يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 431|ئىنكاس: 4

پولات: مەنمۇ تەلەيلىك بالا بولدۇم (بالىلار ھېكايىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                        مەنمۇ تەلەيلىك بالا بولدۇم
                                                                                 (ھېكايە)
                                                                        پولات ۋىلاخۇن ئىلى
   پەرھات پۇرسەت چىقسىلا ئۆيىنىڭ پەشەيۋاننىڭ تۈۋرىكى يېنىدا تۇرۇۋالىدىغان بولدى.قېرىشقاندەك بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭغا بەخت-تەلەي نېمىتى چۈشمەيۋاتاتتى.
   ـــ مۇشۇ كەپتەرلەرنى-زە،ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپلاۋىتەيمىكىن ئادەمنى خاتىرجەم ماڭغىلى قويماي... ـــ دىدى دىلشات زەردە بىلەن پەشەيۋاندا خاتىرجەم قونۇشۇپ تۇرغان كەپتەرلەرگە قاراپ.ئۇنىڭ گەجگىسىغىلا بىر كەپتەر چىچىۋەتكەن ئىدى.ئۇلار بۇ ئۆينى ياساپ ئىككى كۈن ئۆتۈپلا نەدىن پەيدا بولدىكىن بىرتوپ ياۋا كەپتەر بىرئادەم چىللىغاندەك ئۆينىڭ پىشايۋىنىنى ئىگەللىگەن ئىدى.بالىلىرى كەپتەر- لەرنى تۇتماقچى،ئۇۋىسىنى بۇزماقچى بولغاندا دادىسى بىلەن ئانىسى قەتئى ئۇنىمايتتى.ھەتتا باشقىلار سوراپ كىرسىمۇ بەرمەيتتى.ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ جان-جىگىرىدەك ئاسرايتتى.كۈندە دان چېچىپ بېرەتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن كەپتەرلەرنىڭ سانى ئاۋۇپ پەشەيۋانغا پاتماي، كۈندە ئۇۋا تالىشىپ سوقۇشۇپ چىقاتتى.
   ـــ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ تەزدۈرسە،كەلسە-كەلمەس تۇتۇپ ساتسا ياكى يېسە يامان بولىدۇ،بالىلىرىم.ئۇلارنى ئاسراش ساۋاپلىق ئىش. ـــ دەپ ئانىسى جېكىلەپ تۇرسا،دادىسى:
   ـــ قۇشلار دېگەن ئالەمنىڭ زىننىتى،بەركىتى.كەپتەر دېگەن مەھە- لىنىڭ،ئۆينىڭ بەركىتى.كەپتەر بار ئۆيگە ھەرجەھەتتىن بەرىكەت ياغىدۇ.ئۇلارنى ئاسراش كېرەك. ـــ دەپ تەربىيە قىلىپ تۇراتتى.شۇڭا بەزىدە بالىلىرىنىڭ ئاچچىقى كەلسىمۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئويلاپ ئاچچىقىدىن ياناتتى.كەپتەر باچكىلىرى شوخلۇق قىلىپ ئۇۋىسىدىن چۈشۈپ كەتسە،پەرھات بىلەن دىلشات بىرئاماللارنى قىلىپ ئۇۋىسىغا ئېلىپ قوياتتى.ياۋا مۆشۈك،لالما ئىتلارنىڭ يەپ قويىشىدىن ھوشيار تۇراتتى.
   ئوغلىنىڭ كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلىغان ئانا ئەنسىرەپ ئۆيدىن يۈگۈ- رۈپ دېگۈدەك چىقتى.
   ـــ نېمە بولدى؟نېمىگە ئاچچىقىڭ شۇنچە كەپ كەتتى؟ ـــ سورىدى ئانا سەل ھەيران بولۇپ ھەم جىددىلىشىپ.
   ـــ قارىمامسىز،كەپتەر گەجگەمگىلا چىچىۋەتتى. ـــ دىدى دىلشات ھېجىيىپ،ئانىسىغا كەپتەر پوقى چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ.ئاكىسى پەرھاتمۇ بۇنى ئاڭلاپ كۈلدى.
   ـــ ھېچقىسى يوق بالام،يۇيىۋەتسەڭ پاكىزلىنىپ كېتىدىغۇ.كەپتەر چىچسا بەختىڭ بولىدۇ،تەلەيلىك بالا بولىسەن. ـــ دىدى ئانىسى تەسەللى بېرىپ.دادىسىمۇ دىلشاتنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
   ـــ مېنىڭ بۇ بالام تەلەيلىك،ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارمۇ بۇنىڭغا شارتتى-دە قىلىپ،چىچىۋىتىپ كېتىپ قالىدۇ. ـــ دەپ ئەركىلىتىپ قويدى.بۇ گەپلەر پەرھاتنىڭ سەبى دىلىغا قاتتىق تەسىر قىلدى.ئۇ قۇشلارنىڭ،بولۇپمۇ پەشەيۋاندىكى كەپتەرلەرنىڭ ئۆزىگە بىرقىتىم بولسىمۇ چىچىپ قويۇشىنى تۇيۇقسىزلا ئارزۇ قىلىپ قالدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت تاپسىلا كەپتەرلەر پوقى كۆپرەك چۈشىدىغان يەردە تۇرىۋالىدىغان بولۇۋالدى.ئۇ ئىلگىركى چاغلىرىغا قارىغاندا جىمغۇرلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.بالىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشىگە سەل ھەيران بولۇپ يۈرىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىركۈنى ئۇنىڭدىن سوراپ قالدى.
   ـــ نېمە بولدۇڭ؟بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟... ـــ سورىدى ئانىسى سەل جىددىلىشىپ.
   ـــ ياق،ھېچ يىرىم ئاغرىمايدۇ.
   ـــ ئۇنداقتا نەچچە كۈن بولدى بىرقىسمىلا يۈرىسەنغۇ،كەپتەرلەردە بىرەر ئېلىشىڭ باردەك ئاسمانغىلا يەنى تورۇسقىلا قارايسەنغۇ...دىققەت قىل ئۇلار ساڭىمۇ چىچىپ سالمىسۇن يەنە. ـــ دەپ ئەركىلىتىپ قوياتتى دادىسى.ئەمما بۇ ئىشنى پەرھات يەنىلا داۋاملاشتۇرىۋەردى.‹‹سەۋىر قىلساڭ،غورۇدىن ھالۋا پۈتەر››دېگەندەك،بەخت-تەلەي ئاخىرى ئۇنىڭغىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ نېمىتىنى ئاتىدى.
   ـــ ئاپا!دادا!...ماڭىمۇ كەپتەر چىچتى.مانا،مۆرەمگىلا چىچىۋەتتى... ـــ  ئۆيگە خوشال ھالدا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلگەن پەرھات. ـــ مەنمۇ ئەمدى تەلەيلىك بولدۇمما...ـــ دەپ سورىدى.ئۇ تولىمۇ خوشال بولغاندەك قىلاتتى.ئۇلار بالىسىنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى جىمغۇر مېجەزىنىڭ سىرىنى بىلىشكەن ئىدى.ئانا كېلىپ ئوغلىنى باغرىغا باستى.
   ـــ سەنمۇ تەلەيلىك،شۇنداقلا بەختلىك،بالام...ـــ دىدى.
   ـــ بۈگۈنكى بۇ زاماندا ھەممىڭلار بەختلىك، بالىلىرىم.ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،بەخت-تەلەي ھەرگىز ئاسماندىن چۈشمەيدۇ.ئۇ يەنىلا تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.ئۇ ھەرگىز ھورۇن،بىلىم- سىزلەرگە يېقىن يولىمايدۇ.شۇڭا تىرىشىپ ياخشى ئوقۇساڭلارلا ئامەت- تەلەي ئۆزلىگىدىن ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.ئۇختۇڭلارمۇ... ـــ دىدى دادىسى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ.بالىلار تەڭلا بېشىنى لىڭشىتتى ھەم بۇ ئىشىدىن كۈلۈشتى.

    ئادرىس:ئىلى چاپچال ناھىيە قوغۇنچى يېزا مەركىزىي مەكتەپ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-10 00:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-10 15:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىدا بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش مەنسىگە ئىگە مەزمۇنلار ئىپادىلىنىپتۇ.

باھا سۆز

ئەسسالام مۇئەللىم، رىغبەتمۇ لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك!  ۋاقتى: 2016-1-10 03:16 PM
ۋاقتى: 2016-1-12 11:08:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولاتكا،بۇ ھېكايەڭنى ئىپادىلەش ۋە مەزمۇن جەھەتتىن يەنىمۇ چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلساڭ دەيمەن.ئەڭ ئاخىرىدا ئاپىسىنىڭ نەسىھەت خارەكتىرىدىكى گېپى بىلەن ئەمەس بەلكى بالىنىڭ كەپتەر چىچىپ قويغاندىكىن تەلەيلىك بالا بولدۇم دەپ،ئۆزىنڭ بەختى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقىغان بولسا ھېكايە تەبىئى بولاتتىمىكىن دەپ قالدىم...

ۋاقتى: 2016-1-15 12:41:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات ئەپەندىم قەلىمىڭىزگە بارىكاللا ، يەنىمۇ تىرىشىپ يىڭى مىۋىلەردىن تەقدىم ئېتىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن، قەلىمىڭىز ھارمىغاي !!!!

ۋاقتى: 2016-1-23 09:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدھەمنىڭ  پىكىرىنى   بىر  ئويلۇشۇپ  باقسا  بولىدىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش