غەزەللەر
ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
كۈز
كەلدى تالقان تۆكتى چاغ خۇددى بېھىش ئەندازىدا،
جىلۋىسى زاھىر گۈزەللىكنىڭ چىمەنزار نازىدا.
تاشلىنار ياپراق ئارا كۆزگە ئانار،ئالما،ئۈزۈم،
شالى ئاستىدىن قىيا باققىن پەرى ئەلپازىدا.
زەپ ياراشقان باغۇ بوستانلارغا ئالتۈنرەڭ لىباس،
ھۆسنى ئالغان زەر تۈسىنى پەسلى كۈز پەردازىدا.
مىسلى زۇمرەتتەك سۈزۈلگەن كۆك يۈزى،ئويناق ئېقىن،
جۇش ئۇرار سۆيگۈ -ھاياجان ئەۋجى قۇشلار سازىدا.
باغلىنىپ كەتكەچكە جان رىشتى ئانا يەر ئىشقىغا،
ئەكس ئېتەر دەردى جۇدالىق تۇرنىلار پەرۋازىدا.
بارچە مەۋجۇدات ئاداققى ھۆسنىنى كۆز-كۆز قىلار،
مۇز تەلەت قىش گەرچە پايلاپ تۇرسىمۇ دەرۋازىدا.
كۈز پەرىسى ئىللىتار ئىشقىدا شائىر كۆڭلىنى،
كۆلتېگىننىڭ تۇرقى زاھىر پەسلى كۈز ئوبرازىدا.
2014-يىل
مەكتەپ
جاھاندا مەرىپەت ھەم تەربىيەتنىڭ كانىدۇر مەكتەپ،
چىراغ پەرۋانىسىدەك ئەھلى ئىشىق جانانىدۇر مەكتەپ.
تېرەن تەكتىدە قىممەتلىك جاۋاھىرلار تولۇپ ياتقان،
پايانسىزلىقتا تەڭداشسىز بىلىم ئوكيانىدۇر مەكتەپ.
قۇيۇچنى تاۋلىغان يەڭلىغ چىداملىق ئۇستىكار پىچتا،
پاراسەت-ئاڭنى تاۋلاشتا ئەقىل خۇمدانىدۇر مەكتەپ.
گويا قۇش باچكىسىدەك كۆكسىرى ئۇچماققا تەلپۈنگەن،
سەبىيلەرگە كۆيۈمچان ئۆز ئانا-غەمخانىدۇر مەكتەپ.
ئەقىلسىز باش ئامان تاپماس نادانلىقنىڭ بالاسىدىن،
نادانلىقنى يۇيۇپ،ئاقىل بولۇش جەريانىدۇر مەكتەپ.
نادانلارنىڭ دىلى پەرقلەنمىگەي گويا گۆرىستاندىن،
تەلەپكار ساپ كۆڭۈللەرنىڭ نۇرى ئەفشانىدۇر مەكتەپ.
چوقۇم«ماڭغان ئۇزار،ياتقان قالار»تۇرمۇش بايانىدا،
تىرىشچانلىق،ھورۇنلۇقنىڭ سىناق مەيدانىدۇر مەكتەپ.
قەدىر بىلمەسلەر نە بىلسۇن،بىلەر زەر قەدرىنى زەرگەر،
بىلىم قەدرىگە يەتكەننىڭ تىلەك-ئارمانىدۇر مەكتەپ.
ئۆگەنمەك ۋەجى شۇ چەكسىز جاھان ئەسرارىنى بىلمەك،
كامالەتنىڭ قىياسىغا يېتىش ئىمكانىدۇر مەكتەپ.
جۇدۇنلاشقان جاھالەت لەشكىرىنىڭ ئالدىغا پاسىل،
پىداكار ئەھلى ئېرفاننىڭ پولات قورغانىدۇر مەكتەپ.
كۈيىدە كۆلتېگىن ئەتكەي ئۇنىڭ تەرىپىنى ئىزھار،
چۈشەنگەنگە بۇ ئالەمنىڭ بەخت رىزۋانىدۇر مەكتەپ.
2014-يىل
ئەگەشتىم
باھار پەسلىدە ئۆمرۈمنىڭ تىلەك-ئارمانغا ئەگەشتىم،
چىراق پەرۋانىسىدەك ئوت ئارا جەۋلانغا ئەگەشتىم.
گۈزەل بىر گۈل پەرىزاتتەك سېھىر بەند ئەيلىدى جاننى،
جاھاننىڭ كارىنى ئۇنتۇپ ئاشۇ جانانغا ئەگەشتىم.
ئىتائەت قىلمىدى كۆڭلۈم ئەقىلنىڭ ھۆكمىگە ھەرگىز،
ئاساۋ تايدەك كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن ھەر يانغا ئەگەشتىم.
دوقاللاردا قۇلاق سالغاچ بولۇپ گول ۋەھى يالغانغا،
ئۆزۈم بىلمەي ھىدايەتتىن ئېزىپ شەيتانغا ئەگەشتىم.
دېدى ئاقىل:نادانلارنىڭ بولۇر تەقدىرى گۇمراھلىق،
قۇتۇلماقلىققا غەپلەتتىن ئەقىل-ئېرفانغا ئەگەشتىم.
ئىزىنى ئاختۇرۇپ يۇلغۇن قىزارتقان چۆلدە ئەجدادنىڭ ،
ۋىسال تاپماققا بەل باغلاپ ئۇلۇغ كارۋانغا ئەگەشتىم.
كامالەتكە يېتەي دەپ كۆلتېگىن سۆيگۈ مەقامىدا،
ئۈزۈپ ئېيتار:بېرىپ قول مەشرەبى دەۋرانغا ئەگەشتىم.
2014-يىل
چېچەكلەر نازىدىن ئىزدە
مېنى تاپماقچى بولساڭ كۆكتە قۇش پەرۋازىدىن ئىزدە،
ساتار،قالۇنغا جان بەرگەن مۇغەننىي سازىدىن ئىزدە.
تەبىئەتتىن تارالغان كۈي-تىۋىشلەرگە سىڭىپ كەتتىم،
مېنى شىلدىرلىغان ياپراق،چېچەكلەر نازىدىن ئىزدە.
سىھىر بەند ئەيلىگەن جاننى يېشىل دەملەر،يېشىل ئارمان،
مېنى يۇرتنىڭ گۈزەل ئەييامى كۆكلەم-يازىدىن ئىزدە.
مۇھەببەتتىن تۇغۇلغاچ مەنزىلىم دەشتى جۇنۇنلۇقتۇر،
مېنى دىۋانە مەشرەبنىڭ يېتۈك ئوبرازىدىن ئىزدە.
ھەقىر بىلگەي كۆرەڭلەر كۆڭلىدە يۈرسەم سۈكۈت ساقلاپ،
مېنى مەيدان ئارا مەردانە شىر ئەلپازىدىن ئىزدە.
كۈشەندەم جان غۇرۇرۇمدىن تۇرار مىڭ گەز تۆۋەنلىكتە،
مېنى كۆرمەكچى بولساڭ تەڭرىتاغ ئەندازىدىن ئىزدە.
سادايىمنى ئۇلۇغ كارۋان سېپىدە كۆلتېگىن مىنگەن
تۆگە بوينىدىكى كولدۇرمىنىڭ ئاۋازىدىن ئىزدە.
2014-يىل
كۆزۈمگە تۇتىيا ئىزدەپ
جۇنۇن دەشتىنى مەشرەبتەك كېزەرمەن ساپ ھاۋا ئىزدەپ،
ئۇلۇغ-ئەركىن تىنىقتىن زەخمى دەردىمگە داۋا ئىزدەپ.
قۇلاق بىزار خىرە گاھى قاقىلداش-كۇكىراشلاردىن،
ھەلەكمەن ناخشىچى چۆل تورغىيىدىن خۇشناۋا ئىزدەپ.
مۇھەببەت ئابىغا تەشنا كۆيۈك چۆل چاڭقىغان باغرىم،
نىگارنىڭ پۇت توپاسىدىن كۆزۈمگە تۇتىيا ئىزدەپ.
يورۇقلۇق ئالمىسا ئىشقتىن جاھان زۇلمەت-گۆرىستاندۇر،
يۈرەرمەن بۇندا ئەمادەك مۇھەببەتتىن زىياھ ئىزدەپ.
تېپىلماس چارە دەردىمگە بۆلەك لەئىلى شارابىدىن،
كېزەرمەن ۋەسلى جاناندىن شىپا-مېھرىگىياھ ئىزدەپ.
مېنى چۆل بۈركۈتىگە ئوخشىتار ئاسماندا پەرۋازىم،
ئۇچارمەن قانىتىم تالغاندا قونماققا قىيا ئىزدەپ.
جۇدالىق ئىلكىدە ئۆمرۈڭ ئۆتەرمۇ كۆلتېگىن شۇنداق،
خەتەرلىك يولدا كارۋاندەك ئۆمۈرلىك دىلرابا ئىزدەپ.
2014-يىل
بۇلبۇل
كېزىپ سەلكىن،قىزىلگۈل ھىدىنى ئەتراپقا تارقاتتى،
قۇسۇپ قان ئىشقىۋاز بۇلبۇل گۈلى مەشۇققا كۈي قاتتى.
يېقىملىق بىر ئاھاڭ جاننى سېھىرلەپ تۈن ھاۋاسىدا،
گۈزەل چۈشكە بېرىپ بەرھەم مېنى ئۇيقۇمدىن ئويغاتتى.
قاراڭغۇ كۈلبىدە شۇنداق ياتارمەن ئاخشىمى يالغۇز،
ئازابى دەردى ھىجراننىڭ جېنىمغا تاش بولۇپ پاتتى.
ھارارەتلىك ئاشۇ كۈي تىترىتىپ جىسمىمنى ياپراقتەك،
سەمەندەردەك سېلىپ ئوتقا مېنى يار ئىشقىغا چاتتى.
خىيالى بىر سىزىم يار ئەكسىنى كۆرسەتتى سۈرەتتەك،
دېمەك ئۇمۇ بولۇپ بىدار تۆشەكتە تولغىنىپ ياتتى.
جاھاندا سىردىشىم يوقتۇر،بۆلەك سۆيگەن نىگارىمدىن،
يېقىن دوستلارغا سىر بەرسەم ئۇنى ئەغيارىغا ساتتى.
ناۋا قىل،كۆلتېگىن،سەنمۇ قۇسۇپ قان كۈيچى بۇلبۇلدەك،
ئاران تەسلىكتە تۈن تارقاپ،مۇھەببەتنىڭ تېڭى ئاتتى.
2014-يىل
نىگار كۆرسەتمىدى دىدار
پەرىزاتىم سېھىر جادۇسىدا جاننى ئەسىر ئەتتى،
غېرىب كۈلبەمنى نۇر ئاپتاپىدا ئالتۇن قەسىر ئەتتى.
كېيىنچە كۈن تۇتۇلغاندەك پەقەت كۆرسەتمىگەچ دىدار،
تولۇن ئايدەك جامالىنى كۆرۈشكە مۇنتەزىر ئەتتى.
جۇلالاپ توز كەبى چار باغدىن چىققاندىمۇ ،ئەپسۇس،
نىگاھىدىن قويۇپ چەتتە جېنىمغا مىڭ جەبىر ئەتتى.
يېشىم توفانىدا غەرق بولدى جىسمىم،گۆھىرىم ئاقتى،
ۋاپاسىز يار مېنى ۋەسلىگە تەلمۈرتۈپ بەسىر ئەتتى.
نىگار ۋەسفىنى كۈيلەپ كۆلتېگىن دىلپارە بۇلبۇلدەك،
سەنەمنىڭ نامىنى چىن دىلدا ياد،تىلىدا زىكىر ئەتتى.
ئىزتىراب
كۆزلىرىڭ جادۇسى باشنى ئىلكىدە ئايلاندۇرار،
ناز-كەرەشمەڭ جاندا شەھۋەتنىڭ ئوتىنى ياندۇرار.
چاڭقىغانلار قانغىچە لەئىلى شارابىڭنى ئىچىپ،
تەندىكى ئىلمان قېنىنى قاينىتىپ جانلاندۇرار.
خاس ئۆيۈڭدىن چوڭ-كىچىك مېھمان ئۈزۈلمەس كۈنۈتۈن،
ئەيشى-ئىشرەتتە كۆڭۈل تەشنالىقىنى قاندۇرار.
ئۇرغۇتۇپ ئىشقى ھەۋەس يۇمران-ھارارەتلىك تېنىڭ،
جۆرىسى يوق مۇزلىغاننىڭ جىسمىنى چوغلاندۇرار.
سۆيگۈ،ئۇزلۇق تەختىدە ھازىر ئۆزۈڭ شاھىجاھان،
ساختا ماختاش،ۋەدىلەر كەيپى سېنى شادلاندۇرار.
سارغىيىپ بەرگى خازانغا ئايلىنارسەن بىر كۈنى،
كۈن بويى قىلساڭمۇ پەرداز ئۇزلىقىڭنى چاندۇرار.
بىرمۇ-بىر تاشلاپ كېتىپ پەرۋانىلار-شەيدايىلار،
دىلكىشىڭ يوق،دەردى تەنھالىق سېنى مۇڭلاندۇرار.
ئالدىيۇ ئارقاڭدا ھەرگىز قالمىسا بىر ۋارىسىڭ،
فانىدىن كەتكەندە كىممۇ چىرىغىڭنى ياندۇرار.
قايسى بىر چاغلاردا يۈرگەچ ئىشتىياق تارتىپ ساڭا،
كۆلتېگىننى ئىزتىرابتا تەقدىرىڭ ئويلاندۇرار.
2014-يىل
سادا بارمۇ
جاھاننى ئاختۇرۇپ كەلسە مېنىڭدەك بىناۋا بارمۇ،
ياراملىق ئەمچىلەردە زەخمى دەردىمگە داۋا بارمۇ.
ئەلەملىك نەرە تارتسام شىر كەبى جان سەۋرى پۈتكەندە،
كۈتەرمەن دەپ يىراقتا تاغۇتاشلاردىن سادا بارمۇ.
جاھان مۇلكىگە نە ھاجەت نىگارىم بولمىسا ياندا،
تىرىكلىكتە مېنىڭدەك ھەممىدىن مەھرۇم گادا بارمۇ.
جۇدالىقتا قالارىمنى خىيال قىلماپتىمەن دەسلەپ،
ئىشىق ئەھلى ئىچىدە مەن كەبى بەختى قارا بارمۇ.
كۆڭۈل ئاچقان ئوقىغا ئوۋچىنىڭ جىسمىم چىنەك گويا،
بۇنىڭغا نە ئەجەپ،زادى گۈزەللەردە ۋاپا بارمۇ.
سىھىر جادۇسىدا ھۆرنىڭ ئىشق زىندانىغا بەندمەن،
يوقاتقان ئەركىنى مەندەك يەنە باغرى يارا بارمۇ.
زەھەردۇر كۆلتېگىن رىزقىڭ ساداقەتكە خىيانەتتىن،
ھايات ھۆكمىدە ئاشىقنىڭ ۋاپاسىغا جاپا بارمۇ.
2014-يىل
كۆرمىسە
ياخشىنىڭ قەدرىنى كىم بىلگەي ياماننى كۆرمىسە،
نە بىلۇر ئىشق دەردىنى رەڭگى ساماننى كۆرمىسە.
سايىداپ يۈرگەن كىشى بىلگەيمۇ بوستان قەدرىنى،
باغرى چاڭقاشتىن يېرىلغان دەشت-ياۋاننى كۆرمىسە.
بىر قاراشتا ئەھلى ئاقىل قەدرىنى نەدىن بىلۇر،
ساق تېنىدىن چوڭ يوچۇق تەشكەن ناداننى كۆرمىسە.
ئىشقى يوق بىلمەس جۇدالىقنىڭ ئازابى-دەردىنى،
شۇم ئەجەلدىن جان تالاشقان باغرى قاننى كۆرمىسە.
كىم بىلۇر لەۋزى ھالال،فازىل كىشىنىڭ قەدرىنى
تىنىقى دۇت پۈركىگەن پەيلى قاۋاننى كۆرمىسە.
كىم بىلۇر كارۋان جاپاسىنى خەتەرلىك يولدىكى،
كويىقاپنىڭ ئاغزىدەك ھاڭ-تىك داۋاننى كۆرمىسە.
ئەھلى ئىشقنى غەيرى ھالەت-تۇرقىدىن مەجنۇن سانار،
بىئەقىللەر كۆلتېگىندەك تۇرفە جاننى كۆرمىسە.
سېغىندىڭمۇ
مېنى تاشلاپ كېتىپ،ئالدامچى ئەغيارغا سېغىندىڭمۇ،
گاداي ھالدا بىچارە تىلەپ سۆيگۈ سېغىندىڭمۇ.
ماڭا راستىڭنى ئېيت ،زادى مۇناسىپ ئۆز ئەقىدەڭگە ،
ئۇنىڭ مۇزدەك چىرايىغا تىكىلمەككە پېتىندىڭمۇ.
كېچە-كۈندۈز سۈرەر كەيپ سورۇنى ئىشرەتتە ئازغۇن روھ،
ئىتائەتتىن چىقالماي ئەمرىگە قۇلدەك بېقىندىڭمۇ.
غۇرۇرىڭنى ئېتىپ پايخان چېقىپ تۇرسا ھاقارەتتە،
ئىچىڭگە سىڭدۈرۈپ دەردنى زەھەر-زوقۇم يۈتىندىڭمۇ.
ھەۋەس ئارزۇلىرىڭ،ئەي شور پىشانە،قالدى نەلەردە،
دېدەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ،ھېرىققان چاغدا تىندىڭمۇ.
زىبۇزىننەتلىرىڭ سورۇلدى، سەن قاقسەنەم بولدۇڭ،
بېشىڭغا چۈشسە كۈن،بىر ۋاخ نەسىۋەڭگە ئېشىندىڭمۇ.
قىزىلگۈلدەك چىرايلىق قالدى ئوخشاپ كۈز خازانغا،
چېقىپ ئاغرىق يېتىپ قالساڭ ئارامىڭدا كۈتۈندىڭمۇ.
قەدىرلەش ۋە قانائەتكە كۆنۈككەن جان بەختلىكتۇر،
ئېقىپ كەتكەن گويا لاي سۇدەك ئۆمرۈڭگە ئېچىندىڭمۇ.
سەھەردە مۇڭ تۆكۈپ كاككۇك ماڭا ھالىڭنى يەتكۈزدى،
نىگارا،كۆلتېگىننى ياد ئېتىپ ئەمدى سېغىندىڭمۇ.
مېنى يوقلاپ كېلەرسەنمۇ
ماڭا سالغان جۇدالىقنىڭ ئازابىنى بىلەرسەنمۇ،
جېنىم ھەلقۇمغا يەتتى،بىر كۈنى يوقلاپ كېلەرسەنمۇ.
نىگار،سەنسىز كۆڭۈلنىڭ خوشلۇقى تەرك ئەيلىگەن جاننى،
ۋىسالىڭدىن خۇشاللىق قاينىمىغا چۆمدۈرەرسەنمۇ.
يۈرەكنىڭ چاڭقىقىنى قاندۇرۇپ لەئىلى شارابىڭدا،
دىلىمنى يايرىتىپ بۇلبۇلگويادەك كۈلدۈرەرسەنمۇ.
ۋە ياكى سۇدىن ئايرىلغان بېلىق ياڭلىغ ئېتىپ نىمجان،
پايانى يوق جۇنۇن دەشتىدە دائىم كۆيدۈرەرسەنمۇ.
ھاياتلىق ۋە ماماتلىق قاش بىلەن كىرپىك ئاراسىدا،
ئازابلاپ كۆلتېگىننى ئىشق ئوتۇڭدا ئۆلتۈرەرسەنمۇ.
دىدار
نىگارىم كۆرسىتىپ دىدار مېنى بىھەد خۇشال ئەتتى،
پەرىزاتتەك گۈزەل تەننازىدا ئەقلىمنى لال ئەتتى.
ئۇدۇم بولغاچقا زاتىنى ئېسىل خۇلقى نازاكەتلىك،
نۇرىغا دۇر قوشۇلغاندەك ئۇنى ساھىپجامال ئەتتى.
تەبىئەت بارچە ئۇزلۇقنى سەنەم رۇخسارىغا جەملەپ،
چېكىتتەك بىر نەقىشنى قوندۇرۇپ مەڭزىمگە خال ئەتتى.
سەمەندەردەك كۆيۈپ سۆيگۈ ئوتىدا جان نىسار ئەتسەم،
كۆيۈكنىڭ دەردىگە ئەمچى بولۇپ چارە-ئامال ئەتتى.
يېرىلغان قاغجىراشتىن باغرى چۆلدەك جانۇجىسمىمغا،
بېرىپ لەئىلى شارابىنى لېۋىمنى قەنتۇ بال ئەتتى.
قۇچاق ئاچقاچ ماڭا ئىشق مەۋسۈمىدە بىر گۈزەل ئالەم،
تەسەۋۋۇر كەپتىرىم پەرۋازى سەۋدايى خىيال ئەتتى.
مۇھەببەتتىن تۇغۇلدۇم-قايتىدىن دۇنياغا كۆز ئاچتىم،
نىگار ئىشقى سېھىرلەپ كۆلتېگىننى تۇرفە ھال ئەتتى.
2014-يىل
كۆيمىسۇن جان
بەرمە،ئى جان،زاتى مەۋھۇم بىۋاپا يارغا كۆڭۈل،
ياندىكى جۆرەڭنى تاشلاپ،جادۇ رۇخسارغا كۆڭۈل.
ئادىتىدە يوق مۇلايىملىق-نازاكەتتىن ئەسەر،
تىلى قايماق،دىلى مايماق جانغا ئازارغا كۆڭۈل.
قان-يېشىڭنى ئەتكىنى تەييار خۇمارىغا شاراپ،
تاپقىنىڭغا تەڭ شېرىك تەييارغا ھەييارغا كۆڭۈل.
ئايلىنارسەن ئېتىقادسىز مۇردىغا روھىڭ چىرىپ،
بەرگىنىڭدە جىسمىغۇ ساق،روھى ناكارغا كۆڭۈل.
خالىسا كۆڭلۈڭنى ئوۋلاپ دەسسىتەر ئۆز دامىغا،
نە ئەجەپ سەندىن تۇتۇپ سىر بەرسە ئەغيارغا كۆڭۈل.
كۆيمىسۇن جان نازىنىنلاردىن تەمە ئەيلەپ ۋاپا،
بولغۇسى رىزقى پۇشايمان بەرسە مەككارغا كۆڭۈل.
ئەھلى ئىشق ئەڭگۈشتىرى لەۋزى ھالالىق فەزلىدۇر،
كۆلتېگىنى،ئەرزىيدۇ بەرسەڭ چىن ۋاپادارغا كۆڭۈل.
2014-يىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 10:37
|