يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 3

يېڭى بىىر چۆچەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى بىر چۆچەك

(ھېكايە)

ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى

      ئەجدادلىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئات، ئېشەكلەرگە تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان يۇرت ئەھلى، ئۆز يېزىسىدىمۇ «ماي جىقلاش پونكىتى» قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى.
   -ۋاي، ئەمدى بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ ماي بار بولدى، -دېيىشەتتى ئىدارە، پونكىتلارنىڭ خادىملىرى ۋە ئالدىن بېيىپ موتوسىكىلىت، تىراكتورلارنى سېتىۋېلىپ ئۈلگۈرگەن دېھقانلار خۇشاللىقلىرىنى يۇشۇرالماي، - ئەمدى ماي سېتىۋالىمىز دەپ شەھەرگە كىرمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى.
   -ئاڭلىدىڭلارمۇ ما خۇشخەۋەرنى، بېنزىن قۇيسىلا ماڭىدىغان ھارۋا چىقىپتۇ-دەك....
   -ماڭەۋا، ھارۋا ئەمەس، ئۈچ چاقلىق موتو ئۇ دېگەن....
   -ھە، شۇ، شۇ، ئۇنى دېگەن ئىشىڭ چىققاندا مىنىپ ئىشىڭنى قىلىپ، ئىشىڭ تۈگىگەندە ھويلاڭغا توختىتىپ قويساڭمۇ بولىدىكەن.
   -بىكار چاغلىرىمۇ بېنزىن، بېنزىن دەپ ھاڭرىماس ئۇ غوجام؟
   -ھاڭرايدىغانغا ئېشەك بولمىسا ئۇ، ئۇنىڭغا دېگەن ئەتىياز، كۈز ئايلىرىدا قىغ ئۇسۇپ ھارۋا ئورنىدا ئىشلەتسەڭمۇ، ئىشىڭ يوق چاغلاردا پاكىز يۇيۇپ، سۈرتۈپ ماشىنا ئورنىدا بازار ياكى توي- تۆكۈنلەرگە بارساڭمۇ قىلچىلىك چانمايدىغان ئوقەت ئىكەن!
   -باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىچۇ تېخى، سەل مۇنداقراق ئىشلىگەنلىرىنى 3000-2500 كويغىچە سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
   -يوغانراق بىر مېدىنىڭ پۇلىغۇ ئۇ.
   - ھە، شۇڭا مەنمۇ ئالدىنقى بازار كۈنى ئېشەك، ھارۋىلارنى سېتىۋېتىپ بىرنى ئېلىۋالدىم.
   - ئۇنداقتا مەنمۇ بىرنى ئالايچۇ، بىكار چېغىدا قورقىسىقى ئاچمايدىغان، ھەلەپ يېمىسىمۇ، سۇ ئىچمىسىمۇ كېسەل بولمايدىغان نىمە بولسا....
   -ياز ئايلىرىدا گاختى- گاختىدا سۇغۇرۇپ تۇرمىساڭ نوخلا، چاشقان بولۇپ قالىدىغان ئېشىكىڭ ئەمەس ئۇ، ئۇ دېگەن موتۇت....
   ئەينى چاغدا «ئەر قانىتى – ئات»، «ئېتىز ھەمراھى- ئېشەك» دېيىشكىنىچە ئۆزلىرىنىڭ ئات، ئېشەكلىرىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان دېھقانلار ئەمدى ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئالدىدا خۇدىنى يۇقىتىشىپ، «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس» دېگەندەك، ئېغىللىرىدىكى ئات، ئېشەكلىرىنى يېتىلەشكىنىچە بازارغا يول ئېلىشتى.
   ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت سېتىۋالغان دېھقانلار دەسلەپتە ناھايىتى خوش بولۇشتى. چۈنكى ئۇ چاغدا يېقىلغۇ ماي ئەرزان بولۇپ، يىگىرمە كويلۇق بېنزىن قاچىلاپ قويسا ھەپتە، ئون كۈنگىچە كەڭتاشا يېتىپ ئاشاتتى.
   -ئەسلىدە جاننىڭ راھىتى مۇشۇكەن ئەمەسمۇ،- يېشى يەتمىشلەردىن ئاشقان بولسىمۇ موتوسىكىلىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالغان «شەيتان» لەقەملىك پازىل بوۋاي كۆۋرۈك بېشىغا توپىلىشىۋالغانلارغا قىزىپ سۆزلىمەكتە ئىدى،- ئېشەك بار چاغلاردا بالىلارنى ئېتىزغا ھەيدەپ ھالىم قالمايىتتى. ئوت- چۆپ ئېلىپ كەلمىسەڭلار ئېشەك ئاچ قالىدۇ دەپ كۈندە دېگۈدەك ئۆيدە جېدەل. مانا ئەمدى بۇ جېدەلمۇ يوق، خالىسام قۇشناچىمنى سېلىپلا ئېتىزغا بارىمىز، خالىسام بازار، تويلارغا....
   - ئۆزلىرى دېگەن مەھەللىمىز بويىچە ياشقا چوڭ ۋە كۆپنى كۆرگەن ئادەم تۇرۇپ ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىسىلا بولۇردى، - مەھەللە بويىچە موتوسىكىلىت ئالماي ئات، ئېشەك بېقىشقا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان قاسىم دېھقان سۆزگە ئارىلاشتى،- ئات، ئېشەكلەرنىڭ قورسىقىمىز ئاچتى دەپ ھاڭراشلىرىمۇ بىر ھېسابتا بىز دېھقان خەلق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ «قورقىسىقىمىز ئاچىتى» دەپ ھاڭرىغىنى «ئېتىزىڭنى ئوت باستى» دەپ ئىشقا چىللىغىنى ئىدى....
   -ئا ...ھا...ي، ماڭەۋا ئۇكام، ئىشقا چىللاپ ئېشەك دېگەن دۈيجاڭ بولمىسا يا، شودۈي گاختىدا ئىشقا تولا چىللنىپ تويۇپ كەتكەن خەق بىز. ھازىر دېگەن سىياسەت ياخشى، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرىمىز ....
X X X                    
-دوختۇر ئۇكام،موتوتۇمنى بىر كۆرۈپ باققان بولسىلا بوپتىكەن، كېتىۋېتىپلا زۇۋانى ئۆچتى.
-دوختۇر دېمەي رېمونىتچى دېسىلە ئاكا.
-دوختۇر بولامدۇ، رېمونىتچى بولامسىز بەرىبىر ئوخشاش، ھەممىسى كاشىلا ئوڭشايدىغان كىشىلەرغۇ شۇ.
   رېمونىتچى يىگىت موتوسىكىلىتنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى بىر ھازا تەكشۈرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى:
   -سىلىقلاش مېيى تۈگەپ كېتىپتۇ. ئۇ ماي خوراپ تۈگىسە موتوسىكىلىتنىڭ موتورىدىن چاتاق چىقىدۇ.
  -ئېشەكلەر 6- ئايدا ئۇسسۇز قالسا نوخلا بولىدۇ، دېگەندەكلا بىر گەپ ئىكەنغۇ بۇ ئۇكام.
-راسىت دېدىلە ئاكا.
-مۇنداق يەرلىرىمۇ بار دەڭ، يەنىلا ئېشەك ياخشىكەنتۇقمۇ نېمە، ئېشەك دېگەن ئۇسساپ كەتكەندە ئۇچىرىغان ئېقىن سۇ ئىچىۋىلىپلا مېڭىۋېرەتتى. لېكىن بۇ نەرسە توختاپلا قالىدىكەن ئەمەسمۇ!؟
   X X X                    
      مال باھاسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ دېھقانلار بارغانسېرى تېرىككەك بولۇپ كەتتى. ماي باھاسىمۇ ئۆرلىگەن بولۇپ، دېھقانلار بۇرۇنقىدەك ماي قاچىلاش پونكىتىغا بارغاندا پونكىت خادىملىرى بىلەن قىلىشىدىغان سالام- سەھەتلەر ھازىر يوق، يېقىلغۇ ماي باھاسىنى خۇددى ماي قاچىلاش پونكىتىدىكىلەر ئۆستۈرۈۋالغاندەك.
   -ھە، ماينىڭ باھاسى چۈشتىمۇ، - دېھقانلار توڭلۇق بىلەن سورىشاتتى.
   -نېمە ، ئاخشام دىيەنشىدە چۈشكەننىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتىغۇ، سەن خەقنىڭ ئۈسكەننىلا ئاڭلاپ، چۈشكەننى ئاڭلايدىغان قۇلىقىڭ يوق زادى.
   -ئاكا، موتوتىڭىزنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ سەل چەتكە تارتىڭ ...
   -ئوھوش، سۇلياۋ باكقا ماي قاچىلاش مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپ.
   - ئوھوش، نېمە دەيدۇ ما بىر نېمىلەر، بىزچۇ ماي ئالساق پۇلغا ئالىمىز. بىكارغا ئالمىغاندىكىن نېمە ئەكەلسەك قويىۋەرمەمسەن؟
   -بىخەتەرلىك....
   -ماڭە، ئېشىڭنى يەچۇ سەن، سېرىق چاپاننى كىيىشىپلا بىخەتەرلىك دەپ كەتكىنىنى، سۇلياۋ تۇڭغا ماي قاچىلاپ كىم ئۆلۈپتۇ...
   «ئېشەك ئورۇقلىسا توقۇشقاق بولىدۇ، ئادەم نامراتلاشسا سوقۇشقاق بولىدۇ»، دېگەن سۆزلەر راسىت ئوخشايدۇ. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خېمىيۋى ئوغۇتقا تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا ئادەتلەنگەن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۇرسى بارغانچە چۈشۈپ بارماقتا ئىدى. چۈنكى خىمىيىۋى ئوغۇت خام ئەشيا قىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنى تولا ئىستېمال قىلىپ، ئىسىمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇشقان ئىستىمالچىلار ئەمدى دېھقانلاردىن يەرلىك ئوغۇتلار بىلەن ئوغۇتلانغان زىيانسىز مەھسۇلاتلارنى تەلەپ قىلىشماقتا ئىدى. لېكىن زىيانسىز، يېشىل مەھسولات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ساپ قىغقا تايىنىدىغان گەپتە! ئېغىللىرىدىكى 10-5 تۇياق قوينىڭ قىغىنى ھېچيەرگە يەتكۈزەلمىگەن دېھقانلارنى ئەمدى غەم باسقىلى تۇردى.
   -داۋانچىڭ، توقسۇنلاردىن ئېلىپ كەلگەن قىغنى ئالايلى دېسەك بىر ماشىنىسى نەچچە مىڭ كوي ئىكەن.
   -قىممەت بولسىمۇ ساپ بولسىچۇ، ساپلا ئەخلەت- چاۋا.
   -ئات، ئېشەكلىرىمىز بولغان بولسا....
   -ئۇلاربولغان بولسا بەك ياخشى بولۇردى، ھېچ بولمىغاندا يەر، تەكلەرگە بېرىدىغان قىغدىن بولسىمۇ غەم قىلىشماستۇق.
   مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆز چېغىدا «ئۇچار كېمە» گە ئوخشىتىلغان موتوسىكىلىتلار ئەمدى دېھقانلارغا يەپ تويماس ئەجدىھادەك تۇيۇلماقتا ئىدى.
   -يىگىرمە كويغا مال ئالساڭ 4-3 قوقۇچچە كېلىدىغان بولپ قاپتۇ.
   -قوناق ئالغان بولساقچۇ؟
   -ھېچبولمىغاندا ئون كىلو كېلەتتى.
   - ھەي، ئات، ئېشەكلەرگە قوناق تۈگىگەندە سامان، قوناق شېخى تۈگىگەندە پاخال بەرسەڭمۇ بولاتتى.
   -موتوت دېگەنگە بېنزىن تۈگىسە سۇ قۇيغانغا ماڭمايدۇ.
   - ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىش بار،- دېدى قاسىم دېھقان ۋەزمىنلىك بىلەن، - ئات، ئېشەك دېگەن بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھەمراھىمىز، بىزنىڭ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىزغا ئىزچىل ھەمدەمدە بولۇپ كەلگەن يېقىن قېرىندىشىمىز. ئاتنىڭ گۆشىدىن تارتىپ، ئېشەكنىڭ سۈتىگىچە ھەممىسى دورا، كۈچى ھالال. ئۇلار بىزنى ئۆتكەن زامانلاردىن تارتىپ، نى- نى خەتەرلەردىن قۇتقۇزۇپ، جاپايىمىزنى تەڭ تارتىپ، ئائىلىمىزنىڭ، قەۋمىمىزنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاشلا بولۇپ قالغان ئىدى.
   -قاسىماخۇننىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق، لېكىنزە، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان موتوت مىنىپ يۈرۈپ، ئەمدى قوپۇپ ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەيلى دېسەك، دوسىت، دۈشمەننىڭ ئالدىدا نە ئات، نە نومۇس!
   -دوسىت- دۈشمەننىڭ ئالدىدا چىشنى چىشلەپ غادايماي ئامال يوق.
   -ئۇنداق بولمىۋىدىمۇ قېنى سىلەر نومۇس قىلىۋاتقان شۇ ئېشەكلەر!
   ئارىدىن بىرەيلەننىڭ تۇلۇمدىن تۇقماق چىققاندەكلا قىلغان سۆزى كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. چۈنكى موتوسىكىلىتنىڭ ئاساسىي ئىستىمالىغا ئايلىنىشى ئات، ئېشەكلەرگە پاجىئە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، تونۇر بېشىدا ئولتۇرغان بىر بوۋاي يىغلىغاق نەۋرىسى ئۈچۈن يېڭى بىر چۆچەك تۇقۇماقتا ئىدى.
   «بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا يۇرتىمىزدا ئېشەك ئاتلىق بىر سالپاڭ قۇلاق مەخلۇق ئۆتكەن بولۇپ، ........» يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار كىشىلەرنىڭ بوۋاينىڭ چۆچىكىنى ئاڭلاپ ئېختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىشتى. چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يۇقۇلۇپ،چۆچەككە ئايلانغان ئات، ئېشەك پاجىئەلىرىنىڭ يەنە بىر زاماندىن كېيىن ئەپسانە ، رىۋايەتلەرگە  ئايلىنىشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر ئىش ئىدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 16:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 13:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقۇپ .اكا،،، بۇ ھىكايىڭىز ياخشى يېزىلېپتۇ...رىئاللىقنى ئوبدان ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ..قەلىمىڭىزگە بەركەتلەر يار بولسۇن..

ۋاقتى: 2016-3-9 15:17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    « يېڭى بىر چۆچەك » نامىدىكى بۇ ھىكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە  بەركەتلەر  يار  بولسۇن ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-26 21:38:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارسۇ ۋەنۇرئەلانىڭ بەرگەن مەدەت، ئىلھاملىرىغا رەھمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش