ئۇسسۇزلۇق
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
خەت يازدىم باھارنىڭ يۇپۇرمىقىغا،
جۇدۇنغا قايرىلغان دەرەخ تۈۋىدە.
چاكۇ–چاك رېئاللىق توزۇندىسىدىن،
ئۆتمۈشنىڭ تامچىلاپ چۈشتۈم لېۋىگە.
تۇيغۇمغا ئوت ياققان ئەجەل كۈيىدىن،
ئۆزۈمنى تارتىمەن ئاران ۋە ئاران.
قار كەبى،ئېھ،سۈزۈك پەرۋازى بىلەن،
كېچەمدە ناتونۇش چاقنايدۇ جانان.
ياداڭغۇ ھېسلىرىم ئاراچلىرىدىن،
مەڭزىمگە سانجىلىپ ئۆتىدۇ شامال.
كارۋاتقا پەرىشان سىڭگەن ئاخىرى،
دېڭىزدەك بىپايان،ئۇسسۇز بىر خىيال.
2016–يىل،12–يانۋار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 21:22