بالا بىز
ئەركىن نۇر (تۆمۇريول)
بالا دەيدۇ بالا بىز ،
كۆيەر ئاتا ئانىمىز .
چوڭ بولغىچە ئۇلارغا ،
نۇرغۇن جاپا سالىمىز .
بالا دەيدۇ بالا بىز ،
ئوقۇپ بىلىم ئالىمىز .
ئوقۇپ بىلىم ئالمىساق ،
نادان بولۇپ قالىمىز .
بالا دەيدۇ بالا بىز ،
قولغا قەلەم ئالىمىز .
ئۇگەنمىسەك دەۋىرنىڭ ،
ئارقىسىدا قالىمىز .
بالا دەيدۇ بالا بىز ،
ھەر جەھەتتە چالا بىز .
ئۇگەنسەكلا تىرىشىپ ،
پارلاق ئىستىقبالىمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-11 00:48
|