كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 1

م.گ.ماھى (ت):ئوخشىشىپ كېتىش،چۈشىنىش، ئىشىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئوخشىشىپ كېتىش،چۈشىنىش، ئىشىنىش

مۇ زى

گۈلباھارمۇھەممەد تەرجىمىسى


     ئالى مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى چەت رايۇندىكى بىر كەنتكە كېلىپ كەنت ئەمەلدارى بولۇپتۇ.ئۇ ئەسلىدە كەنتتىكى ئاممىنى باي بولۇش يولىغا يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئولۇغۋار پىلاننى كۆڭلىگە پۈككەنىكەن، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، كەنىتتىكىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى يىراق تارتىپ يۈرۈپتۇ، يۆلەش خىزمىتىدىمۇ ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولماپتۇ.چۈنكى كەنتتىكىلەرنىڭ ئىقتىسادى كېلىش مەنبەسى يوق دىيەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش قولايسىز، ناھايىتى نامرات بولغانلىقتىن، ئەبجەقلىشىپ كەتكەن كونا ئۆيلەردە تۇرىدىغان بولۇپ، كىيىم دېگۈدەك بىرەر قۇر كىيىمىنىڭمۇ تايىنى بولمىغاچقا ،ھەر كۈنى قۇرساق ۋە ئۇچىسىنى ياپقىدەك كىيىمنىڭ غېمىنى قىلىش بىلەن ئۆتىدىكەن. ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئاشۇ بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئاڭلايدىغانغا چولىسىمۇ تەگمەيدىكەن.
مەلۇم بىر كۈنى، كەنىتتىكىلەرنىڭ ئېتىبارسىز قاراشلىرىغا كۆنۈپ كەتكەن بۇ كەنت ئەمەلدارى يەنە ئائىلىلەرگە سۆھبەتكە بېرىپتۇ. ئەمما بۇ قېتىم كەنىتتىكىلەر ئىلگىرىكىدەك ئاستا-ئاستا تارقىلىپ كەتمەپتۇ، يۈزىدىكى سوغاق كۈلكىلەرمۇ ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بوپتۇ.كەنىت ئەمەلدارى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتىسىيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى،ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ئىتراپ قىلغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بايقاپتۇ.ئەمما بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ئۇ ھەم خۇشال بوپتۇ ھەم گاڭگىراپ قاپتۇ.ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ ئۇچىسىدىكى يىقىلىپ چۈشكەن ۋاقتىدا يىرتىلىپ تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن كىيىمىنى ئالماشتۇراي دەپ جابدۇنىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كاللىسىغا يالت قىلىپ بىر خىيال كەپتۇ.ئۇ يۈگۈرۈپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ شۇنداقلا بىر قاراپ، ئەينەكتىكى ئادەمنىڭ كىيىۋالغانلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك قېتىۋالغان ھالەتتە بولماستىن بەلكى، ئادەتتىكى كەنت ئاھالىدىن ھېچقانچە پەرقى يوقلىقىنى بايقاپتۇ.ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئەقلىگە كەپتۇ:"مانا بۇ ئۇلارنىڭ مېنى ئىتراپ قىلىشىدىكى سەۋەپ ئىكەن. مەن ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۆز ئادىمىگە ئايلىنىپتىمەن!"
كەنت ئەمەلدارىنىڭ  كەنىتتىكىلەر بىلەن ئوخشاش كىيىنىشى ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر ئىش بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ كەنت ئەمەلدارلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە ناھايىتى چوڭ بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلەلەپتۇ. يەكلىنىش ۋە سوغۇق مۇئامىلىدىن قۇتۇلۇپ،كەنىتتىكىلەرنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەپتۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا«ئۆز ئادەم ئېففىكتى »دىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپكە ئۆز قاراشلىرىنى قۇبۇل قىلغۇزىدۇ.چۈنكى كىشىلەر كېتىدىغان مەيلى ئىسىم-فامىلىسى، كۆز قارىشى، ئارقا كۆرۈنىشى، يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ قايسى بېرىدە بولمىسۇن ئۆزى بىلەن ئوخشاشلىقى بار كىشىلەر بىلەن بەكرەك چىقىشالايدۇ.شۇڭلاشقا ئەگەر سىز مەلۇم كىشىلەرگە يېقىنلاشماقچى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز،ئۇنداقتا، كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى چۈشىنىش، ئوخشاشلىق نۇقتاڭلارنى تېپىپ چىقىشقا سەرپ قىلىڭ، شۇندىلا ئالاقەڭلەرنى پۇختا ئاساس بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

مۇزى ئىمزالىقىدىكى بۇ ماقالە«نوتۇق ۋە سۆز سەنئىتى»ژورنىلىدىن«ئالاھىدە تەرمىلەر »ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 10-سانىغا تاللاپ بېسىلغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-10 23:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-11 15:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا«ئۆز ئادەم ئېففىكتى »دىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپكە ئۆز قاراشلىرىنى قۇبۇل قىلغۇزىدۇ.:چۈنكى كىشىلەر كېتىدىغان مەيلى ئىسىم-فامىلىسى، كۆز قارىشى، ئارقا كۆرۈنىشى، يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ قايسى بېرىدە بولمىسۇن ئۆزى بىلەن ئوخشاشلىقى بار كىشىلەر بىلەن بەكرەك چىقىشالايدۇ.شۇڭلاشقا ئەگەر سىز مەلۇم كىشىلەرگە يېقىنلاشماقچى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز،ئۇنداقتا، كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى چۈشىنىش، ئوخشاشلىق نۇقتاڭلارنى تېپىپ چىقىشقا سەرپ قىلىڭ، شۇندىلا ئالاقەڭلەرنى پۇختا ئاساس بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

«ئېففىكتى » دېگەننىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟
چۈنكى كىشىلەر كېتىدىغان مەيلى ئىسىم-فامىلىسى، ... بۇ يەردە جۈملە باغلاشماي قالغانمۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش