يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 449|ئىنكاس: 9

بالقىشى: تۇرمۇش تەبىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىلىملىك بولۇشقا بەل باغلاڭ

ئىسراپىل ئوسمان بالقىشى

(‹‹ب›› ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى )

   بىلىملىك بولۇشقا بەل باغلاڭ. بىلملىك بولغاندىمۇ بارچە بىلىملىكنىڭ بىلىملىكى ، بىلىم بىلىش بەيگىسىدە بىرىنىچى ، بارىلىق بىلىم بىلگەنلەرنىڭ بېشى بولۇشقا بەل باغلاڭ .بىلىمگە بىپەرۋا، بىلىملىك بۇلۇشقا بوشاڭ بولماڭ . بىلىڭكى ، بىلىم بىلگەنلەر باشقىلارغا بوزەل بولمايدۇ .بىلىملىك بولسىڭىز بىلگەن بۇ بىلىملىرڭىزنى بىراۋ بۇلىۋالالمايدۇ . بىلىم بىلگەنلەر ، بىلىملىكلەر بىئەقىل ، بىلمسىزلەرنىڭ باشقۇرشىدا بولماستىن بەلكى بۇلارنى بېقىندۇردۇ، باشقۇردۇ .
    بىلىم بىلىش بابىدا بىلمگە بارلىقىڭىزنى بېغىشلاڭ . بىلىم بېغىنىڭ بۇلبۇللىرىدىن ، بىلىمنى بالدەك بىلگەن بىلىمخۇمارلادىن بولۇڭ. بىلىم بىلىشكە ، بىلىملىك بولۇشقا بەدەل بېرىشنى بىلۋىلىڭ ،بېشىڭىزنى بەدەلنىڭ بورانلىردا بۇلغۇماڭ ، باشقا باھانىلەر بىلەن بۇنىڭدىن بۇرىماڭ .  بىلىڭكى ، بەدەلسىز بىلگەن بىلىمنىڭ بارلىقى بولمايدۇ .
   بىلىم _ بىلىم بۇلقىدىن بالقىغان بولىدۇ .بىلىم بىلمەكچى بولغىنىڭىزدا بۇ بۇلاقىنىڭ بېشىغا باشقىلاردىن بۇرۇن بېرىڭ . بىىم بىلىشتە بۇرۇنقىلار بىلىپ بولغان بىلىملەرنى بىلىش بىلەن بىرگە باشقىلار بىلىپ بولمىغان بىلىملەرنى بايقاپ بۇ بىلىملەرنى بىلمەيدىغانلارغا بىلدۈرۈڭ .بىراق بىلىم بىلىشتە بىلەرمەن بولماڭ . بىلڭكى ، بىلىم بىلىشتە بىلەرمەنلىك بىھاجەتتۇر ، بىلەرمەنلىك _ بىلىمسىزلىكىتىن بشارەتتۇر !
   بىلىم _ بېھىساب بايلىقتۇر ، بىلم _ بەخىت بەلگىسىدۇر . بىلىم -  بىلىم بىلگەنلەر، بىلىملىكلەر بەخىتنىڭ ، باياشادلىقنىڭ بوسۇغىسىغا باشقىلاردىن بۇرۇن باھانىسىز ، بىمالال ، بىمەزگىل بارالايدۇ . بۇنداق بولغانىكەن بىلىملىك بولۇڭ  ، بىلىمدىن بەھىرلىنىڭ ، بىلىمنى بارلىق باتۇرلارنىڭ باتۇرى ، بارچە باھادىرلارنىڭ باھادىرىدەك بىلىڭ .

باي بولسىڭىزمۇ بىلىملىك بايلاردىن بولۇڭ

(‹‹ب›› ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى )

  بۈگۈنىمىزدە بايلارنىڭ بايلىقى بولسىلا بولىۋەرمەيدۇ .بۇلارنىڭ بايلىقى بولۇش بىلەن بىرگە بىلىمدەك بىباھا بايلىقى بولمىسا بولمايدۇ . بۇنداق بولغاندىلا بارىلىق بايلارنىڭ بېشى بولۇپ ، باھادىرانە ، باتۇرانە بېيىغىلى بولىدۇ .
   بىلىم بىلمىگەن ، بىئەقىل، بىلىمسىز ، بىخۇد بايلار بارلىقىنى بايلىققا ، بايلىقىنى بولسا بېكار بىمەنىلىكلەرگە بۇزۇپ ، بولمىغۇر ، بىھۇدە بەزمىلەرگە بېغىشلايدۇ . بۇنداق بايلار بۇنى بەخىت بىلىدۇ ، بىراق بۇ بايلار بۇنىڭ بەخىت بولماستىن بەلكى بۇرۇنقىدىنمۇ بەتەر بىچارە ، بىتەلەي بولۇشنىڭ بىشارەت بوسۇغىسى ، بەخىتسىزلىكنىڭ باشلىنىشى بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ؛ بىلىم بىلگەن ، بىلىملىك بايلار بولسا بىلىم بىلەن بايلىقنى بىر-بىرگە باغلايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدىنمۇ بېيىيدۇ ، بۇنداق بايلار بايلىقىنى باشقىلارغا ، باققۇچىسى بولمىغانلارغا ، بەخىتسىز بۇرادەرلىرگە بېغىشلايدۇ .بۇ بايلارنىڭ بايلىقى بارچىنىڭ بەرگەن باھاسىدا بەركەتلىك ، بايلىق بىناسىمۇ بوغدىدەك بولىدۇ . بىلىڭكى ، بۇنداق بايلارنىڭ بايلىقى بېھىسابتۇر .
   باي بولسىڭىزمۇ بىلىملىك بايلاردىن بولۇڭ . باي بولۇشتىن بۇرۇن بىلىملىك بولۇشقا ، بىلىم بىلىشكە بەل باغلاڭ . باشقا باھانىلەر بىلەن بۇنىڭدىن بېشىڭىزنى بۇرىماڭ . بۇنىڭغا بوشاڭ ، بىپەرۋا ، بىغەم بولماڭ . بىلىم بىلگەن ، بىلىملىك باي بولغىنىڭزدىلا بېيىش بەيگىسىدە بىرىنچى ، بارچە بايلارنىڭ بېشى بولالايسىز!

تۇرمۇش تەبىرى

(‹‹ت›› ھەرپىدىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى)

   تۇرمۇش _ تىنىمسىز تەر تۆكۈشتىن تەرەققى تېپىپ ، توختاۋسىز تىرىشىشتىن تاكامۇللاشسا ؛ تەغدىرچىلىكتىن ، تىرىشماسلىقتىن ، تەر تۆكمەسلىكىتىن ، تەلەيگە تەلپۈنۈپ تېۋىنىشتىن توزۇيدۇ .
   تۇرمۇشتا تەدبىرگە تاينىپ ، تۇرمۇشنىڭ تۇمۇرىنى تېپىپ تۇرمۇشنىڭ تېمىسىنى تاللىغانلار ، تەمەگەر –تەمەخورلۇقنى ، تەكەببۇرلۇقنى تاشلىغانلار تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تەڭشىيەلەيدۇ . تۇرمۇشنىڭ تۇزنى تېتىماي ، تۇرمۇشتىن تانغانلار ، تۇرمۇشنىڭ تەپكۈچىنى تېپىشتىن تېيىپ ، تۇرمۇشنىڭ تىكەنلىرىدە تەربىيلەنمىگەنلەر تەھقىقكى ، تۇرمۇشنىڭ تورلىرىدا تەمتىرەيدۇ . توزىغان توزغاقتەك تەرەپ – تەرەپكە تېرىلىدۇ .
   تۇرمۇش _ تۈگمۇشىتتۇر ! تۇرمۇش تاپاۋەتلىرى تۇرمۇش تۇپرىقىغا تىنماي تەر تۆكۈشتىن توپلىنىپ ، تامچە – تامچىدىن تۇلۇقلىنىدۇ . تۇرمۇشنىڭ تۆمۈرچىسىدە تاۋلىنىپ ، تۇرمۇشنىڭ تاسقىقىدا تاسقىلىپ تۇرۇپ تەجىربە توپلىغانلار تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك توزاقلىرىدىمۇ ، توسالغۇ – توساقلىردىمۇ تۇرمۇش تاپاۋەتلىرىنى تېپىپ توغراقتەك تۇرالايدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 23:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-9 10:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىكى ئىلەىرلەشتىن سۆيۈندۈم، توختاپ قالماي داۋاملىق ئىلگىرلەڭ!

ۋاقتى: 2016-1-9 10:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈكسىز ئۈزۈپ تۇرۇڭ، مۇشۇنداق سۆز ئويۇنلىرىنى ئۈزۈپ قويماي تۈزۈپ تۇرۇڭ!

ۋاقتى: 2016-1-9 13:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرلەش روھىڭىز ھەقىقەتەن كىشنى قايىل قىلىدۇ ئۇكام.داۋاملىق ئالغا!!

ۋاقتى: 2016-1-9 14:15:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بۇ بەتتە بىزگە بەرگەن بۇ بىلىمىڭىز بەك بەلەن بولدى،بىز بىلمەكچى بولغان بىلىملەرنىڭ  بەلگىسى بىلەن بەيگىسىنى بەلەن بىلىۋالدۇق.بىلىم بىرىشتە بەركەتلىك بولۇڭ بالقىش بوۋا.

ۋاقتى: 2016-1-9 14:15:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بۇ بەتتە بىزگە بەرگەن بۇ بىلىمىڭىز بەك بەلەن بولدى،بىز بىلمەكچى بولغان بىلىملەرنىڭ  بەلگىسى بىلەن بەيگىسىنى بەلەن بىلىۋالدۇق.بىلىم بىرىشتە بەركەتلىك بولۇڭ بالقىش بوۋا.

ۋاقتى: 2016-1-9 15:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولامدۇ، بالقىش بوۋا

ۋاقتى: 2016-1-10 20:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشىڭ ئىنىم. نەتىجىلەر سىزدىن ئايلانسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-23 22:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن!
ھەرۋاقىت ئىزچىللىقىڭىزنى ساقلاڭ.....سىزگە ئامەت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-24 13:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساناھىل ھەرپلىك قەلەم قۇۋۋىتىڭىز دىن سۆيۈندۈم ،بولسا تېخمۇ ئۆزگىچە بولسۇن...سىزگە ئوتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش