقى قەلبىڭدەك بولماس،  
ھاياتنىڭ بەتلىرى مېھرىڭڭە قانماس،
تارىخنىڭ يېشىمى ئ‍اق ئ‍ارلىغان چاچلىرىڭدا،
ئ‍ەقىدەڭدە سۇغۇرۇلغان يۈرىكىمنى قىلىدۇ زىدە...

جېنىم ئ‍انا!
گۈللەر قىزىل ئ‍ېچىلدى،
ھالال تەرىڭ تامچىلىرىدا ئ‍ېتقاد بار،
سۈزۈك بېقىشلىرىڭدا بوزلايدۇ دۇتار.
سەن دان چاچقان ئ‍ېتىز قىرلىرىدا،
سېغىنشقا ئايلانماقتا نەۋباھار.

جېنىم ئ‍انا!
مەي باغلاپ پېشقان ئ‍ۈرۈك شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى،
قونداقتىكى ئ‍ۈمىدۋار كەپتەرنىڭ بۇقۇلدىشى ئ‍ۆچتى.
يۇلتۇزدەك كۆزلىرىڭدە بىپايان زىيا،
سېنى ئ‍ىسسىق تېنىقلىرى بىلەن چاقىرماقتا،
سۇدەك غۇبارسىز بېغىشلاشنى سەندىن ئ‍ۈگەنگەن دۇنيا... !!  

جېنىم ئ‍انا!
سەن تېرىغان گىياھلار ئ‍ۈندى،
سەن ئ‍اياغ باسقان يوللار سېنى سېغىندى.
سەن ئ‍ەجرىڭدە كۆكەرتكەن گۈزەل تەبىئەت،
سەن يامغۇردەك ياغدۇرغان مېھرى- شەپقەت،
قۇياشنىڭ ساڭا شىپالىق تىلىگەن دۇئالىرىدا يۈكۈندى.
كېسەللىك چىرمىغان تېنىڭدىن پۈكلىنىپ،
سەن چاپقان ئ‍ېرىقتىكى بىر ئ‍ېچىق سۇ دولقۇنلاپ تاشتى.

جېنىم ئ‍انا!
ئ‍ورنۇڭدىن تۇر،
تاغلار سېنى ھاپاش قىلىدۇ،
كۆك ئ‍اسمان سېنى پايانىدا ئ‍ۇچۇرىدۇ.
خېرە تۇيغۇلىرىڭ شامالغا ئ‍ايلىنىپ،
سالامەتلىكىڭنىڭ ئ‍ەسلىگە كەلگىنى ئ‍ۈچۈن،
مەجنۇنتاللار ساڭا باش ئ‍ېگىپ سالام قىلىدۇ.
رېزىق نېسىۋىلىرىنىڭ ئ‍ۇزۇن جەريانىدا،
سېنى قېينىغان مۇدھىش قىشتىن ئ‍ۆتۈپ كېتىمىز،
ساقىيىپ كېتىسەن،
كۆپكۆك ھايات دېڭىزىدا،
ئ‍ۈمىد قولۋاقلىرى سېنى مەڭگۈلۈك كۆكلەمگە ئ‍اپىرىدۇ...

2016-1-10


سىدام سىزما


كۈن چىقتى،
سەھەرنى سېغىنغان كۆزلەردە لىق قىراۋ،
خۇشپۇراق گۈللەرنى ئ‍ۈزمەكتە نائ‍ىنساب بىراۋ
ئ‍ايدىڭدىن بىھۇش ئۆتۈۋاتقان گۈزەل ئ‍ەسلىمىلەر،
قاراڭغۇلۇقتا يوقاپ كېتىۋاتقان بىغۇبار لەۋلەر،
كېسەلدەك يامرىماقتا ئ‍استا خارەكتېرلىك،
جاراھەتتەك قانىماقتا بۇلدۇقلاپ،
ھەۋەس ئ‍وتلىرىدا ئ‍‍ېچىرقىغان تەنلەر...

دەرەخلەر سورىمايدۇ شامالنىڭ دەردىنى،
دەيار تاشقىنى سەزمەيدۇ كۆزلەرنىڭ كۆنۈشىنى.
كۈتۈش ھاڭدەك چوڭقۇرلىغان يۈرەكتە،
قاناتلىرى قايچىلانغان تىلەكتە،
ئ‍ىسسىق تۇيغۇلار چۇرۇقلىماقتا،
ئ‍ەتىرگۈل ھىدى شىلدىرلىماقتا،
سېغىنىشنىڭ سۆكۈپ باغرىنى...

چىغىر يولدىكى تاشلار پارە- پارە،
قىيادىكى تۆكۈلۈش دانە- دانە.
يۇمۇلغان كۆزلەردىن  ئ‍ۈنگەن گېياھ،
كۆك قەرىدە يەرنى سۆيمەكتە!

سۇ تامچىلىماقتا بىقارار،
سۆزلەر چېچەكلىمەكتە بىغۇبار.
ئ‍ۆمۈر خازانىنى ئ‍ەسكە سالىدىغان سېرىقتال كۈز،
سامان يولىدەك ئ‍ەمەس يوللار تۈز.
سۆيەرمەن سۆيسەڭ بۇلۇت كەبى،
ئ‍ىشقىمنى ئ‍ېيتساڭ ناخشا كەبى،
پىراق دەشتىنى كېزەرمەن مىڭ يىل،
سېنى قەلبىمدىكى ھىلال دەپ ئ‍اپئاق قار!  

2016-1-10


سېغىنىش پورتېرتى

كۈنلەر شۇقەدەر سوغۇق،
ئ‍ەتىراپتىن ئ‍ۇرۇلماقتا قىشنىڭ ھىدى.
تىتىرىمەكتە دەرەخلەر،
چوڭقۇرلاپ چۆكەر ھەسرەتتە،
قاراسلاپ سۇنۇۋاتقان مەسۇم غازاڭلار.
يىغلىماقتا سەھەردە قىراۋ،
قۇياشنىڭ ئ‍ېتەكلىرىگە يۈكۈنۈپ تىلەكلەر!  

پىژغىرىمدىن يالىڭاچ ئ‍ۆتمەكتە بىر- بىرلەپ،
خامان ناخشىسى ئ‍ېيتىۋاتقان باشاقلار.
شەھرىزاتنى سېغىنماقتا كۆپكۆك كۆللەر،
كۈتۈش دەشتىدە تاشماقتا كۆزلەر.
كۆك تەرمەكتە ئ‍ىشقى بىلەن،
چۆچۈرىدەك تەملىك تۈگۈلگەن سۆزلەر.
جىگدە تۈۋىدە مۈگىدەر چىڭقىچۈش
باغرىنى چالغىتىپ شىرىن خىياللار...

تامنىڭ سۇۋاقلىرىدا ئ‍ىسمىڭ تىكىلىپ تۇرار،
سۇنىڭ ئ‍استىدىن بوزلايدۇ ئ‍اۋازىڭ.
يۈرەكلەرنىڭ سوقۇشى نازۇك شىلدىرلىماقتا،
قۇمۇشلار بىلىدۇ بېغىشلىنىشىڭنى،
قۇم بارخانلىرى خالىمايدۇ يىغلىشىڭنى،
باغلار كۈتەر قىزىل ئ‍ېچىلىشىڭنى...
باغرىمدا كۆيمەكتە چوغگۈلى،
يورۇمايدۇ ئ‍اشىقنىڭ مەشۇقسىز تۈنى.
سۆيگۈ دەپ تاغلار يېرىلماقتا،
مەسىتخۇش دولقۇنلار نىگاھى دەريانىڭ!

2016-1-10


(<< ئىزگۈ>> تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 21:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 12:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالقىشقا نائىل بولغاي،پىكىر زىيادە ياخشى، ئەپسۇس بۇ خىل ئۇسلۇپتىكى شېئىرلارنى قاچانمۇ قوبۇل قىلغۇدەك بولارمەن...

ۋاقتى: 2016-1-14 13:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جېنىم ئانا، قۇياش يۈكۈندى» ماۋزۇسىدىكى شېئىرىڭ ياخشى چىقىپتۇ، ئىملاسىغا قايتا بىر قارىۋېتىدىغان ئىشكەن ئاداش. مۇۋەپپەقىيەت يار بولغاي

ۋاقتى: 2016-1-14 15:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيزارغا ئۇتۇق يار بولسۇن!!

ۋاقتى: 2016-1-14 17:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيزارئىنىمنىڭ شېئىر ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا ھالقىش بولۇۋېتىپتۇ... يارايسىز ئىنىم! تۆت چاسا شېئىرلىرىڭىزغا قارىغاندا ماۋۇ شېئىرلىرىڭىزدا باشقىچە ئىلگىرىلەش بار...سىز ئىجادىيەت يۆنىلىشىڭىزنى تېپىۋالغاندەك قىلىسىز...سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-1-14 17:28:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ بەك ھوزۇرلاندىم، زورلاپ قېلىپ ئىچىگە قۇيۇلغان شېئىرلاردىن موشۇنىڭغا ئوخشاش، ھېسىيات، لىرىكا ئەركىن ئىپادىلەنگەن، تەپەككۇر ئەركىن قوىۋىتىلىگەن، كەڭرى بوشلۇق تۇيغۇسى بار شېئىرلارنى ئوقۇسا ئادەم باشقىچە ھوزۇر ئالىدىكەن. قەلەم تۇلپارىڭىز تېخىمۇ چاپسۇن. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-14 18:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلەملەرگە بەركەت بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-14 19:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك تەرمەكتە ئ‍ىشقى بىلەن،
چۆچۈرىدەك تەملىك تۈگۈلگەن سۆزلەر.


............

جېنىم ئ‍انا!
ئ‍ورنۇڭدىن تۇر،
تاغلار سېنى ھاپاش قىلىدۇ،
كۆك ئ‍اسمان سېنى پايانىدا ئ‍ۇچۇرىدۇ.
خېرە تۇيغۇلىرىڭ شامالغا ئ‍ايلىنىپ،
سالامەتلىكىڭنىڭ ئ‍ەسلىگە كەلگىنى ئ‍ۈچۈن،
مەجنۇنتاللار ساڭا باش ئ‍ېگىپ سالام قىلىدۇ.

بۇ مىسرالار ماڭا ئەڭ يېقىملىق بىلىندى. كۈيزارغا ئامەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-1-15 13:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئەركەكلىك جەريانى بەك نەپىس سىزىلغاندەكلا بىلىنىدۇ ماڭا

ۋاقتى: 2016-1-15 14:28:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئەركەكلىك جەريانى
بۇ ئەسەردە تېنىقلىرىدىن،تېنىمسىز،سايىداۋاتقان،قېينىشى،



خېرە،    قېينىغان رېزىق ،تېنىقلىرى،مېھرىڭڭە

   جېنىم ئانا دىگەن ئەسەردە



بۇ  سۆزلەدە ئىملا خاتالىقى بار.

ئەمما ياخشى يىزىپسىز.  تىخمۇ تىرىشىڭ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 14:29  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش