كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 4

ئابدۇنىياز ئىمىن(ت): كىشلىك ھايات فورمۇلاسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىشلىك ھايات فورمۇلاسى
جىڭ ۋېندۇڭ
ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمىسى



ئادەملەرنىڭ مەلۇم ھەۋەس ياكى ئادىتىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشى ناھايىتى قىيىن، مەيلى ياخشى ھەۋەسلەر بولسۇن ياكى يامان ھەۋەسلەر بولسىمۇ شۇنداق. بۇ ھېچقانداق شۈبھىسىز ئىشتۇر. ئۇلۇغ داھى ماۋزىدۇڭ بالدۇرلا بىزگە يوليۇرۇق بېرىپ: «بىر ئادەمنىڭ بىر ياخشى ئىشنى قىلىشى تەس ئەمەس، تېسى بىر ئۆمۈر ياخشى ئىش قىلىشتۇر» دېگەن ئىدى. بەزىلەر ماۋزىدۇڭنىڭ بۇ ئەقىلىيەسىنى ئۆزگەرتىپ: « بىر ئادەمنىڭ ئەسكىلىك قىلىشى تەس ئەمەس،تېىسى ئەسكىلىكنى بىر ئۆمۈر قىلىشتۇر» دەيدۇ. قارىماققابۇ ھۆكۈممۇ قۇرۇلىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر بىز ماۋزىدۇڭنىڭ بۇ جۈملىسىنى ئابىستىراكىتلاشتۇرساق، بىزنىڭ ئېرىشىدىغان بىرىنچى فورمۇلايىمىز مۇنداق: بىرئادەمنىڭ Xنى قىلىشى تەس ئەمەس، تېسى بىر ئۆمۈر Xنى قىلىش؛ بۇ يەردىكى Xنى كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر قانداق كونكېرىت ئىشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرسا بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: قەيسەرلىك، مەن ئەگەر خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىسام قەيسەرلىكمۇ ئادەتتىكى ئىشتۇر. پەيلاسوپ ۋىتگىنىستەيىن بۇنىڭ بىر تەييار مىسالى. ئۇنىڭ ھەممىگە تۇنۇش نىپىز ئىككى ئەسىرى بار بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ياشلىقىدا ۋە قېرىغاندا يېزىپ چىققان. كەسىپ ئەھللىرىنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ئىككىسى قالتىس ئەسەرلەردۇر. «لوگىكا پەلسەپىسى» ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا يازغان ئەسىرىدۇر. بىز بۇئەسەرنىڭ «كىرىش سۆز»دىكى«بۇ كىتاب ھەقىقەتنى بايان قىلغان، مېنىڭ قارىشىمدا ئۇنىرەت قىلغىلى بولمايدۇ، ھەم بۇ مۇقەررەرلىك!» دېگەنلىرىدىن ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى ۋەھاكاۋۇرلۇقىنى تۇنۇپ يېتەلەيمىز. ۋىتگىنىستەيىننىڭ قارىشىچە ئۇ ياۋروپا پەلسەپىسىدىكى بارلىق مەسلىلەرنى ھەل قىلىپ بولغان. شۇڭلاشقا ئۇ بىر تاغلىق كەنىتكە بېرىپ باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇئەللىم بولىدۇ. پەلسەپە بىلەن ھەپىلەشمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ. «پەلسەپە تەتقىقاتى» ۋىتگىنىستەيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسىرى بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ «كىرىش سۆزى»دىكى: « گۇمان ئىلىكىدە بۇئىدىيىلەرنى ئېلان قىلدىم، مەن ئەسلىدە ياخشى بىر كىتاب يېزىپ چىقماقچى ئىدىم،بىراق، بۇ ئىشقا ئاشمىدى، ئۇنى ياخشىلاشنىڭ پەيتى ئاللىمۇقاچان ئۆتۈپ كەتتى»دېگەنلىرىدىن بىز ئۆزىنى ئازراق كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان ۋېنتىگىنىستەيىننى كۆرىمىز.ئاشۇ ھاكاۋۇر ھەم ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋىتگىنىستەيىن نەگە كەتتى؟

نامى مەشھۇربىمەنىچىلىك تىياتىرى «گودوتنى كۈتۈش»دا بوترو دەپ بىر بوۋاي بار، بۇ ئادەمنىڭ بىرئەقلىيە سۆزى بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: بۇ دۇنيادىكى كۆز يېشى بىر تۇراقلىق مىقدار. بەزىلەر يىغلايدۇ. بەزىلەر چوقۇم يىغلىمايدۇ. بۇ راستىنلا ئىسمى-جىسمىغا لايى قئەقىلىيە سۆزدۈر. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە بۇ بەلكىم «بايلارنىڭ ئۆيىدە شورپىنىڭ ھىدى، نامراتلار تالادا مۇزلار سۆڭىكى» بىلەن بىر مەنىدە بولسا كېرەك. قىزىقارلىقلىقى شۇكى، ئەگەر بىز بۇ جۈملىنىمۇ ئازراق ئابىستىراكىتلاشتۇرساق، ئىككىنچى فورمۇلاغا ئېرىشىمىز: بۇ دۇنيادىكى X بولسا بىر ئۆزگەرمەس مىقدار، Y ئادەم بولغانكەن، چوقۇم  Yئەمەس ئادەممۇ بار. بىرىنچى ۋە ئىككنچى فورمۇلا ئۆز-ئارا تۇلۇقلاش مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، بۇنى بىر مەسلىگە بولغان ئىككى خىل ئىپادىلەش دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر ھاكاۋۇرلارچە قەيسىرانە بولىشى بىر ئۆزگەرمەس مىقدار، ئالدىنقى يېرىم ئۆمرىدە ھاياتى قەيسەرلىككە، ھاكاۋۇرلۇققا تولغان، كېيىنكى ئۆمىرى ئالدىنقى ئۆمىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتۇر.

ئىككنچىدىن بىزشۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىر ئادەمنىڭ قەيسەر، ھاكاۋۇر بولىشى ۋاقتىنچە تەس ئەمەس، تېسى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق تولىمۇ ھاكاۋۇر، قەيسەر بولۇشتۇر. شۇڭلاشقا مىلتۇن بىزگە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ « جەڭدە مەغلۇپ بولغان بىر گېنىرالنىڭ كۆز ئالدىدا دۈشمەنلەر ئوغلىنى ئۆلتۈرۋەتكىنىنى كۆرسە ھەتتا كۆزىنىمۇ چىمىلدىتىپ قويمايدۇ. بىراق، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا يەنە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتسە بۇ گېنىرال يىغلاپ ئايلىنىپ قالىدۇ،- مىلتۇن بۇنىڭغا باھا بېرىپ،- بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ئاستا-ئاستا خوراپ تۈگىگەن  بولىدۇ» دەيدۇ،قاراڭ بۇ پەقەت سائەتلىك ئىشلاردۇر.

دوستويېۋىسكى ئۆزىنىڭ باش پېرسوناژلىرىنڭ تىلىدا يۈرەككە بارىدىغان بىر گەپنى قىلغاندى: «ئادەمنىڭ ھامان بىر جاھاندارچىلىق يولى بار». بۇ جۈملىدىن بىزنى ئابىستىراىتلاشتۇرمايلا ئۈچىنچى فورمۇلانى كۆرىۋالالايمىز، يەنى ئالدىنقى ئىككى فورمۇلانىڭ نېمە سەۋەبتىن ئوتتورغا قويۇلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈچىنچى فورمۇلا چىقارغان خۇلاسە چوقۇم راسىتتۇر. ھەتتا مەنىسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان سېسفۇسمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى تاللىمىغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ ئۈچىنچى فورمۇلانىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ. كامىيۇ سېسفۇسنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايدۇكى، ئۇ ئەھىمىيەتسىزلىك ئىچىدە ئاخىر مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنىسىنىڭ بىمەنلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، دەيدۇ. مۇشۇ يول ئۇنىڭ جاھاندارچىلىق يولىدۇر. شۇڭلاشقا ئۈچىنچى فورمۇلانىڭ بېسىمىغا چوڭقۇر ئۇچىرىغان ئادەملەر تۈرلۈك تۇلۇقلاش شەكىللىرىنى ئىستەيدۇ. تۇلۇقلاش شەكلى بولسا يۇقىرىقى ئۈچ فورمۇلانىڭ ئەڭ قالتس خۇلاسسىدۇر. ۋىتگىنىستەيىن ئامېرىكىنىڭ رازىۋېتكا ھېكايىللىرىدىن قەيسەرلىك ۋە ئۆزىگە ئشنىشنى تاپتى.

ئادەتتىكى مەندەك ئادەملەرمۇ ئۆزىنى ئەرزىمەس قاتارىدا كۆرىدىغان ئادەم ۋە ئشتىنمۇ ئوخشاش نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئىككسى قارىماققا ئوخشاش ئەمەستەك، ئەمەلىيەتتە بىر ئىشتۇر.

مۇشۇ نوقتىغائاساسلانغاندا، مەن بىلەن ۋىتگىنىستەيىن ئوتتورىسىدا يۇقىرى-تۆۋەنلىك پەرقى يوق. چۈنكى ۋىتگىنىستەيىن ئوقۇغۇچىسى مەلكامنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ مۆتىۋەرئوقۇتقۇچىسى ئېنىق ھالدا ئۇنىڭغا ئەگەر ئامېرىكا بىزگە رازىۋېتكا ھېكايىللىرىنى بەرمىگەن بولسا، بىزمۇ ئۇلارغا ئۇ پەلسەپىنى بەرمىگەن بولاتتۇق، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنىلا ئامېرىكا زىياننىڭ چوڭىنى تارتاتتى، دەيدۇ. بىز بۇ گەپتىن يۇمۇردىن باشقا، يەنە نورغۇن ئىش باشتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى مىسلىسىز ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلالالايمىز.

ۋىتگىنىستەيىن ئامېرىكا رازىۋېتكا ھېكايىللىرىدىن جاھاندارچىلىق يولىنى تاپقانمۇ؟ بۇنى قارىغۇلارچە پەرەز قىلالمايمىز.

ۋىتگىنىستەيىنمۇ شۇنداق پاراڭلاردىن ھاكاۋۇرلۇققا ياكى قەيسەرلىككە ئېرىشتىمۇ؟ بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئەڭ ئايدىڭ بولۇشى مۇمكىن.

گۆتى بىر ئۇلۇغ ئادەم، بىراق، ئۇ بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەر ئېچتىياجلىق بولغان تۇلۇقلاش شەكللىرىنى دېگەندى : « ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكىنىمنى ھېس قىلسام، ئۇلۇغلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمەن. ئەگەر مەن چۈشكۈنلىشىپ ياشاشقىمۇ يۈزۈم چىدىماي قالسا، ئەخلەت يازمىلارنى ئوقۇيمەن». پېقىر گۆتىنىڭ مۇشۇ سۆزىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى. شۇڭلاشقا يىقىلىپ-قوپۇپ مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتىم.

مەنبە: جىڭ ۋېندۇڭ بىلوگى

تور ئادىرىسى: http://blog.sina.com.cn/beibaoweidejiqing

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvnyukuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-10 15:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-13 15:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ۋىنتىگىنسىتەيىن قالتىس بىر ئويچى، ئاڭا ئېھتىراملار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-13 16:29:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغما تەپەككۇر ئۇسۇلىدا يېزىلغان ياخشى ماقالە ئىكەن.


«ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەن چېغىمدا ئۇلۇغلارنىڭ ئەسىرىنى،چۈشكۈنلەشكەندە  چاكىنا،ئەخلەت يېزىلمىلارنى ئوقۇيمەن» بۇ ئەمىليەتتە ياشاشقا تەدبىقلانغان.ئۆزىنى قالتىس چاغلىغاندا تەڭداشسىز ئۇلۇغ ئادەملەرنى ئويلاش،ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقىدىن ئازاپلانغاندا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئىقتىدارسىز ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاش تەبئىي ئېلىپ بېرىلىدىغان سېلىشتۈرۈش بولۇپ،ئادەم تەسەللى تېپىپ نورمال ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەدىمدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن يۈزلىنىش ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 16:30  


ۋاقتى: 2016-1-13 17:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن تەپەككۇرنى ئويغۇتىدىغان.

ۋاقتى: 2016-1-13 17:02:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن تەپەككۇرنى ئويغۇتىدىغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش