كۆرۈش: 740|ئىنكاس: 5

ئۆمەرجان : قەدىمكى ئېسىل رەختىمىز-كىمخاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىمكى ئېسىل رەختىمىز-كىمخاپ

ئۆمەرجان رۇزىھېيت

  كىمخاپ بولسا ئۆرۈشى يىپەك، ئارقىقى زەر يىپتىن توقۇلغان رەخىتتىن ئىبارەت. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كىمخاپتىن ئايرىلمىغان. مەيلى كىيىم-كىچەك تىكىپ كىيىشتە بولسۇن، ۋە ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشتە بولسۇن كىمخاپتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان. بىز قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىقىلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق بۇنى ئاسانلا ھىس قىلالايمىز.
  ئەنگىلىيەلىك سىتەين دۈنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىنىڭ نوم غارىدىن ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى ۋەسىقىدە ‹‹ئالتۇن ئىشىككە زىيارەت. ئېچىلدى ئۇدۇن ئىشىكى›› دېگەن بىر نەزمە بار. گەرچە بۇ بىر نەزمە مەدھىيە قوشىقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مۇھىم تارىخىي ئۇچۇرنى بىلىۋالالايمىز. ئۇنىڭ تېكىستى تۈۋەندىكىچە:
ئالتۇن ئىشىككە زىيارەت. ئېچىلدى ئۇدۇن ئىشىكى
ئېچىلدى ئۇدۇن ئىشىكى مانا،
ھەممە ئۆيدە يىپەك، كىمخاب دۇردۇن توپ-توپ ياتار ئەنە،
ئوينىتىشار زۇننارى گۆھەر، قاشتېشى جامىنى،
ئەلگە كۆز-كۆز قىلماقنى ئىستەپ يانا.
جەڭگى جىدەل بولمىغاچ بۇندا خالايىق تىنىچ-ئامان،
دىۋان بىگى مېھمان كۈتەركەن سېلىپ چوڭ-چوڭ داستىخان.
بولغۇسى بۇندا دائىم ھۈر-پاراغەت دەۋرانى،
ساقلىغاي گەنجۇ ئاتاماندىن كەلگۈسى ئاپەت-زىياندىن.
  بۇ نەزمە مىلادى 901-،903-يىللىرى ئەتراپىدا يېزىلغان بولۇپ، شۇجۇ ھاكىمىيىتى ئۇدۇننىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، قۇيۇق ئالاقە قىلغانلىقى، ئۇدۇننىڭ يىپەك، كىمخاب، دۇردۇن، قاشتېشى بۇيۇملىرىنىڭ دۇنخۇاڭغا ئۈزۈلمەي كىرگۈزۈلۈپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.①
    1995 -يىلى جۇڭگو-ياپونىيە نىيە خارابىيلىكىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭنىڭ نىيە نەھىيەسى نىيە خارابىيلىكىدىكى قەبرىستانلىقنى ئارخېئولوگىيەلىك قىزىش جەريانىدا ‹‹شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئەلگە نەپ يەتكۈزگەي›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخابنى تاپتى. مەزكۈر كىمخاپ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ رەڭدارلىقى، كۆركەم خەتلىرى، گۈزەل نەقىشلىرى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلدى. بۇ نەپىس كىمخاپ 20-ئەسىردىكى جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر بايقاش دەپ تەرىپلەندى.
    ‹‹بەش ئەختەر›› خەتلىك كىمخاپ تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 18.5سانتىمېتىر، كەڭلكى 12.5سانتىمېتىر كېلىدۇ. چۆرىسىگە ئاق شايىدىن جىيەك تۇتۇلغان، ئاستى- ئۈستىگە تەخمىنەن ئۇزۇنلىقى 21سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1.5سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۈچ تال ئاق شايى لېنتا ئۇلانغان. بۇ يادىكارلىق تېپىلغاندا، ئوقيا، ساداق قاتارلىقلارنىڭ بىللە بايقالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، قازغۇچىلار ئەڭ دەسلەپتە بۇنى شۇ ئۇرۇش قۇراللىرى بىلەن بىللە ئىشلىتىلگەن نەرسە دەپ قارىغان. قىزىپ چىقىلغان توقۇلما بۇيۇملارنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسىسى پىروفېسسور ۋاڭ يارۇڭ ‹‹بەش ئەختەر›› خەتلىك كىمخاپ ئوقيا ئاتىدىغان چاغدا ئىشلىتىدىغان بىلەكلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. ‹‹بەش ئەختەر›› خەتلىك كىمخاپنىڭ ئاساسلىقى يادىن ئوق ئۈزگەندە، بىلەكنى ئاسراش ئۈچۈن بىلەكلىك قىلىپ ئىشىلىتىلگەنلىكى –ئۇنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە بۇيۇم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. تۇقۇلما بۇيۇملار ئارخېئولوگىيەسى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشى ۋە باھالىشى ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ‹‹بەش ئەختەر›› خەتلىك كىمخاپ بەش گۇرۇپپا ئۆرۈش يىپ ۋە بىر گۇرۇپپا ئارقاق يىپ بىلەن توقۇپ چىقىرىلغان بەش قاتلىق تۈز يوللۇق كىمخاپ بولۇپ، ئۆرۈش يىپىنىڭ زىچلىقى ھەر سانتىمېتىرغا 220تالدىن، ئارقاق يىپنىڭ زىچلىقى ھەر سانتىمېتىرغا 48تالدىن توغرا كېلىدۇ.بۇ خەن سۇلالسى دەۋرىدىكى كىمخاپلار ئىچىدە توقۇلىشى مۇرەككەپ، ئاز ئۇچرايدىغان كىمخاپ بولۇپ، توقۇش ھۈنىرى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتىنمۇ ئادەتتىكى توقۇلمىلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
    ‹‹بەش ئەختەر›› خەتلىك كىمخاپ تېپىلغاندا، يەنە ‹‹جەنۇبىي چىياڭلار جازالانغاي›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخابمۇ تېپىلدى. تەھلىلگە ئاساسەن، ئىككى كىمخابتىكى خەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇغاندا، ‹‹شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئەلگە نەپ يەتكۈزگەي، جەنۇبىي چياڭلار جازالانغاي...›› دېگەن جۈملە ھاسىل بولىدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى، خەن سۇلالىسىنىڭ چياڭلارنى جازالشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئوڭۇشلۇق ھەم غەلبىلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى مۇنەججىملىكتىكى ياخشىلىق بىشارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
   ئۇندىن باشقا، يەنە نىيە خارابىيلىكىدىن يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمىرانلىرىغا مەنسۇپ سەككىز قەبرە قىزىلدى. بۇ قەبرىلەردە ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە توقۇلىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، رەڭدار، گۈل-نەقىشلىرى كۆركەم يىپەك توقۇلمىلار ۋە سىپتا يۇڭ توقۇلمىلارمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ‹ ‹پادىشاھ ھەم بەگلەر قۇدا-باجا بولۇشۇپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەي، ئەۋلادلىرىغا ئامەت يار بولغاي›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب يۇپۇق بىلەن ‹‹شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئەلگە نەپ يەتكۈزگەي›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب يەڭلىك دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار كومىتېتى تەرىپىدىن دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىق دەپ بېكىتىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ‹‹ۋېندا›› (文大 ) دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب؛ ‹‹تېخىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەيسىز، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئامەت يار بولغاي››؛ ‹‹ئالەمدە تەڭدىشى يوق بۇ كىمخاب ئەۋلادلارغا تەۋەرۈك قالغاي››؛ جاھانغا نەزەر تاشلىغان دۆلەتمەنلەر ئۇزاق ئۆمۈر كۆرسە ئەل ئۈچۈن ئامەتتۇر››؛ ‹‹ئالتۇن كۆلدىكى ئەنقا››دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئىنتايىن كۆركەم ھەم چىرايلىق كىمخابلارمۇ بار بولۇپ، توقۇلىشىنىڭ سىپتىلىقى، ئاجايىپ رەڭدارلىقى، ياخشى ساقلانغانلىقى بىلەن دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان  بۇيۇملار ھېسابلىنىدۇ.
   ئارخېئولوگىيە خادىملىرى 1959-يىلى نىيە ناھىيەسىدىكى نىيە دەرياسى ۋادىسىدا شەرقىي خەن سۇلالىسى زامانىدىكى قەبرىلەرنى قىزىپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەر-خوتۇن بىللە كۆمۈلگەن بىر قەبرىنى بايقىدى. بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ كىيىم- كېچىكىدە يىپەك، كىمخاب ۋە كەشتە تىكىلگەن يىپەك ئاساس قىلىنغان ئىدى. ئەر جەسەتنىڭ كىمخاب تونىنىىڭ پېشى ۋە كىمخاب پايپاق، پەلەيلىرىگە بىر خىل كىمخاب توقۇلما ئىشلىتىلگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نىيە خارابىسىدىكى 1-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان، ئۈستىگە ‹‹ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن، بالىچاقىلىرى بەخت- سائادەتلىك بولسۇن›› دېگەن خەنزۇچە خەت چۈشۈرۈلگەن توخۇ تەكىيە ‹‹ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن، بالىچاقىلىرى سائادەتلىك بولسۇن›› دېگەن خەنزۇچە خەتلەر كەشتىلەنگەن بىر پارچە كىمخابتىن تىكىلگەن.
   مىلادىدىن بۇرۇنقى 199-يىلى خەن گاۋزۇ ليۇباڭ: ‹‹ سودىگەرلەر كىمخاپ، كەشتىلىك، گۈللۈك، شايى، يىپ، يۇڭ رەختتىن كىيىم كىيسە بولمايدۇ›› دەپ پەرمان چۈشۈرۈپ، يۇڭ رەختنى كىمخاپ، كەشتىلەنگەن رەخت قاتارىغا قويغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىقى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر بۇياش، كۆپتۈرمە گۈل چىقىرىش، گۈل كەشتىلەش قاتارلىق ماھارەتلەرنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇلار توقۇغان بۇيۇملار ئىچىدە نېپىز ھىلھىلە ۋە يۇڭ يىپ بولۇپلا قالماي، يەنە يوللىرى تەرتىپلىك كەشتە ۋە توقۇلىشى مۇرەككەپ يۇڭ رەختلەر بار ئىدى.
كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان يىڭپەن خارابىلىكىدىن توقۇلما بۇيۇم، كىيم-كىچەك ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە شايى، ھىلھىلە، گۈللۈك دارايى، ئەتلەس، كىمخاپ، كەشتە ھەم گۈللۈك مەشۇت، گۈللۈك يىپەك، ئالتۇن قەغەز چاپلانغان يىپەك، كىمخاپقا ئوخشاش كۆركەم يىپەك بەلباغ قاتارلىق گۈللۈك توقۇلما بۇيۇملار بار ئىدى. تۇرپاندىن قىزىۋېلىنغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 5-ئەسىردە قۇچۇ مەھكىمىسى كۆپتۈرمە گۈللۈك يىپەك بەلباغ توقۇپ، ئۇنى كىمخاپ چىلتەك دەپ ئاتىغان. بۇنداق كىمخاپ چىلتەك كىچىك بولسىمۇ، لېكىن كۆپ خىل توقۇمىچىلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، چىلتەكنىڭ قۇرۇلمىسى خەن سۇلالىسى كىمخاپلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۈستىدىكى ھايۋاننىڭ رەسىمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىدى. ھالبۇكى، دولقۇنسىمان نەقىش، دۈگىلەك نەقىش ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇسلۇبىغا تەۋە ئىدى. غەربىي يۇرتنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى دەپ ئىتىراپ قىلىنغان كىمخابتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەنئەنىۋى كىمخاب قۇرۇلمىسى ئۆرنەك قىلىنغان ھەم غەربىي يۇرتنىڭ يەرلىك مەشۇتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن توقۇش جەريانىدا ئۆزگەرتىلگەن، نەقىش تېمىسى جەھەتتە بۇلۇت ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن مەخلۇق رەسىمىدىن تارتىپ ئۇلىنىپ كەتكەن ئادەم، دەرەخ، كۈزەتكۈ رەسىملىرىغىچە ھەم خەنزۇ مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ تەسىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھەم باشقا جايلارنىڭ ئۇسلۇبىغىمۇ ئىگە بولغان.
   يۇڭ تۇقۇلما بۇيۇم يىڭپەننىڭ كىيىم-كىچەك تىكىدىغان ئەنئەنىۋى رەختى ئىدى. يىڭپەن قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يۇڭ تۇقۇلما بۇيۇملارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان تۈز گۈل نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن نەپىس يۇڭ توقۇلما بۇيۇم بولۇپ، دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى، شۇڭا سىپتىلىق دەرىجىسى جەھەتتە كىمخاب بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولاتتى، يەنە ‹‹يۇڭ كىمخاب›› دەپ تەرىپلىنەتتى.
    1969-يىلى تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 381-نومۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر جۈپ كىمخاب كەش ھازىرغا قەدەر بايقالغان تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە رەڭلىك يىپەك توقۇلمىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل رەڭلىك كىمخاب ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر جۈپ كىمخاب كەشتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى توقۇش، رەڭلىرىنى تەڭشەش ۋە گۈل نۇسخىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن سەنئەت مۇۋەپپەقىيىتى تۇلۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە كىيىم-كېچەكلەر ئىچىدىكى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل بۇيۇملارنىڭ بىرىدۇر.
ئىزاھات:
①لى يىنپىڭ تۈزگەن، ئەبەيدۇللا ئاقۇپ تەرجىمە قىلغان: ‹‹بۇددا ئىلى ئۇدۇن››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل8- ئاي 1-نەشىرى،281-بەت.
پايدىلانغان ئاساسلىق مەنبە:
‹‹شىنجاڭ ھەققىدە ھېكايىلەر›› (بىرىنچى قىسىم).لادىشېڭ باش تۈزگۈچى بولغان، ئىسمايىل مەڭلىك قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىل 4-ئاي نەشىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 23:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-9 10:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        ئۆمەرجان، ماۋۇ ماقالىڭىزنى باشقا بىر يەرگە بەرمىگەن بولسىڭىز، قىسقىچە مەزمۇنى، ئاچقۇچلۇق سۆز (ئۈلگىسىنى ژۇرنالدىن كۆرۈڭ)نى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تەييارلاپ، ماۋزۇنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ قوشۇپ، ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ. رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-1-9 17:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر بىلىمدىن خەۋەردار بولدۇق. ئۆمەرجاننىڭ ئەجرى يەردە قالمىغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 22:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىتىڭلارغا كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-1-18 22:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيتىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى ئۆلگە كۆرسىتىپسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 23:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مۇئەللىم. شۇنچلىك مەدىتىڭلار بولىدىكەن، مەن بۇ جەھەتتە يەنىلا تېرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش