ياتاق،يالغۇزلۇق...
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
كىردىم يەنە يالغۇزلۇقۇمغا،
دىلبەر ئەمەس،دەردنى قۇچاقلاپ.
تەكچىدىكى رەزىل نازاكەت،
يۈرىكىمنى ئۆتتى پىچاقلاپ.
زەررىچىلىك كۆكلىمەس يۈرەك،
سوغۇق تامغا سۆزلەۋېرىشتىن.
پايانىمغا تولدۇرۇپ قوقاس،
كىرپىكىمدە تۈنەيدۇ ھېچكىم.
ھەسرىتىمنى كېلەر تىترىتىپ،
ئاپتىپىدىن ئايرىلغان مېھىر.
خىياللىرىم سارغايغان دەرەخ،
يىلتىزىدا ياپيېشىل شېئىر...
پورەكلىگەن بىرلا سۆز پەقەت،
چۈشلىرىمنىڭ ھەر تامچىسىدا.
قۇلىقىمدا مويسىپىت ئۈگۈت:
چىداش ئۈچۈن تۇغۇلدۇڭ،چىدا...
2015–يىل،17–سېنتەبىر.