سېنىڭ ئىسمىڭ
جىن شيەن
يارغول تەرجىمىسى
دۇنيادىكى ئەڭ لەرزان ئەڭ لەرزان ئاۋاز بىلەن
ئىسمىڭنى يەڭگىل چاقىرسام ھەر كېچە ھەر كېچە
ئىسمىڭنى يازسام
ئىسمىڭنى سىزسام
چۈشلىرىمدە سېنىڭ نۇر چېچىۋاتقان ئىسمىڭ:
قۇياشتەك،ھىلالدەك،سېنىڭ ئىسمىڭ.
چىراغتەك،ياقۇتتەك،سېنىڭ ئىسمىڭ.
ئىپتىدائىي ئورماندىكى يالقۇندەك سېنىڭ ئىسمىڭ.
ئىسمىڭنى ئۇيسام
ئىسمىڭنى ئۇيسام كۆچەتكە
ئىسمىڭنى ئۇيسام سۇلماس ھايات دەرىخىگە
ئۇ ئۆسۈپ ئاسمانغا تاقاشقان كاتتا دەرەخ بولسا
نەقەدەر ياخشى نەقەدەر!
سېنىڭ ئىسمىڭ ھەم چوڭىيىپ بارسا....
چوڭايسا سېنىڭ ئىسمىڭ
نۇر چاچسا سېنىڭ ئىسمىڭ
شۇنىڭ بىلەن ئىسمىڭنى ئاستا ئاستا ئاستا چاقىرسام.
بېيداۋنىڭ بالىلارغا ئاتالغان شېئىرلار ناملىق توپلىمىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 00:46
|