ئاسماندىكى ئاي ئاداش
ئەلشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
ئايدىڭ كېچە يۈگۈرسەم ،
ئايمۇ بىللە چاپىدۇ .
قاچسام يېنىپ كەينىمگە ،
قوغلاپ يەنە تاپىدۇ .
كىرىپ كەتسەم ئۆيۈمگە ،
دەرىزەمدىن مارايدۇ .
ماڭا شۇنچە سادىق ئۇ ،
چىن دوستلۇققا يارايدۇ .
سەھەر تۇرۇپ ئورنۇمدىن ،
مەكتىپىمگە ماڭغاندا .
يۇقاپ كېتەر دوستۇممۇ ،
قۇياش پارلاپ يانغاندا .
ئاسماندىكى ئاي ئاداش ،
ئېيىتقىن ئۆيۈڭ قەيەردە ؟.
ئېنىق دەپ بەر ئورنىنى ،
سەھرادىمۇ ،شەھەردە ؟.
بىلىۋالسام ئۆيۈڭنى ،
مەنمۇ سېنى ئىزدەيمەن .
ئېيتىپ بەرسەڭ سىرىڭنى ،
ھىچ كىشىگە دىمەيمەن .
تاپالمىسام ھازىرچە ،
كېيىن چۇقۇم تاپىمەن .
بىللە ئويناپ سەن بىلەن ،
سىرلىرىڭنى ئاچىمەن .
ياخشى بالا بۇلىمەن ،
ئەلا ئۇقۇپ مەكتەپتە .
قايتىقان چاغدا ئوينايمەن ،
سىنىڭ بىلەن ھەركەچتە .
ئالىم بۇلۇپ كەلگۈسى ،
شان –زەپەرلەر قۇچىمەن .
پەندىن ياساپ جۈپ قانات ،
چۇقۇم ساڭا قۇنىمەن .
2016 -يىل يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 00:25
|