يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 1

م.م.نەزەر: تىلەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىلەك
(ئىنىمنىڭ توي مۇراسىمىدا ئوقۇلغان)
م.م.نەزەر
كۆتۈرۈلسە  قۇياش سۈبھىدە ،
يورۇتىدۇ پۈتكۈل جاھاننى.
ئايرىپ قويماس چوڭى كائىنات،
ھەتتاكى خەس ، بىر تال ساماننى.
بەلگىسى يوق ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ،
بىلمەسسەنكەن كېتىپ قالغاننى.
ئامان بولساق كۆرىدىكەنمىز،
بوۋاق چوڭۇپ يىگىت بولغاننى.

بەلگىسى يوق ۋاقىت ئىچىدىن،
چىقىپ كەلدى ئىنىم ياقۇپجان.
يىگىتلىككەيېتىپتۇ راستتىن،
قوشۇپ بۈگۈن تومۇرىغا قان.
يايرىمامدۇھەركىمنىڭ جېنى،
بولساشۇنداق بولغىنىدىن جان؟
مەن تىلەيمەن شۇنداق بىر تىلەك:
ئەي،بىر جۈپلەر بولۇڭلار ئامان!


گۈلزارلىقتا گۈل تولا، ئەمما-
گۈل ئىچىدە بولار ئەڭ چىن گۈل.
يارىشىپتۇئىنىمغا بىر ئۇز،
پۇراق، سىنى گۈلدەك پاتىگۈل.
ئۈستەللەردە خۇش ئۇسسۇل ئوينار،
تۈرلۈك يېمەك (مەيلى قۇرۇق-ھۆل).
«خانتەڭرى»دە لىققىدە مېھمان،
خولۇم-خوشنا، قېرىنداش، تۇغقان.
مەرىكىگە كەپتۇ قۇتلۇقلاپ،
چاقرىلغان، ئاڭلىغان، ئۇققان.
ھەممەيلەنگە تەشەككۈر مىڭلاپ!
بولۇپتىمەن بۈگۈن ساھىپخان.
ئەي مېھمانلار بولۇڭلار رازى،
خىزمەتلەرگە بولاي پاسىبان!

«خانتەڭرى»دە توي بۈگۈن، ئايەم،
يوق بوپقالدى دادام ئاھ، ئۆزى!
ئىشىنىمەن لېكىن كۈلگەنگە،
ئارام تېپىپ جەننەتتە روھى.
ئادا بولغاچ ئاپام بوينىدىن،
يەنە بىر پەرز، ئانىلىق سۆزى.
ئېغىركۆرمەي دۇئا بېرىڭلار،
ئەي مېھمانلار بولۇڭلار رازى!

«خانتەڭرى»دە توي بۈگۈن، ئايەم،
قۇتلۇقلايمىز قۇتلۇق تويۇڭنى.
لېكىن شۇنى ئۇنتۇما ئىنىم،
يۈتتۈرمىگىن مەڭگۈ سۆيگۈڭنى!
مۇھەببەتلىك ئۆتسۇن ھاياتىڭ،
ئاڭلايلى بىز جۇشقۇن كۈيۈڭنى.
دەپنە قىلغىن ھازىردىن باشلاپ،
چوڭ يا كىچىك يامان خۇيۇڭنى.

ئويۇن ئەمەس ئائىلە قۇرماق،
ئۇ پەرزدۇر، ئۇ مەجبۇرىيەت.
يۈكلىنىدۇ ئەمدى ئۈستۈڭگە،
تاغدىن ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت.
ئەمدى ئەرسەن، ئەمەسسەن كىچىك،
ئۆيۈڭ ساڭا خاس مۇختارىيەت.
گۈللەندۈرۈش-چوقۇمكى بۇرچۇڭ،
توزۇتساڭ ئەل ئالدىدا بەك سەت!

قەرزىمىزكۆپ ئاتا- ئانىغا،
قەرزىمىز كۆپ يۇرتقا، مىللەتكە.
بۇقەرزنى قىلايلى ئادا،
بولۇپ قالماي دۇچار ئىللەتكە.
ئۇنتۇمىغىن ئۇيغۇرلۇقۇڭنى،
يېپىشقىن چىڭ ياخشى خىسلەتكە.
ئەقىل، ئەدەب يار بولسۇن دائىم،
قالما ئەلدىن، قارغىش لەنەتكە!
ياش ئاقمىسۇن جۈپتۈڭ كۆزىدىن،
يەت ھالىغا ، سۆيۈنسۇن كۆڭلى.
سەن بىر ئەرسەن ئۇيغۇر تامغىلىق،
مېھرىڭ بىلەن نۇرلانسۇن ھۆسنى.
ئىجىل-ئىناق ياشاڭلار مەڭگۈ،
پورەكلىسۇن سۆيگۈڭلار گۈلى.
قارلارياغسۇن مەيلى باشلارغا،
ھېس قىلىڭلار باھار دەپ ئۇنى.

ئەھدىقىلىپ جان- ئىمان بىلەن،
بولىسىلەرئەمدى ئەر- خوتۇن.
قېرىغىچە ياشاڭلار بىللە،
يازدا سايە، قىشتا بوپ ئوتون.
دوستلار، دوستلار، قەدەم مەرھابا!
قول كۆتىرىپ بېرىڭلار دۇئا !

2013- يىلى6- ئاينىڭ 29- كۈنى. باي[size=18.6666660308838px].خانتەڭرى رېستۇرانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-11 01:05  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-13 23:10:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويقىلماق ئاسان،ئۆي تۇتماق تەس،شۇڭا ئەر-ئايال ئۆلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايدىل ئادا قىلىشى زۆرۈردۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش