يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 19

پەرىدە ئىسمايىل مېھرى:كاپ يۈتكىدەكلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كاپ يۈتكىدەكلا ...
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى

قاق سەنەم بولدۇم  تورۇكلاپ چۈشكۈدەكلا  قالدى جان،
كەملىسەڭ مىسقالدا يوق بىر ئۈچكىدەكلا  قالدى جان .

نە خىيال قىلماققا ئەسلىمنى مېنىڭ يوللار ئۇزۇن،
تەن بېرىپ ئاخىر نەپەسكە كۈتكۈدەكلا  قالدى جان.

ۋاي مېنىڭ دەرمانلىرىم قاخشالدا ، ھۆل دەريا قېنى؟
ئالقىنىڭدا بىر يۇتۇم ...كاپ يۈتكىدەكلا  قالدى جان.

قايسى كارۋاننىڭ يولىدا تەلمۇرۇرۈپ تالغاي كۆزۈم.
بەلكى بەش- ئالتە قەدەمدىن ئۆتكۈدەكلا  قالدى جان.

گەر داۋام قىلساڭ  مېنى ھىجران ئوتىدا  چوقچىلاپ،
ئۇستا بىر زەرگەر قولىدا پۈتكىدەكلا  قالدى جان .

2016-يىلى 8- يانۋار(ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 17:44  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-9 00:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھىيەتتىكى ئىچكى ھېسيات پارتلاپ چېقسا تۇيغۇلارمۇ چىن ۋە نۇقسانسىز چېقىدۇ.دىمەك شئېردىكى «مەن» ئۆزىگە ئۆزى قىلغۇچى!

ۋاقتى: 2016-1-9 06:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەلنى ياقتۇرۇپ قالدىم،ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-9 08:04:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، قاتتىق دەرد-ئەلەم چەككەن بىر دەردمەننىڭ ھېسىياتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. شۇنداقلا بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ  تۇرغان چىن ھېسىيات بىلەن يېزىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. (بۇ شېئىرلانى تولىمۇ ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن ساقلىۋالدىم). كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!

ۋاقتى: 2016-1-9 09:41:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي مېنىڭ دەرمانلىرىم قاخشالدا ، ھۆل دەريا قېنى؟
ئالقىنىڭدا بىر يۇتۇم ...كاپ يۈتكىدەكلا  قالدى جان.

كېيىنكى مىسرانى
ئالقىنىڭدا بىر يۇتۇم ...كاپ ئەتكىدەكلا  قالدى جان.   دەپ ئالساقمۇ بولامدىكىن دەپ قالدىم ئۆزەمچە.

ۋاقتى: 2016-1-9 10:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرەم يوللىغان ۋاقتى  2016-1-9 00:12
روھىيەتتىكى ئىچكى ھېسيات پارتلاپ چېقسا تۇيغۇلارمۇ چى ...

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    گەپ مەزمۇن خۇسۇسىدا بولۇۋاتقاتقچقا «گەپ» قىستۇرغۇم كەلدى.
    خانىم، سىلىنىڭچە «مەن» شۇنداق «ئوي»دا بولسا بولمامتى ياكى بولماسلىقى كېرەكمىدى؟!

ۋاقتى: 2016-1-9 12:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

ۋاقتى: 2016-1-9 13:43:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپ يۈتكىدەكلا... بۇيەردىكى سۆز «كاپ يۈتكىدەكلا» بولسا، يۈدۈش مەنىسىنى بېرىپ قويىدۇ.
.....
كاپ يۇتقىدەكلا...

غەزەل بەكمۇ راۋان چىقىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-9 13:45  


ۋاقتى: 2016-1-9 14:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-1-9 14:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   -مىھرى خانىمنىڭ غەزەل ئىجادىيىتىدىكى ئىزدىنىش روھىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ،مانا بۇ غەزەلدىن ئىلگىرلەشنىڭ چوڭ بولۇۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم.داۋاملىق ئالغا !!!

ۋاقتى: 2016-1-9 17:20:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەل قىسقا ئەمما ناھايىتى مەنىلىك چىقىپتۇ. ياختۇردۇم.

ۋاقتى: 2016-1-9 17:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ بىر خىل ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتىلىشىدەك كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بەكمۇ دەھشەت بولغان ئازاب ۋە نالە-پەرياد،بۇ بىرخىل بۇ پايانسىز چېكى يوق ئالەمگە سىغدۇرغىلى بولمىغۇدەك ئۈمىدسىزلىك.بىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرۈمىز؟بىز ئازابقا ۋە ئۈمىدسىزلىككە شۇ قەدەر مۇھتاجمۇ؟ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەھمىيىتى بار دەپ قاراشقا توغرا كەلسە زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟مەن مۇشۇلارنىڭ جاۋابى ئىزدەۋاتىمەن دېسە.

ۋاقتى: 2016-1-11 01:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاپ بولغاندا،ئازاپنى تارتقۇدەك جاسارەت ئىزدەيمىز.جاسارەت بولغاندا،ئازاپنى ئۇنتۇغىدەك باناھى-سەۋەپ بولىدۇ.ئەنە شۇ چاغدا ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىمىز.
رەھمەت پەرىدە.ئىلھامىڭىز ھارمىغاي!

ۋاقتى: 2016-1-22 14:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەل ئېسىل چىقىپتۇ . ئىنسان روھىيىتىنىڭ جىلۋىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .

ۋاقتى: 2016-1-22 14:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەل ئېسىل چىقىپتۇ . ئىنسان روھىيىتىنىڭ جىلۋىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش